-
ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنىڭ دەرىجىگە بۆلۈنۈشى - [خام دورىلار ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/77846909.html
ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنىڭ دەرىجىگە بۆلۈنۈشى
بىرىنچى دەرىجىدە ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار:
ئۈستىقۇددۇس ، ئەپسەنتىن ، قاقىلە ، ئەنجۈر ، بادام شىرىسى، قامغاق ، بادىرەنجىبۇيا، بالەنگۈ، قىزىل ۋە ئاق تۇدرى، سۆئلەپ مىسرى ، چىگىت مېغىزى، گۈلسەۋسەن، شىكائى(تامغاق) شىرخىست ، شىكەر، قەنت ، شاھسېغىرەم(پىھان) قارا ئۈجمە ، ئۇدەس، غارىقۇن، غاپەس ، كۈنجۈت، گاۋزىۋان ، لادەن ، لوۋىيا ، مۇم ، ناخرا، نارجىل، نۇقۇت، نارمىشكى ۋە باشقىلار……..
ئىككىنچى دەرىجىدە ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار:
ئاليۇمىن ، زەرجۇۋا، ياڭاق ، چۈچۈكبۇيا، لاچىندانە، ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى ، پىشقان قىزىل ئۈزۈم، رۇم بەدىيان ، ئابدىمىلىك ، تاشاڭ، سۇمبۇل ، زەمچە ، پىستە ، پىننە ، بابۇنە ، كابۇل بەرەڭگىسى، ئاق بەھمەن ، پېتىگەن ، بوزىدان ، بىلسان ، ئەغىرە ئۇرۇقى، قۇغۇن ئۇرۇقى ، سېرىقچىچەك، گۈلدارچىن ، كۆممىقۇناق، جۇيۇز ، جاۋشىر، چاكسۇ، سىيادان، چاي ، قەسبۇززەرىرە، چىلخۇزا ، يەسىمەن گۈلى ، قۇغۇن ،ئۈرۈك، خورما ، ئوغرىتىكەن، قارا سانا، دارچىن ، دۇرنەچ ئەقرەبى، چۆل رەيھىنى، زەپەر ، ئاق زىرە، زەيتۇن ، سۇرپەھرەك، سالاجىت، سىندۇرۇس، سانايى مەككە، گۈل سۈتى، ئاق شىكەر، ساپ ھەسەل ، سېرىق سەبرى، ئاقىرقەرھا ، ئەنبەر، ئۇدسەلب، زاراڭزا ، كەندىر ، كاۋاۋىچىن ، كەرەپشە، كاۋا ، قەمبىل، كۇندۇر، سەۋزە ، قەلەمپۇر، لاجۇۋەرد قاتارلىقلار…… بەزىلەر قارا سانانى قۇرۇق سۇغۇق دەپ قارايدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار:
جۇۋىنە ، ئوشنان، سېرىقئوت ، بەتەم، بابۇنە ، جىنكىۋىزى ، ئاچچىق بادام ، بەدىيان ، بىخ كاسىنە ، بالادۇر، قىزىل بەھمەن ، بىربۇتى(بىر خىل قۇرت) بۆرە ئەرمىنى ،تاغ پىننىسى ، ئاق تۇربۇت، سۇزاپ ئۇرۇقى، تاماكا ، سەۋزە ئۇرۇقى ، پارپا، ، ئادراسمان، ھەببۇلمۇلۇك،جاۋشىر، چۆل يالپۇزى، قىچا ، راسەن، رال ، كوپرەس، رەسكەپۇر، زەرنىخ ، زەنجىۋىل، قىسقا ۋە ئۇزۇنچاق زىراۋەندە، سىريىسى، زىرە گىرمانى، سۇقمۇنىيا ، سازەنجى ھىندى، ئاچچىق سۆرۈنجان، چامغۇر ، شورا قەلىمى ، شاترەنجى ھىندى ، ئۇدبىلسان ، قەلەمپۇر، پەرپىيۇن ، ئاق خەربەق، كۇچۇلا ، كالادانە، كىبىرت، ماگنىت تېشى، ئىپار ، مازەرىيۇن ، قىزىلمۇرچ، قارىمۇچ، مەرزەنجۇش، مالىكەلگىنى، مۇرمەككى، سىيسەزىبەر، نۆشۈدۈر، كۆكتاش،… بۇ دورىلارنىڭ بەزىلىرى 2- ۋە 3 – دەرىجىگە ئوخشاشلا كىرگۈزۈلدى. چۈنكى ، بەزى تېببىي ئالىملار بۇ دورىلارنىڭ تەبىئىتى توغرىسىدا بەزى ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.
تۆرتىنچى دەرىجىدە ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار:
ھاك، ئاقخارت ، تۇتىيا ، ھۆسنى يۈسۈف(بىر خىل زەھەرلىك يىلىم) ، ئاچچىقتاۋۇز، ھىڭ ۋە باشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دورىلار…..
كېيىنكى تېما سۇغۇق تەبىئەتلىك دورىلار ھەققىدە بولىدۇ.
ھاياتلىق دەستۇرىدىن ئېلىندى.
收藏到:Del.icio.us