www.4tadu.com
  • ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ كېلىنكىدا قوللىنىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/175784166.html

    ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ كېلىنكىدا قوللىنىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا

    قىسقىچە مەزمۇنى : ئۆزگىچە داۋالاش دىگىنىمىز،باشقا داۋالاشلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە داۋالاش ئۇسۇلىنى كورسىتىدۇ . بۇ ماقالىدا ئۆزگىچە داۋلاش ئۇسۇللىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى،شۇنداقلا ئۆزگىچە داۋلاشنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەمدە ئۆزگىچە داۋلاشنىڭ ئەمىلى قۆللىنىشچانلىقى سۆزلىنىدۇ .

    ئاچقۇچلۇق سۆز : ئۆزگىچە داۋلاش . ئۇيغۇر تېبابىتى .

    ئۆزگىچە دىگەن سۆز ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت دىگەن مەنىلارنى بىلدۇرىغان سۆز بولۇپ . يەنى ئۆزگىچە خاس ئالاھىدىلىك – مەلۇم ساھە،مەلۇم ئورۇن،مەلۇم كوللىكتىپ ھەمدە مەلۇم بىر شەخستە بار بولغان خۇسۇسىيەت،ئىقتىدار ۋە ئۇسۇللارنىڭ باشقىلاردا بولماسلىقى ياكى بولغاندىمۇ باشقىلاردا بولغان خۇسۇسىيەت،ئىقتىدار ۋە ئۇسۇللاردىن يۇقىرى بولۇشىغا قارتىلغان .

    يۇقارقى مەزمۇنلاردىكى چۇشەندۇرۇشلەرگە ئاساسلانغاندا شۇنى خۇلاسە قىلشقا بۇلىدىكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك نەزىرىيسى ۋە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك نەزىرىيسى بويىچە ئىلىپ بىرىلغان بارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ئوزىلا ئەسلىدىنلا بىر خىل ئوزگىچە خاس ئالاھىدىلىككە ۋە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان ئوزگىچە داۋالاش ئۇسۇلىدۇر .

    ئۇيغۇر تىبابىتىدە كىسەللىكلەر – كىسەللىك سەۋەبى،بەلگە – ئالامەتلىرى،كىسەللىك ئوزگۇرىشى يۇز بەرگەن ئەزانىڭ تۇزۇلىشى ۋە كىسەللىك جەريانىغا قاراپ يەككە كىسەللىك ۋە مۇرەككەپ كىسەللىك دەپ ئىككى چوڭ تۇرگە بولۇنگەن بولسىمۇ،ئەمما كىسەللىكلەر ئومۇمەن خاراكتىر جەھەتتىن ئالغاندا مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىكلەر،شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىكلەر ۋە پۇتۇنلۇك بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىكلەر دەپ چوڭ ئۇچ تۇرگە بولىنىدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىكلەر نىسبەتەن كوپ كورىلىدىغان بولۇپ،شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىكلەر بىلەن پۇتۇنلۇك بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىكلەر كوپۇنچە مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ . ئۇيغۇر تىبابىتىدە مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇنۇمى بىر قەدەر يۇقىرى . چۇنكى ئۇيغۇر تىبابىتى كىشىلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاش،كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش ئۇچۇن ئىنسانلارنىڭ تەبىئى مىزاجى،جىسمانىي تۇزۇلىشى،روھى ھالىتى ۋە ئۆرۈپ – ئادىتىنى نەزەردە تۇتۇپ،كىسەللىكنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىلنى تونۇش ۋە ئۇنى بەدەندىن ھەيدەپ چىقىرىش ئارقىلىق كىسەللىكلەرنى يىلتىزىدىن داۋالاپ،ئورگانىزىمدىكى قۇۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى بولغان ‹‹ تەبىئەت كۇچى ›› نى كۇچلەندۇرۇش ئارقىلىق كىسەللىكنىڭ قايتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . بۇ جەرياندا بىمارغا خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىپ ئۇلارنى روھى جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىش بىلەن بىرگە،بىمارنى ئەتراپلىق تەكشۇرۇپ ھەم دىئاگنۇز قويۇپ،بىمارنىڭ ئۇيقۇ-ئويغاقلىق،ھەرىكەت – ئارام ئىلىش ۋە يىمەك – ئىچمەكلىرىنى تەرتىپكە سىلىپ پەرھىز بۇيرۇش ئارقىلىق زىيانلىق ھەركەتلەردىن ۋە يىمەك – ئىچمەكلەردىن چەكلەش بىلەن بىرگە ئاساسلىقى ھەرخىل تەبىئى دورا ئوسۇملىكلىرى ئارقىلىق تەييارلانغان تۇرلۇك بىمارلارغا ئىشلىتىش ئارقىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ . بۇخىل ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى كىسەللىكلەرنى داۋالاش ھەققىدىكى نەزىرىيە ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ خاس نەزىرىيەسى بولۇپ ئۇزۇن يىللىق كىلىنكا ئەمىلىيتىدە ئۇنىڭ تامامەن توغىرلىقى ئەسلىدىنلا ئىسپاتلىنىپ بولغان . بىز مۇشۇخىل نەزىرىيەنى چورىدىگەن ھالدا ئەتراپلىق تەكشۇرۇپ كۆرسەك ئۇيغۇر تىبابتىنىڭ نۇرغۇنلىغان بىباھە ئوزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىقىنى ساناپ ئۈلگۇرۇپ بولالمايمىز .

