www.4tadu.com
  • ئىسسق ئۆتۈپ قېلىشنى داۋالاش - [باش ۋە مېڭە كىسەللىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69602104.html

    ھازىر ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتتى ، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە . شۇڭا كەڭ تورداشلارغا پايدىسى بولار دېگەن مەقسەتتە ئۇشبۇ تېمىنى تەييارلىدىم.

    ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى داۋالاش

    ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئاساسەن ياز كۈنلىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان جىددىي كېسەللىك بولۇپ ، كۈچلۈك قۇياش نۇرى  ياكى يۇقىرى ھارارەتلىك مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرۇش ، ئىچكەن سۇيۇلۇقى ئاز بولۇش ، ئىچى سۈرۈپ ياكى كۆپ تەرلەپ جىددىي سۇ يوقىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر بۇ كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن: تەرلەش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، قېيىش ۋە كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش ، ئۇسساش ، ئىچى سۈرۈپ كېتىش،تېمپراتۇرىسى ئۆرلەش ، قىزىش، قاتتىق بىئارام بولۇش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش ، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، ۋە ئېغىرلىرىدا ھوشسىزلىنىش قاتارلىقلار...

    ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى بولسا سۇۋۇتۇلغان قايناق سۇغا ئازراقلا تۇز قۇشۇپ بىر ئىككى لىتىر ئەتراپىدا ئىچۈرۈش ياكى تاۋۇزنى سىقىپ سۈيىنى ئازراق ئىسسىتىپ ئىچىش كېرەك .

    ئەگەر ئېغىرلاپ ھوشىدىن كېتىشكە يېقىنلاپ قالغان بولسا ياكى ھوشىدىن كەتكەن بولسا بېشىغا مۇز قويۇلىدۇ، بەدىنى مۇزلۇق سۇ بىلەن يەڭگىل سۈرتۈلىدۇ .شەيخ (ئىبنى سىنا) بۇ ھەقتە ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەنلەر سۇغا چۆمۈلۈش بىلەن تىزلا ئەسلىگە كېلىدۇ لېكىن سۇغۇق سۇدا يۇيۇنۇشقا ئالدىرىماسلىقى ، بەلكى ئازراق سەۋر قىلىپ يۇيۇنۇشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن .

    تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئاغرىپ قېلىپ ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ئىدىم، بىر كىچىسى  قىزىتمام ئۆرلەپ 41غا چىقىپ كىتىپ ھوشۇمدىن كەتكەن ئىكەنمەن .ياز ۋاقتى، ئوقۇتقۇچۇم بىلەن دادام ئىككىسى شۇ كېچىدە  قادى(بۇ مۇزنى قىرىپ تەييارلىنىدىغان نەرسە) تېپىپ كېلىپ پېشانەم ، يۈرىكىم ئىككى ئالىقىنىم ، قورسىقىم ۋە پۇتۇمغىچە مۇزغا ئوراپ ئالغانىكەن ، ھوشۇمغا كېلىپ ئۆزۈمنى شۇ ھالدا كۆرگەنىدىم. ھوشىدىن كەتكەنلەرنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ھوشىغا كەلتۈرۈش ۋە تىزدىن سۇيۇقلۇق تولۇقلاش ۋە سۇيۇق-سەلەڭ  تائاملار بىلەن بىمارنى ماغدۇرىغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك.

    بۇ ھەقتە يەنە ئۆزۈم ئۇچرىغان بىر ئىشنى كەلتۈرۈشۈم مۇمكىن.

