www.4tadu.com
  • بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش - [بۆرەك-دوۋساق كېسەللىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/73089851.html

    بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش

    بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ جىددىي خارەكتىرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش دەپ بىر تۈرى بولۇپ ئۇنى ئايرىم يازمىدا سۆزلەپ ئۆتىمىز .

    تۇنۇش : بۆرەك ئاجىزلاش ياكى بۆرەك زەئىپلىشىش ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر بۆرەك ياكى ھەر ئىككى بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش ياكى چىقىرىش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كۆرسىتىدۇ .

    بۆرەك زەئىپلىشىش يەڭگىل ياكى ئېغىر بولۇشى مۇمكىن . بۆرەك كېسەللىكلىرى ، مېڭە كىسەللىكلىرى بىمارلارنىڭ ھاياتىغا دەرھال خەتەر يەتكۈزىدۇ .شۇڭا بۆرەك زەئىپلىشىش دېگەندە ، بۇ يەردە بۆرەك خىزمىتىنىڭ يەڭگىل دەخلىگە ئۇچراشلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ . بۇ خىل بۆرەك زەئىپلىشىش ئۇزاق داۋام قىلسا ئوخشاشلا بۆرەك ئىچكى قىسمىنى بۇزۇپ ، سۈيدۈك تۇتۇلۇش ، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش ھەتتا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ .

    سەۋەبى : بۆرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىق ياكى سۇغۇقتىن بۇزۇلۇشى ئۇزاق داۋاملىشىش ، بۆرەك ئورۇقلاش ،بۆرەك ئىچكى نەيچىلىرى بوشاپ كېتىش، جىمائ(جىنسىي ئالاقە)نى كۆپ قىلىش ، ھەر خىل بۆرەك كېسەللىكلىرىنى تۇلۇق داۋالاپ ساقايتماسلىق بۆرەك كىچىك ۋەردلىرى قېتىشىش ، بۆرەك سىلى ۋە باشقا يۇقۇملىنىشلارنىڭ قالدۇرغان ئاسارەتلىرى سەۋەبىدىن بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش خىزمىتى ئاجىزلىشىدۇ . بۇنىڭ سىرتىدا ئۆسمە ، سۈيدۈك يوللىرى تارىيىپ قېلىش ، مەزى بېزىنىڭ زورىيىپ سۈيدۈكنىڭ چىقىرىلىشى دەخلىگە ئۇچراشلارمۇ بارا – بارا بۆرەكنى زەئىفلەشتۈرىدۇ.

    ئاقسىللىق تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملىنىش ، سۇسىزلىنىش، كۆپ قان كېتىش ، سەدەمە ھادىسىلىرى بۆرەك زەئىپلىكىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ . سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىش ، داۋاملىق ئات – ئۇلاققا مىنىش قاتارلىقلار بۆرەك زەئىپلىشىشنى تىزلىۋېتىدۇ. پىيادە يول يۈرۈش ، ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ سۇ ئىچىش، تولا ئولتۇرۇپ قوپۇش، تولا مۇشەققەت چېكىش ، قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ قوپال ، قاتتىق سىلكىشى بىلەن زەھەرلىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