    ئەمما ئۇيغۇر تىبابىتىدە كىسەللىكلەرنى داۋالاش نوقۇل ھالدا دورا ئارقىلىق داۋالاش ( ئىچىدىن دورا ئىشلىتىپ داۋالاش . يەنى : ئىستىفىرغ،ئىھتىباس،يىرىكلەشتۇرۇش،سىلىقلاشتۇرۇش،تەڭشەش،كۇچلەندۇرۇش مەقسەتلىرىدە دورا ئىشلىتىش . سىرتتىن دورا ئىشلىتىپ داۋالاش . يەنى : دورا سۇركەش،قىرۇتى ۋە ياغ دورىلار بىلەن ياغلاش،زىماد ۋە مەلھەم دورىلارنى تىڭىش ) بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي . ئۇيغۇر تىبابىتىدە كىسەللىكلەرنى داۋالاشتا دورا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتىن سىرت يەنە كىسەللىكنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن روھى داۋالاش،ھەركەت قىلدۇرۇپ داۋالاش،ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش،ئۇيقۇ-ئويغاقلىقنى تەرتىپكە سىلىپ داۋالاش،يىمەك – ئىچمەك ئارقىلىق داۋالاش،ئۇۋلاپ داۋالاش،كۇن نورى بىلەن داۋالاش،قۇمغا كومۇلدۇرۇپ داۋالاش،ئارىشاڭغا سىلىپ داۋالاش،ھوردىتىش ئارقىلىق داۋالاش،تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش،ئىسسىق ئوتكۇزۇپ ياكى سوغۇق ئوتكۇزۇپ داۋالاش،تىرىگە ئىلىپ داۋالاش،لوڭقا قويۇپ داۋالاش،قان ئىلىپ داۋالاش،داغلاپ داۋالاش،قۇستۇرپ داۋالاش،كاتېىتىر سىلىپ داۋالاش،ھوقنە (كىلىزما) قىلىپ داۋالاش،قان ئىقىتىپ داۋالاش،دورا پۇركۇش ئارقىلىق داۋالاش،دورا پۇرىتىش ئارقىلىق داۋالاش،پاشۇيە قىلىپ داۋالاش،ئابىزەن قىلىپ داۋالاش،شامچە (شىياف) سىلىپ داۋالاش،ئىسلاپ داۋالاش،چۇشكۇرتۇپ داۋالاش،پۇت – قولنى بوغۇپ داۋالاش،قاس چىقىرىپ داۋالاش . سۇنۇق،چىقۇق،پەي،مۇسكۇل،بوغۇم،تارامۇش زەخمىلىرىنى ئوپىراتسىيە قىلماي تىڭش ۋە مۇقۇملاشتۇرش ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىق ئوزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ كۆپ قوللىنىلىدۇ .

    يۇقارقى داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەر بىرسى ئوز ئالدىغا بىر خىل ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ . توۋەندىكىدەك ئۆزگىچە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە .

