www.4tadu.com
  • خىلىت ۋە بەدەننىڭ ماددىي تۈزۈلۈشى - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/72814280.html

    خىلىت ۋە بەدەننىڭ ماددىي تۈزۈلۈشى

     

    تۆت خىل خىلىتنىڭ ھەقىقىي مىقدارى توغرىسىدا ھازىرچە ئېنىق مەلۇمات يوق . بۇنداق بولۇشىدا تىرىك تەندىكى چەكسىز ئۆزگىرىشلەرنى ئېنىقلايدىغان ، بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم ۋە مۇشۇ تەپەككۇرغا ماسلىشالايدىغان ئەسۋابلار تەتقىقاتى ناھايىتى ئاستا بولماقتا . نۆۋەتتە ، تۆت خىلىتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ۋە قانچىلىك تەسىرى بارلىقىنى پەقەت ئۇنىڭ بەدەندىكى ئەمەلىي ئىپادىلىرىگە ۋە قەدىمىي ئەسەرلەردىكى خىلىتلارنىڭ تەمى ، رەڭگى ۋە خۇسۇسىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلىنماقتا . ئەمەلىيەتتىمۇ مۇشۇ تەپەككۇر بىلەن كىشىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئىللەتلىرىنى بايقىغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ . شۇڭا ، ئۇيغۇر تېبابىتى ھازىرغىچە تېخى ئابستراكىت (يەنى ماتىماتىكىلاشمىغان) بولسىمۇ ، لېكىن تېبابەتتە نەق (بۇ سۆزنىڭ توغرىسى نەقد ئىكەن ، بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق يېزىلىدۇ ) ، ئەمەلىي ئالامەتلەرگە ۋە تەبىئەت پەلسەپىسىگە ئاساسلىنىپ كېسەللىكلەر داۋالىنىدىغان بولغاچقا ، ئۇنىڭ جەلپكارلىقى ساقلىنىپ ۋە ئېشىپ بارماقتا . يېقىنقى يىللاردىن بېرى بەزى تەتقىقاتچىلار قەدىمقى تېبابەت ئەسەرلىرىدىكى بېشارەت ۋە ئالامەتلەرگە ئاساسلىنىپ ، خىلىتلارنىڭ بەدەندىكى نىسبىتىنى مۆلچەرلەپ ماقالە ئېلان قىلدى ، بۇ ياخشى باشلىنىش . نۆۋەتتە ئەڭ ئىشەنچلىك ئىسپات شۇكى ؛ بىرىنچىدىن ، خىلىت بەدەندە چۇقۇم بار ، ئۇ ئۆزلۈكسىز ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ . ئىككىنچىدىن ، قەدىمىي كىتابلاردا بۇ ھەقتە ئېنىق تەبىر ۋە بىشارەتلەر بار . بۇ تەبىرلەرنىڭ ئاساىي  روھى  مۇنداق ؛ سەپرا خىلىتى سارغۇچ ، ئاچچىق ، ئۆتكۈر بولغان قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك سۇيۇقلۇق ؛ قان خىلىتى ئۇچۇق قىزىل ، تەمى تاتلىقراق بولغان ، ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك سۇيۇقلۇق ؛ بەلغەم خىلىتى تۇخۇم ئېقىسىمان ، ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك سۇيۇقلۇق ؛ سەۋدا خىلىتى بىر خىل قۇيۇقراق ، ، قارامتۇل رەڭدىكى قاڭسىق ۋە چۈچۈمەل تەملىك ، قۇرۇق سۇغۇق تەبىئەتلىك سۇيۇقلۇق ؛ خىلىتلار ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ساقلىنىدىغان ئورۇن جەھەتتىن قان جىگەر ۋە يۈرەكتە ، سەپرا جىگەر ۋە ئۆتتە ، بەلغەم ئۆپكە ۋە پۈتۈن بوشلۇق ئارىلىقىدا ، سەۋدا تال ۋە قاتتىق ئەزالاردا بولىدۇ . ھەر بىر خىلىتنىڭ ئۆزىگە لايىق ئارتۇقچىلىقى ۋە زۆرۈرىيىتى بار . گەرچە خىلىتلار مىقدار جەھەتتىن ئوخشاش بولمىسىمۇ ، لېكىن بۇلارنىڭ نىسبەتەن ساغلام ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ئەمەلىي رولى بىر – بىرىدىن قېلىشمايدۇ.

    ئامرىكا ‹‹ئىلىم – پەن دۇنياسى ›› ژۇرنىلىنىڭ 1999-يىللىق بىرىنچى سانىدا ئېلان قىلىنغان

