-
2010-06-28 - [ئارىلاشما تېمىلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69094150.html
ئامرىكا يۇتا شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات دوكلاتىغا قارىغاندا ، قەھۋە ئىچىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقى راكى كېكىردەك راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى قەھۋە ئىچىپ تۇرمايدىغانلارنىڭكىدىن %39 تۆۋەن بولىدىكەن . ئەگەر كۈندە تۆت ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە بۇ نەتىجە تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن . قەھۋە ئىچىپ تۇرغانلارنىڭ بۇيۇن راكى (ئېغىز بوشلۇقى ، بۇرۇن، بۇرۇن كاۋىكى ، شۆلگەي بېزى ۋە لىمفا راكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەن بولىدىكەن . چۈنكى قەھۋەدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى خىمىيەلىك تەركىبلەر بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن . قەھۋەنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش سەۋەبىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن . ئامرىكىلىق ۋە ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى قەھۋە ئىچىپ تۇرۇشنىڭ مەزى بېزى راكى نىرۋا يىلىم ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى .
ئامرىكىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ يېقىنقى ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىغاندا ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ قان شېكىرى يۇقىرى بولسا ، قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئىنسۇلىنغابولغان سەزگۈرلۈكى تۆۋەنلەپ كېتىپ ، ئانا – بالىنىڭ II تىپلىق دېئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن . شۇڭا ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قان شېكىرىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن .
ئەنگىلىيەدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر كىلىنكىلىق تەتقىقاتتا مەلۇم بولۇشىچە ، يانفون سىگنالىنى تارقىتىش – قۇبۇل قىلىش مۇنارى شۇ ئەتراپتا ئولتۇرىدىغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىسىنىڭ ئاق قان كېسىلىگە ياكى باشقا كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى
ئاشۇرۇۋەتمەيدىكەن.
收藏到:Del.icio.us