-
ئۇيغۇر تىبابەت نەزەرىيىسىدىكى ئالتە زۆرۈرىيەت - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/71628189.html
ئۇيغۇر تىبابەت نەزەرىيىسىدىكى ئالتە زۆرۈرىيەت يەنى ؛ساپ ھاۋا ، يىمەك - ئىچمەك ، ھەرىكەت - جىمجىتلىق ، ئۇيقۇ - ئويغاقلىق ، چىقىرىش - تۇتۇش ۋە روھىي ھالەتلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم رولى ۋە ئەھمىيىتى كىشىلەرگە بارغانسېرى ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلماقتا .
1 . ساپ ھاۋا
ھاۋانىڭ ساپ بولۇشى ساقلىقنى ساقلاشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ، شۇڭا مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاپ ھاۋانىڭ ساپلىقىنى قوغداش ، پەسىلگە قاراپ كېيىنىش ، ئۆي ھاۋاسىنى پات - پات يەڭگۈشلەش ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ھاۋاسى ساپ جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىش لازىم . ئادەتتە ساپ ھاۋالىق جايلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ تېنى ساغلام بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرىدۇ .
تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولغان ھاۋا - روھنىڭ ئاساسى بولۇپ ھاياتلىق شەكىللەندۈرگۈچى ئاساسلىق ئامىل .
ئادەم ھەر قېتىم نەپەسلەنگەندە ئۆپكىسى ئارقىلىق ئوكسىگىننى قوبۇل قىلىپ كاربۇن تۆت ئوكسىدنى سىرتقا چىقىرىپ تاشلايدۇ . ھاياتلىق ئۈچۈن ساپ ھاۋانىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىر قىسىم جىددىي كېسەللىكلەرنى تېز قۇتقۇزۇشتا تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز .
ئادەم ئۇزۇقسىز بىر ھەپتە ، سۇسىز ئۈچ كۈن ياشىيالىسىمۇ ، ھاۋاسىز بەش مىنىتمۇ ياشىيالمايدۇ . بۇنىڭدىن ھاۋانىڭ ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز .شۇڭا ساغلام ياشايمەن دېگەن ئادەم ئالدى بىلەن ھاۋانىڭ ساپ ، پاكىز بولۇشىغا كۆڭۈل بولۇشى ، بۇلغانغان ، چاڭ - تۇزانلىق ھاۋا ۋە مۇھىتتىن يىراق تۇرۇشى لازىم .
2. يېمەك - ئىچمەك
ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتادغۇ بىلىك »ناملىق شاھانە ئەسىرىدە : « ئېغىزدىن كېرىدۇ ئاش بىلەن كېسەل، قېرىتۇر كىشىنى يېشىدىن ئەۋۋەل » دەپ كېسەلنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن .
يېمەك - ئىچمەك ، پۈتۈن بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ ، ماددا ئالمىشىشقا قاتنىشىپ ھاياتنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ . يېمەك - ئىچمەك ھاياتلىق ئۈچۈن 2 - ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم شەرت .
شۇڭا ئۇزۇقلانغادا يېمەكلىكنىڭ ياخشى پىشقان ، تازىلىقىنىڭ ئۆلچەملىك ، قۇۋۋىتىنىڭ يېتەرلىك ، مىقتارىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالاتلىك قىلىش لازىم .
ئەتتىگەندە ياخشى يېيىش ، چۈشتە تويغۇچە يېيىش ، كەچتە ئاز يېيىش پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، مۇۋاپىق ئۇزۇقلىنىش ، تاماق يىگەندە ياخشى چايناش ، ھەمىشە تويۇپ تاماق يېمەسلىك ، بەدەن ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۇزۇقلىنىش ، كەچتە تاماق يەپلا يېتىۋالماسلىق ، تاماقتىن كېيىن 10 - 15 مىنۇت ھەرىكەت قىلىش لازىم .
تاماقنى تەڭشەپ يېيىش، بىر كۈن قۇيۇق تاماق يېسە بىر كۈن سۇيۇقراق تاماق يېيىش، ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماق بىلەن سوغوق تەبىئەتلىك تاماقنى تەڭشەپ يېيىش ، ھەر كىم مىزاجىغا ئاساسەن يەنى ئىسسىق مىزاجلار سوغوقلۇق تاماقنى ئاساس قىلىپ ، سوغوق مىزاجلار ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلارنى ئۆز ئارا تەڭشەپ يېيىش لازىم .
