www.4tadu.com
  • ئاشقازان يارىسى ۋە ئۇنى داۋالاش - [ئاشقازان كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329532.html

    بۇ  ئاشقازانغا غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىر قىلىشى ياكى  مېڭىدىن ئاشقازانغا چۈشكەن نەزلىنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن ئاشقازاندا زەخمە ۋە مۇدۇر چاقىلار پەيدا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر .

    بۇ كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى : دەم سىقىلىش ، ھوشسىزلىنىش ، قول - پۇت سۇۋۇپ كېتىش ، ھەزىم ناچارلىشىش ، ھەزىم بۇزۇلۇش ، سېسىق كېكىرىش ، زېھنى ئېغىر بولۇش ، ئېغىزغا مۇدۇر - چاقىلار چىقىش ، تامغاق ۋە تىلى قۇرۇق بولۇش ، كۆڭۈل ئاينىش ، قەي كۆپ بولۇش ، يەڭەىل قىزىتما بولۇش ، ئاشقازان ساھەسىدە ئاغرىش ۋە ئېچىشىش بولۇش ، چۈچۈمەل ، ئۆتكۈر تەملىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىش ، چوڭ تەرەت يىرىڭ ئارىلاش چىقىش قاتارلىقلار....

    داۋالاشتا : يىرىڭنى تازىلاش ئۈچۈن مائۇلھەسەل ئىچۈرۈش ، ئەگەر ھارارەت كۆپ بولسا يىرىڭنى تازىلاش ئۈچۈن شېكەر سۈيى ۋە ئارپا سۈيى بېرىش كېرەك . ئۇنىڭدىن كېيىن يارا ئېغىزىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن خۇنسىياۋشان ، كۇندۇر 9 گرامدىن ، گىل ئەرمىنى 5 گرام ، ئانار گۈلى ، كەھرىۋا ، قىزىلەۈل 4 گرامدىن ئېلىپ سۇقۇپ يۇقارقى دورىلار بىلەن تەڭ مىقداردىكى ئالما قىيامى ۋە بىھى قىيامى بىلەن بېرىش كېرەك . 

    كۇندۇر ، كەھىربا ، خۇنسىياۋشان ، گىل ئەرمىنى قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ 8 گرامنى 24 گرام خەشخەش شەربىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ 108 مىللىلىتر ئەرقى گۈل ۋە 36 مىلىلىتىر نامازشامگۈل شەربىتى بىلەن ئىچۈرۈش كېرەك . [ ئىكسىرى ئەزەم]

    ئاشقازاندا پەيدا بولغان يېڭى يارا پۈرۈشتۈرگۈچى (قورۇغۇچى، يىغقۇچى) دورا بىلەن داۋالىنىدۇ . كېسەلگە تىز ھەزىم بولىدىغان تاماقلار بېرىلىدۇ . زەنگار ، قۇغۇشۇن ئۇپىسى ، تۇتىيا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر قۇشۇپ كونا يارىغا ئىشلىتىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . دەسلەپتە ئاشقازاندىكى يارىنى ھەسەل سۈيى ۋە گۇلاپ بىلەن تازىلاش كېرەك ، بېراق تازىلىغۇچى دورىلار كۈچلۈك بولۇشى كېرەك ئەمەس ، چۈنكى ئۇ كۈچلۈك بولسا پايدا قىلىشتىن كۆرە ئاشقازاننى قوزغىتىپ زەرەر يەتكۈزىدۇ ۋە يارا قىلىدۇ . ئەكسىنچە دورىلارنىڭ تازىلاش ۋە يۇيۇش تەسىرى تۆۋەنگە قارىتىلغان بولۇشى كېرەك . ئەگەر ئۇيۇلۇش ۋە ئۆلۈك ئەت بولسا ، ئۇنى ئۆلۈك ئەتنى تازىلايدىغان ، ئەت پۈتتۈرىدىغان ، ۋە ئۈندۈرىدىغان دورىلار بىلەن دورىلار بىلەن داۋالاش كېرەك ، شۇنداق يارىغا ئايارەنچى پەيقىرا ئىنتايىن مۇۋاپىقتۇر  ( ئەت - گۆش) شەيخ ~ ئىبىن سىنا - ئەلقانۇن فىت - تىب 

