-
تۇغۇتتىن كېيىن بەلنى خالىغانچە تېڭىشنىڭ خەتىرى كۆپ - [ئاياللار كېسەللىكلىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329545.html
1. داس بوشلۇقىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماي ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ ، قۇشۇمچە ئەزا ياللۇغلىنىش ، داس بوشلۇقى ياللۇغلىنىش ، سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملىنىش ، داس بوشلۇقىغا قان تولۇپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ .
2 . بەلنى تاڭغاندا قورساق بوشلۇقىنىڭ بېسىمى ئۆرلەپ ، ئاسانلا بالياتقۇنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ، كۆپىيىش ئەزالىرى بىنورمال بولۇش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ .
3 . مەقئەت يولى ئەتراپىدىكى كۆپلىگەن ۋىنالار گىمىرويلۇق ۋىناغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ . بەلنى ئۈزۈلدۈرمەي تاڭغاندا گىمىرويلۇق ۋىنالاردا مۇنەكچىلەر پەيدا بولۇش بىلەن بىللە ، يەرلىك ئورۇندىكى قاننىڭ ئېقىمى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرايدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئاسانلا گىمىروي ۋە قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
4 . بەلنى ھەدىدىن زىيادە چىڭ تاڭغاندا نەپەسلىنىش توسالغۇغا ، كېرىلگەن مۇسكۇلنىڭ ئۈستى – ئاستىنىڭ يۆتكىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ . بۇنداق بولغاندا باش قېيىش ، دىمى سېقىلىش ، قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ .
5 . بەلنى تاڭغاندا ئاشقازان – ئۈچەي بىۋاستە بېسىمغا ئۇچراپ ، يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىش ، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . ۋاقىت ئۇزارسا ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ . شۇڭا تۇغۇتتىن كېيىن بەلنى قالايمىقان تاڭماي ، ئاكتىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئەڭ مۇھىمى بالىنى ئىمىتىش كېرەك . بۇنداق بولغاندا بالياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپلا قالماي ، بەدەننىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ .
مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى.
收藏到:Del.icio.us