www.4tadu.com
  • مىزاج بەلگىلىرى ھەققىدە (1-5) - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329539.html

    مىزاجنىڭ ئەھۋالىغا دالالەت قىلىدىغان بەلگىلەر ئون تۈرلۈكتۇر . بۇلاردىن بىرى - تۇتۇپ سېزىش . بۇنىڭدا بىلىش ئۇسۇلى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى،تېۋىپ بەدەننى تۇتۇپ كۆرگەندە ھاۋارايى مۆئدىتىل مەملىكەتلەردىكى ساغلام ئادەمنىڭ بەدىنى بىلەن بارابەر كېلىش – كەلمەسلىكنى كۆزىتىپ بېرىشى كېرەك . ئەگەر ئۇلار بىر خىل بولسا بۇ مىزاجنىڭ مۆئدىتىللىكىگە دالالەت قىلىدۇ . ئەگەر مۆئدىتىل مىزاجغا ئىگە بولغان تۇتۇپ تۇرۇپ ھېس قىلغۇچى ، تەكشۈرۈلگۈچىدىن تەسىرلەنسە ۋە ئۇنى تەبىئىيدىن يۇقىرىراق سۇغۇق ، ئىسسىق ۋە يۇمشاق ياكى تەبىئىيدىن كۆرە قاتتىق ۋە قوپال دەپ تاپسا ھەمدە بۇنىڭغا ھاۋا، سۇدا چۆمۈلۈش ، ياكى تېرىنىڭ يۇمشاق قوپاللىقىنى ئارتتۇرىدىغان بىرەر باشقا ئامىللار بىلەن باغلىق سەۋەبلەر بولمىسا ، دېمەك بۇ تۇتۇپ كۆرۈلگۈچىنىڭ مىزاجىنىڭ مۆئدىتىل ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ . ئىككىنچى تۈرى – گۆش ۋە ياغدىن ئېلىنىدىغان بەلگىلەردۇر . قىزىل گۆش كۆپ بولغان ھالەتتە بۇنىڭدا ئۇ مىزاجنىڭ ھۆل ۋە ئىسسىقلىقىغا دالالەت قىلىدۇ ، ئۇ چىڭ بولىدۇ . ئەگەر گۆش كۆپ بولمىسا ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپ ياغمۇ بولمىسا ، بۇ مىزاجنىڭ قۇرۇق ئىسسىقلىقىغا دالالەت قىلىدۇ . ئەمما ماي ۋە ياغ دائىم سۇغۇقلۇققا دالالەت قىلىدۇ ، ھەمدە بۇنىڭدا گۆش بوش بولىدۇ .

    ياغ ۋە ماينىڭ كەملىكى مىزاجنىڭ ئىسسىقلىقىغا دالالەت قىلىدۇ . چۈنكى ياغ ۋە ماينىڭ ماددىسى قاننىڭ سەر ياغلىقىدۇر . ئۇلارنىڭ ئىشلىگۈچىسى سۇغۇقتۇر . ئەڭ مورت ( چۈرۈك) بەدەن سۇغۇق ، قۇرۇق مىزاجلىق بەدەندۇر .ئۇنىڭدىن قالسا ئىسسىق ، قۇرۇق بەدەن بولۇپ ، ئۈچىنچى ئۇرۇندا تۇرىدىغىنى ناھايىتى قۇرۇق ، ئەمما ئىسسىق ۋە سۇغۇقتا مۆئدىتىل بەدەندۇر ، تۆتىنچى ئۇرۇندا ئىسسىق ، لىكىن ھۆل ۋە قۇرۇقلۇققا مۆئدىتىل بەدەن تۇرىدۇ .

    ئۈچىنچى تۈرى – مويلاردىن بولغان ئالامەتلەردۇر . ئۇلار تۆۋەندىكى بەلگىلەر : موي ئۆسۈشنىڭ تېزلىكى ۋە ئاستىلىقى ، كۆپلۈكى ۋە كەملىكى ، ئىنچىكە ۋە توملۇقى ، تۈز ۋە بۈدۈرلىكى بويىچە تۈرلىنىدۇ، موينىڭ رەڭگى بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق بەلگىلەردىن بىرىدۇر . ئۆسۈشنىڭ تىز – ئاستىلىقى ياكى ئۇنىڭ يوقلىقى بويىچە ئېلىنغان خۇلاسىگە كەلسەك ، بۇنىڭدا ئاستا ئۆسىدىغان ياكى پۈتۈنلەي ئۆسمەيدىغان مويلار ، ئەگەر بۇنىڭدا بەدەندە قاننىڭ يوقلۇقىغا دالالەت قىلغۇچى ئالامەتلەر پۈتۈنلەي يوق بولسا مىزاجنىڭ ناھايىتى ھۆللۈكىدىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ . ئەگەر مويلار تېز ئۈسۈۋاتقان بولسا ، دېمەك بەدەن بەك ھۆل ئەمەس ، بەلكى قۇرۇققا مايىلدۇر ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئىسسىق ۋە سۇغۇقلۇق ھەققىدە باشقا ئالامەتلەر بويىچە خۇلاسە چىقىرىدۇ.

