-
2010-07-31
قان خىلىتى ۋە قان خىلىتلىق كىشىلەر ھەققىدە - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]
-
2010-07-30
ئانانىزىم ھەققىدە - [ئەرلەر كېسەللىكلىرى]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بلوگىمىزنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى ، بلوگىمىز جىنسىيەت مەسىلىلىرىنى ئاساس قىلىدىغان بلوگ بولمىسىمۇ بەزىبىر مەسىلىلەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىمىز ئېنىق ، مەسىلەن : ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدكى ئىشلار ۋە ئانانىزىم شۇلارنىڭ جۈملىىسىدىندۇر ، بۇ ھەقتە بلوەىمىزدا بىر ئىككى تېما بار بولۇشى كېرەك دېگەن ئوي بىلەن ھازىرچە تور دۇنياسىدىن ئانانىزىم ھەققىدە تۇلۇق دېيەرلىك بايان بېرىلگەن‹‹ ئانانىزىم›› دېگەن تېمىنى كۆچۈرۈپ يوللاپ قويدۇق. بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىمىز بايان قىلىنغان يازما تېخى پۈتمىگەنلىكىمۇ بىر سەۋەب بولدى ، ھازىر يوللىغان تېمىمۇ بۇ ھەقتە بىرەر ماتىرىيال لازىم بولغانلارغا لايىق جاۋاب بېرەلەيدۇ دەپ قارايمىز .
-
ئاۋۋال مۇراببا ھەققىدە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە يازىمىز . ئاندىن كېيىن ئۇنى تەييارلاش ئۇسۇلى بىلەن بىللە مىسال سۈپىتىدە ئالما مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمىز؛
مۇراببا ھەر خىل مېۋىلەرنى پۈتۈنى بويىچە ياكى پارچىلاپ شېكەر قىيامىدا پىشۇرۇپ تەييارلىنىدىغان شىرىلىك ياسالما.بەزىلىرىگە ھەسەل ئىشلىتىلىدۇ
-
2010-07-30
قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان سەككىز خىل يېمەكلىك - [يۈرەك كېسەللىكلىرى]
ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى . ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى – كالتىسىي ۋە ۋىتامىن Dنىڭ كېلىش مەنبەسى ، بۇ ئىككى خىل ماددىنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشى بىلەن قان بېسىمى %3 تىن %10 كىچە تۆۋەنلەيدۇ ، بۇ نىسبەتەن ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ ، ئۇ يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى %15 تۆۋەنلىتىدۇ . شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ، ياغسىز لاندۇرۇلغان كالا سۈتى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان كۆڭۈللۈك يېمەكلىكتۇر .
-
2010-07-29
ئەپچىل رېتسىپلار - [رېتسىپ خالتىسى]
دانىخورەكنى داۋالاش:
ئىلمان سۇغا ھەسەلدىن بىر نەچچە تېمىم تېمىتىپ ،يۈزنى ئۇۋۇلىغاچ بەش مىنۇت يۇيۇپ بىرىش. ئاندىن سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇش كىرەك . شۇتەرىقىدە بىر ئاي داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە دانىخورەك يوقايدۇ. -
2010-07-29
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش2 - [يۈرەك كېسەللىكلىرى]
چىلان شەربىتى ، بىنەپشە شەربىتى ، رەيھان شەربىتى ، تۇرۇنجى شەربىتى ، گاۋزىۋان شەربىتى ، سۇمبۇل شەربىتى، زىرىق شەربىتى، لىمۇن شەربىتى قاتارلىق ھۆل سوغۇق شەربەتلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى قان بېسىمىغا پايدىسى بار .
-
2010-07-28
تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە داۋالاش پرىنسىپى توغرىسىدا - [ئاياللار كېسەللىكلىرى]
تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە داۋالاش پرىنسىپى توغرىسىدا
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە كېسەللىنىش قانۇنىيىتى، شۇنداقلا تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە داۋالاش پرىنسىپى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزىلىدۇ.
-
2010-07-28
سەپرا خىلىتى ۋە سەپرا مىزاجلىق ئادەملەر - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]
سەپرا خىلىتى ۋە سەپرا مىزاجلىق ئادەملەر
سەپرا خىلىتى جىگەردە ئىشلىنىپ ، ئۆت خالتىسىدا ساقلىنىدىغان سارغۇچ ، رەڭلىك سۇيۇقلۇق.
