www.4tadu.com
  • 2010-7-13 - [ئارىلاشما تېمىلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69331960.html

    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە ؛ كۈندە 12 سائەت ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزاق ۋاقىت باغىرداق (لىپتىك)تاقىغان ئاياللارنىڭ قىسقا ۋاقىت تاقايدىغان ياكى تاقىمايدىغان ئاياللارغا قارىغاندا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى 21 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن . ئاخشىمىمۇ تاقاپ ياتىدىغانلارنىڭ 100ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن .

    ئامرىكا ئوھىھو شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتنىڭ تەتقىقاتىدا مەلۇم بولۇشىچە ، بەش يىل ئىچىدە قەرەللىك تۈردە ئاسپىلىن قاتارلىق ياللۇغ قايتۇرۇش ، ئاغرىق توختىتىش دورىسى يەپ تۇرغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسپىتى بۇ دورىلارن ئىچمىگەنلەرنىڭكىدىن %21 تۆۋەن بولىدىكەن . 10 يىلدىن ئۇزاق ئىچكەنلەرنىڭ نىسپىتى %50 تۆۋەن بولىدىكەن .

    ئامرىكا راك تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا ، ئاياللار ۋېتامىن ۋە كالتسىي تۇلۇقلاپ تۇرسا ، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن .

    زەنجىۋىلنىڭ تەم تەڭشەش رولى بولۇپلا قالماي سۇغۇق يەلنى ھەيدەش ، بەلغەم بوشىتىپ يۆتەل توختىتىش خۇسۇسىيىتى بار . بېراق ، ئۇنى دېئابىت كېسىلى بار بىمارلار ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ . جۇڭيى تېبابىتىدە دېئابىت كېسىلى كۆپىنچە مەنپىيلىكى زەئىپلىشىپ ئىچى قىزىشتىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارىلىدۇ . ئەگەر دېئابىت كېسىلى بارلار زەنجىۋىلنى دائىم ئىستىمال قىلسا ، مەنپىيلىكى تېخىمۇ خوراپ ، كېسىلى  ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن . قان شېكىرىنى  تىزگىنلەپ تۇرمىسىمۇ ئوخشاشلا ئىچى  قىزىپ كېسەل ئېغىرلاپ كېتىدىكەن . قان شېكىرى قانچىكى يۇقىرى بولسا ، ئىچ قىزىش شۇنچىكى يۇقىرى بولىدىكەن .

     

    چوڭ مېڭىگە زىيانلىق ئامىللار :

    ناشتىغا سەل قاراش : ناشتا قىماسلىق بەدەندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ ، چوڭ مېڭىگە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش : بۇ بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ .

    ئۇزاق ۋاقىت تاماكا چېكىش : بۇ خىل ئەھۋال ئاسانلا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    ئۇيقۇغا قانماسلىق : بۇ مېڭە ھۈجەيرىسىنى تېزلا قېرىتىۋېتىدۇ .

    جىمغۇرلۇق : مول مەنتىقىلىق پىكىر قىلىپ تۇرۇش چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ . شۇڭا جقمغۇرلۇق چوڭ مېڭىگە پايدىسىز .

    ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى : بۇ خىل ئەھۋال چوڭ مېڭىنىڭ ئوكسىگىن بىلەن تۇلۇق تەمىنلىىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

    بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلاش : يوتقان ئىچىدە كاربون 4 ئوكسىدى زىيادە كۆپ بولۇپ ، باشنى چۈمكەپ ئۇخلاش چوڭ مېڭىگە ئىنتايىن زىيانلىق .

    مېڭىنى ئىشلەتمەسلىك : بۇ مىڭىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرى  

    شى : بۇ خىل ئەھۋال چوڭ مېڭىنىڭ ئوكسىگىن بىلەن تۇلۇق تەمىنلىىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

    بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلاش : يوتقان ئىچىدە كاربون 4 ئوكسىدى زىيادە كۆپ بولۇپ ، باشنى چۈمكەپ ئۇخلاش چوڭ مېڭىگە ئىنتايىن زىيانلىق .

    مېڭىنى ئىشلەتمەسلىك : بۇ مىڭىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    بۈگۈنكى تىببىي ئۇچۇرلار : چوڭ مېڭىگە زىيانلىق ئامىللار :

    ناشتىغا سەل قاراش : ناشتا قىماسلىق بەدەندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ ، چوڭ مېڭىگە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش : بۇ بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ .

    ئۇزاق ۋاقىت تاماكا چېكىش : بۇ خىل ئەھۋال ئاسانلا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    ئۇيقۇغا قانماسلىق : بۇ مېڭە ھۈجەيرىسىنى تېزلا قېرىتىۋېتىدۇ .

    جىمغۇرلۇق : مول مەنتىقىلىق پىكىر قىلىپ تۇرۇش چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ . شۇڭا جقمغۇرلۇق چوڭ مېڭىگە پايدىسىز .

    ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى : بۇ خىل ئەھۋال چوڭ مېڭىنىڭ ئوكسىگىن بىلەن تۇلۇق تەمىنلىىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

    بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلاش : يوتقان ئىچىدە كاربون 4 ئوكسىدى زىيادە كۆپ بولۇپ ، باشنى چۈمكەپ ئۇخلاش چوڭ مېڭىگە ئىنتايىن زىيانلىق .

    مېڭىنى ئىشلەتمەسلىك : بۇ مىڭىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    بۈگۈنكى تىببىي ئۇچۇرلار :

    ۋۇخەن ئۇنۋېرسىتىتى جۇڭنەن دوختۇرخانىسى يېقىندا بويۇن ئۇمۇرتقا كېسىلىنى ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، مەملىكىتىمىزدە بۇيۇن ئۇمۇرتقا كېسىلىنىڭ ياشلارداكۆرۈلۈشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىكەن . باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 - يىللىقىنىڭ بىر سىنىپىدىكى 50 ئوقۇغۇچىنىڭ 25 گە يېنىك ‹‹ بۇيۇن ئۇمۇرتقا كېسىلى›› دەپ دېئاگنۇز قۇيۇلغان. دوختۇرلارنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا ، ئولتۇرۇش قىياپىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى  ، ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى ، تورغا چىقىش ۋاقتىنىڭ ئۇزاق بولۇشى بۇيۇن ئۇمۇرتقا كېسىلىگە سەۋەبچى ئىكەن .

    دۇنيادىكى تۇنجى ئۇمۇرتقا تۈۋرۈكى مىكرو زەخمە ئوپىراتسىيە قىلغۇچ ئېلىمىىزنىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلدى ھەمدە كىلىنكىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى . بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇمۇرتقا تۆۋرۈكى مىكرو زەخمەت ئوپىراتسىيەسى توغرۇلۇق نىسپىتى يۇقىرى بولغان مۇشۇنداق ماشىنا ئادەم ئارقىلىق قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن .

    11 - ئىيۇل ئامرىكىنىڭ ھاۋايدا ئېچىلغان خەلقئارا دېۋەڭلىك كېسىلى يىغىنىدا ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، ھەرىكەت قىلىپ بېرىش ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن .

    ياپونىيەدىكى تەتقىقاتچىلار ئېلىشىپ قېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر خىل ئاقسىل ئىقتىدارىنى بايقىغان بولۇپ ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمىنى ئايدىڭلاشتۇردى

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!