    مويلارنىڭ شەكلىگە قاراپ مۇلاھىزە قىلساق ، ئۇلارنىڭ بۈدۈرلىكى ئىسسىقلىق ۋە قۇرۇقلۇققا دالالەت قىلىدۇ . مويلارنىڭ تۈزلۈكى بولسا ، قارىمۇ قارشى ھالەتلەرگە دالالەت قىلىدۇ . مويلارنىڭ رەڭگىگە كەلسەك : قارىلىقى مىزاجنىڭ ئىسسىقلىقىغا ، سېرىقلىق سۇغۇقلىقىغا ، ئاچ رەڭلىك ۋە قىزىللىق مۆئدىتىللىكىگە ، ئاقلىق بولسا ئاقارغان چاچلىق كەبى ھۆللۈك ۋە سۇغۇقلۇققا ياكى ئۆتە قۇرۇقلۇققا دالالەت قىلىدۇ . تۆتىنچى تۈرى – بەدەننىڭ ئۆڭىدىن ئېلىنغان ئالامەتلەردۇر . ئاقلىق سۇغۇقلۇق بىلەن بىرگە قاننىڭ يېتىشمىگەنلىكىنى ۋە كەم مىقداردا ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ . چۈنكى ئەگەر بەدەندە ئىسسىقلىق بىلەن سەپرالىق خىلىت بولغاندا ئىدى ، بەدەن ئەلۋەتتە سېرىق بولغان بولاتتى . قىزىل رەڭ قاننىڭ كۆپلۈكى ۋە ئىسسىقلىقىغا ، سېرىقلىق ۋە مەللە ئۆڭلۈك كۆپ ھارارەتكە دالالەت قىلىدۇ . بېراق سېرىقلىق ئوتنىڭ زيادىلىكىگە كۆپرەك دالالەت قىلىدۇ . مەللە ئۆڭلۈك قانغا ياكى ئوتلۇق قانغا دالالەت قىلىدۇ . بەزىدە سېرىقلىق ئەگەر ئوت بولمىسا ، ئەمدى كېسەللىكتىن ساقىيىۋاتقان بەدەنگە ئوخشاش قانسىزلىققا دالالەت قىلىدۇ .

    ئۆڭنىڭ خىرەلىكى مىزاجنىڭ قاتتىق سۇغۇقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . بۇ سۇغۇقلۇق تۈپەيلى قاننىڭ مىقدارى كېمىيىدۇ . بۇ كېمەيگەن قان سۇغۇقلۇق تەسىرىدە قۇيۇلىدۇ ، سەۋداغا ئايلىنىدۇ ۋە تېرىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ .

    تېرىنىڭ بۇغداي ئۆڭلۈكى ئىسسىقلىققا دالالەت قىلىدۇ . باكلاجان ئۆڭىدە بولسا ، سوغۇقلۇق ۋە قۇرغاقلىقتىن دېرەك بېرىدۇ . چۈنكى بۇنداق ئۆڭ تىنىك سەۋدانىڭ تەنگە تارقىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ . گەج ئۆڭلۈك پەقەت سۇغۇقلۇق ۋە بەلغەم مىزاجنى كۆرسىتىدۇ . قۇغۇشۇن ئۆڭلۈك بىر ئاز سەۋدالىق بىلەن بىرگە سۇغۇقلۇق ۋە ھۆللۈكنىڭ گۇۋاھىدۇر . چۈنكى بۇ ئۆڭ بىر ئاز كۆكۈشكە يېقىندۇر .

    كۆپ ھاللاردا تېرىنىڭ ئۆڭى جىگەر تۈپەيلى سېرىق ۋە ئاقلىققا ، تال تۈپەيلى سېرىق ۋە قارىلىققا ئايلىنىدۇ . بۇۋاسىر كىسەللىكىدە بولسا ، سېرىق ۋە كۆكلۈككە ئايلىنىدۇ . ئەمما ئۇ دائىمىي بولماي بەزىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ .

    بەشىنچى تۈرى – بۇ ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشىدىن ئېلىنغان ئالامەتلەردۇر . ئىسسىق مىزاجنىڭ ئالامىتى كەڭ كۆكرەك بولۇش ، قول ۋە پۇتنىڭ چوڭلۇقى ئۆز ئەندىزىسى بىلەن مۇكەممەل بولۇش ، ئىنچىكىمۇ ئەمەس ، كالتىمۇ ئەمەس ، شۇنىڭدەك ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان قان تۇمۇرلارنىڭ يوغانلىقى ۋە تۇمۇر سۇقۇشى ، مۇسكۇللارنىڭ بۇغۇملارغا يېقىن جايلاشقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ چوڭلۇقىمۇ ئىسسىق مىزاجغا  دالالەت قىلىدۇ .

    ئىبنى سىنا ‹ئەلقانۇن فىت-تىب›

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!