www.4tadu.com
  • تۆت تادۇ ھەققىدە ئۇمۇمىي سۆز 1 - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71625191.html

    تۆت تادۇ ھەققىدە   ئۇمۇمىي سۆز 1

     

    تۆت تادۇ(ئوت، ھاۋا ، سۇ ، تۇپراق) ــــ ھايۋان ، ئۆسۈملۈك ۋە مەدەنلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى دەسلەپكى ئاساسىي ماددىلار بولۇپ قەدىمقى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ‹‹تۆت تادۇ›› دەپ ئاتالغان ، بۇ تۆت تادۇ (تۆت چوڭ ماددا ) تەلىماتى ئۇزاق ئۆتمۈشتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەتنى ۋە ئۆزىنى كۆزىتىش ئارقىلىق يەكۈنلىگەن خۇلاسىسىدۇر ،بۇنى قەدىمقى يۇنان ئالىمى بەقرات(ھىپپوكرات) ياش ۋاقىتلىرىدا قىرىم يېرىم ئارىلىدا ياشاۋاتقان ئەجدادلىرىمىزدىن قوبۇل قىلغان ، كېيى ئەرەبلەر قوبۇل قىلىپ ئەركان نامى بىلەن ئاتىغان ، ئەمەلىيەتتە بۇ تۆت چوڭ تادۇ تەلىماتى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان زور تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.

    ‹‹ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە ‹تۆت تادۇ› ئۇقۇمى ئاددىي ھالدىكى تەبىئەت دۇنياسىنى تەشكىل قىلغۇچى ‹تۆت تۇغۇم›نىلا بىلدۈرۈپ قالماي ، تەبىئەت ، جەمئىيەت ۋە ھاياتلىقنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەدەنىيەت ئۇقۇمىدۇر.

    ئالايلۇق ، تەتقىقاتچىلار ‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە پەلسەپە سېستىمىسىنىڭ ئاساسنى ‹تۆت تادۇ›قارىشى دەپ قارايدۇ. ‹قۇتادغۇبىلىك›تە تەبىئەتنىڭ ۋە ۋە ھاياتلىقنىڭ ئاساسىنى شۇنداقلا ئادەمدىكى فىزىلوگىيىلىك ھەم روھىي ھالەتلەرنىمۇ تۆت تادۇ ، تۆت تەرەپ ، تۆت سۇيۇقلۇق ، تۆت خىل مىزاج ، تۆت پەسىل ۋە ھاياتلىقنىڭ تۆت پەسلى قاتارلىقلار بىلەن چۈشەندۈرگەن .يەنە ئۇنىڭدىكى ھاكىمىيەت قاراشلىرىنى ‹ئادالەت› ‹قۇت-بەخت›‹ئەقىل-پاراسەت›‹قانائەت› دېگەندەك تۆت ئانادۇر كاتىگورىيەسىنىڭ سىمۋولى بولغان تۆت ئوبرازنىڭ كەسكىن مۇنازىرىسىنى قانات يايدۇرغان ئاساستا تەپسىلىي شەرھىلىگەن. ئىنسانلارنىڭ تۆت تەرەپ - نىشان تەتقىقاتىغا دائىر قاراشلاردا شەرق ، غەرب ، شىمال ، جەنۇب تەرەپلەر ھەققىدىكى ئىپتىدائىي ئاڭلارنى ، ئادەملەرنىڭ قۇياشنىڭ ئالەمدىكى ئورنى ياكى ھەرىكىتى ھەققىدىكى تۇنۇشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. قەدىمقىلەرنىڭ ئېڭىدا شەرق بىلەن غەرب تەرەپ قۇياشنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن ئۆلۈشى ، پەيدا بولۇشى بىلەن يوقۇلىشىنى بىلدۈرىدۇ. كىشىلەر قۇياشنىڭ بىر كۈندىكى ھەرىكىتىدىن شىمال بىلەن جەنۇبنى ھېس قىلغان ھەم شەرق تەرەپنى بەختكە ، شاد- خۇراملىققا سىمۋۇل قىلىپ ، قۇياش پاتقان غەرب  تەرەپنى قايغۇ – ھەسرەتنىڭ ، قاراڭغۇ زۇلمەتنىڭ ماكانى قىلغان ،

    ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى ، قەدىمىي ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتنى بىلىش ، كۆزىتىش ، ئەمەلىيەتلىرىدىن باشلانغان بولۇپ ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوت ، ھاۋا ، سۇ ، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ماددىنى تۇنۇشتىكى ئۇمۇمىي كۆز قاراشلىرىدىن كېلىپ چىققان .

    ئۇنسۇرلار  قايسى بىرى بولسۇن ئاددىي جىسىملار بولۇپ ، ئادەم تېنى ۋە باشقا نەرسىلەر ئۈچۈن دەسلەپكى تەركىبت ۇر . ئاددىي جىسىملار شۇنداق نەرسىلەركى، ئۇلار شەكلى تۈرلۈكچە بولغان بۆلەكلەرگە بۆلۈنمەيدۇ . بەلكى مۇرەككەب جىسىملار ئۇلارغا بۆلۈنىدۇ . ئاددىي جىسىملارنىڭ ئارىلىشىشىدىن كائىناتتىكى تۈرلۈك شەكىلدىكى تۈرلەر پەيدا بولىدۇ.

