www.4tadu.com
  • توخۇ گۆشى ، تۇخۇمى، شاكىلى،پەردىسى ۋە قانىسە - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/84957829.html

    توخۇ گۆشى ، تۇخۇمى، شاكىلى،پەردىسى ۋە قانىسە

     

    توخۇ گۆشى

    بۇ ئوڭاي سىڭىدىغان ئۇزۇقلۇق بولۇپ، 100 گرام تۇخۇ گۆشى تەركىبىدە 74 گرام سۇ، 23.3گرام ئاقسىل، 1.2گرام ياغ، 1.1مىكروگرام كۈل، 11گرام كالتسىي، 1.90 مىكروگرام فوسفور، 1.5مىكروگرام تۆمۈر بولىدۇ.يەنە ۋېتامىن ب1 ، ب2، نكوتىن كىسلاتاسى، قىسمەن ۋېتامىن ئا، س، ئې قاتارلىق مۇھىم تەركىبلەر بولىدۇ. توخۇ گۆشى بىمارلار ئۈچۈن ئاسان سىڭىدىغان يەڭگىل ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. توخۇ گۆشى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن، بەدەندە ھارارەت پەيدا قىلمايدۇ. توخۇ گۆشى شورپىسى ئىچىنى تازىلايدۇ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۆكرىكىنى بوشىتىپ،ئۆپكىسىنى تازىلايدىغان ئوبدان دورا ھېسابلىنىدۇ. قەدىمقى تېببىي كىتابلاردا ‹‹قېرى توخۇنى قوغلاپ تازا تەرلىتىپ، ئاندىن بوغۇزلاپ پىشۇرسا گۆشى ئوڭاي پىشىدۇ.ياخشى ھەزىم بولىدۇ، توخۇنى ئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇن ئۈچ كۈن سولاپ قويۇپ، ئىچى پاكىزلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆلتۈرۈش لازىم›› دېيىلگەن.

    تەبىئىتى : بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى: تەبىئەتنى، ئاشقازان ،جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، يېڭى قان پەيدا قىلىش، يىلىكنى تولدۇرۇش، ئەقىل-پاراسەتنى ئاشۇرۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي كۆپەيتىش، سۈت پەيدا قىلىش، ئىشتىھانى ئېچىش، چىراينى ۋە ئاۋازنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئېچىش قاتارلىقلار؛

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: كەم قانلىق، بەدەن ئاجىزلىق، مەنىي ئازلىق ، ئىشتىھاسىزلىق، ئېغىر تەرىجىدە چارچاش، ئۆپكە كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ.

    ئەسكەرتىش: سوغۇقچانلارغا زىيان قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن قارىمۇچ، پىلپىل، زىرە قاتارلىقلار بىلەن پىشۇرۇپ يېيىشى كېرەك.

     

    تۇخۇم سېرىقى

     

    ھەر 100گرام تۇخۇم سېرىقىدا 13.6گرام ئاقسىل، 30 گرام ياغلار، بىر گرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، كۈل ماددىسى، 134مىللىگرام كالتسىي، 532 مىللىگرام فوسفور، 7مىللىگرام تۆمۈر، 3500خەلقئارا بىرلىك ۋېتامىن ئا ۋە ھەرخىل مىقداردا ۋېتامىن ب 1 ،ب2، نكوتىن كىسلاتاسى بار. ياغلىق ماددىلار ئىچىدە ئاساسلىقى ياغ كىسلاتاسىدىن ئىبارەت. يەنە تۇخۇم سېرىقىدا تەخمىنەن بىر يېرىم پىرسەنت خولسترىن ، گلۇكوزىلارمۇ بار.

    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى: بۆرەك، دوۋساق، باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئوزۇقلۇق ھەم قان تولۇقلاش، يەل تارقىتىش، ئاغرىق توختىتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ھەزىمنى ياخشىلاش.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: بۆرەك، باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، سىل، ئۇيقۇسىزلىق، كۆڭۈل ئاينىش، ئىچى سۈرۈش، جىگەر ياللۇغى، بالىلاردىكى ھەزىم ئاجىزلىق، بەل ۋە پۇت ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ.

    ئەسكەرتىش: تەستە ھەزىم بولىدۇ، تۈزەتكۈچىسى كۈدە ، تۇز.

     

    تۇخۇم ئېقى

     

    100گرام تۇخۇم ئېقىدا 10گرام ئاقسىل، ئاز مىقداردا ياغ، بىر گرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، كۈل ماددىسى، 10مىللىگرام فوسفور، 19مىللىگرام كالتسىي، تۆمۈر، رىبۇفلاۋىن، نكوتىن كىسلاتاسى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان مىكرو ئېلمىنىتلار بار.

    سۇ تەركىبى %87 نى، قاتتىق تەركىبى %13 نى تەشكىل قىلىدۇ. قاتتىق تەركىبىنىڭ %90 نى ئاقسىللار ئىگەللەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇىۇم ئاق ئاقسىلى، %75 نى، تۇخۇمسىمان ، يېپىشقاق ئاقسىل، %15نى، تۇخۇم يېپىشقاق ئاقسىلى %7 نى تەشكىل قىلىدۇ.

