www.4tadu.com
  • تۆت تادۇ ھەققىدە ئۇمۇمىي سۆز - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/72100366.html

    ماقالىنىڭ بېشىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى چېكىڭ!!!

    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71625191.html 

     

     

    سۇ

    ۋەزنى جەھەتتە تۇپراقتىن يەڭگىل ،ھاۋادىن ئېغىر بولغاچقا ، نىسپىي ئېغىر دېيىلىدۇ . ئورۇن جەھەتتە ھاۋادىن تۆۋە نئۇرۇن تۇتىدۇ.  سۇ ئۆزىنىڭ يامراش ، ئېقىش خارەكتىرى بولغانلىقى ئۈچۈن تەبىئىتى ھۆل    ۋە تۇپراقتىن يۇقىرى  

    ئەمما تۇپراقنىڭ ئۈستىدە  تۇرغىنى ئۈچۈن سۇغۇق، خۇلاسە كالام سۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇقتۇر. سۇ دۇنيادىكى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھايات پائالىيىتى ئۈچۈن كېرەك بولغان ، ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تېگىشلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ تۇرۇش ، ئېرىتىش ، ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرى بىلەن نەرسىلەرنىڭ پارچىلىنىپ ، بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلاش ، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى ماددا ئالمىشى  جەريانىدا ھاياتلىق ئۈچۈن كېرەكسىز بولغان ۋە بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىشكە تىگىشلىك بولغان كېرەكسىز تاشلاندۇق ماددىلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئېقىتىپ سىرتقا ھەيدەپ چىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

    خۇلاسە كالام ؛ باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك سۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق بولۇپ ، بەدەندىكى ۋەكىلى بەلغەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

     

    ئوت

     

    ئوت تەبىقىسىنىڭ مەركىزى كوررەئى نار ، يەنى كۈننىڭ ھارارەت چىقىرىدىغان دائىرىسى ۋە ئوتلۇق تەسىرى دائىرىسىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئىنتايىن ئىسسىق ، شالاڭ ، رەڭسىز ۋە مۇتلەق يەڭگىل (ئۆزىدىن بدشقا ھەممە ماددىدىن ھامان يەڭگىل) بىر ماددىدۇر . ئوت يەرشارى ئۈستىدىكى ھاۋا تەبىقىسىنى قاپلاپ تۇرۇش يۈزىسىدىن ھاۋا تەبىقىسىنىڭ ئۈستىدىن ئۇرۇن ئالغان ، لېكىن مەلۇم پەسىللەردە ۋە كېچە كۈندۈزلەردە يەرشارىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا مۇۋاپىق ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.

    بۇنىڭ كەيپىياتى ئۆتكۈر قۇرۇتقۇچى ۋە پارغا ئايلاندۇرغىدۇر ، بۇنىڭ زېمىن يۈزىگە بېرىدىغان تەسىرىنى ھاۋا قاتلىمى تەڭشەپ تۇرىدۇ.

    زىمىن يۈزىدىن ئۆرلەپ چىققان ئىنتايىن يەڭگىل ئۇچۇچان نەرسىلەر شۇ مەركەزگە قاراپ ئىنتىلىدۇ . تەبىئەت پېنىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئۇچۇچان يەڭەىل جىسىملار داۋاملىق ئۈستۈن مۇھىتقا كۆتۈرۈلۈشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئوت تەبىقىسى مۇتلەق يەڭگىل نەرسە بولغاچقا داۋاملىق ئۈستۈن تۇرىدۇ .

    پايدىسى ۋە خۇسۇسىيتى : نەرسىلەر ۋە جىسىملارغا ھاۋانى ئۆتكۈزۈش ، تەركىبلەرگە ئايرىش ، پىشۇرۇش ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ زىيادە سۇغۇق تەسىرىنى تەڭشەش ، قاتتىق نەرسىلەرنى ئېرىتىش ، ئۆزگەرتىش ، ماددىلارغا رەڭ بېرىش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.

    تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ بەدەندىكى ۋەكىلى ئوت سۇيۇقلىقىدۇر.

     

    شامال (ھاۋا)

    بۇ ۋەزىن جەھەتتىن نىسپىي يەڭگىل بولۇپ، ئوتتىن ئېغىر ۋە سۇدىن يەڭگىلدۇر .

    تەبىئىتى : بۇ ئۆزىنىڭ جايلاشقان ئورنى سۇنىڭ ئۈستىدە (يانداش) بولغىنى ئۈچۈن ھۆل ، ئۈستى تەرەپتىن ئوت تەبىقىسىگە يانداش بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسسىق ، خۇلاسە كالام ھاۋانىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىقتۇر.

