www.4tadu.com
  • مالىنا - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329547.html

    بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يۇپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ئۆسۈملۈك مالىنا بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ‹مالىنا › نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .

     

    خىمىيىلىك تەركىبى : يۇپۇرمىقى ئورگانىك كىسلاتالار ، قەنتلەر ۋە ۋېتامىن  دىن تەركىب تاپقان .

    فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: ھايۋانلارنى كۈيلىتىش تەسىرى بار .

    تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .

    خۇسۇسىيىتى: باھ ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ، مەنىي تۇتۇش ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ، سۈيدۈكنىڭ قېتىم سانىنى ئازايتىش .

    ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر : باھ ئاجىزلىقى ، ياشانغانلاردىكى بەدەن ئاجىزلىقى سۈيدۈك تامچىلاش ، بالىلاردىكى سىيىپ يېتىش ، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .

    مالىنا تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ

     

    1) مالىنا 20 گرام ، كەتىرا 20 گرام ، قانتېپەر 12 گرام ، ياچىۋەك تۇخۇمى 12 گرام ، بۇغا مۈڭگۈز كۇشتىسى6گرام، شاقاقۇل مىسرى 20 گرام قاتارلىقلارنى 360گرام سۇدا 270گرام قالغىچە قاينىتىپ سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشۇپ كۈندە ئۈچ ۋاق ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىچىپ بەرسە  باھ ئاجىزلىقى ياشانغانلاردىكى ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .

    2) مالىنا 10 گرام ، ياچىۋەك تۇخۇمى 10 گرام ، نىلۇفەر گۈل چېڭى 10 قاتارلىقلارنى قاينىتىپ ئىچۈرسە بالىلاردىكى سىيىپ يېتىش كىسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

    3) سۆئلەپ مىسرى 10 گرام، بۇغا مۈڭگۈزى 10 گرام، مالىنادىن 10 گرام ئېلىپ سۇپۇپ تەييارلاپ چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقىدىن ئىككى دانە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بەرسە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ .

    ھەر قېتىملىق ئىشلىتىش مىقدارى :6-12گرامغىچە .

    زىيانلىق تەسىرى : تالغا قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ .

    تۈزەتكۈچىسى : ئىسكەنجىبىن .

    ئۇرۇنباسارى: مۇۋەببەل سەفىد.

    پىششىق دورا ياسالمىسى : مالىنا قاينىتىلمىسى .

    چىقىش ئورنى : تاغلىق رايونلاردىكى ئوتلاقلاردا ، چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ ، ئالتاي ۋە تەڭرىتاغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!