سەپرا ئادەم بەدىنىدە ئوزۇقلۇقلارنى پارچىلاش ، ئېرىتىش ، ھەزىم قىلىش ، زەھەرسىزلەندۈرۈش ، نېرۋا ھەرىكىتىنى غىدىقلاش ، بەدەننى ئىسسىق ساقلاش، بۇزۇق ماددىلارنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋېتىش، بەلغەم خىلىتىنىڭ ھۆل ۋە سوغۇقلۇقىنى تەڭشەپ تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق ، بەدەندىكى جايلاشقان ئورنى ئۆت تەبىئەت دۇنياسىدىكى ۋەكىلى ئوت.
-
بىرىنچى، ماتېرىيالغا دىققەت قىلىش. سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ساپ سۈت دېزىنفېكسىيە قىلىنغاندىن كېيىنكى مەھسۇلات. ئەمما يەنە بەزى سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت مەھسۇلاتى سۈت تالىنىنى مەنبە قىلغان بولىدۇ. بۇنى بىز‹‹ ئەسلىگە قايىتقان سۈت››دەيمىز. ساپ سۈتنى تالقانغا ئايلاندۇرۇش داۋامىدا، ئۇنىڭ
-
2010-07-27
تۇمۇر سۇقۇشى ھەققىدە ئۇمۇمىي سۆز 1 - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]
تۇمۇر سۇقۇشى ھاياتىي روھ ئىدىشلىرىنىڭ كېڭىيىشى ۋە قىسىلىشىدىن ئىبارەت ھەرىكەت بولۇپ ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە يەڭگىل ھاۋا ئېقىمىنىڭ ياردىمى بىلەن روھ سۇۋۇيدۇ .
-
2010-07-24
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش1 - [يۈرەك كېسەللىكلىرى]
بۇ كېسەللىك قەدىمقى تىببىي كىتابلاردا ئايرىم بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما كېسەللىك بەلگىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان قان تولۇپ قېلىش(ئىمتىلاھى دەم) ياكى قان قايناپ كېتىش (غەييانى دەم) ، قان دولقۇنلىشىش (مەۋج دەم) دېگەن كېسەللىك بەلگىلىرى سۆزلەنگەن.
-
2010-07-23
مەن كۈندە قاراپ تۇرىدىغان ھېكمەتلەر - [تېببىي ھېكايەتلەر]
تۆۋەندىكىلەر دۇكىنىمنىڭ بىر تېمىغا چاپلانغان ھېكمەتلەر
تېبابەتنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلغان كىشى ، ياش ، قابىل ، ھېرىسمەن ، مىزاجى خۇشخۇي ، مۇلايىم ۋە ئەدەبلىك ، راستچىل ، سەمىمىي ، كىشىگە كۈيىنىدىغان، كېسەلنىڭ ھالىغا يېتىدىغان بولۇشى ، يالغان سۆزلەر بىلەن خەلقنى ئالدايدىغان يامان ئىللەتلەردىن ، ، يامان ئارزۇ ھەۋەسلەردىن خالىي بولۇشى ، پۈتۈن زېھنىنى ئىلىمگە بېغىشلىشى لازىم ، چۈنكى ئىلىم ئەھلى ئىلىمدىن باشقىنى ئېتىبارغا ئالماسلىقلىرى لازىم. بۇنداق پەزىلەت بولمىغانلارنىڭ ھەممىسى يالغان تېۋىپتۇر.(ئەبۇ ناسىر فارابى)
-
2010-07-23
ئالمىنىڭ تېبابىتىمىزدىكى ئىشلىتىلىشى - [خام دورىلار ھەققىدە]
.[فارماكولوگىيەلىك تەسىرى ] مىۋە يىلىمىنى چىقىرىۋېتىپ تەييارلانغان ئالما ئۇكۇل سۇيۇقلۇقى ئۆي توشقىنىنىڭ ۋېناسىغا ئۇكۇل قىلىنسا ، قاندىكى قەنتنى ئۆرلىتىدۇ . ئالما ئۇكۇل سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرى ئۇنىڭدا تۇتقان ئۈزۈم شېكىرىنىڭ تەسىرىگە قارىغاندا كۈچلۈك ، بۇنىڭ سۈيدۈك ماڭدۇرۇش ئۈنۈمى كېيىنكىسىدىن 2-3 ھەسسە ئارتۇق.
