www.4tadu.com
  • ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ۋە ئەلقانۇن فىت - تىب(3) - [ھۆكۈمالىرىمىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/68904520.html

    ئىبىن سىنا ساقلىقنى ساقلاش ، تۇرمۇش گېگىناسى(بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى قايسى سۆزگە ئۇدۇل كېلىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم: كۆكيال )  ۋە توغرا ئاقىللارچە ياشاش مەسىلىلرىگە كاتتا ئەھمىيەت بەرگەن . ئۇنىڭ بۇ ساھەسىدىكى مەسلىھەتلىرى ھازىرغىچە ھەم ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان ئەمەس . ساقلىقنى ساقلاشتا تەنتەربىيەنىڭ بارچە ياشتىكى كىشىلەر ئۈچۈن زۈرۈرلۈكى قايتا – قايتا تەكىتلەنگەن . كۆكيال تور خاتىرىسى

    ئىنسان تېنىگە تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرى مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بەرگەن ئىبىن سىنا بەزى كېسەللەرنىڭ سۇ ياكى ھاۋا ئارقىلىق تارقىلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىكىگەن ئۇ كېسەللىكلەرنى (خۇسۇسەن ئىچكى كېسەللىكلەر) توغرا ئېنىقلاش ، ئۇلارنىڭ قانداق تارقىلىدىغانلىقىنى ئەتراپلىق ۋە ئېنىق تەسۋىرلەپ بەرگەنلىكى ۋە بۇ ساھەدىكى بىر يۈرۈش كەشپىياتلىرى بىلەن ھازىرقى زامان داۋالاش ئىلمىي ئاساسچىلىرىدىن بولۇشقا مۇناسىپ .

    مېنىنگىت ، ئاشقازان يارىسى ، زاتىلجەمبى ، ئۆپكە ياللۇغى ، يەرقان(سېرىقلىق چۈشۈش ) قىزىل . چېچەك ۋە تۈرلۈك جاھىل يارىلار ۋە باشقا كېسەللىكلەرنى شۇ قەدەر توغرا ۋە مۇپەسسەل چۈشەندۈرۈپ بەرگەمكى ، ئۇنىڭغا ھەتتا ھازىرقى زامان شىپاگەرلىرىمۇ قايىل . كۆكيال تور خاتىرىسى

    ئىبىن سىنا ئەسەبىي (نېرۋا)ۋە روھىي كېسەللىكلەرنى ئېنىقلاش ، داۋالاش ساھەسىدە كۆپ يېڭىلىق ياراتقان . ئۇنىڭ جەرراھلىق (ئوپىراتسىيە) ساھەسىدىكى ئىشلىرى تېخىمۇ مۇھىمدۇر . ئىبىن سىنانىڭ دورىگەرلىككە قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى سالماقلىقتۇر . ئۇ تەۋسىيە قىلغان دورىلار ئەسىرلەر داۋامىدا كەڭ ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن ھەم ھازىرغىچە قىممىتىنى يوقاتمىغان . ئىبىن سىنادىن ئۈلگە ئېلىپ ئۆزىنىڭ پۈتۈن بىلىمى ۋە ھاياتىدا ئىنساننىڭ ساقلىقىنى ساقلىغان ، تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىشقان ، ئادالەت ھەم ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەشكەن بۈيۈك ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ ئەسىرلەردىن بېرى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن پۈتمەس – تۈگىمەس بىلىم مەنبەسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كىلىش بىلەن بىرگە ھازىرمۇ ئۇلار مەدەنىي تەرەققىياتتا ، خۇسۇسەن ئىنساننىڭ ساقلىقىنى ساقلاشتە خىزمەت قىلماقتا . شۇنىڭ ئۈچۈن ئارىدىن مىڭ يىل ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي بۈيۈك ۋەتەندىشىمىز ئىبىن سىنانىڭ نامى بارچە خەقلەر تىلىدا كاتتا ئېھتىرام بىلەن زىكرى قىلىنماقتا ۋە ئەسەرلىرى قايتا – قايتا نەشر قىلىنماقتا .