    تېۋىپ ئۇنسۇرلارنىڭ تۆت ۋە تۆتتىن ئارتۇق ئەمەسلىكى توغرىسىدا تەبىئەتشۇناس ئالىملارغا ئىشەنسۇن . تۆت ئۇنسۇرنىڭ ئىككى يەڭگىل ئىككىسى ئېغىردۇر. يەڭگىللىرى ھاۋا بىلەن ئوت ، ئېغىرلىرى سۇ بىلەن تۇپراقتۇر.

    تۆت چوڭ ماددا سۇ ، ئوت ، تۇپراق ، ھاۋالاردىن ئىبارەت بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە بىر – بىرىگە قارىمۇ قارشى ۋە شۇنىڭدەك بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ .ئۇلار گەرچە جىسمى ۋە خۇسۇسىيىتى جەھەتتە بىر-بىرىگە زىت بولسىمۇ  ، لېكىن بىرى بولمىسا يەنە بىرى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ ۋە خزمىتىنى تۇلۇق ئادا  قىلالمايدۇ   . مەسىلەن : بىر ئۆسۈملۈكنى مىسالغا ئالساق ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدا يەر (تۇپراق، سۇ ، ھاۋا ۋە ئىسسىقلىق يەنى ئوت)نىڭ ئۇرۇققا بولغان ئۆز - ئارا تەسىرى بىلەن بولىدۇ. ئادەممۇ خۇددى شۇ تۆت تەبىئەتنىڭ بىرىكىشى بىلەن قۇۋۋىتى مۇغەييىرە (ئۆزگەرتكۈچى) كۈچكە يۆلىنىپ جىسمىيات(ئورگان) ھاسىل قىلىدۇ. تۆت تەبىئەتنىڭ داۋاملىق تەسىر قىلىشى ئارقىسىدا قۇۋۋىتى نامىيە(ئۆسۈش كۈچى) گە يىتىپ تەرەققىي قىلىدۇ ۋە قۇۋۋىتى مۇسەۋۋىرە(شەكىللىنىش كۈچى) بارلىققا كېلىپ ئادەم سۈرىتى شەكىللىنىدۇ.

    تۆت تەبىئەت ئىنسان بەدىنىدە تۆت كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ . ئۇلار : رۇتۇبەت (ھۆللۈك)، يۇسۇبەت(قۇرۇقلۇق)، ھارارەت ( ئىسسىقلىق) ، بۇرۇدەت(سوغۇقلۇق) دىن ئىبارەت بولۇپ ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم . مەسىلەن ؛ بەدەندە ئىسسىقلىق بولمىسا ئۇزۇقلۇق پىشمايدۇ(پارچىلانمايدۇ) ، سۇيۇقلۇق بولمىسا ئۇزۇقلار شۈمۈرۈلمەيدۇ ، ھۆللۈك بولمىسا بەدەندە ھاياتلىقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ساپ ھاۋا بولمىسا نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىدۇ ، تەبىئەتتە قۇرۇقلۇق بولمىسا مېڭىنىڭ قوماندانلىق قىلىش كۈچى ئاجىزلىشىپ ، ئەقلى جايىدا بولماسلىق تاماق تەمىنى سېزەلمەسلىككە ئوخشاش ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ . سۇغۇقلۇق بولمىسا يۈرەكنىڭ خىزمىتى ياخشى بولمايدۇ ، بۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى ئادەم بەدىنىدە بۇ تۆت كەيپىيات بارابەر بولۇشى لازىم . بىرى – بىرىدىن كام ياكى ئارتۇق شۇنىڭدەك ناچار بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

    بۇ كەيپىيات يالغۇز ئىنسانلاردىلا مەۋجۇد بولماستىن بەلكى ھايۋانلار ، ئۆسۈملۈكلەردىمۇ مەۋجۇد.شۇڭا دورىلارمۇ ئىسسىق ، سوغۇق دېگەن تەبىئەتلەرگە ئايرىلىدۇ. تۆت كەيپىياتنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى بىر – بىرىگە قارىمۇ قارشى كەيپىياتلىرى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل بولىدۇ (بۇ ھەقتەبۇ ئىككى تېمىغا قارالسۇن: http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329539.html )

    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69413918.html

    داۋامى يوللىنىۋاتىدۇ؛

    پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار :

     

     2001-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى ئەلقانۇن فىتتىپ

     

    ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيەلىرى 1983- يىل نەشرى

    ئۇيغۇر تېبابىتى قىسقىچە پسىخولوگىيەسى 2009- يىل نەشرى

    جوگۇ ئەنئەنىۋى پەلسەپىسىدىكى بەش ئاناسىر ئۇقۇمى ماقالە(ئابلىكىم ئالاۋۇدۇن )2007-يىلى

     

    )

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": تۆت تادۇ

    评论

  • سەھرا بلوگنىڭ ئۇسلۇبى ئالماشتى، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار ھوزۇرىڭىزدا بولغۇسى!!
    كۆكيال回复سەھرا说:
    سەھرا بلوگىنىڭ يېڭى ئۇسلۇبىغا مۇبارەك بولسۇن ، نادىر يازمىلار بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئىستەيمىز. ئۆز ئارا ئۇلىنىش قىلىۋالايلى .
    بلوگىمىزغا دائىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرغايسىلەر.
    2010-08-04 20:25:35
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!