-
2010-07-22
سېمىزلىكنىڭ ئەيىبلىرى ۋە ئۇنى داۋالاش - [ساقلىق ساۋاتلىرى]
سېمىزلىكنىڭ ئەيىبلىرى ۋە ئۇنى داۋالاش
بەدەننى سەمرىتىش ھەققىدىكى تېمىنى يازغاندىن كېيىن سەمرىپ كەتكەن بەزى تورداشلار مۇشۇ سېمىزلىك ۋە ئۇنىڭ داۋالىرى ھەققىدىمۇ بىر تېما يېزىشىمىزنى ئىستىگەن ئىدى .‹ دوستتىن ئىشارەيۇ ، بىزدىن جان دېمەك › دېگەن ھېكمەت بويىچە قەدىمقى ھۆكۈمالارنىڭ بۇ ھەقتە قلدۇرغان مەنپەئەتلىنەرلىك تەۋەررۈكلىرى ۋە شۇ ئاساستىكى بىلىپ يەتكەنلىرىمىز ئاساسىدا بۇ تېمىغا تۇتۇندۇق ، مۇراد؛ دوستلارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنسە ۋە ئۆزىگە تۇشلۇق نەسىبىلىرىنى ئالسا ......
نورمال سېمىزلىك ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن پايدىلىق ، چۈنكى ھاياتلىقنىڭ داۋام ئېتىشى ئاشۇ ھۆللۈكتىن بولىدۇ . شەيخ بۇ ھەقتە ‹‹ مۆئدىتىل سېمىزلىكتىن ياخشىسى يوق . ئەگەر مۆئدىتىل سېمىزلىك زەرەر يەتكۈزمىسە، ئۇنى يامان سانىما ، چۈنكى ھايات رۇتۇبەت (ھۆللۈك)تىدۇر؛ لېكىن ئېھتىيات قىلىشىڭ ، گەرچە ئاپەت يۈز بەرمىسىمۇ ھەددىدىن تاشقىرى سەمرىش يولىنى سۆيمەسلىكىڭ كېرەك ››دەپ كۆرسەتكەن
-
2010-07-21
جاۋارىش جالىنۇس - [رېتسىپ خالتىسى]
جاۋارىش جالىنۇس
سۇمبۇل ، لاچىندانە، قوۋزاقدارچىن ، دارچىن ، خولىنجان ، قەلەمپۇر ، سەئدى كۇفى ، زەنجىۋىل ، ئۇد بىلسان ، قارىمۇچ ، پىل پىل ، تاتلىق قۇستە ، ئاسارۇن ، ھەببۇلئاس ، قەسبۇزەرىرە ، زەپەرنىڭ ھەر بىرىدىن 22گرام ، مەستىكى رۇمى 28گرام، ئاق قەنت 380گرام، ھەسەل
-
2010-07-21
جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە مۇپەسسەل بايان3 - [ئەرلەر كېسەللىكلىرى]
بىرىنچى قىسمىغا مەرھەمەت http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69706034.html
ئىككىنچى قىسمىغا مەرھەمەت http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69726782.html
3) جىگەرۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
جىگەرۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن جىگەر سان ۋە سۈپەتكە
-
2010-07-20
قەۋزىيەت ۋە ئۇنىڭ داۋالىرى ھەققىدە - [ئۈچەي-مەقەت كېسەللىرى]
قەۋزىيەت - ئىچى قېتىش
ئىچى قېتىش مەخسۇس بىر كېسەللىك بولماستىن ، بەلكى سەۋەبى مۇرەككەب بولغان بىر خىل ئالامەتتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ئارقا تەرەت ئاز ، قۇرۇق ۋە قاتتىق كېلىدۇ ياكى نەچچە كۈندە بىر قېتىم كېلىدۇ. ئۇ ئىككى خىل بولۇپ ، بىرى ئادەتتىكى تۇيۇقسىز ئىچى قېتىش، يەنە بىرى ئادەتلەنگەن ئىچى قېتىش.