    ئوتتۇرا ئەسر شەرق تېبابىتىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر قامۇسى ھېسابلانغان ‹‹تېبابەت قانۇنى››نىڭ ئۆزبىك ۋە رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىنغانلىقى ئىبىن سىنانىڭ بۇ ئەسىرىگە بولغان قىزىقىشنى بىقىياس ئاشۇردى . بېراق شۇ قېتىمقى نەشرنىڭ كەم نۇسخىدا بېسىلغانلىقى كەڭ ئۇقۇرمەنلەر ئاممىسىنىڭ بۇ كىتابقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى . شۇلارنى ھېسابقا ئېىپ ‹‹ قانۇن››نىڭ كۆپچىلىكنى قىزىقتۇرىدىغان بابلىرىنى تاللاپ ئېلىپ ئالاھىدە كىتاب ھالىتىدە نەشر قىلىشنى لايىق كۆردۇق .

    ئۇشبۇ كىتابتا ئالىمنىڭ ساقلىقنى ساقلاشقا ئائىت پىكىر – مۇلاھىزىلىرىگە ، شۇنىڭدەك كەڭ تارقالغان ئايرىم كېسەللىكلەرگە ، ئۇلارنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ساددا ۋە مۇرەككەپ دورىلار ھەققىدىكى تەپسىلاتلارغا كەڭ ئۇرۇن بېرىلگەن . ئۇقۇرمەنلەرنىڭ شەرق تېبابىتىنىڭ نەزەرىيىۋى مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر قىلىشى ئۈچۈن ‹‹قانۇن››نىڭ تېبابەت ئىلمىنىڭ نەزەرىيىۋى مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان ئايرىم بابلىرىدىمۇ پارچىلار كىرگۈزۈشنى لازىم كۆردۇق چۈشىنىش قىيىن بولغان بەزى ئىستىلاھلار كىتاب ئاخىرىدا ئېلىپبە تەرتىۋىدە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئىزاھلاندى . كىتاب ‹‹تېبابەت قانۇنلىرى›› نىڭ يۇقىرىدا زىكرى قىلىنغان ئىككىنچى نەشرى ئاساسىدا تەييارلاندى . كۆكيال تور خاتىرىسى

    قولىڭىزدىكى‹‹ تاللانما››نى نەشرگە تەۋسىيە قىلىش ۋاقتىدىكى مۇھاكىمىلەرگە قاتناشقان كۆپلىگەن شەرقشۇناسلار ، نەشرىيات خادىملرى ۋە ھەرخىل سادەھىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر قاتار خالىسانە پىكىرلىرى بىلەن كەمچىلىكلەردىن خالىي بولۇشىمىزغا ياردەملەشتى ۋە ئۇنى ئۈچ جىلدلىق نەشر قىلىشنى تەكلىپ قىلدى .ئەھەرنىڭ ھەجمى ور بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنىڭ بۇ مەسلىھەتلىرىگە قوشۇلدۇق .

    شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ‹‹تېبابەت قانۇنلىرى›› نى مۇتائىلە قىلغۇچى كىتابخانلارغا ياردەم تەرىزىدە تەييارلانغان ‹‹ئايرىم ئىستىلاھلار ئىزاھى››، ‹‹ساددا دورا ناملىرى››، ئېغىرلىق ئۆلچەملىرى››، ‹‹شەخسىي ناملار›› رويىخەتلىرىنى ئۈچىنچى جىلد ئاخىرىدا بەردۇق. قولىڭىزدىكى تاللانما ئۆزبىك پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئەبۇ رەيھان بىرۇنى نامىدىدىكى شەرقشۇناس ئىنىستىتۇتىدا تەييارلاندى .

    ئۇبەيدۇللا كەرىموۋ، ھەمدۇللا ھېكمەتۇللايېۋ.

    تېبابەت قانۇنىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىدىن ئېلىندى . كۆكيال تور خاتىرىسى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!