    تەسىرى ۋە خۇسۇسىيىتى : بۇ ئۆزىنىڭ ھۆللۈكى بىلەن قۇياشنىڭ سۇ تەبىقىسى ۋە تۇپراق تەبىقىلىرىگە بولغان ئارتۇقچە تەسىرى (يەنى ھارارىتى) نى  پەسەيتىدۇ ھەم مۇھىتتىكى بوشلۇقلارنى تۇلدۇرۇپ تۇرۇش بىلەن جانلىق مەۋجۇدادلارنىڭ نەپەسلىنىشىدە  گازلىق ھاۋا (مۇھتەرىقە)نى چىقىرىپ  تاشلاپ نەسمى ھاۋا (كىسلارۇت)نى ئالماشتۇرۇشقا ياردەملىشىدۇ . (ساپ ھاۋا ھاۋايى نەسمى ، بۇزۇق ھاۋا ھاۋايى دۇخانى) شۇنىڭ ئۈچۈن ھاۋا  بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ نورمال ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم خىزمەت قىلىدۇ . باشتا دېگەندەك ھاۋانىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ ، بەدەندىكى ۋەكىلى قاندۇر.

     

    تۇپراق

     

    بۇ ئۆزىنىڭ ۋەزنى جەھەتتە مۇتلەق ئېغىر جىسىم بولۇپ ، ئورنى سۇنىڭ ئاستىدا بولىدۇ . كەيپىياتى قۇرۇق سۇغۇق ھېسابلىنىدۇ . بەدەندىكى ۋەكىلى سەۋدا ماددىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . تۇپراق قۇياشنىڭ ئىسسىتىش ، قۇرۇتۇش ، سۇنىڭ بىرىكتۈرۈش ۋە پارچىلاش تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەرنىڭ شەكىل ۋە سۈپىتىنى ساقلايدۇ . ئۇلارغا نىسبەتەن سۇنىڭ زىيادە ھۆللۈك تەسىرى ۋە قۇياشنىڭ زىيادە ئىسسىقلىق تەسىرىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ . بارلىق جانلىق مەۋجۇداتلارغا زۈرۈر بولغان ئۇچۇقلۇقنى يېتەرلىك مىقداردا ساقلاپ تۇرىدۇ . تۇپراق يەنە بەزى نەرسىلەرنى پارچىلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش خىزمىتىگىمۇ قاتنىشىدۇ . مېنىرال تۇزلار تۇپراق جىنسىغا تەۋە بولۇپ، بۇلار ئادەم بەدىنىدە  سەۋداغا ۋەكىل بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ .

    تۆت تادۇ (ئاناسۇر ئەربەئە)نىڭ  ئادەم بەدىنىدىكى تۆت خىلىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جەھەتتە ؛ ئوتنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ۋەكىلى سەپرا ، ھاۋانىڭ ۋەكىلى قان ، سۇنىڭ ۋەكىلى بەلغەم ، تۇپراقنىڭ ۋەكىلى سەۋدا دەپ كۆرسىتىلىشى مۇنداق بولىدۇ : يەنى ئوتنىڭ نورمال خۇسۇسىيىتى قىزىتىش ۋە قۇرۇتۇش ، كەيپىياتى قۇرۇق ئىسسىق ، سەپرانىڭمۇ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ ئىككى ماددىنىڭ رولى بىر بىرىگە ئوخشايدۇ . شۇنىڭدەك ھاۋا بىلەن قاننىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە كەيپىياتىمۇ ئوخشاش بولغانلىقى ، سۇ بىلەن بەلغەمنىڭ ، تۇپراق بىلەن سەۋدانىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە كەيپىياتىمۇ ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن بەدەندىكى ۋەكىلى سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ . تۆت خىلىت بولسا ئۇزۇقلۇق ماددىلاردىن جىگەردە ھاسىل بولىدىغان مۇرەككەب سۇيۇقلۇق  ماددا . بۇ يەردىكى گەپ تۆت خىلىتنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە كەيپىياتى (ئېنىرگىيەسى) بىلەن تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ خۇسۇسىيەت ۋە كەيپىياتى ئوخشاش دەپ تونۇلغانلىقتىن خىلىتلەرنى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى سۈپىتىدە تەرىپلىشىدىندۇر.

    قەدىمقى ئەجدادلىرىمىز تەبىئەتنى كۆزىتىش ئارقىلىق تېپىپ چىققان بۇ تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى بارا-بارا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەممە مەۋجۇداتلارغا ، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ بارلىققا كېلىشى  ، ھاياتلىق پائالىيەتلىرى ، ساقلىق كېسەللىك ئەھۋاللىرىغا چەمبەرچەس باغلىغان (بۇنى ئالدىدا ئەسكەرتىپ ئۆتتۇق). شۇ سەبەبتىن بۇ توت چوڭ ماددا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئاساسىي نەزەرەيەسىنىڭ بىرىدۇر ۋە ئاساسىدۇر .