ئاشقازاننىڭ ئاستى قىسمى تاماق بىلەن ، ئوتتۇرا قىسمى سۇ بىلەن تولىشى ، ئۈستى قىسمىنى بوش قالدۇرۇش ، ئىچىدىغان ئىچىملىكنىڭ تازلىقى ياخشى بولۇشى لازىم .
3. ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىش
ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىمۇ ساقلىق ساقلاشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ، ئادەتتە دائىم چېنىقىدىغان ، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىندىغانلارنىڭ بەدىنى چىڭ ، ئۆزى چاققان، روھلۇق، تىرىشچان بولۇپ تېنى ساغلام كېلىدۇ .
چېنىقمايدىغان ، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىشىلەرنى تېنى ئاجىز ، ھورۇن ، بۇشاڭ ، ئۇيقۇچان ، سېمىز ، رەڭگى روھى خۇنىك بولۇپ بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا پالەچ ، بۇۋاسىز ، يۇقرى قان بېسىم ، ھەرخىل ئىششىق ، قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ .
ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ھەركەت ئۇسۇلنى تاللىشى لازىم . ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكنى ئۆزئارا مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش ، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەكنى دەم ئالماي ئۇزۇنغىچە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .
4 . ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىق
ئۇيقۇنىڭ نۇرمال بولۇشىمۇ ساغلاملىق ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . مەلۇم تەتقىقات ئورنى ئۇيقۇ بىلەن ئوزۇقلىنىشنى سېلىشتۇرماقچى بولۇپ . بىر تەرەپكە بىر تۈركۈم چاشقاننى قويۇپ ئۇزۇق بېرىپ قەتئىي ئۇخلاتمىغان ، يەنە بىر تەرەپكە بىر تۈركۈم چاشقاننى قويۇپ ئۇزۇق بەرمەي تېنچ ئۇخلاتقان . نەتىجىدە بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇخلىغان چاشقانلار ساق قېلىپ ، ئۇخلىمىغان چاشقانلار ئۆلۈپ تۈگىگەن .
يۇقىرىدىكى تەجىرىبىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئۇيقۇ ئۇزۇقلىنىشتىنمۇ مۇھىم . نۇرمال ئۇيقۇ پۈتۈن بەدەننى ، ئەزالارنى ئارام ئالدۇرىدۇ ، ھاردۇق چىقىدۇ ، كۈچ - قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلايدۇ ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ . ئەكسىچە ئۇيقۇنىڭ نورمالسىزلىقى باش ئاغرىش ، نېرۋا ئاجىزلىق ، ئورۇقلاش ، كۆز ئاغرىش ، پۇت - قول ئېغىرلىشىش ، زېھنى تۆۋەنلەش قاتارلىقلارنى ھەم يۈرەك ، ئۆپكە كېسەللىكلىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا ، كۈندۈزدىكى ئۇيقۇ ياماندۇر ، ئۇ نەملىكتىن بولىدىغان كېسەللىكلەرنى ، نەزلە كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ . چىراينى بۇزىدۇ ، تالنى كاردىن چىقىرىدۇ . نېرۋىلارنى بوشاشتۇرىدۇ .ئىشتىھانى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئىششىق ۋە تۈرلۈك قىزىتمىلارنى پەيدا قىلىدۇ ، دەپ ئۇيقۇنىڭمۇ مۇۋاپىق بولۇش كېرەكلىكىنى ، ئارتۇقچە ئۇيقۇنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ .
5 . چىقىرىش ۋە تۇتۇش
ماددا ئالماشتۇرۇش ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ تېبابەتتە چىقىرىش ۋە تۇتۇش دەپ ئاتىلىدۇ . ئادەم بەدىنى ئوزۇقلۇق ماددا ، ھاۋا ، سۇدىن بەدەنگە كېرەكلىك قىسمىنى سۈمۈرۈپ ، كېرەكسىز قىسمىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ،كىرىم - چىقىمنىڭ نورمال بولۇشى ساغلاملىق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ، بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلسا كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ .
چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىش ، تەرلەش ، قۇسۇش ، ھەيىز كۆرۈش ، بەلغەم ، تۈكۈرۈك ، مەنىي چىقىرىش ... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چىقىرىش بولۇپ ، بۇلار نورمىدىن ئېشىپ كەتسە بەدەن تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ ، ئورۇقلاش ، بەدەن ئاجىزلىشىش ، قان ئازلىق ، سۇ يوقىتىش ، ھۇشسىزلىنىش ..... قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
تۇتۇش نۇرمالدىن ئېشىپ كەتسىمۇ ئوخشاشلا قەۋزىيەت ، ھەيىز توختاش ، سۈيدۈك تۇتۇلۇش ... قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قورساق كۆپۈش، ئىشتەي تۇتۇلۇش ، قان قويۇلۇش، ئىششىق ... قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ .
بولۇپمۇ كۆپ مەنىي يوقىتىشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش لازىم ، بولمىسا ئادەم ئاسان قېرىپ كېتىدۇ ، ئەقلىي ، جىسمانىي جەھەتتە تېز ئاجىزلايدۇ ، ئاسان قورۇق چۈشىدۇ ، چاچ - ساقال تېز ئاقىرىپ چۈشۈپ كېتىدۇ .
6. روھىي ھالەت
ھېكايەت قىلىنىشىچە، لوقمان ھەكىم ناھايىتى ئۇستا بىر شاگىرتنى تەربىيىلەپ چىققان ئىكەن ، لېكىن بۇ شاگىرتى مەنمەنچى ،تەكەببۇر چىقىپ قاپتۇ . ئۇ كىشىلەرگە : «مەن بىلىمدە ئۇستازىمدىن ئېشىپ كەتتىم ، ئىشەنمىسەڭلار ئۇستازىم بىلەن سىنىشالايمەن » دەپ يۈرۈپتۇ . بۇ گەپ پادىشاھنىڭ قولىقىغا يەتكەندىن كېيىن پادىشاھ بۇ ئۇستاز بىلەن شاگىرتنى ئىنتايىن كۈچلۈك زەھەر ياساپ چىقىپ ھەم بىر - بىرى ياسىغان زەھەرنى ئىچىپ يەنە شۇ زەھەرنى قايتۇرش ھەققىدە سىنىشىشقا بۇيرۇپتۇ . ئاۋۋال شاگىرت ناھايىتى كۈچلۈك زەھەر ياساپ چىقىپتۇ . لوقمان ھەكىم زەھەرنى ئىچىپ ، خام سۈتنى ئىچىپ ھەم سۈت قاچىلانغان كوزىغا چۈشۈپ يېتىپ ھېچ نەرسە بولماپتۇ .
نۆۋەت لوقمان ھەكىمگە كەپتۇ . لوقمان ھەكىم باشقا شاگىرتلىرغا ھاۋانچىدا 41 كۈن دورا سوقتۇرۇپ بىر خىل سۇيۇقلۇق تەييارلاپ ساگىرتىغا ئىچىرۈپتىكەن ، شاگىرت شۇ زامان جان ئۈزۈپتۇ . ئەسلدە شاگىرتىغا ئىچىرۈلگىنى سۇ بولۇپ ، ئۇستازىم ناھايتى كۈچلۈك زەھەر تەييارلىدى دەپ بەك جىددىيلىشىپ قورقۇپ كەتكەچكە سۇنى ئىچىپلا ئۆلۈپ كەتكەن .
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پسىخولوگىيە ئالىمى دالې كارمېگ ئەپەندىمۇ ، كېسەللىكلەرنى 60 % روھىي ئامىلنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ دېگەن .
روھى ھالەتكە مۇناسىۋتلىك ئامىللار ساقلىق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ، ئۇزۇن داۋام قىلغان دىققەتچىلىك ، غەم - ئەندىشە ، روھىي زەربە قاتارلىقلار ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ ، ئىشتەينى تۇتىدۇ ، نېرۋا ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مىجەزنى بۇزىدۇ ، يۈرەك ، قان تومۇر كېسەللىكلىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن.
收藏到:Del.icio.us
评论