www.4tadu.com
  • بەدەننى سەمرىتكۈچى بىر نەچچە رېتسىپ - [رېتسىپ خالتىسى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69348123.html

    بەدەننى سەمرىتكۈچى بىر نەچچە رېتسىپ

    ئورۇق بەدەننى سەمرىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە پىششىق تاماقلارنى يېيىش ، تاماق بىرىنچى ھەزىمدىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇنچىغا چۈشۈش ۋە مۇنچىدىن چىققاندىن كېيىمۇ مۇۋاپىق تاماق يېيىش،يەڭگىل تەنھەرىكەت قىلىش ، مۇمكىن بولسا سۇ ۋە ھاۋانى ئالماشتۇرۇش كېرەك. پىششىق دورىلاردىن :

    مەجۈنى مۇسەممىن(1)

    بادام مېغىزى 21گرام

    پىندۇق مېغىزى 24 گرام

    ھەببەتۇلخۇززا 21گرام

    پىستە مېغىزى24گرام

    كەندىر ئۇرۇقى 27 گرام

    سەنۇبەر ئۇرۇقى24گرام

    يۇقارقى تەركىبتىكى دورىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى ئالىي ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ياڭاق چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ ياساپ كۈندە 5-10 دانىگىچە يەيدۇ ۋە ئارقىدىن خۇشپۇراق شەربەت ئىچىدۇ.

    بۇ دورا بەدەننى سەمرىتىدۇ ، رەڭگى- روھىنى چىرايلىق قىلىدۇ ، جىنسىي ئالاقە كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.(شەيخ)

    جاۋارىش مۇسەممىن (2)

    يۇمىلاق زىراۋەندە 6گرام، قىزىل بەھمەن 5گرام ، ھەببەتۇلخۇززا 5گرام، قزىل تۇدرى 12 گرام، سېرىق تۇدرى10 گرام،ياۋا كەندىر ئۇرۇقى 3 گرام، سىيادان 10گرام، پىستە مېغىزى 8گرام، سۈتكە چىلاپ قۇرۇتۇپ پوستى سۇيۇلغان نۇقۇت 15گرام، تاتلىق بادام مېغىزى 15گرام ، ئاقلانغان قارا كۈنجۈت 7گرام ، ھۆلبە 101 گرام. ھەسەل 300گرام .

    مېغىز دورىلار ئايرىم سوقۇلىدۇ ، ھۆلبىنى كالا يېغىدا سارغايتىپ مېغىز ۋە باشقا دورىلارنىمۇ كالا يېغىدا ياغلاپ ، ھەسەلنى بېاسىتە ئوتتا قويماسلىق شەرتى بىلەن قىزىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىپ تاشلاپ ئاندىن ھۆلبە ۋە باشقا دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ .

    بۇ دورا بەدەننى سەمرىتىشتە ئوبدان ئۈنۈم بېرىدۇ . 280گرام كالا سۈتى بىلەن 20 گرامدىن كۈندە ئۈچ ۋاخ ئىستىمال قىلىدۇ.

    (3)

    سۆئلەپ چىنى 30 گرام، خەشخەش ئۇرۇقى (ئاق) ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى، ، تاتلىق بادام مېغىزى ، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى ، مانتا كاۋا ئۇرۇقى مېغىزى، سىرتقى پوستى ئاقلانغان ياڭاق مېغىزى 15 گرامدىن، ئىككى خىل تۇدرى ، ئىككى خىل بەھمەن ھەر بىرلىرى10 گرامدىن ، ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ 380گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن قىلىپ ئىككى قوشۇقتىن كۈندە ئۈچ ۋاخ ئىستىمال قىلىپ بېرىلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئورۇقلاشتىن كېلىپ چىققان پەۋقۇلئاددە ئۇرۇقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

    (4) ھالۋايى سەۋزە

    ياخشى پىشقان ، سۇلۇق قىزىل سەۋزىدىن ئىككى كىلوگرام كالا سۈتىدىن سەككىز لېتىر، نۇقۇت ئۇنى ۋە بۇغداي ئۇنىدىن 100گرامدىن ، تۇخۇم سېرىقى20دانە ، پىندۇق مېغىزى ، تاتلىق بادام مېغىزى ، پىستە مېغىزى ، چىلخوزا مېغىزى ، نارجىل مېغىزلىرىدىن 51گرامدىن، سۆئلەپ مىسرى ، خورما مېغىزى ، دارچىن ، زەنجىۋىل ، خولىنجان 21گرامدىن ، كالا يېغى 50گرام، ھەسەل 500گرام ، كاللەك قەنت 1كىلوگرام ، زەپەر ۋە ئالىي ئىپار 4.5 گرامدىن . (ھاياتلىق دەستۇرى)

    يۇقارقى رېتسىپ تەركىبىدىكى دورىلاردىن قائىدە بويىچە مەجۈن ياساپ ئەتىگەندە ئۈچ قۇشۇقنى 280گرام كالا سۈتى بىلەن ئىستىمال قىلىدۇ . بۇ دورا بۆرەك ئۇرۇقلاشتىن پەيدا بولغان جىنسىي ئاجىزلىق ، مەنىي ئازلىق ، بەل ئاغرىقلىرىنى داۋالايدۇ .

    * نىشاستىدىن 10 گرامنى  شۇنچىلىك مىقداردىكى شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ياتار ۋاقتىدا كاپ ئىتىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرسا بۆرەك ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى سەمرىتىدۇ.

    * ئاق كۈنجۈتتىن 200گرامنى يۇمشاق يەنجىپ ، ئۈستىگە يېڭى سېغىلغان سۈتتىن 45 گرام قۇيۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا بۇغداي ئۇنى قۇشۇپ ياخشى ئارىلاشتۇرىلىدۇ ۋە بۇنى كىچىك نان ھالىتىدە تەييارلاپ تۇنۇردا پىشۇرۇلىدۇ ۋە كۈندە شۇ ناندىن ئىككىسىنى يەپ بېرىدۇ (ئەل-كېندى)

     

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!