www.4tadu.com
  • تاماكا تاشلاشنىڭ بىر يۈرۈش چارە-ئۇسۇلىرى2

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/77631014.html

    بىرىنچى قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ!!

    logs/77622704.html
      6. پارچىلاپ تاماكا سېتىۋالماڭ.

      7. تاماكا، سەرەڭگە ياكى چاقماقنى يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرمەڭ. 8. تاماكىڭىزنىڭ ماركىسىنى ھەر ھەپتىدە بىر ئالماشتۇرۇڭ، ئەمما يېڭى ماركىدىكى تاماكىنىڭ كوكس مېيى مىقدارى بۇرۇنقى ماركىدىكى تاماكىنىڭكىدىن چوقۇم تۆۋەن بولسۇن. 
      9. ئىس تەركىبىدىكى زەھەرنىڭ ئۆپكە، بۆرەك ۋە قان تومۇرغا يەتكۈزىدىغان زىيىنىنى دائىم مۇلاھىزە قىلىڭ.  
      10. تاماكا پۇرىقىنىڭ نەپەسلىنىش، كىيىم-كېچەك ۋە ئۆي ئىچىدىكى بىساتلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىڭ.   
      11. ئۆز قىلمىشىڭىزنىڭ ئائىلىدىكى باشقا ئەزالارغا يەتكۈزۈدىغان زىيىنىنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ، ئۇلار بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلىنىۋاتىدۇ. - 
      12. ئۆزىڭىزدىن ساغلاملىقىڭىزنىڭ ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىڭىز، دوستلىرىڭىز ئۈچۈن مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكىنى سوراپ بېقىڭ. 
      
    قانداق قىلغاندا تاماكىنى ئۈنۈملۈك تاشلىغىلى بولىدۇ
     ئاۋۋال تاماكا تاشلاشنىڭ پايدىسىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. پەقەت بىر كۈن تاماكا تاشلىسىلا تاماكا تاشلاشنىڭ يۈرەك، قان بېسىمى ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا ئېلىپ كىلىدىغان پايدىسى ئېنىق ئايان بولىدۇ. تاماكا تاشلاپ بىر يىلدا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ھەددىدىن زىيادە خەۋپى داۋاملىق تاماكا چەككۈچىلەرگە قارىغاندا %50 تۆۋەنلەيدۇ. !

      تاماكا تاشلاپ 5-15يىلدىن كېيىن سەكتە بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيىسىگە چۈشىدۇ.   
      تاماكا تاشلاپ 10يىلدا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى داۋاملىق تاماكا چېكىدىغانلارغا قارىغاندا %50 تۆۋەنلەيدۇ. ئېغىز بوشلۇقى راكى، كېكىردەك راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، دوۋساق راكى، بۆرەك راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى تۆۋەنلەيدۇ، ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدۇ.   
      تاماكا تاشلاپ 15يىلدا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ. ئۆلۈپ كېتىش ئومومىي خەتىرى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا تاماكا تاشلاش كېچىككەنلىك ھېسابلانمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ياخشىسى ساغلاملىققا ئېغىر زىيان يېتىشتىن ئاۋۋال تاماكىنى تاشلاش كېرەك. 
      1.تاماكىنى قانداق تاشلاش كېرەك؟  (1) تاماكىنى تاشلاشنى ھازىردىن باشلاش كېرەك، تاماكىنى مۇتلەق تاشلاش ياكى تاماكا چېكىش قېتىم سانىنى تەدرىجى ئازايتىش ئۇسۇلىدا ئادەتتەئۈچ-تۆت ئايدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.  

      
      (2) بارلىق تاماكا، چاقماق، سەرەڭگە ۋە كۈلدانلارنى تاشلىۋېتىش كېرەك. 
      (3) ئىلگىرىكى دائىم تاماكا چېكىدىغان سورۇنلارغا بېرىشتىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.   
      (4) تاماقتىن كېيىن سۇ ئېچىش، مېۋە-چېۋە يېيىش ياكى سەيلە قىلىش لازىم، تاماقتىن كېيىن بىر تال چېكىۋېلىش ئويىدىن قۇتۇلۇش كېرەك. . 
      (5) تاماكا خۇمارى تۇتقاندا دەرھال چوڭقۇر نەپەسلىنىش ھەرىكىتىنى ئىشلەش ياكى شېكەرسىز سېغىز چايناش كېرەك. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تاماكىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتىن ساقلىنىش لازىم، ئۇنداق قىلمىغاندا قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىش، بەدەن سەمىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.   
      (6) تاماكىنىڭ قىزىقتۇرۇشىنى قەتئىي رەت قىلىش، يەنە بىر تال تاماكا چەكسىلا تاماكا تاشلاش پىلانىنىڭ نۆلگە تەڭ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنى دائىم ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك. 
      2. تاماكا تاشلىغاندا چىداش تەس بولغان دەسلەپكى بەش كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەك؟
    تۆۋەندىكى يەتتە تۈرلۈك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ:
     

      (1) ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا 6-8 ئىستاكان سۇ ئىچىپ، نىكوتىننىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.  
      (2) ھەر كۈنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش، تاماكا خۇمارىغا چىدىيالمىغاندا دەرھال يۇيۇنىۋېلىش كېرەك.  