    ناھايىتىمۇ زالىم بىرى بار ئىدى ، باشقىلارغا قىلغان زۇلمى ھەددىدىن ئاشقان ۋە بۇنى يوللۇق دەپ قارايتتى . كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ كىشى ئېغىر ئىسسىتمىغا گىرىپتار بولدى ، مېنىڭ تېۋىپلىقىمدىن خەۋەردار ئىدى ، ئالدىمغا كىشى كىرگۈزدى.ئۇنىڭغا شۇنچە ئۆچلۈكۈم بولسىمۇ ،لېكىن ئەھۋالىنى كۆردۈم .ئىچى سۈرۈپ ۋە قىزىتمىسى ئۆرلەپ بەدىنى زىيادە سۇسىزلىنىپ كەتكەن ئىكەن .جىددىي قىزىتما قايتۇرۇش ۋە سۇيۇقلۇق تۇلۇقلاش كېرەك ئىدى .ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللاشقاچ باشقىلارغا قىلغان زۇلمى ۋە ھاكاۋۇرلۇقى بىلەن ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلەپ باشقىلارغا رەھىمدىل بولۇشىنى ئېيتتىم ، ئەمما ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە ۋەزخانلىق قىلىشىمنى قۇبۇل قىلالمىدىمۇ قانداق  گېپىمنى سىلكىۋەتتى . ئورنۇمدىن تۇرۇپلا چىقىپ كەتتىم ، ئۇ شۇ كۈنى يەنە ۋاي ۋايلاپ ياتتى . باشقىلار ئۇنىڭ زۇلمىدىن بىر كۈن بولسىمۇ ئامان قالغان ئىدى . ئەتىسى ئۇ كىشى يەنە ئادەم كىرگۈزۈپتۇ ، قېشىغا كىردىم ۋاي ئۆلىدىغان بولدۇم دەپ ئۆزىدىن كەتكەن ھالدا ياتاتتى .يوتقان – كۆرپىلەر چىلىق – چىلىق سۇ.... ئۇ دېگەنلىرىمگە كۆنگەن ئىكەن .تەڭرىگە شۈكۈر ، ئۇ باشقا تېۋىپنىڭ قېشىغا بارسا تامامەن بولاتتى . ئەمما شۇ كىچىككىنە بىر ئىسستما ئۇنى خېلى پاراكەندە قىلغان ۋە ئۆلۈمنىڭ پۇرىقىنى بەرگەندەك قىلاتتى  . دەررۇ ئۇنىڭغا پاقىيۇپۇرمىقىدىن تۆت ياپراق، ئۇرۇقىدىن 2گرام ، ئانار پوستىدىن يېرىم پارچە ، ئۇرۇقىدىن 3گرام ،  كەندىر يۇپۇرمىقى ۋە ئۇرۇقىدىن ئازراق ئېلىپ ھەممىسىنى  بىر چىنە قايناقسۇدا دەملەپ قويدۇم . يېرىم سائەتتىن كېيىن سۈزۈپ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىچۈردۈم ۋە يەنە ئۈستىگە قايناق سۇ قۇيۇپ دۈملەپ قۇيۇپ شۇنى ئىچىشكە بۇيرىدىم . تەڭرىنىڭ شىپاسى بىلەن شۇ بىر چىنە دورا ئارقىلىق ئەتىسى ساپساق ھالەتكە كەلدى ، باشقىلار مەن شۇ دورىلارنى تەييار قىلىۋاتقىنىمدا زاڭلىق قىلىشقان ئىدى ، ئەتىسىلا ئېيتقانلىرىغا پۇشايمان قىلدى .  يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن نەرسىلەر ئاسان تېپىلىدىغان بولۇپ ئىسسىق ئۆتۈپ قىزىتمىسى ئۆرلەپ ۋە ئىچى سۈرۈپ كەتكەندە پايدىلانسا بولىدۇ . تاۋۇز سۈيى ، شاپتۇل قاقلىرىنىڭ سۈيىمۇ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئومۇمەن ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك، سۇيۇق سەلەڭراق نەرسىلەر بۇ ھەقتە پايدىلىق داۋالاردىندۇر.چېكىلمىگەن ئۈزۈم غورىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇيۇپ ، سىقىپ سۈيىنى يۇمشاق ئوتتا ئىككى قېتىم ئۆرلىتىپ ، شۈزۈپ ، چوڭلار 3-2 قۇشۇق ، بالىلار بىر قۇشۇق ئەتراپىدا ئىچىپ بەرسىمۇ قىزىتمىنى پەسەيتىپ باش ئاغرىشنى توختىتىدۇ . يۇمغاقسۈت سۈيىمۇ ياخشى دورىلاردىن سانىلىدۇ.لىمون ،ئاپلىسىن، پەمىدۇر، قېتىق ، شاپتۇل ، بۆلجۈرگەن ، بىھى ، ئامۇت ، نەشپۈت ، قاپاق سۈيى ، گىلاس ، ئالۇچا ، ئالقات ، ئەينۇلا، قارائۆرغك ، سىمىز ئوت سۈيى قاتارلىقلارمۇ قىزىتما پەسەيتكۈچى  دورىلاردىن سانىلىدۇ.

    شەيخ بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق كۆرسەتكەن :

    ئاپتاپ ئۆتكەن كىشى جىمادىن ساقلانسۇن ، ئىسسىق شامالنىڭ زەرەرلىك تەسىرى بېسىققاندىن كېيىن تۇزلانغان بېلىق يېيىش پايدىلىقتۇر ، ئەگەر ئۇ كىشىدە ئىسسىتما بولمىسا سۈت ئەڭ ياخشى تائامدۇر دېگەن . ئىسسىتما بولغان كىشى سۈت ئىچىشتىن ساقلانمىقى كېرەك ، چۈكى سۈت تېزلا ئۆزگىرىپ سەپراغا ياردەم بېرىدۇ.

    شەيخ يەنە مۇنداق كۆرسەتكەن : ئىسسق ئۆتكەن كىشى سالقىن جايدا تۇرۇشى ، پۇتىنى سۇغۇق شۇ بىلەن يۇيۇشى ، ئۇسسىغان بولسا سۇغۇق سۇنى ئاز – ئازدىن ئىچىشى ۋە تىز ھەزىم بولىدىغان نەرسىلەر بىلەن غىزالانمىقى كېرەك .

    ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان ۋاقىتتا يۇقارىقى كۆرسەتمىلەر بىلەن چارە كۆرۈشى ، داۋالارنى قىلغاندا بىراقلا قىلماي ئاستا – ئاستا قىلىشى كېرەك .خۇلاسە كالام .تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىن ياسىن ئابدۇقادىر كۆكيال تەييارلىغان .   

    分享到:

    历史上的今天:

    مالىنا 2010-07-18

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!