    Chemical Composition Human Body

    (ئىنسان بەدىنىنىڭ خېمىيەلىك تەركىبى) دېگەن ماقالىدە ، مولىكۇلا ۋە ئاتوم نۇقتىسىدىن ئىنسان بەدىنىنىڭ خېمىيىلىك تەركىبى ئېنىق كۆرسىتىلگەن . ماقالىدە ئېيتىلىشىچە ، مولىكۇلا نوقتىسىدىن ئېيتقاندا 70 كلوگراملىق بىر ئەر كىشىنى ئۆلچىگەندە بەدىنىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم تەركىبىنىڭ سۇ ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان . تەقلىدىي تەجرىبە ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى ، بۇ ئەر كىشى سۇسىزلاندۇرۇلغاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى 25 كلوگرامغا چۈشۈپ قالغان ، بۇنىڭ ئىچىدە كاربون – سۇ بىرىكمىلىرى ئۈچ كىلوگرام ، ماي بىرىكمىلىرى يەتتە كلوگرام ، ئاقسىل 12كلوگرام ، مېنىرال تۇز ئۈچ كلوگرامنى ئىگەللىگەن . ئېلىمىنىت ئاتوم نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا پەقەت كاربون ، ئوكسىگىن ، ھېدروگىن ۋە ئازوتتىن ئىبارەت تۆت خىل ئېلمىنىتلار بەدەندىكى ماددىلارنىڭ %96 ىنى يەنى ئوكسىگىن 45.5 كلوگرام ، كاربون  12.6 كلوگرام ، ھىدروگىن يەتتە كلوگرام ، ئازوت 2.1 كلوگرامنى ئىگىلەيدىكەن . قالغان 30 خىلغا يېقىن ئېلمىنىت ئاران %4 ىنى تەشكىل قىلىدىكەن . بۇلار ئىچىدە كالتسىي 1.5 كلوگرام ، فوسفور 860 گرام ، گۈڭگۈرت 300گرام ، كالىي 210 گرام ، ناترىي 100گرام ، خلور 70 گرام بولۇپ ، كۆپ تېپىلىدىغانلىرى ئىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا مىكرو مىقداردا خروم ، تۆمۈر ، ئالتۇن ، مىس ، سىنىك ، فتور ، يود ، مانگان ، مولىبدېن ، ماگنىي ، سېلېن ، ۋانادىي ، نېكىل ، ئاليۇمىن، كۆمۈش ، قۇغۇشۇن ، تىتان ، بروم ، بور ، ئارسېن ، سىلىتسىي قاتارلىقلارمۇ مەۋجۇد ئىكەن . خېمىيە ئالىملىرىنىڭ يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلىرى گەرچە ئىلمىي تەجرىبە ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، ئۇلار ئاساسلانغان تەپەككۇر ۋە سايمانلار پەقەت ئۆزىنىڭ نەزەرىيىسىنى ئىسپاتلاشنى مەقسەد قىلىدۇ . بۇ بىردىنبىر تەپەككۇر ئۇسۇلىمۇ ئەمەس ، ئەلۋەتتە . لېكىن ، بۇ بىزگە نىسبەتەن بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتى ھەققىدىكى تەپەككۇرىمىزنى  بېيىتىش ۋە مۇناسىپ سايمانلارنى تەۋسىيە قىلىش  جەھەتلەردە ئېلھام بېرىش رولىنى ئۆتەيدۇ . مەرھۇم تېبابەت ئۇستازى ، بۈيۈك ئەللامە ئابدۇلھەمىد يۈسۈفى دائىم بىزگە ‹‹ تۆت چوڭ ماددا ۋە تۆت چوڭ خىلىت دۇنيادىكى جانلىق ياكى جانسىز شەيئىلەرنى تۈزگۈچى ئامىل بولسىمۇ ، ئەينى دەۋردىكى تارىخىي شارائىت تۈپەيلىدىن تېخى ئىنچىكە بۆلەكلەرگە بۆلۈش تەتقىقاتى ئانچە  ئىلگىرى  سۈرۈلمىگەن . ئەمەلىيەتتە ، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان 109 خىل ئېلمىنىت دەل مۇشۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئىچىدە بار . خىلىتلار تەركىبىدىمۇ نۇرغۇن ئورگانىك ۋە ئانورگانىك ئېلمېنېتلار بار . بۇلارنى خىلىتلارنىڭ مىقدارى ، شەكىل ، خۇسۇسىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈشكە ۋە ئېنىقلاشقا بولىدۇ ›› دەپ تەلىم بېرەتتى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ياش تەتقىقاتچىلىرىمىز خىلىتلارنىڭ نورمال ۋە غەيرىي نورمال خېمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق قىممىتى ھەمدە ئۇلارنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن  بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلماقتا . يېقىن كەلگۈسىدە خىلىتلارنىڭ مىقدارى ۋە سۈپەت كۆرسەتكۈچىلىرى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئۇرۇندىلىپ ، داۋالاش قىيىن بولۇۋاتقان كېسەللىكلەرنىڭ ھەل قىلىنىش چارىسى تېپىلىپ قېلىشى مۇمكىن .

    خىلىتلار بەدەننى تۈزگۈچى ماددىي ئامىل بولۇش سۈپىتى بىلەن بئولوگىيەلىك تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە . شۇڭا تېبابەتنى تەتقىق قىلىشنىڭ ، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ، خىلىتلارنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسىي تەپەككۇرى يەنىلا ئۇيغۇر تېبابىتى بئولوگىيە نەزەرىيەسى بولۇشى ، قالغان پەن ۋە تېبابەتلەرنىڭ نەزەرىيەلىرى ، ئېقىملىرى ياكى كۆرسەتكۈچ قىممەتلىرى پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى ئورنىدا بولۇشى لازىم . شۇنداق بولغاندىلا ئۇيغۇر  تېبابىتى داۋالاش ساھەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش مۇمكىن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خىلىتتىن كېلىپ چىققان ھەر خىل پسىخولوگىيەلىك ساقلىق ۋە كېسەللىك  ھالەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا يەنىلا ئۇيغۇر تېبابىتى پسىخولوگىيەسىنى ئاساسىي تەپەككۇر ئەندىزىسى  قىلىش  لازىم . بۇ ماددىي داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ، ئۇمۇمىي ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنى كۆتۈرۈشكە ناھايىتى پايدىلىق .

    مەنبە:

    قىسقىچە ئۇيغۇر تېبابىتى پسىخولوگىيەسى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!