www.4tadu.com
  • سەۋدا خىلىتى ۋە سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەر ھەققىدە - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/72168505.html

    سەۋدا  خىلىتى ۋە سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەر ھەققىدە

    سەۋدا خىلىتى ھەققىدىكى بايانىمىز سەل ئۇزىراپ كېتىدۇ ، چۈنكى بۇ خىلىت ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بار . لېكىن ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدە مەۋجۇدلۇقى ئېنىق . بۇنى ئىبنى سىنا ، ئەررازى(بەلكىم مۇھەممەد زەكەرىيا رازى بولسا كېرەك) ئەبۇ سەھىل مۇسھى ، ھەكىم گىلانىخان ۋە روسىيە فىزىلوگى پاۋلوف قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەممىسى سەۋدا خىلىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.ئەمدى سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەرگە كەلسەك كۆپ قىسىم تېببىي كىتابلاردا سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەر قۇرقۇنچاق ۋە خىيالپەرەس ، ئەقلى ۋە پىكىر قىلىشى تۆۋەنرەك ، قايغۇلۇق پىكىرلەرگە ۋە روھىي ئازاپ چېكىشكە مايىل دەپ قارىلىدۇ ، ئەمما بىزنىڭ قارىشىمىز بۇنىڭدىن سەل پەرقلىق. يەنى بۇ ھەقتە مەرھۇم ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ داموللامنىڭ كۆز قارىشىنى ياقلايمىز .

    بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ خۇلقى : ئاچچىقى يامانراق ۋە تولىراق يالغۇز يۈرىدۇ.

    تەپەككۇرى : كېيىنرەك بولسىمۇ ، لېكىن كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىككە ئىگە ھەم سېستىمىلىق بولۇپ مەلۇم شەيئىلەرنىڭ مۇھىم مەنىسىنى ۋە سىرتنىڭ ئىنكاسىنى ئۇزۇنغىچە ئېسىدە ساقلىيالايدۇ، قابىلىيىتى ئالاھىدە بولىدۇ .

    تېرىسى قۇرغاق ، ئەۋرىشىملىكى تۆۋەنرەك بولىدۇ .

    قىياپىتى : مۇسكۇللىرى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان ، كۆرۈنۈشتە ھەر جەھەتتىن ئاجىز ، ئىقتىدارسىز كۆرۈنىدۇ . بەزىلىرى ئاقۇچ ، بەزىلىرى قارامتۇل كېلىدۇ . تەقى- تۇرقى ھەيۋەتلىك ئەمەس . بۇ سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ ئىككى ياقلىمىلىق ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك .

    سۆز ئالاھىدىلىكى : سۆزلىرى ئۇرغۇلۇق ، تەمكىن بولۇپ ، ئۆزى تۇنۇشمايدىغان ۋە تۇلۇق ئىشەنمىگەن كىشى ئالدىدا ئالدىراپ ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ ، ئېھتىياتچان كېلىدۇ ، ئايرىملىرىنىڭ سۆزىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ . پەس ئاۋازدا سۆزلەشنى ۋە ئىمكانقەدەر مەخپىي تۇتۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    تىلى ئۈستىدە قارامتۇل گەز بار .

    ئېغىز تەمى قاڭسىقراق .

    ئۇيقۇسى بالدۇر كېلىپ ، سەھەر ئويغىنىپ كېتىدۇ ياكى تۈنەپ چىقىدۇ.

    يېمەك – ئىچمىكى جەھەتتە : پارچە- پۇرات نەرسىلەرنى يېيىشكە ئامراق ، بېراق كۆپ تاماق يېيەلمەيدۇ. ئاز ۋە كۈچلۈك يېيىشنى تەكىتلەيدۇ ، مېۋە-چىۋىلەرنى قۇشۇپ يېيىشكە ۋە ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ئامراق ، ئېسىل جايلاردا غىزالىنىشنى ئىستەيدۇ.

    خەتنى ئۇششاق ، لېكىن تەكشى يازىدۇ.

    يول ماڭغاندا بىر نەرسىنى ئويلاپ ماڭىدۇ ، ئادەم ۋە نەرسىلەرگە سوقۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن.

    خۇشاللىق ۋە قايغۇسىنى ئىچىگىلا يۇتۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ،سىرتقا بىلدۈرمەيدۇ. كىشىلەرگە دەرت ئېيتىشنى خاھلىمايدۇ ۋە باشقىلارغا دەماللىققا كۆيۈنۈپ كېتەلمەيدۇ. ئەمما كۆڭلىنى بەك ئايايدۇ.

