-
ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ۋە ئەلقانۇن فىت - تىب 2 - [ھۆكۈمالىرىمىز]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/68810235.html
پەلسەپىگە ئائىت ئىككىنچى ئەسىرى ‹‹ كىتابەن نىجات›› (نىجادلىق كىتابى) بولۇپ ، ئۇنىڭدا ‹‹كىتاب ئەش-شىفا›نىڭ مەزمۇنى قىسقارتىلىپ بايان قىلىنغان. ئىبىن سىنانىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەلسەپىۋى ئەسىرى ‹‹ ئەل ئىشارات ۋە تەنبىھات››(ئىشارىلەر ۋە تەنبىھلەر) بولۇپ ئۇنىڭدا ئالىم پەلسەپىنىڭ ئاساسىي مەسىلىرىنى قىسقىچە بايان قىلغان .
ئىبىن سىنانىڭ فارىس – دارىي تىلىدا يېزىلغان پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىدىن ئەڭ مەشھۇرى ‹‹ دانىشنامە›› (بىلىم كىتابى) ھېسابلىنىدۇ . بۇ ئەسەرنىڭ فارسچە تېكسىتى ۋە رۇسچە تەرجىمىسى نەشر قىلىنغان .
ئىبىن سىنا بۇ ئەسەرلىرىدە ئۆزىدىن ئالدىنقى ۋە ئۆز دەۋرىدىكى تەبىئي پەنلەر پەلسەپىنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن پايدىلانغان ھالدا شۇنداق بىر پەلسەپە ياراتتىكى ، بۇ پەلسەپىنى ئوتتۇرا ئەسىر نەزەرىيىۋى بىلىملەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىلىرىدىن بىرى دەپ تەرىپلەش مۇمكىن .
پەنلەرنى مەلۇم بىر تەرتىپتە تۈركۈملەرگە ئاجرىتىش يەنى تەسپىنلەش تەبىئەتشۇناسلىقنىڭ مۇھىم ۋە ئاساسىي مەسىلىلىرىدىن بىرى بولۇپ ، ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەلۇم بىر پەلسەپىۋى قاراش تەلەپ قىلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۇچۇنمۇ بۇ مەسىلىدە دائىم ئۆز دەۋرىنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرلىرى باش قاتۇرۇپ كەلگەن . ئىبىن سىنامۇ بۇ مۇھىم مەسىلە بىلەن شۇغۇللىنىپ ، مەلۇم قائىدىلەرگە ئاساسلانغان خاس ئەسەرلەرنى يازغان .
ئىبىن سىنانىڭ پەلسەپىۋى تەلىماتلىرى پەقەت شەرقتىلا ئەمەس بەلكى غەربىي ياۋروپا مەملىكەتلىرىگىمۇ كەڭ تارقالغان ۋە ئويغىنىش دەۋرىدە ئىلمىي دۇنيا قاراشنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ئاجايىپ كاتتا تەسر كۆرسەتكەن ، ئىبىن سىنانىڭ تېبابەت ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى بەكمۇ مۇھىمدۇر . ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەڭ قەدىمقى پەنلەرنىڭ بىرى بولغان تېبابەتنىڭ ئۆزىدىن ئالدىنقى مىڭ يىللىق تەرققىياتىدىن يەكۈن چىقىرىپلا قالماي ، ئۇنى يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرگەن ، ھەتتا بۇ پەننىڭ كېيىنكى ئەسىرلەردە ئېرىشكەن بىر قانچە ئۇتۇقلىرىنى ئالدىن كۆرەلىگەن . كۆكيال تور خاتىرىسى
ئىبىن سىنانىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى 30 دىن ئاشىدۇ . بۇلاردىن ئاساسلىقلىرى ئۆزبىك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان .
ئىبىن سىنانىڭ تېبابەتكە ئائىت ئەڭ يىرىك شاھ ئەسىرى ‹‹ كىتاب ئەل قانۇن فىت- تىب›› تېبابەت قانۇنلىرى كىتابى ) ھېسابلىنىدۇ . ئۆز دەۋرىدىكى تېبابەت پەنلىرىنىڭ مۇپەسسەل قامۇسى ھېسابلانغان بۇ ئەسەردە ئىنسان ساقلىقى ۋە كېسەللىكلەرگە ئائىت بولغان بارچە مەسىلىلەر مەنتىقىي تەرتىپتە تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ‹‹ قانۇن›› 1012-1023 يىللار مابەينىدە يېزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ قوليازما نۇسخىلىرى تېزلا تارقالغان .