    1 . دورا بىلەن داۋالاش : دورا بىلەن داۋالاش كېسەللىكلەرگە ھەرخىل دورا ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەزالارنىڭ پۇتۇنلىكىنى بۇزماي،ئورگانىزىمدىكى تەڭپۇڭسىزلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ،بەدەندىكى ھەرخىل قۇۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش،جۈملىدىن ‹‹ تەبىئەت كۈچى ›› نى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق بەدەندىكى كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋبچى بولغان تۈرلۈك ئامىللارنى يوقىتىپ كېسەللىكلەرنى داۋالاپ،ساقايتىپ ئورگانىزىمنىڭ نورمال فىزىئولوگىيلىك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانى دورا بىلەن داۋالاش دىيلىدۇ .

    دورا بىلەن داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكى :

    1)     دورا بىلەن داۋالاشنىڭ ئۇنىمى تىز بولىدۇ .

    2)     دورا بىلەن داۋالاشنىڭ قاراتمىلىقى يۇقىرى بولىدۇ .

    3)     دورا بىلەن داۋالاشنىڭ ئەكىس تەسرى توۋەن بولىدۇ .

    4)     دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق كىسەللىك ماددىلىرىنى بەدەندىن تازلاپ چىقىرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .

    5)     دورا بىلەن داۋالاش ئارقىلىق بەدەنگە لازىملىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .

    6)     دورا بىلەن داۋالاش ئارقىلىق ئومۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .

    يىغىنچاقلىغاندا دورا ئىشلىتىپ داۋالاش ئۇسۇلى ئۈنۈمىنىڭ تىز،قاراتمىلىقىنىڭ يۇقىرلىقى ۋە داۋالاش جەريانىدا ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىقلار بىلەن باشقا خىل داۋالاش ئۇسلۇللىرىدىن ئەڭ كۆپ ۋە ئومۇمىۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ .

    2 . ئۇۋۇلاپ داۋالاش : ئۇۋۇلاپ داۋلاش ئۇسۇلى ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ،ھەرخىل كېسەللىكلەرنى مۇجۇش يەنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان داۋالاش تىخنىكىسىدىن ئىبارەت . ھازىر قول بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىدىن باشقا ھەرخىل زامانىۋى ئۈكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئۇسۇللىرىمۇ بار .

    ئۇۋۇلاپ داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكى :

    1)  نىرۋا سىستىمىسىغا بولغان تەسىرى – روھنى جانلاندۇرۇپ،قوۋەتلەرنى كۇچلەندۇرۇش ئارقىلىق نىرۋىنى قوزغۇتۇپ ئۇنىڭ خىزمەت پائالىيتىنى ياخشىلايدۇ .

    2)  قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا بولغان تەسىرى – قاننى قىزىتىپ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ،بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدا يىغىلىپ قالغان ماددىلارنى جۇملىدىن غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى تارقىتىپ،ئاغرىق پەسەيتىدۇ .

    3)  ھەركەت سىستىمىسىغا بولغان تەسىرى – نىرىپ ۋە مۇسكۇللارنىڭ ھەركىتىنى جانلاندۇرۇپ،قىل قان تومۇرلا ئىچىلىپ،قان ئايلىنىش راۋانلىشىپ ئەزا ۋە توقۇلمىلارغا جۈملىدىن سوڭەك ۋە كومۇرچەكلەرگە كىرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار يىتەرلىك مىقداردا يەتكۇزىلىدۇ . غەيرىئى تەبىئى خىلىتلارنىڭ چۆكمىگە چۈشۇپ،سۆڭەك ۋە كومۇرچەكلەرنىڭ قالايمىقا ئوسۇشى،بوغۇم ۋە توقۇلما ئارلىق سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ قويۇلۇپ قىلىپ بوغۇملارنىڭ قىتىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ماددا ئالمىشىشنىڭ راۋان ئىلىپ بىرىلىشىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ .

    4)  تىرىگە بولغان تەسىرى – تەر بىزى ۋە ماي بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ . تىرە قان تومۇرلىرىنىڭ كىڭىيشىنى ھەم تىرىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ راۋانلىشىشىنى ئلىگىرى سۇرۇپ،تىرىنىڭ ئۇزۇقلىنىشىنى ياخشىلاپ،تىرە پىگمىنىتلىرىنىڭ ئىشلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى ۋە بەدەن تىمپىراتۇرىسىنى كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۈتۇرگىلى بولىدۇ .