    ئالامەتلىرى: بۆرەك ئىسسىقتىن بۇزۇلغان بولسا سۈيدۈك رەڭلىك كېلىدۇ . تۇمۇرى ئىتتىك سوقۇپ ، بەك ئۇسسايدۇ . بۆرەك ئۇدۇلى قىزىق بىلىنىدۇ . سۈيدۈك ياغلىق كېلىدۇ . بۆرەك خىزمىتى سۇغۇقتىن بۇزۇلغان بولسا سۈيدۈك رەڭسىز كېلىدۇ ، تۇمۇرى ئاستا سوقىدۇ ، ئانچە ئۇسسىمايدۇ . بۆرەك ئۇدۇلى سۇغۇق بىلىنشتە سوغۇقلۇق غالىبلىقنىڭ بەلگىلىرى كۆرۈلىدۇ ، بەك ئاغرىيدۇ . بولۇپمۇ ئېگىلگەندە ۋە رۇسلانغاندا ، يانغا قايرىلغاندا بەكرەك ئاغرىيدۇ. جىنسىي قۇۋۋەت ئاجىزلايدۇ . ئازىيىدۇ. سۈيدۈكنىڭ تەقەززاسى ئازراق بولىدۇ . سۈيدۈكى گۆش يۇغان سۇدەك كېلىدۇ . بىر ئاز  تۇرغۇزۇلسا ئۈستىدە كۆپۈكسىمان لەيلىمە پەيدا بولىدۇ ، چىرايى بارغانسىرى تاتىرىپ ، قارىيىدۇ ، ئورۇقلايدۇ . ئۇزۇقلىنىشى ناچارلىشىدۇ ۋە تېرىسى  بارغانسىرى قىچىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    ئەسەبىي روھى ئالامەتلەردىن ماغدۇرسىزلىق ۋە باش ئاغرىش ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئەستە تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش قاتارلىقلار بارغانسىرى ئېغىرلاپ بارىدۇ. ۋاقتىدا توغرا تۇنۇپ داۋالانمىسا  بىمار سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

    داۋالاش: دەسلەپتە بۇزۇلغان مىزاجنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قارىتا مىجەز تەڭشىلىدۇ . ئەگەر ماددىدىن سادىر بولغان بولسا، شۇ ماددىغا  قارىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ  . بەدەندىن ماددا تازىلانغان بولۇپ بۆرەكنىڭ ئۆزىدە ئازراق قېپقالغان بولۇش ئېھتىماللىقى بولسا سۈيدۈك ھەيدىگۈچى  دورىلارنى بېرىش كېرەك . يەنە سۈرگۈ دورىسى بېرىش كىرەك . سۈرگۈ ئۈچۈن خىياشەنبەر 40 گرام ، گۈلبىنەپشە سەككىز گرام ، يانتاقشىكىرى 80 گرام سانادىن 30 گرام ئېلىپ بۇلارنى ئۇچ چىنە سۇغا ئىككى سائەت چىلاپ ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ ئىچىلىدۇ . ئىچىش مىقدارى 50 گرامدىن ، ئەتىگەن كەچتە ئىچىلىدۇ.

    بەدەن تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن خۇنسىياۋشان ، ئانار گۈلى ، گىل ئەرمىنى ، لەھىيەتۇتىس ، ئەرەب يىلىمى قاتارلىق تۇتقۇچى دورىلارنى پاقىيۇپۇرمىقىنىڭ سۈيى بىلەن ئىچۈرۈلىدۇ.

    ئەگەر بۆرەك ئاجىزلىقى سوغۇقلۇقتىن بولغان بولسا .ىسسىقىلىق دورىلارنى بېرىش كېرەك .

    مۇرەككەب دورىلاردىن مېغىزلار يۇغۇرۇلمىسى (يەنى مەئجۇنى لوبوب) ناھايىتى ياخشى تەسىرگە ئىگە .

    بۆرەكنى ھەددىدىن زىيادە قىزىتىش بۆرەك ئاجىزلىقىنى  كۈچەيتىپ قويىدۇ ، شۇڭا نورمال ئىسسىتىشنى كۆزدە تۇتۇش لازىم . ئارتۇق قىزىقلىق بۆرەك يوللىرىنى كېڭەيتىپ قويىدۇ ، قاننى تارقىتىۋېتىدۇ .

    بۇ ئىككىلىسى بۆرەكنىڭ ئاجىزلاشتۇرىدۇ .

