www.4tadu.com
  • تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/190156519.html

     

    تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى

    بۇ ناھايىتىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ھەر قانداق ياشتىكىلەردە ، بولۇپمۇ ئوپچە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلاردا ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدۇ.

     

     سەۋەبى: جىنسىي يول تۈكلۈك  تامچە قۇرتىدىن يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ.. ئاساسلىقى جىنسىي يول تامچە قۇرتلۇق كېسىلى بىلەن ئاغرىغۇچىلار بىلەن جىمائ قىلىش، شۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلار بىلەن بىللە يۇيۇنۇش، يۇيۇنۇش داسلىرى، يۇيۇنۇش لۆڭگىلىرى، سۇ ئۈزۈش كىيىملىرى قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن بولىدۇ.

     

     كىلىنىك ئىپادىسى:

    1.ئاق خۇن كۆپىيىش: سۇيۇق كۆپۈكلۈك،سېسىق پۇراقلىق ئاق خۇن كۆپىيىدۇ. ئاق خۇننىڭ رەڭگى كۈل رەڭگە مايىل ياكى كۈلرەڭ سارغۇچ بولۇپ، ئارىلاشما يۇقۇملىنىش پەيدا بولغاندا يىرىڭلىق ئاق خۇنمۇ كېلىدۇ. ئاق خۇن سىرتقى جىنىي ئەزاغا ئېقىپ چىقسا ، سىرتقى جىنسى ئەزانى غىدىقلاپ قىچىشىش، كۆيۈشۈش ياكى چۈمۈلە ماڭغاندەك سېزىم بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. سۈيدۈك يولى ياكى دوۋسۇنغا تەسىر قىلسا ، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، سىيىش قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ بىرگە قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

     

    2. تۇغماسلىق: بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە تۇغماسلىق كېلىپ چىقىدۇ.تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، تۇغماسلىقنى تامچە قۇرت ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئادەتتە بالىياتقۇغا كىرگەن ئۇرۇقنى تامچە قۇرت يەپ تۈگەتكەچكە ، تۇخۇم بىلەن ئۇرۇق بىرلىشەلمەي تۇغماسلىق كېلىپ چىقىدىكەن.

     

    3.ئاياللار بۆلۈمىدىكى تەكشۈرۈش : تەكشۈرگەندە شىللىق پەردە قىزارغان ، شىللىق پەردىلەرگە قان تولغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئاق خۇن گۈمبەز قىسمىغا يىغىلغان بولىدۇ.بالىياتقۇ بوينىدىمۇ قاناش توكچىلىرى پەيدا بولىدۇ.

     

     دېئاگنۇزى: كېسەللىك ئىپادىسىگە قاراپ دېئاگنۇز قويغاندىن سىرت ، سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرگەندە ھەرىكەتلىنىۋاتقان بىر ياكى بىر قانچە تۈكلۈك تامچە قۇرتنى كۆرگىلى بولىدۇ.

     

     ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش: شۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلار بىلەن جىمائ قىلىشتىن،بىللە يۇيۇنۇشتىن ياكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ كېسەل  بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ يۇيۇنۇش لۆڭگىلىرى ۋە ئىچ كىيىملىرىنى قايناق سۇدا يۇيۇش،ئاپتاپتا قۇرۇتۇش، كىسلاتالىق سۇپۇنلاردا يۇيۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. تامچە قۇرتنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يەرلىك ئورۇننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن سامساقنى ئىزىپ سۇيۇلدۇرۇپ يۇيۇش ياكى ئاچچىقسۇنى سۇيۇلدۇرۇش ئارقىلىق شۇ سۇدا تاشقى  جىنسى ئەزا يۇيۇلىدۇ. شاپتۇل يۇپۇرمىقىنى قاينىتىپ سۈيىدە بىمارنى ئولتۇرغۇزۇش ياكى جىنسىي ئەزانى يۇيۇش، شاپتۇل مېغىزىنى ئىزىپ گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، شامچە تەييارلاپ گۈمبەز قىسمىغا سېلىپ قۇيۇش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىدۇ ياكى تۆۋەندىكى شامچىنى تەييارلاپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

    شامچە: بەسباسە، سۇمبۇل، رەيھان،يالپۇز،مامىرانچىنى تۆرت گرامدىن، كۆيدۈرۈلگەن زەمچىدىن ئىككى گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ، تاسقاپ، سىركە ياكى ئاچچىقسۇدا خېمىر قىلىپ شامچە تەييارلاپ ، كۈندە كەچتە بىر دانىدىن جىنسىي يولغا سېلىپ قويسا جىنىي يول ئاجرالمىلىرىنى ئازايتىپ ، قۇرت ئۆلتۈرۈش تەسىرىنى بېرىدۇ.

    ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ناملىق كىتابتىن يوللىغۇچى گۈلئەنبەر.

    تۆرت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى.


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!