-
ئەيدىز ۋىرۇسىنى چەكلەيدىغان ماددا بايقالدى - [تېببىي ئۇچۇرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/68793685.html
شىنخۇا ئاگىنتىلىقى ، ۋاشىنگتون ، 9 – ئىيۇل تېلىگراممىسى : ئامرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر تۈنۈگۈن ئېلان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى : بىز تەتقىقات داۋامىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى ‹‹تۇتقۇن ›› قىلىپ ، ئۇنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشىنى %90 چەكلىيەلەيدىغان ئىككى خىل ماددىنى بايقىدۇق ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا ئىشلەشنى ئويلىشىۋاتىمىز .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : ئىگىلىنىشىچە ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئىككى خىل ماددىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغىنىغا ئۇزاق بولغان بىر ئەرنىڭ قېنىدىن بايقىغان، بۇ ئەرنىڭ قېنىدا مۇشۇ خىل ماددا بولغاچقا ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭدا كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالمىغان.
ئېلىمىزنىڭ ھازىر يولغا قۇيۇۋاتقان بالىلاردىكى كۆز ئاجىزلىقىغا دېئاگنۇز قۇيۇش ئۆلچىمىدە ئاشۇرۇۋېتىش مەسىلىسى مەۋجۇد ئىكەن . شۇڭا جۇڭخۇا مېدىتسىنا جەمئىيىتى كۆز كېسەللىكلىرى شۆبىسىنىڭ ئالغايلىق ۋە بالىلار كۆز كېسەللىكلىرى گۇرۇپپىسى يېقىندا يېڭى دېئاگنۇز ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ ، بۇ ئۆلچەم يېڭىدىن تۈزۈلگەن ‹‹ كۆز كېسەلللىكلىرى ›› دېگەن دەرسلىك ماتىرىيالىغا كىرگۈزۈلىدىكەن . شۇنداق بولسا ، ئېلىمىزدىكى كۆزى ئاجىز دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان ئۈچتىن بىر قىسىم بالىنىڭ ‹‹قالپىقى›› ئېلىپ تاشلىنىدىكەن . يېڭى ئۆلچەمدە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى 5.0 دىن تۆۋەن بولسا ، تۆت ياشتىن بەش ياشقىچە بالىلارنىڭ 6.0 دىن تۆۋەن بولسا ، ئالتە ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ 7.0 دىن تۆۋەن بولسا ، ياكى ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى جەھتتىكى پەرقى ئىككى سىزىقتىن ئارتۇق بولسا ، كۆزى ئاجىز دەپ دېئاگنۇز قويىلىدىكەن .
ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ئەيدىز يېڭى دورا تەتقىقات مۇتەخەسسىسى شيۇدۇڭ دوكتۇر 7 – ئىيۇل ئىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئەيدىز يېڭى دورىسى – دۇنيادىكى تۇنجى ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان ، ئەيدىزنى تىزگىنلىيەلەيدىغان بىرىكمە دورا ‹‹ئەيبو ۋېيتەي›› نى كىلىنكىلىق 1 – باسقۇچلۇق تەتقىق قىلىش خىزمىتى تاماملاندى . ئۇنى 2012 – يىلى ئالدى بىلەن جوڭگۇ بازىرىغا سېلىش مۆلچەرلەنمەكتە .
ئامرىكىدا چىقىدىغان ‹‹ئاياللار ساغلاملىقى››دېگەن ژۇرنالغا بېسىلغان كۆپ خىل تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا ئادەم كۈن نۇرى بىلەن ككپرەك ئۇچراشسا ، كۈن نۇرى كۆپ خىل ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تىزلىتىپ ، ئادەمنى جانلاندۇرىدىكەن .
تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا ئاياللار 30 ياشقا كىرگۈچە تۇغسا ، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن .
历史上的今天:
ساغلاملىققا ئەڭ پايدىلىق 25 خىل مېۋە (1-3) 2010-07-10ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ۋە ئەلقانۇن فىت - تىب 2 2010-07-10
收藏到:Del.icio.us