-
2010-07-20
ساغلاملىققا ئەڭ پايدىلىق 25 خىل مېۋە )7-9( - [تېببىي ئۇچۇرلار]
7. ئەنبەھ (ماڭگو) ئوخشاش تىپلىق سىستىئىننىڭ مىقدارىنى تەڭشەپ ئارتىرىيىنى قوغدايدىكەن.
ماڭگو (ئام) نىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ئىشلىتىلىشى
خېمىيەلىك تەركىبى: خام مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە
(Mangi Feronie acid) ئاتسىدوم ئام فېروسكوم،
(Isomangi ferolic acid) ئاتسدوم ئىزو ماكگېنفېرولىكوم -
2010-07-19
جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە مۇپەسسەل بايان2 - [ئەرلەر كېسەللىكلىرى]
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69706034.html
ماقالىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئۈستىدىكى ئۇرۇندىن كۆرۈڭ.
ئەمدى كىسەللىك سەۋەبلىرىگە كەڭرەڭ سورۇن ھازىرلىمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى .
ئۇلار تۆۋەندىكىچە
1.مىزاج بۇزۇلۇشتىن كىلىپ چىقىدۇ .
1) خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ
-
2010-07-19
جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە مۇپەسسەل بايان - [ئەرلەر كېسەللىكلىرى]
جىنسىي ئاجىزلىق
بۇ ئاساسلىقى بۆرەك ئاجىزلىقى ، رەئىس ئەزالار خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى ، ئۇزۇن مەزگىل ئاغرىپ يېتىپ قېلىش ۋە شۇ كېسەلنىڭ ئاسارەتلىرى ، ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىق، تاناسىل ئەزانىڭ مىزاجى ئىسسىق ياكى سوغۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشى ، تاناسىل ئەزانىڭ پالەچلىنىشى ، ئۇرۇقداننىڭ زەخمىلىرى، مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ،
-
2010-07-18
ئاياللار ساغلاملىقى ھەققىدە - [ئاياللار كېسەللىكلىرى]
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە ؛ كۈندە 12 سائەت ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزاق ۋاقىت باغىرداق (لىپت
-
2010-07-18
مالىنا - [خام دورىلار ھەققىدە]
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يۇپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ئۆسۈملۈك مالىنا بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ‹مالىنا › نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .
-
2010-07-18
ئىسسق ئۆتۈپ قېلىشنى داۋالاش - [باش ۋە مېڭە كىسەللىرى]
ھازىر ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتتى ، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە . شۇڭا كەڭ تورداشلارغا پايدىسى بولار دېگەن مەقسەتتە ئۇشبۇ تېمىنى تەييارلىدىم.
ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى داۋالاش
ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئاساسەن ياز كۈنلىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان جىددىي كېسەللىك بولۇپ ، كۈچلۈك قۇياش نۇرى ياكى يۇقىرى ھارارەتلىك مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرۇش ، ئىچكەن سۇيۇلۇقى ئاز بولۇش ، ئىچى سۈرۈپ ياكى كۆپ تەرلەپ
-
1. داس بوشلۇقىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماي ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ ، قۇشۇمچە ئەزا ياللۇغلىنىش ، داس بوشلۇقى ياللۇغلىنىش ، سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملىنىش ، داس بوشلۇقىغا قان تولۇپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ .
2 . بەلنى تاڭغاندا قورساق بوشلۇقىنىڭ بېسىمى ئۆرلەپ ، ئاسانلا بالياتقۇنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ، كۆپىيىش ئەزالىرى بىنورمال بولۇش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ
-
2010-07-17
ساغلاملىققا ئەڭ پايدىلىق 25 خىل مېۋە )4-6( - [تېببىي ئۇچۇرلار]
قوغۇن : ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ، يۇقۇملىنىشنى ئازايتىدىكەن .
قوغۇننىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى چۈشەندۈرۈلۈشى:
خېمىيەلىك تەركىبى : قوغۇن ئېتى تەركىبىدە شار ئاقسىلى ، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتا ، كاروتىن ۋېتامىن ب س قاتارلىقلار بار .
