www.4tadu.com
  • ئامرىكىدا بىر ئوقۇتقۇچى - [ئارىلاشما تېمىلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329538.html

    چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 9 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھىندىستانلىق بىر ئايال خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا بوشانغان ھەمدە تۇغۇلغان بالىسىنى تەرەت قاچىسىغا تاشلاپ ، سۇ قۇيۇپ بېرىپ ئېقىتىۋەتمەكچى بولغاندا ، ئايروپىلان خادىملىرى ۋاقتىدا بايقاپ بالىنى قۇتقۇزۇۋالغان . بۇ ئايال بوۋاقلارنى تاشلىۋېتىش جىنايىتى بىلەن قانۇنىي جازاغا تارتىلىشى مۇمكىن ئىكەن .

    يېقىندا جىڭجۇ جۇڭگو ياشلار ساياھەت شىركىتى تەشكىللىگەن شياڭگاڭدا ساياھەت قىلىش پائالىيىتىدە تۆت ساياھەتچى شياڭگاڭدا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشنى رەت قىلغانلىقتىن ، ساياھەت كوپىراتىپى ئۇلارنى شياڭگاڭغا تاشلىۋېتىپ قايتىپ كەلگەن .

    ‹‹كۈندىلىك تېلىگراف خەۋەرلىرى گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامرىكىدا بىر ئوقۇتقۇچى ئۆيىدە ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىن ، ئۇنى ھېچكىم بايقىمىغان . جەسەت 16 مۈشۈك تەرىپىدىن خام تالاش قىلىنغان . ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بولمىغاچقا سۇسىزلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن .

    گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇجياڭ شەھىرىدىكى  بىر دوختۇرخانىدا تۇغۇلغىنىغا بىر ھەپتە بولمىغان بوۋاق 79 سائەت ئىچىدە 189 تۈرلۈك تەكشۈرۈلگەن . تەكشۈرۈش تۈرلىرىدىكى ئەيدىز كېسىلى  ، دېئابىت كېسىلى قاتارلىق تەكشۈرۈشلەرگە 6000 يۈئەنگە يېقىن پۇل كەتكەن .

    2010- يىللىق گۇاڭدۇڭ-تەيۋەن ئىقتىساد - تېخنىكا سودا يەرمەنكىسى 12 - ىيۇل ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا ، 2010 - يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاشلىق ئۇمۇمىي مەھسۇلى 123مىليۇن 100مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ ، بۇلتۇرقىدىن 380مىڭ توننا 800كلوگرام كېمەيگەن

     

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":

    评论

  • يېڭى قۇرغان بلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
    كۆكيال回复dunyakara说:
    رەھمەت ، سىز ۋە سىزگە ئوخشىغان بلوگگىرلارنىڭ ياردىمى بىلەن مۇشۇ ھالغا كەلدى .
    2010-07-15 15:22:31
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!