بۇ ئەسەر ئۇزاق ئۆتمەي ياۋروپاغا تارقالغان 12 – ئەسىردە كرېمونالىك گېرارد (1187-1114) ‹‹قانۇن›› نى ئەرەبچىدىن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلغان ۋە شدۇندىن كېيىن ياۋروپا ئۇنۋېرسىتىتلىرىدا تېبابەتنىڭ ئاساسلىق قوللانمىسى ۋە دەرسلىك سۈپىتىدە 500 يىلدىن ئارتۇقراق قوللىنىلغان . ئەسەر بىرىنچى قېتىملىق مەدەنىيەت ئويغىنىش دەۋرىدىكە ئىنسانپەرۋەرلىك مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان سىتراسبورگ شەھىرىدە 1473 – يىلى بېسىلىپ چىقتى . ئۇمۇمەن ‹‹قانۇن›› 40 قېتىمدىن ئارتۇق نەشر قىلىندى . ئايرىم قىسىملىرىنىڭ نەشرى سان – ساناقسىزدۇر.
ئۇنىڭ ئەرەبچە تېكستى 1593 – يىلى رىمدا نەشر قىلىنغان ئىدى . 19 – ئەسىردە بىر قانچە قېتىم قايتا بېسىلدى . ‹‹قانۇن››نىڭ ئايرىم قىسىملىرى ئېنگلىز ، نېمىس ۋە فرانسۇز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ ، بۇ مۇھىم ئەسەر كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھازىرقى زامان تىللىرىدىن بىرەرسىگە تۇلۇق تەرجىمە قىلىنمىغان ئىدى . بۇ قىيىن ۋە مەسئۇلىيەتلىك ئىشنى ئۆزبىك شەرقشۇناسلىرى تېۋىپلار بىلەن ھەمكارلىقتا ئەمەلگە ئاشۇردى . ‹‹قانۇن›› نىڭ بەش كىتابى ئۆزبىك ۋە رۇس تىللىرىدا 1954-1961- يىللىرى مابەينىدە تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان . 1980- يىلى ئىبىن سىنا تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ‹‹قانۇن›› نىڭ ئىككىنچى تۈزىتىلگەن نەشرى ئېلان قىلىندى . كۆكيال تور خاتىرىسى
ئىبىن سىنا قانۇننى بەش كېتابقا بۆلگەن .
بىرىنچى كىتابتا تېبابەتنىڭ ئۇمۇمىي نەزەرىيەسى : ئىنسان ئاناتومىيەسى ۋە فىزىلوگىيەسى ، كېسەللىكلەرنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ئۇلارنىڭ ئالامەتلىرى ، داۋالاشنىڭ ئۇمۇمىي ئالامەتلىرى ، داۋالاشنىڭ ئۇمۇمىي ئاساسلىرى ، تەنتەربىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرى بايان قىلىنغان .
ئىككىنچى كىتاب دورىگەرلىككە بېغىشلانغان بولۇپ ، بۇنىڭدا ئۆسۈملۈك ، مەدەن ۋە ھايۋانلاردىن ئېلىنىدىغان 811 خىل ئاددىي دورىنىڭ نامى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن ۋە ھەربىر دورىنىڭ قايسى كېسەلگە داۋا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن .
ئۈچىنچى كىتاب ‹‹جۈزئىي ››كېسەللىكلەر يەنى ئىنساننىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە ھەر بىر ئەزاسىدا بولىدىغان كېسەللىكلەر ، ئۇلارنى ئېنىقلاش ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى بايان قىلىنغان .
تۆتنچى كىتاب ئىنساننىڭ بىرەر مۇئەييەن ئەزاسىغا خاس بولمىغان ، بەلكى پۈتۈن بەدەن گەۋدىسىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان كېسەللىكلەرگە بېغىشلانغان .
بەشىنچى كىتابتا مۇرەككەپ دورىلار يەنى تەبىئەتتە تەييار ھالدا ئۇچرىمايدىغان تۈرلۈك دورىلار (تەرياقلار ، مەجۈنلەر ، مەلھەملەر ، ھەب دورىلار قاتارلىق )نى تەييارلاش توغرىسىدا سۆزلەنگەن . كۆكيال تور خاتىرىسىى
历史上的今天:
ساغلاملىققا ئەڭ پايدىلىق 25 خىل مېۋە (1-3) 2010-07-10ئەيدىز ۋىرۇسىنى چەكلەيدىغان ماددا بايقالدى 2010-07-10
收藏到:Del.icio.us