     (3) تاماكا تاشلىغان بەش كۈندە يېتەرلىك دەم ئېلىش، تۇرمۇش قانۇنىيەتلىك بولۇش لازىم. 
      (4) تاماقتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىش، 15-30مىنۇتقىچە چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ھەرىكىتى ئىشلەش كېرەك.   (5) غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە بولمايدۇ، ئۇنى سۈت، يېڭى مېۋە شەربىتى ۋە دانلىقلار تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە ئۆزگەرتىش كېرەك. 
      (6) ئۆي قۇشلىرى تۈرىدىكى يېمەكلىك، مايلىق يېمەكلىك، قەنت-گىزەك، تاتلىق-تۈرۈملەرنى يېيىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. . 
      (7) ۋىتامىنب تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ نىكوتىننى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ.
    دوختۇرلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، دەسلەپكى بەش كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە تاماكا تاشلاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىسە بولىدىكەن:
      1. تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش ياكى ئېغىزنى چايقاش، پاكىزە، تاماكا پۇرىقى يوق كىيىملەرنى كىيىش.

      2. قولىدا تاماكا تۇتىدىغان ئادەتنىڭ ئورنىغا سىياھ قەلەم ياكى قېرىنداش تۇتۇشنى دەسسىتىش. . 
      3. كۆپرەك ۋاقىتنى كۇتۇپخانىدا ياكى تاماكا چېكىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان باشقا جايلاردا ئۆتكۈزۈش. 
      4. قاۋاققا ۋە زىياپەتكە بېرىشتىن ساقلىنىش، تاماكا خۇمارى ئېغىر كىشىلەر بىلەن بىللە تۇرۇشتىن ساقلىنىش. 
      5. تاماكا چەكمەي ئىقتىساد قىلغان پۇلغا ئۆزى ئۈچۈن بىر سوۋغات سېتىۋېلىش. 
      6. ئىككى-ئۈچ ھەپتىدە تاماكا چەككۈسى كېلىدىغان ئادەتنى تاشلاشقا ھازىرلىق كۆرۈش.   

      يۇقارقىلارنى بىرلەشتۈرگەندە تاماكىنى تامامەن تاشلىغىلى بولىدۇ، مۇھىمى قەتئىي ئىرادە.
    قوشۇمچە
      

    تاماكا تاشلاپ 20مىنۇتتىن 15يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەيران قالارلىق بايقاش   خۇشخەۋەر! سالامەتلىكىڭىز سىز ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكىنى چەككەندىن باشلاپ ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى!  
      تاماكا تاشلاپ 20 مىنۇتتىن كېيىن: نىكوتىن قاننىڭ ئېقىشىنى چەكلەيدۇ، شۇڭا تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندىكى نىكوتىن مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن بەدەننىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى ياخشىلىنىدۇ، بولۇپمۇ قول ۋە پۇت قىسمىنىڭ شۇنداق بولىدۇ.   تاماكا تاشلاپ سەككىز سائەتتىن كېيىن: قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارى تاماكا چەكمىگەن چاغدىكى سەۋىيىگە يېتىدۇ، شۇنداقلا بەدەندىكى كاربون چالا ئوكسىدنىڭ مىقدارى %50 ئازىيىدۇ.  
      تاماكا تاشلاپ 24 سائەتتىن كېيىن: بەدەندە قىپقالغان كاربون چالا ئوكسىد ئاساسەن يوقىلىدۇ، ئۆپكە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ۋە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان باشقا تاماكا قالدۇق ماددىلىرىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ.   
      تاماكا تاشلاپ 48 سائەتتىن كېيىن: نىكوتىن تولۇق يوقايدۇ، تەم سەزگۈڭىز ۋە پۇراش سېزىمىڭىزنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.  
      تاماكا تاشلاپ 72 سائەتتىن كېيىن: نەپەسلىنىش تېخىمۇ يەڭگىلىشىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن روھىي ھالىتىڭىزدە ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.   
      تاماكا تاشلاپ ئۈچ ئايدىن توققۇز ئايغىچە: ھەر قانداق نەپەس مەسىلىلىرى ياخشىلىنىدۇ ھەمدە ئۆپكىنىڭ ئۈنۈمى %10 ئاشىدۇ. 
      تاماكا تاشلاپ بىر يىلدىن كېيىن: كۆپىيىش ئىقتىدارى %33 ئاشىدۇ.  
      تاماكا تاشلاپ بەش يىلدىن كېيىن: يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تاماكا چېكىشتىن ئاۋۋالقىنىڭ يىرىمىغا تۆۋەنلەيدۇ، سەكتە بولۇش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ.  
      تاماكا تاشلاپ 10 يىلدىن كېيىن: ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى نورمال ئادەملەرنىڭ يېرىمىغا يېتىدۇ. 
      تاماكا تاشلاپ 15 يىلدىن كېيىن: يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ.  
      ئەگەر سىز 35 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن تاماكىنى مۇۋەەپەقىيەتلىك تاشلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ كۆزلەنگەن ئۆمرىڭىز نورمال كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

    مەنبە: تەرمىلەر تور بېكىتى


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئەسسلاممۇ ئەلەيكۇم ؟ سىزنى ئۇلىنىشقا قۇشۇپ قويدۇم . ئىغىر كۆرمەي مىنىمۇ قۇشۇپ قۇيارسىز. ئادىرسىم: http://turanim.blogbus.com/
    تۇغ ئادىرسىم:http://filer.blogbus.com/4621627/4621627_1286602628b.png
    كۆكيال回复تۇرانىم说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئەلۋەتتە بولىدۇ. بلوگ زەنجىرلىرى مۇستەھكەم بولسا تەرەققىياتىمىزمۇ ئەلۋەتتە ياخشى بولغۇسى....ماڭا بلوگ قۇرۇلغان ۋاقىتنى چىقىرىدىغان كودنى بىرەلەمسىز.
    2010-10-11 17:09:17
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!