www.4tadu.com
  • مىزاج بەلگىلىرى ھەققىدە (6-10) - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69413918.html

    ئالتىنچى تۈرى – ئەزالارنىڭ تەسىرنى قۇبۇل قىلىش تىزلىكىدىن ئېلىنغان ئالامەتلەردۇر . يەنى ، ئەگەر ئەزا قىينالماستىن تىزلىك بىلەن قىزىسا دىمەك ئۇنىڭ مىزاجى ئىسسىقتۇر . چۈنكى قارىمۇ قارشى نەرسىگە ئۆتۈشتىن كۆرە ھەمجىنىس نەرسىگە ئۆتۈش ئاسانراقتۇر . ئەگەر ئەزا تىز سۇۋۇسا دېمەك ، ئەھۋال خۇددى يۇقىرىقىدەك سەۋەبكە بىنائەن ئەكسىچىدۇر .

    يەتتىنچى تۈرلۈك ئالامەتلەر – ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىق ھالەتلىرىدۇر . بۇلاردىكى مۆئدىتىللىك مىزاجنىڭ مۆئدىتىللىكىنى  بولۇپمۇ مېڭىدە كۆرسىتىدۇ . ئۇيقۇنىڭ كۆپلۈكى ھۆللۈك ۋە سۇغۇقلۇققا دالالەت قىلىدۇ ، ئارتۇقچە ئويغاقلىق قۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقنى كۆرسىتىدۇ .

    سەككىزىنچى تۈرى – ھەرىكەتلەر (ئەزالارنىڭ ئىشلىرى ) دىن ئېلىنغان ئالامەتلەردۇر . ھەرىكەتلەر ھەممە ۋاقىت تەبىئىي ھالدا يۈز بەرسە ، ھەمدە تاماملانغان ۋە تاكامۇللاشقان بولسا ، مىزاجنىڭ مۆئدىتىللىكىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇلار چەتكە تېيىپ ئۆزگەرگەن ۋە ھەددىدىن تاشقىرى ھەرىكەتكە ئايلانغان ۋاقىتلاردا مىزاجنىڭ ئىسسىقلىقىدىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ . ئۇلار تېز بولسا ، بۇمۇ مىزاقنىڭ ئىسسىقلىقىنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن : بەدەننىڭ ئۆسۈش تىزلىكى ، مويلارنىڭ ۋە چىشلارنىڭ تىز ئۆسۈشى.  ھەرىكەتلەر سۇس ياكى كۈچسىز ، بوش ۋە ئاستا بولسا  بۇ مىزاجنىڭ سۇغۇقلۇقىغا دالالەت قىلىدۇ . لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بوشلۇقى ، سۇسلۇقى ۋە كۈچسىزلىكى ئىسسىق مىزاجدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ . توققۇزىنچى تۈرى – بۇ بەدەننىڭ چىقىرىندىلارنى چىقىرىپ تاشلىشى ۋە چىقىرىلغان نەرسىلەرنىڭ سۈپىتىدۇر . ئەگەر بوشاش بەلگىلەندەك بولسا ۋە بوشىتىلىۋاتقان نەرسىلەر – نىجىس ، سۈيدۈك ، تەر ۋە باشقىلارنىڭ ئىسسىق ئۆتكۈر ھىدلىق ۋە رەڭلىك بولۇشى كېرەك بولغان ۋاقىتتا – شۇنداق بولۇشى ھەمدە ھەر جەھەتتىن يېتىلىپ پىشقانلىقى مىزاجنىڭ ئىسسىقلىقىنى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭ تەتۈرىسىچە بولسا سۇغۇقلۇققا دالالەت قىلىدۇ .

    ئونىنچى تۈرلۈك ئالامەتلىرى – نەپسانىي قۇۋۋەتلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ياكى تەسىرنى قۇبۇل قىلىش قابىلىيىتىگە ئائىت ئەھۋالدىن ئېلىنىدۇ .  مەسىلەن : كۈچلۈك غەزەپ ، زەردىسى تېزلىك ، چېچەنلىك ، چۈشىنىشچانلىق ، ياخشى پىكىر، باتۇرلۇق ، سۈرلۈك ،، تاش يۈرەكلىك ، دادىللىق ، خۇرسەنلىك ، مەردانىلىق ، ھۇرۇنلۇققا كەم مايىللىق ، ھەر بىر نەرسىدىن كەم تەسىرلىنىشچانلىقلار ئىسسىقلىققا دالالەت قىلىدۇ . بۇلارنىڭ ئەكسى بولسا مىزاجنىڭ سۇغۇقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ .  غەزەپنىڭ، ئىلتىپاتنىڭ ، خىيال ۋە زېھىننىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قەتئىيلىكى قۇرۇقۇققا دالالەت قىلىدۇ ۋە ئەگەر تەسىرلەر تېزدىن يوقالسا ، بۇ ھۆللۈكنى كۆرسىتىدۇ .

    چۈش ۋە شېرىن خىياللارمۇ شۇ تۈرگە ئائىتتۇر  . مىزاجىدا ئىسسىقلىق كۆپ بولغان ئادەم چۈشىدە ئوت ياكى خۇددىي ئاپتاپتا كۆيۈۋاتقاندەك سېزىدۇ . مىزاجىدا سۇغۇقلۇق كۆپ بولغان ئادەم خۇددى مۇزلاۋاتقاندەك ياكى سۇغۇق سۇغا پېتىۋاتقاندەك بولىدۇ . ئېيتىلىشىچە خىلىتلاردىن قايسى بىرى بولمىسۇن كۆپ بولغان ئادەم چۈشىدە ئۆزىنىڭ خىلىتىغا ئوخشاش نەرسىنى كۆرىدۇ .

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!