    ئەگەر بۆرەكنىڭ ئاجىزلىشىشى  بۆرەك يوللىرىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىكى گۆشلەرنىڭ بوشاشقانلىقىدىن بولغان بولسا ، ئالدى بىلەن كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبنى يوقىتىش ، ئۇنىڭدىن كېيىن بكرەك قان تۇمۇرلىرىنى ۋە ئەگرى نەيچىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى دورىلارنى بېرىش شۇنداقلا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ۋە چىڭىتىش ئۈچۈن ئۇزۇقلۇقلارنى مۇچاپىق قىلىپ تەڭشەش كېرەك.

    بۇنىڭ ئۈچۈن :

    بىرىنچى : ھەر كۈنى ئەتىگەن100 گرام قوي سۈتىگە 10 گرام سۆئلەپ مىسرى ، 10 گرام گىلى ئەرمىنى ، 10 گرام شاقاقۇل ، 10 گرام سەۋزە ئۇرۇقى ۋە 10 گرام لاچىندانە ھەممىسىنى يۇمشاق تالقانلاپ 10 گرامدىن ئىككى قېتىم ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

    ئىككىنچى : چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقىدىن ئۈچ دانە ، ئىككى خىل تۇدرىدىن 10 گرامدىن ، ئۈرۈك مېغىزى 10 گرام ، سېرىق ماي 15 گرام ۋە ئاق شېكەردىن 50 گرام ئېلىپ يۇمشاق تالقانلاپ ، 200گرام قاينىتىلغان كالا سۈتىگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئۈچ قۇشۇقتىن كۈنىگە ئۈچ ۋاق ئىچىشكە بېرىلىدۇ.  

    بۇ كېسەلگە يەنە سەۋزە مۇرابباسىنىڭ ئۈنۈمىمۇ  ياخشى . سەۋزە مۇرابباسىنىڭ تەركىبى  مۇنداق  بولىدۇ:

    قىزىل ، سۇلۇق ۋە ياخشى پىشقان سەۋزىدىن بىر كىلوگرام ، سۆئلەپ مىسرىدىن 50گرام ، بىدە ئۇرۇقى 50 گرام ، ئىككى خىل بەھمەن 50 گرامدىن، بۇقا چۇيىسى 50 گرام ، ساقاقۇل مىسرى 50 گرام، لاچىندانە 15 گرام ، جۇيۇز 15 گرام ، بەسباسە 15 گرام، قەلەمپۇر 12 گرام ، بۇزۇغا 12 گرام ۋە زەپەردىن 10 گرام ئېلىنىدۇ. زەپەردىن باشقا دورىلار چالا سوقۇلىدۇ ۋە خالتىغا سېلىنىپ ، ئاغزى بۇغۇلۇپ سەۋزە بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىنىپ سەۋزە ھالۋا ھالەتكە كەلگۈچە قاينىتىلىدۇ . كېيىن خالتا سۈزۈۋېلىنىپ ، زەپەرنى سوقۇپ سېلىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى شېكەر بىلەن قىيام قىلىنىپ ، شېشە قاچىغا ئېلىپ ساقلىنىدۇ .

    بۇ ھالۋىنى تەييارلاشنىڭ باشقا ئۇسۇللىرىمۇ بولۇپ ئۇنى ئۆز نۆۋىتىدە سۆزلەيمىز.

    ئۈچىنچى : ياڭاق مېغىزى ، پىندۇق مېغىزى ، ھەببى زەلەم مېغىزى ، ھەببەتۇلخۇزرا مېغىزى ، ئۆرۈك مېغىزى ، بادام مېغىزى ، ئۇششاق قايچىلانغان پىلە غوزىسى ، قاقىلە ، لاچىندانە ، ھەببى  قەلقەل ، قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ ، ئىككى ھەسسە  كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن ياسىلىدۇ ۋە ئەتىگەن كەچتە 10 گرامدىن ئېستىمال قىلىنىدۇ .