    مۇرەككەپ دورىلاردىن قۇرسى كەھرىبا ، سۇپۇپى بىخ مارجان ، سۇپۇپى سەنگدانە ،جاۋارىش ئۇد شېرىن ، جاۋارىش مىسكى، ئىتتىرىيفىل كەشنىز ، ئىتتىرىيفىل كەبىر ، جاۋارىش كۇمۇنى ، جاۋارىش ئامىلە ، جاۋارىش پەنجىنۇش ، ياڭاق مۇرابباسى ، قىزىل گۈل ۋە پىننە گۈلقەنتلىرىدىن بىر ياكى بىر نەچچىسىسنى  تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئىستىمال قىلىش كېرەك  

    ئاشقازان يارىسىغا شىپالىق بىر نەچچە تالقان :

    1) مەستىكى رۇمى بىلەن مۇرردىن 12 گرامدىن ئېلىپ ، يۇمشاق سۇقۇپ كۈندە ئىككى ۋاخ 0.3~0.6 گرامغىچە ئىچۈرۈلسە ئاغرىق توختىتىدۇ . قاننى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ ، يارىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

    2) چۈچۈكبۇيىنى ئاقلىۋېتىپ يۇمشاق سۇقۇپ بىر قۇشۇقتىن كاپ ئېتىپ بېرىلىدۇ.

    3) كۆپۈكى دەريادىن ئالتە گرام ، كۆيدۈرۈلگەن زەمچىدىن 15 گرام ، چۈچۈكبۇيىدىن 30 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، كۈندە ئىككى ۋاخ 3-4 گرمغىچە ئىستىمال قىلىپ بېرىلىدۇ.

    4) كۆپۈكى دەريا 15 گرام، مۇرر 15 گرام  ، موزا 30 گرام ۋە چۈچۈكبۇيىدىن 30 گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ كۈندە ئۈچ ۋاخ ئۈچ گرامدىن كاپ ئىتىپ بېرىلىدۇ.

    5) ئاشقازان ئاغرىقى كۈچىيىپ كەتسە ئارپىبەدىيان ، زەنجىۋىل، بىخسۇس قاتارلىقلاردىن 9گرام ، يالپۇزدىن ئالتە گرام ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ 5گرامدىن كاپ ئېتىپ بېرىلىدۇ . تاماقتىن كېيىن ئاشقازان ئاغرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاماقتىن بەش مىنۇت بۇرۇن 3 گرام كاپ ئىتىلىدۇ .

    6) بىھىنى تازىلاپ ئۇرۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ ، سىقىپ ، ئېلىنغان سۈيىدىن بىر جىڭغا يېرىم جىڭ ھەسەل قۇشۇپ چوغ ئۈستىدە قويۇپ ، كۆپۈكىنى ئېلىپ تاشلاپ زەنجىۋىل ، كۆپۈكى دەريا ، موزا 15 گرام ، دارچىن ئالتە گرام ، ۋاڭ ئۇرۇقىدىن 3 گرامنىڭ تالقانلاپ قىيامغا ئارىلاشتۇرۇلىدۇ . بۇ ئىنتايىن پايدىلىق نۇسخا .

    7) ئاشقازان بەك ئاغرىپ كەتكەندە خەشخەش شەربىتىدىن 2-3 قۇشۇق ئىچىپ بەرسە ئاغرىق شۇ ھامان توختايدۇ .(بۇ شەربەتنى كۆپ ئىچىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك ).

    8) كەچلىك تاماقتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى 50 گرام ھەسەلنى ئىلمان قايناق سۇدا ئېرىتىپ ، ئىچىپ بېرىشنىڭمۇ بەلگىلىك ئۈنۈمى بار.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!