-
2010-07-16
مىزاج بەلگىلىرى ھەققىدە (6-10) - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]
ئالتىنچى تۈرى – ئەزالارنىڭ تەسىرنى قۇبۇل قىلىش تىزلىكىدىن ئېلىنغان ئالامەتلەردۇر . يەنى ، ئەگەر ئەزا قىينالماستىن تىزلىك بىلەن قىزىسا دىمەك ئۇنىڭ مىزاجى ئىسسىقتۇر . چۈنكى قارىمۇ قارشى نەرسىگە ئۆتۈشتىن كۆرە ھەمجىنىس نەرسىگە ئۆتۈش ئاسانراقتۇر . ئەگەر ئەزا تىز سۇۋۇسا دېمەك ، ئەھۋال خۇددى يۇقىرىقىدەك سەۋەبكە بىنائەن ئەكسىچىدۇر .
-
2010-07-15
ھەزرىتى لوقماننىڭ ھەكىم بولۇشى - [تېببىي ھېكايەتلەر]
لوقمان ئەسلى بىر يېتىم بالا بۇلۇپ،كىيمە تاز ئىكەن.ھەم بىر ناۋايغا ياللىنىپ ئىشلەيدىكەن.ئىشلىگەندىمۇ خېمىر يۇغۇرۇش،نان ئېچىش ،نان يېقىش ئىشلىرىنى ئەمەس،پەقەت تۇگمەنگە بېرىپ ئۇن تارتىپ كىلىش،ئۇن تاسقاش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىدىكەن.ئۇ بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن تۇنۇردا ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرالماي چۈشۈپ كەتكەن كۆمەچلەرنى يەپ جان ساقلايدىكەن،كېچىلىرى تۇنۇر بېشىدا ئۇخلايدىكەن.
لوقماننىڭ كۇنلىرى ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ تۇرسۇن.ئەمدى گەپنى جاھاننى چاڭگىلىدا ئوينىتۋاتقان پادىشا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن ئاڭلايلى: -
2010-07-15
بەدەننى سەمرىتكۈچى بىر نەچچە رېتسىپ - [رېتسىپ خالتىسى]
بەدەننى سەمرىتكۈچى بىر نەچچە رېتسىپ
ئورۇق بەدەننى سەمرىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە پىششىق تاماقلارنى يېيىش ، تاماق بىرىنچى ھەزىمدىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇنچىغا چۈشۈش ۋە مۇنچىدىن چىققاندىن كېيىمۇ مۇۋاپىق تاماق يېيىش،يەڭگىل تەنھەرىكەت قىلىش ، مۇمكىن بولسا سۇ ۋە ھاۋانى ئالماشتۇرۇش كېرەك. پىششىق دورىلاردىن
-
2010-07-15
مىزاج بەلگىلىرى ھەققىدە (1-5) - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]
مىزاجنىڭ ئەھۋالىغا دالالەت قىلىدىغان بەلگىلەر ئون تۈرلۈكتۇر . بۇلاردىن بىرى - تۇتۇپ سېزىش . بۇنىڭدا بىلىش ئۇسۇلى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى،تېۋىپ بەدەننى تۇتۇپ كۆرگەندە ھاۋارايى مۆئدىتىل مەملىكەتلەردىكى ساغلام ئادەمنىڭ بەدىنى بىلەن بارابەر كېلىش – كەلمەسلىكنى كۆزىتىپ بېرىشى كېرەك . ئەگەر ئۇلار بىر خىل بولسا بۇ مىزاجنىڭ مۆئدىتىللىكىگە دالالەت قىلىدۇ . ئەگەر مۆئدىتىل مىزاجغا ئىگە بولغان تۇتۇپ تۇرۇپ ھېس قىلغۇچى
-
2010-07-15
ئامرىكىدا بىر ئوقۇتقۇچى - [ئارىلاشما تېمىلار]
چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 9 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھىندىستانلىق بىر ئايال خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا بوشانغان ھەمدە تۇغۇلغان بالىسىنى تەرەت قاچىسىغا تاشلاپ ، سۇ قۇيۇپ بېرىپ ئېقىتىۋەتمەكچى بولغاندا ، ئايروپىلان خادىملىرى ۋاقتىدا بايقاپ بالىنى قۇتقۇزۇۋالغان . بۇ ئايال بوۋاقلارنى تاشلىۋېتىش جىنايىتى بىلەن قانۇنىي جازاغا تارتىلىشى مۇمكىن ئىكەن