www.4tadu.com
  • ئەرلەر كېسەللىكىگە كۆپ ئىشلىتىدىغان يەككە دورىلار1 - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/84836402.html

    ئەرلەر كېسەللىكىگە كۆپ ئىشلىتىدىغان يەككە دورىلار1

    ئاقىرقەرھا

    تەبىئىتى؛ ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق؛

    خۇسۇسىيىتى: يەڭگىل دەرىجىدە سەزمەس قىلىپ ، توسالغۇلارنى ئېچىش، مېڭىدىكى ئارتۇق ماددىلارنى تازىلاش، بەلغەمنى يوقىتىش، قىزىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ئېغىزدىن شۆلگەي ئاقتۇرۇش، نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىقلار.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخا، تارتىشىش ، قېتىپ قېلىش، باش ئاغرىقى، تىترىمە كېسەل، باھ ئاجىزلىقى، چىش ئاغرىقى، بەلغەملىك يۆتەل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    مۇرەككەپ دورا ياسالمىلىرى: ھەببى ئىمساك، مەجۈنى سۆئلەپ، ھەببى ئىمساك قابىز، مەجۈنى ئاقىرقەرھا، رەۋغىنى ئاقىرقەرھا قاتارلىقلار بار.

     

    ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى

     

    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى: يەلنى پەسەيتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي پەيدا قىلىش، ئاغرىق توختىتىش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش قاتارلىقلار.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: باھ ئاجىزلىق مەنىي يۈرۈپ كېتىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلار

    مۇرەككەپ دورا ياسالمىلىرى: لوبوبى كەبىر، لوبوبى سەغىر قاتارلىقلار.

    شاقاقۇل مىسرى:

    تەبىئىتى : بىرىنچى دەرىجىدە ئىسسىق،ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل.

    خۇسۇسىيىتى: بەدەننى ، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي پەيدا قىلىش ۋە قۇيۇلدۇرۇش، سۈت پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : باھ ئاجىزلىقى، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، مەنىي يۈرۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

     پىششىق دورا ياسالمىسى: ھەببى ئىمساك، لوبوبى كەبىر، مۇراببائى شاقاقۇل.

     

    بەسباسە

    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق؛

    خۇسۇسىيىتى: مېڭە، ئاشقازان ، جىگەر باھنى قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قىزىتىش، يەڭگىل دەرىجىدە يەلنى ھەيدەش، تۇتۇش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ؛

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك ئاجىزلىق، ھۆللۈك سەۋەبىدىن بولغان ئۆپكە كېسەللىكلىرى، ھۆللۈكنىڭ ئارتۇقلىقى، ھەزىم ئاجىزلىقى، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، كونا ئىچ ئۆتكۈ، ئاشقازان-ئۈچەي جاراھەتلىرى، تال كېسەللىكلىرى، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش، مەنىي كۆپەيتىش ، سۇغۇق مىجەزلەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەش ، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش، ئېغىزدىن قان كېلىشلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەسكەرتىش: جىگەر كېسەللىكلىرىگە بېرىشكە توغرا كەلگەندە ئەرەب يىلىمى بىلەن قوشۇپ بېرىش كېرەك.تۇتقاقلىق كېسەللىكلىرىگە بېرىش توغرا كەلگەندە ئەرقى گۇلاپ بىلەن بېرىش كېرەك.

    پىششىق دورا ياسالمىلىرى: مەجۈنى نانىخا ، جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش بەسباسە، جاۋارىش زەرئۇنى، جاۋارىش سەقەنقۇر، ھەببى ئىمساك، مەجۈنى ئىمساك قاتارلىقلار؛

     

    بەھمەن

     

    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ئىسسىق

    تەبىئىتى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار بار.

    خۇسۇسىيىتى: باھ ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، كۆڭۈلنى ئېچىش ۋە مەنىي كۆپەيتىش؛

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:

    يۈرەك تىترەش،  يۈرەك ئاجىزلىق، يەرقان ، بىئاراملىق، مەنىي تۇتالماسلىق، كۆپ ئېھتىلام بولۇش قاتارلىقلار ؛

    ئەسكەرتىش، مەقئەتكە زىيان قىلماسلىقى ئۈچۈن رۇم بەدىيان، كەتىرا ، چىلانلارنى قوشۇپ ئىشلىتىدۇ.

    پىششىق دورا ياسالمىسى: لوبوبى كەبىر ، مەجۈنى سۆئلەپ، شەربىتى مائۇللەھمى،ھالۋايى بەيزە،مادەتۇل ھايات قاتارلىقلار...

     

    جۇيۇز

    ئىكىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

    خۇسۇسىيتى: كۆڭۈلنى ئېچىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، يەڭگىل دەرىجىدە تۇتۇش، تەبىئىي ھارارەتنى ساقلاش، يەل تارقىتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىچ ئۆتكۈنى توختىتىش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش..

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : يۈرەك ئاجىزلىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى،باھ ئاجىزلىقى، مەنىي تىز يۈرۈپ كىتىش، باش ئاغرىقى، رىماتىزىم، پالەچ، ئىچ ئۆتكۈ قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئۆپكە، جىگەر ۋە ئىسسىق مىزاقلارغا زىيان قىلغاندا يۇمغاقسۈت، بىنەپشە، نىلۇپەر، ھەسەل قاتارلىقلارنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

    پىششىق دورا ياسالمىسى: مەجۈنى پولات،مەجۈنى ئازاراقى، مەجۈنى شىپا،لوبوبى كەبىر ، لوبوبى ئەكبەر قاتارلىقلار

    كۆكيال ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى

    داۋامى تەييارلىنىدۇ

     

     

     

     

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": باھ دورا مەنى
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!