    مۇستەقىللىقى كۈچلۈك ، باشقۇرۇلۇشنى ياخشى كۆرمەيدۇ ، كۈچلۈك ئارزۇ – ئارمىنى ۋە غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلمايدۇ . ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بارىدۇ ، كىشىلەرگە سەمىمىي ، راستچىل بولىدۇ ھىيلىگەرلىك ۋە توزاق قۇرۇشتىن خالىي بولىدۇ .سىر ساقلايدۇ.

    تۇرمۇش ئادىتى : يالغۇز ئۆتۈشنى خاھلايدۇ . تۇرمۇش ئۈستىدە كۆپ ئويلانمايدۇ ، پىداكارلىق ئېڭى كۈچلۈك ، تۇرمۇشتا كۆيۈمچان ، ئەتراپلىق بولۇپ ، ھەر قانداق ئىشنى پۇختا قىلىدۇ ، ھاۋايى – ھەۋەس ، ئىشقى – مۇھەببەتكە بېرىلمەيدۇ . تارتىنچاقلىق ، خىجىلچانلىق ، پاسسىپلىق ۋە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ھېسسىياتى سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ ياكى يامان تەرەپكە باشلايدۇ . ھەتتا زىيادە ئەقلىنى يامان ئىشلارغا ئىشلىتىدۇ . سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەر تولاراق روھىي ، نېرۋا كېسەللىكلىرىگە چاچ – ئۇستىخان ۋە قىسمەنلىرى ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە مايىل كېلىدۇ.

    ھاراق – تاماكا قاتتىق زىيان قىلىدۇ . شورپا ،قىيمىلىق تاماق ۋە پولو  قاتارلىقلار جۈملىدىن ھكل ئىسسىق تاماقلار پايدا قىلىدۇ .

    ئىللىتى  : مۇناسىۋەت ۋە شەكلىي ئىشلارغا ئەھمىيەتسىز قاراپ زىيان تارتىدۇ ، جىسمانىي جاپاغا چىدىمايدۇ (بۇ قىسمەن )

    كەسپ ئالاھىدىلىك : يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەر جۈملىدىن ئېلىكترون ، پىلان ۋە ھەربىي ئىشلارغا مايىل كېلىدۇ ، سەنئەتكىمۇ قىزىقىدۇ ، ئىككى خىل خارەكتىرى كۈچلۈك كەسپلەرنى تەڭ ئېلىپ ماڭالايدۇ ، خىلىت ۋە ھاياتلىق شۇنداقلا پەلسەپىۋى ماقالە – كىتابلارنى يازالايدۇ .

    بىز ئاخىرىدا سەۋدا خىلىتىگە يانداپ قۇرۇق سۇغۇق مىزاج(ئىككىسى ئاساسەن ئوخشاش) كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى بەشىنچى خىل مىزاج تەسەۋۋۇرىنى يازىمىز.بۇ قاراشنى مەرھۇم ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ داموللام ئوتتۇرىغا قويغان : بۇ خىل كىشىلەرنىڭ تەقى – تۇرقى قۇرۇق سۇغۇق مىزاقدىكىلەرگە ئوخشايدۇ ، تەسەۋۋۇرى ، ئەقلى قۇۋۋىتى ۋە ۋەزىيەتنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ ، كۆزى نۇرلۇق ۋە روھىي قىياپىتى جىددىي . ئۆزى قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغان ئەمما ئۆزى مەقسەت قىلغان ھەممە ئىشنى ئۆزىنى مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىپ ، شۇنى قىلىشقا ئۆمۈر بويى تىرىشىدۇ ،پەۋقۇلئاددە ئىرادىلىك كېلىدۇ .بۇ كىشىلەر ئۆزى بىلەن زامانداش ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە مەپتۇن قىلىش كۈچى بىلەن ئۆزىگە جەلپ قىلالايدىكەن . بەزىلىرى زامانداشلىرى تەرىپىدىن بىر ئۆمۈر چۈشىنىلمەي ، كېيىكى زاماندا ئۇلۇغلىنىدىكەن ياكى نەپرەتلىنىدىكەن . مەرھۇمنىڭ ئېيتقانلىرى مۇشۇ يەردە تۈگىدى .  پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار :

    ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى (1983-يىل نەشرى)

    قىسقىچە ئۇيغۇر تېبابىتى پسىخولوگىيەسى

    ھاياتلىق دەستۇرى

    ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى مىزاجغا قاراپ ئۇزۇقلىنىش ئەنئەنىسى .

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":

    评论

  • مۇشۇ بلوگنىڭ ئۇسلۇبى ھەققىدە باشقىچىرەك پىلانىڭىز بارمۇ؟ قارىسام رەسىم بەك جىقكەن بۇنىڭدا، ئېچىلىش سۈرئىتى ئاستىكەن.
    كۆكيال回复سەھرا说:
    شۇنداق ، دۇنيا قارا ئەپەندىم بىر ئۇسلۇپ ياساپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ .
    2010-08-10 18:51:14
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!