    3 . نۇر بىلەن داۋالاش : نۇر بىلەن داۋالاش – ھەرخىل كېسەللىكلەرگە قارىتا شۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش،تەرەققى قىلىش ۋە يوقىلىش ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا كۈن نۇرى،ئۇلترا بىنەپشە نۇرى،ئىنفرا قىزىل نۇرى،لازېر نۇرى قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ داۋالاش ئېلىپ بىرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ،بۇخىل داۋالاش ئۇسۇلى بىر قىسىم كېسەللكلەرگە مۇستەقىل ھالدا قوللىنىلسا،يەنە بىر قىسىم كىسەللىكلەرگە ئىچى ۋە سىرتىدىن دورا بىلەن داۋالاش،ئۇۋۇلاپ داۋالاش قاتارلىق باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن ماسلاشتۇرپ بىرگە قوللىنىلىدۇ .

    كۈن نۇرى بىلەن داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكى :

    كۈن نۇرى بىلەن كىسەل داۋالاشنىڭ كىلىنكىلىق ئەھمىيتى چوڭ بولۇپ،كۈن نۇرى ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە ئۆزىدىكى ھەرخىل نۇرلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن تىرە توقۇلمىسى ئاستىدىكى پىشمىغان خام خىلىتلارنى پىشۇرىدۇ،قان ئايلىنىشنى تىزلىتىپ،توقۇلمىلاردىكى ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدۇ،تىرە توقۇلمىسى خىزمەت پائالىيتىنىڭ  نورمال ئەسلىگە كىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،ھەمدە بەدەندە غەيرىي تەبئىي خىلىتلارنىڭ يىغىلىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە بەدەندە يىغىلىپ قالغان غەيرىي تەبئىي خىلىتلارنى تارقىتىدۇ،تېرىنىڭ ئۆرگەرتكۇچى قۇۋۋىتىگە تەسىر قىلىپ تېرە رەڭ پېگمېنتلىرىنىڭ كۆپىيشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،ئىشلەتكەن دورىلارنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىپ،كىسەلنىڭ تىز ساقىيشىنى تىزلىتىدۇ .

    4 . قۇم بىلەن داۋالاش : قۇم بىلەن داۋالاش ئادەتتە قۇمغا كۆمۇپ داۋالاش دەپ ئاتىلىدۇ،ئۇ قۇمدىكى ھەر خىل پايدىلىق تەركىبلەرنىڭ بەدەنگە تەسىر قىلىشى ۋە قۇمنىڭ قىزىش،شۈمۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق ھەرخىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ . قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش بولسا ئۇيغۇر تېبابىتىدە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ،قەدىمكى يەرلىك داۋالاش چارىلىرىدىن بىرىدۇر .

    قۇمغا كۆمۈپ داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكى :

    1)  قۇم بىلەن داۋالاش باشقا خىلدىكى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ياخشى ئۈنۈم قازانغىلى بولمايدىغان قىسمەن سوزۇلما كىسەللىكلەرگە قارىتا شىپالىق تەسىرى يۇقىرى بولۇپ،ئەكىس تەسىرى يوق،بەدەننى زەھەرلىمەيدۇ .

    2)  قۇم بىلەن داۋالاش كۇن نورىنىڭ قىزىتىشىدىن قۇمدىكى قۇرۇق ئىسسىقلىق كەيپىياتنىڭ ئېشىشى،قۇياشتىكى ھەرخىل شىپالىق نۇرلانىڭ قۇرغاق قۇمغا كۆپلەپ تەسىر قىلىپ سىڭىشى،قۇم تەركىبىدىكى ھەرخىل شىپالىق نۇرلانىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن پۈتۈن بەدەندىكى قان تومۇرلار كېڭىيىپ،قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش تېزلىكتە كۈچىيىپ،نېرۋىلار خىزمىتى جانلىنىپ مېڭە،جىگەر،ئاشقازان،ئۈچەي،تال،تەر بەزلىرىنىڭ خىزمىتى كۈچىيىدۇ .

    3)  قۇمغا كۆمۈپ داۋالىغاندا بوغۇملار ئارىسى،تېرە ئاستى ۋە ئىچكى ئەزالاردىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى غەيرىي تەبئىي خىلىتلارنىڭ بەدەندىن چىقىرىلىشى تېزلىشىدۇ .