    تەبىئىتى : بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى: ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئۆپكىگە نەملىك يەتكۈزۈش، كېكىردەك خىزمىتىنى راۋانلاشتۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، چاچ ئۆستۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش.

     ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: گال ئاغرىقى ، كۆز قىزىرىش، يۆتەل ، ئىچ سۈرۈش، بەزگەك ، كۈيۈك، ھەر خىل سۇنۇقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

     

    سوغۇقچانلارغا زىيان قىلىدۇ ، تۈزەتكۈچىسى: تۇخۇم سېرىقى، زەپەر.

    تۇخۇمنى خام ئىچىش زىيانلىق، چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ قۇۋۋىتى يۇقىرى ھەم ئاسان سىڭىدۇ. خوتەندىغۇ تۇخۇم پىشۇرۇپ ساتىدىغانلار چالاپ پىششىق تۇخۇمنى تەييارلاپ تۇرىشىدۇ. تۇخۇم

    نىڭ ئېقىغا قارىغاندا سېرىقىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى مول.

     

    تۇخۇم ئېقى پەردىسى

     

    بۇ تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن شاكىلى ئارىسىدىكى ناھايىتى نېپىز ئاق پەردىسىدۇر.

    خېمىيىلىك تەركىبى: ئاشقازان ئاقسىل فېرمىنىتى، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى، كراتىن.

    فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: بۇ بىر خىل تەبىئىي بئولوگىيەلىك مۇھاپىزەت پەردە بولۇپ ، يارىنىڭ پۈتۈشىنى تېزلىتىش، يۇقۇملىنىشتىن ساقلاش، كۆيۈك جاراھەتلىرىدە تاتۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نورمال نەملىكنى ساقلاش تەسىرى بار.

    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

    خۇسۇسىيىتى: جاراھەت پۈتتۈرۈش، قان توختىتىش، قۇرۇتۇش، تۇتۇش.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ھەر ىىل جاراھەت ، ياللۇغلىنىش، يارا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ.

    ئەسكەرتىش: توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ، تۈزەتكۈچىسى: سۈت ، ھەسەل.

     

     

    تۇخۇم شاكىلى

     

     خېمىيىلىك تەركىبى : كالتسىي كاربونات، ئورگان ىك ماددىلار يەنە تۆۋەندىكى ماددىلار بار:

    , magnesia alba, calcium acid phosphate

       ۋە كاللوئىد قاتارلىقلار بار.

    فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: جاراھەت پۈتتۈرۈش.

    تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق.

    خۇسۇسىيىتى: قان توختىتىش، ھەيزنى توختىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، جاراھەتەرنىڭ سۈيىنى قۇرۇتۇش، يارا ئېغىزىنى پۈتتۈرۈش.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، ئاچچىقسۇ يېنىش، ھەزىم قىلىش يوللىرى قاناش، بالىلاردىكى ھەزىم قىلىش خىزمىتى ياخشى بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان راخىت كېسىلى، قول-پۇتلارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى، سۇلۇق جاراھەتلەر، سېفلىس يارىلىرى، كۆز ئالمىسى ۋە بىرىكتۈرگۈچى پەردىدە پەيدا بولغان ئارتۇق گۆشلەر ۋە داغ،سەپكۈنلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەسكەرتىش: ئەزالارغا قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ، تۈزەتكۈچىسى – لىمون.

     

    توخۇ تاشلىقى پوستى – قانىسە

     

    بۇ توخۇنىڭ تاشلىق خالتىسىنىڭ يۇيۇپ تازىلاپ قۇرۇتۇلغان ئىچكى پەردىسىدۇر.قانىسە نامىدا دورىغا ئىشلىتىدۇ.

     

    خېمىيىلىك تەركىبى: ۋىنتسۇلىن بىلەن ئاقسىلدىن تەركىب تاپقان.

    فارماكولوگىيەلىك تەركىبى: توخۇ تاشلىقىنى ئىستىمال قىلغاندا ئاشقازان سۇيۇقلۇقى مىقدارى، كىسلاتالىق دەرىجىسى ۋە ھەزىم قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى: ئاشقازان، ئۈچەي ۋە تالنى قۇۋۋەتلەش، ئىشتىھانى ئېچىش ، سۈيدۈك قېتىم سانىنى ئازايتىش، يەل تارقىتىش ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش.

     

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ئاشقازان ئاجىزلىقى، تاماق سىڭمەسلىك، ھەزىم بۇزۇلۇش، قورساق كۆپۈش، بالىلاردىكى سوزۇلما خارەكتىرلىك ھەزىم بۇزۇلۇش، بالىلاردىكى سىيگەكلىك ، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەسكەرتىش: ئۈچەيگە قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ، تۈزەتكۈچىسى: كەتىرا، بادام يېغى.

     

    ھاياتلىق دەستۇرى ۋە خام دورىلار ئىلمى.

    كۆكيال ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!