www.4tadu.com
  • ساغلاملىققا ئەڭ پايدىلىق 25 خىل مېۋە (1-3) - [تېببىي ئۇچۇرلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/68849338.html

    ئامرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا ھەر خىل مېۋە – چىۋە كۆكتاتلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش  ئۈنۈمىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ ، ئۇلاردىن 25 خىلىنىڭ ساغلاملىققا ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى باھالاپ چىققان . ئۇلار تۆۋەندىكىچە :

    1. ئاناناس ( بولو): بوغۇملارنىڭ ساقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن ، زىققا كېسىلىنى يېنىكلىتىدىكەن .

    ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى:


    ئاناناس تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنB6، ۋىتامىنA، ۋىتامىنC قاتارلىقلار ھەمدە تۆمۈر، ماگنىي، كالىي، ناترىي، كالتىسىي،فوسفور قاتارلىق مىنىېرال ماددىلار بار.
    ئاناناسنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، قىزىتما قايتۇرۇش ، ئىسسىقلىقنى بېسىش، مەستلىكنى يېشىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ، راكقا قارشى تۇرۇش ، تالنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئاشقازاننى تازىلاپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش قاتارلىق رولى بار، مۇۋاپىق مىقداردا ئاناناس يەپ بەرگەندە بۆرەك ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغانلار ئۈچۈن پايدىلىق.
    ئاناناس يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ ، ياللۇغ ۋە سۇلۇق ئىششىقنى تۈگىتىدۇ.
    ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار
    بەزىلەر ئاناناس يېسە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كىتىش رېئاكسىيىسى يۈز بېرىشى، ئاناناس كېسلىگە دۇچار بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەردە ئاناناس يەپ15~60 مىنۇت ئىچىدە قورسىقى ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، بېشى قىيىش، تېرىسى قىزىرىش، پۈتۈن بەدىنى قىچىشىش، پۇت-قولى ۋە تىلى ئۇيۇشۇش كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە نەپەس قىيىنلىشىش، ھەتتا شوك بولۇش ئالامىتى كۆرۈلىشى مۇمكىن . يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ھودۇقۇپ كەتمەي ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بىرىپ داۋالىتىش كېرەك. ئاناناسقا قارىتا سەزگۈرلۈكى ئىشىپ كىتىدىغانلار ئاناناس يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم .
    ئاناناسنى يېيىشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شاپىقىنى سويۇۋىتىپ، ياپىلاقلىغاندىن كېيىن سۇس تۇز سۈيىگە30 مىنۇت چىلاپ قويۇش، ئاندىن سۈزۈپ ئىلىپ سوۋۇتۇلغان قايناق سۇغا چىلاپ يۇيۇپ ، تۇز تەمىنى چىقىرۋەتكەندىن كېيىن يىسە بولىدۇ، ئاناناسنى تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇپ ئاندىن يېسە،<>دىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
    يارا كېسىلى، بۆرەك كېسىلى قان ئۇيۇتۇش فونكسىيىسى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار ئاناناس يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم ؛ قىزىپ قالغانلار ۋە ھۆل تەمرەتكە چىققان، قىچىشقاق بولۇپ قالغانلار ئاناناسنى كۆپ يېمەسلىكى لازىم .
    ئۆينى بىزەتكەندىن كىيىن بەزىلەر غەلىتە پۇراقنى سۈمۈرۈتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيگە ئاناناس قويۇپ قويىدۇ، بۇنداق قويۇپ قويۇلغان ئاناناسنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
    ئاشقازاننى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر، زەئىپلىكتىن يۆتىلدىغانلار ئاناناسنى ھۆل پىتى يېمەسلىكى ياكى ئاناناس شەربىتى ئىچمەسلىكى، ئۇنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشى لازىم.
     

    2. مالىنا :چوڭ مېڭىنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدىكەن ؛ سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . تېبابىتىمىزدىكى تۇنۇشتۇرۇلىشى :

    بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يۇپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ئۆسۈملۈك مالىنا بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ‹مالىنا › نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .

