www.4tadu.com
  • بىز خېمىيىلىك ماددىلارنى قانچىلىك يەۋاتىمىز4 - [ساقلىق ساۋاتلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/77871690.html

    ئالدىنقى قىسىملىرىغا بۇ يەردىن مەرھەمەت قىلىڭ !
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/75519852.html

     كلوگرام تۇخۇ گۆشىدە 130 كلوگرام كولباسا  ياسىغىلى بولىدۇ. 100

    كۆپچىلىك بەلكىم ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن .100 كلوگرام تۇخۇ گۆشىدە قانداق قىلىپ 130كلوگرام كولباسا ياسىغىلى بولىدۇ؟ ئارتۇق 30 كلوگرامغا نىمە قوشۇلىدۇ؟ بۇنىڭغا دەل ئېغىرلىقنى ئاشۇرىدىغان يېپىشقاق ماتىرىيال ئارىلاشتۇرىلىدۇ.

    ئېغىرلىقنى ئاشۇرۇشتا ،ھەم كۆپ پۇل خەجلىمەيھەم ئوڭايلا قىلغىلى بولىدىغان ئۇسۇل ‹‹سۇ››قېتىشتۇر.

    شۇڭلاشقا يېمەكلىك ساھەسىدە ‹‹سۇ قېتىلغان كولباسا›› دەيدىغان بىر خىل چۈشەنچە بار . 

     بۇ خىل ئۇسۇل باھا جېڭىدە  جان ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوللانغان بىر خىل ئىستراتىگىيىلىك تاكتىكىدۇر.

        ئەمما ، ئەگەر بېۋاسىتە ھالدا سۇنى قاتقاندا گۆش ئوڭايلا چىرىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭغا قىزىتقاندىن كېيىن ئوڭايلا قاتىدىغان يىلىمسىمان ماددا ئىشلىتىلىدۇ. 100 دانىدىن ئارتۇق شىپرىس بىلەن بىرلا ۋاقىتتا توخۇ گۆشىگە مەخسۇس گۆشكە ئارىلاشتۇرىدىغان يىلىمسىمان سۇيۇقلۇق ئۇرۇلىدۇ. ئۇنداق مەنزىرىنى بىرلا قېتىم كۆرۈپ قالسىڭىزلا بولدى ، ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقمايدۇ، تولىمۇ قورقنۇچلۇق! ئۇنىڭدىن كېيىن گۆشكە ئۇرۇلغان يىلىمسىمان ماددىنىڭ گۆش توقۇلمىلىرىغا تەكشى يېيىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئايلاندۇرۇپ ئىلەشتۈرىدۇ. گۆشكە ئارىلاشتۇرىدىغان يىلىمسىمان ماددىنىڭ ئېغىرلىقى گۆشنىڭ ئۇمۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ %20 - %30 گىچە توغرا كېلىدۇ. گۆشلەر ئايلاندۇرۇپ ئېلىشتۇرۇلغاندىن كېيىن ، كۆپۈپ ئېسىلىدۇ-دە ، ئاندىن شەكىلگە ئېلىش ، قىزىتىش قاتارلىق باسقۇچلاردىن كېيىن ، ئەڭ ئاخىرىدا بازاردا سېتىلىۋاتقان كولباساغا ئايلىنىدۇ .

    ئارتۇق قوشۇلغان قىسمىنىڭ رەڭگى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ، يەنە ئۇنىڭغا باشقا يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلار ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. سۇ قۇشۇلغان كولباسانىڭ باھاسى تولىمۇ ئەرزان بولۇپ ، تاللا بازارلىرىدا ئالاھىدە باھادا توۋلاپ سېتىۋاتقان كولباسانىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ خىلدىكىلەردۇر.

    كولباسا دېگەن ئەسلىدىنلا چۇقۇم تۇخۇ گۆشىدىن ياسىلىدىغان تۇرسا ، يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا دادۇر ئاقسىلى ، تۇخۇم ئېقى ، لاكتالبۇمىن (سۈت ئاق ئاقسىلى) قاتارلىق تەركىبلەر ئىشلىتىلىدۇ؟

     

    تاللا بازارلىرىدا مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىنى ھەيدىگەچ شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئالاھىدە باھالىق  ماللارنى تاللاۋاتقىنىڭىزدا ، ئۇلارنى ھارۋىڭىزغا سېلىشتىن بۇرۇن ،مەھسۇلاتنىڭ تەركىبىگە ئوبدانراق قاراپ بېقىڭ! ھوشىڭىزنى يىغىپ ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىڭ!


    تۈگىدى.

    مەنبە : ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2009- يىللىق ئىككىنچى سان

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": تۇخۇ گۆش كولباسا
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!