    4)  قۇمغا كۆمۈپ داۋالىغاندا ئوتكۇر قۇياش نۇرى ۋە قۇمنىڭ زىيادە قىزىش تەسىرىدىن بەدەندىكى قان تومۇرلار كېىڭىيىپ،قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ .

    5)  قۇمغا كۆمۈپ داۋالىغاندا،قۇم تەركىبىدە شىپالىق مىنېرال ماددىلار ھەم ئورگانىزىم ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئېلىمېنتلار بولغاچقا بۇلار قۇياش نۇرىنى ناھايىتى ياخشى قۇبۇل قىلىدۇ .

    6)  قۇمغا كومۇپ داۋالىغاندا قۇمدا بىر قىسىم ماگىنىتلىق تەركىبلەر بولغاچقا،بۇ خىل ماگىنىتلىق تەركىبلەر تەسىرىدىن قۇمغا كۆمۈلگەن ئورۇن بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ماگنىت مەيدانى ئوتتۇرىسدا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ھادىسىسى يۈز بىرىدۇ .

    7)  قۇمغا كۆمۈپ داۋالىغاندا،بەدەن ئىچىدىكى كىسەللەنگەن ئورۇندا ياللۇغلىنش يەنى ئىششىش،شەلۋەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كورۇلسە،ئىنفىرا قىزىل نۇرىنىڭ ئىسسىقلىق تەسىرى،ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ جاراسىم ئۆلتۈرۈش رولى ۋە ماگنىت مەيدانىنىڭ ھەرخىل قۇۋۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش نەتىجىسدە ياللۇغلىنىش خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشلەر ياخشىلىنىدۇ .

    5 . ھوردىتىپ داۋالاش : مۇناسىۋەتلىك دورا سۇيۇقلۇقلىرىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزدۇرۇپ ھور (پار) غا ئايلاندۇرۇپ تېرىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق بەدەنگە تەسىر قىلدۇرۇپ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ .

    ھوردىتىپ داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكى :

    1)  ھوردىتىپ داۋالاش ئارقىلىق بەدەندە تۇرۇپ قالغان چىقىرىندى ماددىلارنى تازلىغىلى بولىدۇ .

    2)  ھوردىتىپ داۋالاش ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ،ياللۇغ قايتۇرغىلى بولىدۇ .

    3)  ھوردىتىپ داۋالاش ئارقىلىق بەدەننى قىزىتىپ،روھنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ .

    4)   ھوردىتىپ داۋالاش ئارقىلىق ھەر قايسى ئەزالاردىكى مۇسكۇل،توقۇلمىلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ،ھەرخىل ئاغرىقلارنى پەسەيتكىلى بولىدۇ .

    6 . تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش : بىمارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان دورىلارنى قائىدە بويىچە قايناق سۇغا چىلاپ،دورا سۇيۇقلۇقىنى قىزىتىپ ھور (پار) غا ئايلاندۇرۇپ،ئۇنى مۇۋاپىق كېلىدىغان سايمان ياكى بىرەر قاچىنىڭ ياردىمى بىلەن نەپەس يوللىرى ئارقىلىق شۈمۈرگۈزۈپ بىر قىسىم نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى،باش ئاغرىش ۋە تېرە كىسەللىكلىرىنى داۋالاشنى مەقسەت قىلغان ئاددى داۋالاش ئۇسۇلى .

    تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاشنىڭ  ئالاھىدىلىكى :

    1)  تۇمانلاشتۇرپ داۋالاش ئۇسۇلى ئۆزى ئاددى،قوللىنىش ئاسان،ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ،دورىلانىڭ شۈمۈرۈلۈپ قان تومۇر،مۇسكۇل،توقۇلمىلارغا ئۆتۈشى ئىنتايىن تېز بولغانلىقتىن،نەپەس يوللىرىدىكى قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ،قان تولۇش ھەم نەپەس يوللىرىدىكى سۇلۇق ئىششىقنى يېنىكلەشتۈرگىلى ھەمدە ياللۇغلىنىشنى پەسەيتكىلى،سىپازما بوشاتقىلى بولىدۇ .

    2)  تۇمانلاشتۇرپ داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق نەپەس يوللىرىدىكى ھەرخىل ئاجرالملارنى سۇيۇقلاشتۇرپ،بەلغەمنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ .


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!