    ھەقىقەتەنمۇ تۆت چوڭ ماددا ئىنسانلار تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ، ئوت تەبىئەتنى قىزىتىش ، نۇر بېرىش ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرىدۇ، ئاشلىق ۋە دانلارنى پىشۇرىدۇ . بۇنى ئىنسانلار ئىستىمال قىلىدۇ ؛ ھاۋا بولسا پايدىلىق تەركىبى بىلەن كونا بۇخاراتلارنىڭ ئورنىغا يېڭى ھاۋا بېرىپ روھنى ئۇلغايتىدۇ ؛ سۇ بولسا ئىنسان تۈزۈلۈشىنىڭ ئاساسىي ماددىسى بولۇپ ، ئۇنىڭسىز  ئىنساننى قىياس قىلىش مۇمكىن ئەمەس ؛ تۇپراق بولسا ئىنسان پەيدا بولىدىغان ۋە قايتىلىنىدىغان تەبىقە بولۇپ ، ئۇنىڭدىن چىققان ئۇزۇقلۇقلار بىلەن ھايات داۋاملىشىدۇ .

    دېمەك ، تۆت چوڭ ماددا پۈتكۈل دۇنيانىڭ تۈزۈلۈشى ، جانلىق ۋە جانسىزلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىشىنى تەمىنلەپ تۇرغۇچى تۆۋرۈك ئامىل . ھەر بىر ماددا يەنە نۇرغۇنلىغان ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، سىكۇنت ئىچىدىكى خىلمۇخىللىقلار ئەنەشۇ ماددىلارنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى ، تەسىرلىرى نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدۇ . ئەگەر تەبىئەت دۇنياسىدا مۇشۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرەرى ئارتىپياكى كېمىيىپ كەتسە؛ مەسىلەن ئوت(ئىسسقلىق) مىقدارى ئارتىپ كەتتى  ياكى كېمىيىپ كەتتى دەيلى ئۇ چەغدا تەبىگت دۇنياسىدا ئاپەت يۈز بېرىدۇ ، يەنى مۇزلۇقلار ئېرىپ كېتىپ يەرشارىنى سۇ بېسىۋېلىشى ياكى قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ ئۇنىڭ ئاخىرى ئاچارچىلىق بىلەن تۈگەللىشى ياكى ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپ ئىسسىققا چىدىماي ئىنسانلارنىڭ ياشىشى مۈشكۈل بولۇش ، كېمىيىپ كەتسە نىمە ئىشلا يۈز بېرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئۈلەۈردۈڭلار ھەقىچان . شۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر چوڭ ماددىنىڭ ئەھۋالىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەرسە ، تەبىئەت دۇنياسىدا تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپلا قالماي ، بەلكى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تەپەككۇرى ، ھەتتا ساپاسىدىمۇ زور مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ . مانا بۇ تەبىئەت (كىلىمات) ئامىلىنىڭ ئادەمگە قانچىلىك زور دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى .

    غەزەل :  

                                        بۇ ئالەمگە نەزەر سالسام، ئەجەپ سىر ھېكمىتى كۆپتۇر،

    ئىچىنى قىلغۇچى تەشكىل، ئاناسۇر ماددىسى تۆتتۇر.

    سوئاللار بەھرىدە بىرسى ، قەنائەت ئىلكىدە بىرسى،

    سۈيى كۆيگەننى ئۆچۈرسە ، بىرى كۆيدۈرگۈچى ئوتتۇر.

    ئىدارە بولغۇسى شۇنداق ، بىرىنى چەكلەبان بىرسى،

    بىرى چىقسا ئىتائەتتىن ، بۇ يەر ئۈزرە قىيامەتتۇر.

     

    شۇنىڭ بىلەن تۆت تادۇ ھەققىدىكى سۆزىمىز تامام بولدى ، تۆت خىلىت ھەققىدىكى يازمىمىز  داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

    پايدىغانغان ماتىرىياللار :

    ئەلقانۇن فىتتىب

    ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيەلىرى

    ئۇيغۇر تېبابىتى قىسقىچە پسىىولوگىيەسى

    ھاياتلىق دەستۇرى

    جۇڭگو ئەنئەنىۋى پەلسەپىسىدىكى بەش ئاناسىر ئۇقۇمى

    ماتىرىياللىرىم.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": سەۋدا
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!