www.4tadu.com
  • ساغلاملىققا ئەڭ پايدىلىق 25 خىل مېۋە )4-6( - [تېببىي ئۇچۇرلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329544.html

    قوغۇن :  ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ، يۇقۇملىنىشنى ئازايتىدىكەن .

    قوغۇننىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى چۈشەندۈرۈلۈشى:

    خېمىيەلىك تەركىبى : قوغۇن ئېتى تەركىبىدە شار ئاقسىلى ، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتا ، كاروتىن ۋېتامىن ب س قاتارلىقلار بار .

    فارماكولوگىيەلىك تەسىرى : بۇ باكتىرىيىنى تۇرمۇزلىمايدۇ ، لېكىن بەزى زەمبۇرۇغلارغاقارىتا تۇرمۇزلاش تەسىرى بار .

    تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق .

    خۇسۇسىيىتى : قان كۆپەيتىش ، سۈيدۈك ھەيدەش ، بەدەنگە ئۇزۇق بولۇش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش ، تەرەتنى يۇمشىتىش ، مېڭە ۋە بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىش ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش ، ھەيزنى راۋان قىلىش .

    ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر : سۈيدۈك تۇتۇلۇش ، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش ، بۆرەك ۋە دوۋسۇن يارىسى، ھەيز تۇتۇلۇش ، كۆپ ئۇسساش ، قەۋزىيەت ، جىگەر ۋە بۆرەك يوللىرى تۇسۇلۇش ، بۆرەك تاش كېسەللىكى، تېرىنىڭ يىرىكلىشىشى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    قوغۇن تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ:

    قوغۇندىن كۈندە مۇۋاپىق يەپ بەرسە ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ . بەدەنگە ئوزۇق بولىدۇ، تەرەتنى يۇمشىتىدۇ.

    قۇغۇننىڭ لېشىنى تېرىگە سۈركىسە ، تېرىنىڭ يىرىكلىكىنى يوقىتىدۇ .

    قۇغۇننى مۇۋاپىق مىقداردىكى قېتىق بىلەن بىرگە يېسە ، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    قۇغۇننى گۆش بىلەن پۇشۇرۇپ يېسە تېرىگە جۇلا بېرىدۇ.

    ئىشلتىىش مىقدارى : مۇۋاپىق.

    زىيانلىق تەسىرى : كۆپ يېسە ئىچىنى سۈرۈۋېتىدۇ، ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

    تۈزەتكۈچىسى : سىركەنجىۋىل، ئانار سۈيى ، ياكى مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەل بىلەن بىرگە يېيىش لازىم.

    ئورۇنباسارى : تەرخەمەك

    5. گىلاس: بۇغۇم ئاغرىقىنى پەسەيتىپ ، يۇقۇملىنىشنى ئازايتىدىكەن.

    گىلاسنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى:

      Tomenin خېمىيىلىك تەركىبى: ، (

      Catehin  گىلاس گىلۇكوزىدى

      C ۋېتامىن Amygdalin Glcose Cenkwanin Sakuranetin

     ، مېۋە قەنتى ، بىر نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار

    فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: قىزىتما قايتۇرۇش ، قان بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

    تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق .

    خۇسۇسىيىتى: ئاساسلىقى ماددىسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش ،

    قان تازىلاش،تېرىنى قۇۋۋەتلەش ، ئۇنىڭدىن باشقا قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش ، كۆكرەكنى بوشىتىش، ئىچىنى يۇمشىتىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرۈش،ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش ، تۇتۇش ۋە پارقىرىتىش.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يېڭى ۋە تاتلىق گىلاس گال ۋە كۆكرەكنىڭ يىرىكلىكى ، يۆتۈل ۋە قەۋزىيەت ئۈچۈن ، چۈچۈمەل گىلاس قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش ، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    گىلاس تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ:

    قۇرۇغان تاتلىق گىلاسنى بەدىيان بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.

    گىلاس سۈيىنى يۈزگە سۈركەپ بەرسە پارقىراق قىلىدۇ.

    گىلاس شەربىتى تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ، بكرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى چۈشۈرىدۇ . (شەربەت تەييارلاش بۇ تېمىنىڭ بېشىدا يەنى ئالمىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدە كۆرسىتىلىپ ئۆتۈلدى ، شۇ بويىچە تەييارلانسا بولىدۇ).

    تاتلىق گىلاسنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا گال قۇرۇش ، ئۇسسۇزلۇق ، كۆكرەك ۋە گال يىرىكلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى : 2-4 تال

    زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازاننىڭ ھۆللۈكىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.

    تۈزەتكۈچىسى : قارىمۇچ ۋە تۇزلۇق تاماقلار.

    ئورۇنباسارى: ئەينۇلا

    6. مايمۇن شاپتۇلى: قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . قاندىكى ياغ تەركىبىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. قەۋزىيەتكە شىپا بولىدىكەن .

    شاپتۇلنىڭ ئۇيۈۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى:

    خېمىيەلىك تەركىبى :ھەر 100گرام مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە بىر گرام ئاقسىل ، ئازراق ماي، يەتتە گرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، تۆت گرام تالالىق ماددىلار ، يېرىم گرام كۈل ماددىسى ، سەككىز مىللىگرام كالتسىي ، 20مىللىگرام فوسفور، بىر مىللىگرام تۆمۈر، كاروتىن ، ۋېتامىن  ب1،  ب2،  ب6،

    س قاتارلىقلار بار يەنە ئۇچۇچان ماي ، ئورگانىك كىسلاتا ، گلۇكوزا ۋە مېۋە قەنتى بار.

    فارماكولوەىيەلىك تەسىرى: سۈيدۈك ھەيدەش ، بەلغەم بوشىتىش  ، يۇمشىتىش،تېرىلەرنى پارقىرىتىش تەسىرى بار.

    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سۇغۇق.

    خۇسۇسىيتى : ئاساسلىقى خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، ھارغىنلىقنى يوقىتىش، تەرەتنى يۇمشىتىش ۋە راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇنى ئېچىش، تەبىئەتنى يۇمشىتىش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش،غەيرى تەبىئىي قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش.

    ئىشلىتىلىدىغان كىسەللىكلەر: غەيرىي تەبىئىي قان ۋە سەپرا خىلىتىدىن بولغان تەپ ، جىگەر ، ئاشقازان ئاجىزلىقى ، مېڭىگە قۇرۇقلۇق يېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    شاپتۇل تەركىبلىك بىر رېتسىپ: ئوبدان ىشقان شاپتۇلنى سىقىپ ، سۈيىنى بىر كىچە قۇيۇپ قويسا ، دۇغى ئاستىغا چۆكىدۇ. ئەتىسى سۈزۈپ ، سۈيىگە 200گرام شىكەر ، ياكى تەرەنجىبىن ۋە ياكى شىرخشت قوشۇپ ئەتىگىنى ئىچسە غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى ھەيدەيدۇ.

    زىيانلىق تەسىرى : ھۆل مىزاج ۋە بەلغەم مىزاج ئادەملەرگە زىيان قىلىدۇ.

    تۈزەتكۈچىسى : ھەسەل ۋە زەنجىۋىل مۇرابباسى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!