    خىمىيىلىك تەركىبى : يۇپۇرمىقى ئورگانىك كىسلاتالار ، قەنتلەر ۋە ۋېتامىن  دىن تەركىب تاپقان .

    فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: ھايۋانلارنى كۈيلىتىش تەسىرى بار .

    تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .

    خۇسۇسىيىتى: باھ ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ، مەنىي تۇتۇش ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ، سۈيدۈكنىڭ قېتىم سانىنى ئازايتىش .

    ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر : باھ ئاجىزلىقى ، ياشانغانلاردىكى بەدەن ئاجىزلىقى سۈيدۈك تامچىلاش ، بالىلاردىكى سىيىپ يېتىش ، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .

    مالىنا تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ

     

    1) مالىنا 20 گرام ، كەتىرا 20 گرام ، قانتېپەر 12 گرام ، ياچىۋەك تۇخۇمى 12 گرام ، بۇغا مۈڭگۈز كۇشتىسى6گرام، شاقاقۇل مىسرى 20 گرام قاتارلىقلارنى 360گرام سۇدا 270گرام قالغىچە قاينىتىپ سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشۇپ كۈندە ئۈچ ۋاق ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىچىپ بەرسە  باھ ئاجىزلىقى ياشانغانلاردىكى ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .

    2) مالىنا 10 گرام ، ياچىۋەك تۇخۇمى 10 گرام ، نىلۇفەر گۈل چېڭى 10 قاتارلىقلارنى قاينىتىپ ئىچۈرسە بالىلاردىكى سىيىپ يېتىش كىسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

    3) سۆئلەپ مىسرى 10 گرام، بۇغا مۈڭگۈزى 10 گرام، مالىنادىن 10 گرام ئېلىپ سۇپۇپ تەييارلاپ چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقىدىن ئىككى دانە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بەرسە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ .

    ھەر قېتىملىق ئىشلىتىش مىقدارى :6-12گرامغىچە .

    زىيانلىق تەسىرى : تالغا قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ .

    تۈزەتكۈچىسى : ئىسكەنجىبىن .

    ئۇرۇنباسارى: مۇۋەببەل سەفىد.

    پىششىق دورا ياسالمىسى : مالىنا قاينىتىلمىسى .

    چىقىش ئورنى : تاغلىق رايونلاردىكى ئوتلاقلاردا ، چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ ، ئالتاي ۋە تەڭرىتاغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ .

    3. ئالما : ئىممۇنت كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن ، ئۆپكە راكى ۋە مەزى بېزى راكىغا قارشى تۇرىدىكەن ، دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .

    ئالمىنىڭ تېبابىتىمىزدىكى ئىشلىتىلىش

    [خىمىيىلىك تەركىبى]ئالما تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ، ئۇندىن باشقا شېكەر ماددىسى ، ئۆزگەرگەن قەنت بار . پىشمىغان ئالمىدا كىراخمال بولۇپ ، بۇ مېۋىنىڭ پىشىشىغا ئەگىشىپ يوقىلىدۇ . كىسلاتالاردىن ئاساسلىقى ئالما كىسلاتاسى

     

    . (Malic acid)  بار

    ئۇندىن باشقا خىنىن كىسلاتاسى ، كوينىك

     (quinic acid).  كىسلاتاسى

     لىمون كىسلاتاسى ،   citirc acid

    تار تارىك كىسلاتاسى، Tar tarric acid

     ياغ ،پىكىتىن ۋىتامىن،

    لار بار.  A، B، C

    .[فارماكولوگىيەلىك تەسىرى ] مىۋە يىلىمىنى چىقىرىۋېتىپ تەييارلانغان ئالما ئۇكۇل سۇيۇقلۇقى ئكي توشقىنىنىڭ ۋېناسىغا ئۇكۇل قىلىنسا ، قاندىكى قەنتنى ئۆرلىتىدۇ . ئالما ئۇكۇل سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرى ئۇنىڭدا تۇتقان ئۈزۈم شېكىرىنىڭ تەسىرىگە قارىغاندا كۈچلۈك ، بۇنىڭ سۈيدۈك ماڭدۇرۇش ئۈنۈمى كېيىنكىسىدىن 2-3 ھەسسە ئارتۇق.

