www.4tadu.com
  • يۆتەل توختاتقۇچى بىر نەچچە رېتسىپلار - [رېتسىپ خالتىسى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/188723179.html

    يۆتەل توختاتقۇچى بىر نەچچە رېتسىپلار

     

    ھەببى سىل

    تەركىبى:ئاقلانغان  تاتلىق بادام مېغىزى، ئاقلانغان ئاچچىق بادام مېغىزى ،قورۇلغان زىغىر، قورۇلغان چىلغوزا مېغىزى، ناۋات 14 گرامدىن؛ ئەينالۇ، رۇببىسۇس، ئېرسا ئالتە گرامدىن؛ زەفەر، ئەپيۇن تۆرت گرامدىن ؛.

    دورىلارنى قائىدە بويىچە سوقۇشقا تېگىشلىكلىرىنى سوقۇپ، قالغانلىرىنى سالايە قىلىپ بەدىيان سۈيىدە يۇغۇرۇپ، نۇقۇت چوڭلۇقىدا كۇمىلاچلىنىدۇ.

    گالنى سىلىقلاشتۇرۇپ ئاۋازنى ياخشىلاش،جاھىل ۋە كونا يۆتەلنى توختىتىپ ، ئۆپكە جاراھىتىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى كۈندە ئۈچ ۋاقت، بىر دانىدىن شۈمۈپ بېرىلىدۇ.

     

    لوئوقى كەتان

    زىغىر 90 گرام، قەردمانە 30 گرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا؛

    دورىلارنى تالقانلاپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ لوئۇق تەييارلىنىدۇ.

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: يۆتەل پەسەيتىپ، كۆكرەكتىكى بەلغەمنى تازىلايدۇ؛دەم سىقىش ۋە كونا يۆتەلگە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە بىر قېتىم يەتتە گرامنى 55گرام ئەرقى گاۋزىۋان بىلەن ئىستىمال قىلىدۇ.

     

    يەنە بىر نۇسخىسى:

    زىغىر شىرىسى، قىزىل شېكەر، ھەسەل تەڭ مىقداردا

    ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قاينىتىپ قىيامغا كەلتۈرۈپ تەييارلىنىدۇ.

    بۇنىڭ ئىستىمال مىقدارى يۇقىرىدىكىسىدىن ئىككى ھەسسە مىقدارى بولىدۇ.

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى :ئاساسەن ئوخشاش.

     

    سۇپۇپى تىن

     

    تاباشىر ، ئەرەب يىلىمى، گىل ئەرمىنى، ھەببۇلئاس 18گرامدىن، كۇندۇر ، پىرسىياۋشان 45گرامدىن.

    دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ، سۇپۇپ تەييارلىنىدۇ.

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: يۆتەل توختىتىپ، ئۆپكە جاراھەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەسىرىگە ئىگە.

    كۈنىگە ئىككى ۋاقت 6-10 گرامغىچە ئىستىمال قىلىدۇ.

     

     

    ھەببى سوئال

     

    قاپاق مېغىزى، تەرخەمەك مېغىزى، قۇغۇن مېغىزى، بىھى مېغىزى بەش گرامدىن، ئەرەپ يىلىمى، نىشاستە، كەتىرا، تاباشىر ئۈچ گرامدىن، ئاق خەشخەش ئۇرۇقى ، سىمىز ئوت ئۇرۇقى يەتتە گرامدىن، ناۋات 46گرام.

    دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، بىھى ئۇرۇقى شىرىسى بىلەن يۇغۇرۇپ قارىمۇچ چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: بەلغەم بوشىتىش ، يۆتەل توختىتىش، قىزىتما پەسەيتىش؛ يۆتەل ۋە سىل ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ.

    كۈنىگە ئۈچ ۋاقت ، ئۈچ دانىدىن شۈمىدۇ.

     

    لوئوقى سوئال

    كۈشتە مەرۋايىت ، كۈشتە سەدەپ 18گرامدىن، كۈشتە قەلەي ئۈچ گرام، بىھى ئۇرۇقى لوئابى ھاجەتكە لايىق؛

    ئاۋۋالقى ئۈچ خىل دورىنى گىلى ھېكمەت قىلىپ ، ئاندىن بىھى ئۇرۇقى لوئابى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ لوئۇق تەييارلىنىدۇ.

    تەسىرى: يۆتەل توختىتىدۇ.

    كۈنىگە ئىككى قېتىم ئۈچ گرامدىن ئېلىپ شۈمۈلىدۇ.

    لوئۇقى سۇس

    پوستى ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، كەتىرا 24گرامدىن،زىغىر ئۇرۇقى 12گرام، قارىمۇچ ئالتە گرام،شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا.

    شېكەربىلەن چۈچۈكبۇيا يىلتىزىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ، چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى مۇۋاپىق سۇدا ئۇزاقراق قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ ،قالغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ لوئۇق ياسىلىدۇ.

    كۈنىگە ئىككى ۋاقت 5 گرامدىن شۈمۈپ بېرىلىدۇ.

     

    ھەببى مىئە

     

    مىئە سائىلە، ئاسارۇن، قۇندۇز قەھرى، ئەپيۇن تەڭ مىقداردا ئېلىنىپ ھەب تەييارلىنىپ شۈمۈلىدۇ.بۇ ھەب زىيانلىك كونا يۆتەلنى توختىتىدىغان مەشھۇر ھەبدۇر(ئەلقانۇندىن)

     

    ئايال كىشىنىڭ يۆتىلى كۆپىيىپ، نەپسى سىقىلىپ، كۆكرىكى چىڭىۋېلىپ بىئارام بولسا قوي كۆزىنىڭ ئېقىنى قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ناۋات بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگەندە كاپ ئىتىپ بەرسە يۆتىلى ساقىيىدۇ(تەجرىبىدىن ئۆتكەن-خۇلاسە تىببىيەدىن)

     

    يۆتەل ياكى زۇكامدا ماڭقا بولۇپ قالغان كىشى ئۆچكىنىڭ ئۆتىنى بۇرنىغا تېمىتسا شىپا تاپىدۇ(تەجرىبىدىن ئۆتكەن-خۇلاسە تىببىيەدىن)

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى

    مەنبەلەر:

     سىل كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش

    ئەلقانۇن فىتتىب

    مەخزەنۇل مۇرەككىبات

    خۇلاسە تېببىيە

    ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللەرنى داۋالاش قاتارلىقلار


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!