    تۆتىنچى : بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ، كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى مەجۈن ياساپ بېرىلىدۇ :

    ئۆرۈك مېغىزى، ياڭاق مېغىزى ، بادام مېغىزى 10گرامدىن؛ چىلخۇزا مېغىزى ،ھەببى زەلەم مېغىزى، ھەببەتۇلخۇزرا مېغىزى، چىگىت مېغىزى، قاقىلە،ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى،خولىنجان بەش گرامدىن؛ زاغۇن ئۇرۇقى،   پىندۇق، ئۇدخام، ئۇدھىندى، پەتەرئاسالىيۇن، لاچىندانە، ئۇدسەلب، دارچىن ئۈچ گرامدىن، ھەببى قەلقەل ئالتە گرام ، بىدە ئۇرۇقى ، چامغۇر ئۇرۇقى ، پەنەرمايە ، ئاق تۇدرى ، سەككىز گرامدىن ، سەۋزە ئۇرۇقى 15 گرام ، قۇندۇز قەھرى ، بەھمەن سەفىت، شاقاقۇل مىسرى ، كۈنجۈت يەتتە گرامدىن ، نارجىل 12گرام ، ئالتۇن ۋەرەق 30 دانە ، كۈمۈش ۋەرەق 15 دانە ، زەپەر ئىككى گرام ، ئىپار 0.5 گرام ، ئەنبەر1.5گرام ، ھەسەل 794گرام .

    دورىلار قائىدە بويىچە مەجۈن قىلىنىدۇ ۋە كۈنىگە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 5-10 گرامغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.

     تەسىرى : ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، بۆرەكنى كۈچلەندۈرۈش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ، ئىسپىرمىنى كۆپەيتىش، باھنى قوزغاش تەسىرى ئىنتايىن ياخشى.

    بەشىنچى ماددەتۇل ھايات ، قۇرسى تاباشىر ، جاۋارىش زەرئۇنى ، لوبۇبى ئەكبەر، مەجۈنى مەسىھا قاتارلىق دورىلارنى ئەھۋالغا قاراپ بېرىش كېرەك .

    ئۇزۇقلىنىشى جەھەتتە بۆرەك ئاجىزلىقى بار بىمارلارغا قوي سۈتى ۋە تۆگە سۈتىدەك پايدىلىق نەرسە يوق . بولۇپمۇ بۇ سۈتلەرگە گىل ئەرمىنىگە ئوخشاش توختاتقۇچى نەرسىلەر قۇشۇپ ئىچىلسە تېخىمۇ مەنپەئەتلىك . تۆگە سۈتى تېپىلمىسا كالا سۈتىگە شېكەر قوشۇپ ئىچسىمۇ بولىدۇ .

    كىلاسسىك كىتابلاردا ئېيتىلىشىچە  تال سۈيىگە ئازراق تۇز  تېمىتىۋېتىپ توققۇز كۈن ئىچىپ بەرسە بۆرەكنىڭ ھەممە ئىللەتلىرىگە مەنپەئەت  قىلىدۇ  دېيىلگەن .

    غىزاسىغا قۇرۇق ئۈزۈمنى قوينىڭ بۆرەك يېغى ۋە كاللا – پاقالچاق گۆشلىرى بىلەن بېرىلىدۇ. سۈت ئاش ۋە بۇغداي ، ئارپا شىرىلىرى بىلەن تەييارلانغان ئاشلارغا سىركە قوشۇپ چۈچۈمەل قىلىپ بېرىش لازىم.

    پەرھىزى:  جىم يېتىپ ئارام ئېلىش ، كۆپ يول ماڭماسلىقى كېرەك . لازا ، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىشى ، لازىم . ئەھۋالى سەل ياخشىلانغاندىن كېيىن ھاۋالىق ، سالقىن جايلارغا بېرىپ ئايلىنىشى ، باشقىلار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىشى ۋە شۇنداقلاا كۆڭۈل  ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ بېرىشى كېرەك.

    پايدىلانغان ماتىرىياللار
    ئەرلەر ساغلاملىقى
    ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى (تۆتىنچى تومى)
     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!