    [تەبىئىتى ] تاتلىق ئالما بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق ، چۈچۈمەل ئالما بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق

    [خۇسۇسىيىتى ] تاتلىق ئالما: مىڭە ، يۈرەك ، جىگەر ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، كۈۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش ، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى تەڭشەش، قۇرۇق يۆتەلنى توختىتىش، ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇشنى توختىتىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش.

    چۈچۈمەل ئالما : يۈرەك – جىگەر ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، قۇرۇتۇش ، تۇتۇش ، قۇسۇش ۋە غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش.

    [ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر]  يۈرەك ، مىڭە ، جىگەر ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق ،   بەدەن ئاجىزلىقى ، يۆتەل ، قۇسۇش ، ئۇسسۇزلۇق ، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچ سۈرۈش ، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ

    ئالما تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ:

    1)       ئالمىدىن كۈندە ئىككى دانە يەپ بەرسە ، يۈرەك ، ئاشقازان ،    مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.      بەدەننى سەمرىتىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.

    2)        2)ياخشى پىشقان تاتلىق ئالمىدىن 3كىلوگرام ئېلىپ ، ئاقلاپ ، نىپىز يالپاقلاپ ، توغراپ 2 لىتىرسۇ بىلەن سىرلىق قاچىدا ئىچىدكى سۈيى بىر لېتىر قالغۇچە قاينىتىپ ئاندىن ئالمىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ سۈيىگە  شېكەردىن 2 كىلوگرام سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ ، ئاندىن سۈزۈۋېلىنغان ئالمىنى قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ سۇس  ئوت بىلەن سۈزۈك رەڭگە كىرگىچە   قاينىتىلسا ئالما مۇرابباسى تەييار بولىدۇ . بۇ مۇراببانىڭ تەبىئىتى ھۆل  سوغۇق بولۇپ ، ھەزىم  بۇزۇلۇشنى ياخشىلايدۇ، ئىشتەينى ئاچىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئاشقازان ئاجىزلىقى ، كۆڭۈل ئېلىشىش، يۈرەك ئاجىزلىقى، سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.كۈنلۈك ئىستىمالى  ئىككى  قۇشۇقتىن ئۈچ ۋاخ بولىدۇ. (ئەگەر مۇراببا ئېچىپ قالسا 500گرام شېكەر سېلىپ ئازراق قاينىتىۋېتىپ ئىستىمال قىلىش كېرەك.

    3)        3) ئالمىنى يۇيۇپ پوستىنى سۇيۇپ تاشلاپ قىرغۇچ بىلەن قىرىپ ماتا بىلەن سىقىپ سۈيى ئېلىنىدۇ  شۇ سۇدىن 500مىللىلىتىرغا 2 كىلگرام شېكەر سېلىپ بەكمۇ سۇس ئوت بىلەن قىيام قىلىنىدۇ . بۇ شەربەتنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ يۈرەك ، جىگەر ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ، ئىشتىھانى ئېچىش تەسىرى بار . يۈرەك كېسەللىكلىرى ، جىگەر كېسەللىكلىرى ، مېڭە كېسەللىكلىرى ،ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ۋە رەڭگى – رويىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.  قۇرۇقتىن بولغان يۆتەلگىمۇ ياخشى تەسىر قىلىدۇ.

            ئىشلىتىش مىقدارى : 12 -24 گرام

            زىيانلىق تەسىرى : كۆكرەككە زىيان قىلىدۇ . قورساقنى ئېسىدۇ .

            تۈزەتكۈچىسى : ھەسەل ، گۈلقەنت ، دارچىن .

             ئورۇنباسارى: بېھى

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!