ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۇسۇلى
سۇئال ئىنگلىز تىلىنى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى قايسى؟ئىنگلىز تىلى گىرامماتىكىسىنىڭچۇ؟
جاۋاب: بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىل ئۆگىنش بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ئىرادە بىلەن مۇستەھكەم بەل باغلىماي تۇرۇپ، بىر تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنش مۇمكىن ئەمەس. تىل ئۆگىنش ھېچكىم ئۈچۈن ئاسان ئەمەس. شۇڭا باشتىن تارتىپ بۇ توغرىلىق مۇستەھكەم ئدىيۋىي تەييارلق بولۇشى كېرەك. مەن شنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇغان ۋاقتىمدا، 1-يىلى خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنپ، ئۇنىڭدىن كېينكى 2 يىلنىڭ ئىچدە ئىنگلىز تىلىنى قوشۇمچە ئۆگىنىپ، تەبئىي پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلرىنىڭ 3 يىللىق دەرسلىكىنى ئۆگىنىپ بولۇپ، ئىنگلىزچىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئىمتھانغا قاتنشپ، يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىدىم. ئەڭ ئاخىرقى 2 يىل جەريانىدا ياپون تىلنىمۇ ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىپ بولدۇم.
مەن قوللانغان ئۇسۇل مۇنداق: 1) ھەر كۈنى يېڭى سۆزلۈكتىن 20 دانە سۆز ئۆگىنىش. 2) بىر سۆزنى 5 كۈن، ھەر كۈنى 3 قېتىمدىن يېزىش. 3) تېكستنى پۈتۈنلەي يادلىۋېلىش. 4) تاپشۇرۇقنى بىرنىمۇ قالدۇرماي ئىشلەش. تۆۋندىكى ھەر بىر مەسىلە ئۇستدە قىسقچە توختىلىپ ئۆتەي.
1) تىل ئۆگىنشتە ئەڭ قىيىنغا توختايدىغان بىر نەرسە يىېتەرلىك ساندىكى سۆزلۈكنى يادلاپ ئىگىلەشتىن ئىبارەت. سۆز يادلاش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق تۇتۇپ ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇزۇن مۇددەت ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە . شۇڭا ئۇنى كۈندىلىك ۋەزىپە قىلۋېلىش كېرەك. مەن ھەر كۈنى ئەتتىگەن سائەت 6 دە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئالدىنقى كۈنى ئاخشمى تەييارلاپ قويغان 20 سۆزلۈكنى يادلىدىم. يەنى خەنزۇچە مەنىسگە قاراپ، ئىنگلىزچىسىنى دەپ بېرلەيدىغان بولدۇم. ئەتتىگەنلىك تاماقتىن كېين سىنپقا 5-10 مىنۇت بالدۇر بېرىپ، دەرس باشلنشتن بۇرۇن، بۈگۈن ئۆگەنگەن 20 سۆز ۋە ئالدىنقى 4 كۈندە ئۆگەنگەن 80 سۆز بولۇپ جەمئي 100 سۆزنى خەنزۇچىسغا قاراپ تۇرۇپ ئىنگلىزچىسىنى يازدىم. بۇنى چۈشتىن كېينكى دەرستىن بۇرۇن ۋە كەچلىق تەكراردىن بۇرۇن يەنە 2 قېتىم تەكرارلىدىم. يەنە ھەر كۈنى 5 كۈنلۈك 100 سۆزنى 3 قېتىم يېزىپ چىقتىم. ھەر بىر سۆزنى مۇشۇنداق 5 كۈن تەكرارلىسام، ئۇ مەڭگۈ ئېسمدىن چىقمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندى. بۇنى ئۆزۈمگە ئىنتايىن قاتتىق تۈزۈم قىلۋالغان بولۇپ، سۆزلۈكنى يېزىپ بولماي تۇرۇپ كىنوغا بارمىدىم. سۆزلۈكنى يازماي تۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بارمىدىم. ئويۇن-تاماشىدىن ۋاز كەچسەممۇ بۇ تۈزۈمنى قەتىئي بۇزمىدىم.
2) يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، ھەر قېتىم 5 كۈنلۈك سۆزنى (يەنى 100 سۆزنى ) يازدىم. ھەر كۈنى 3 قېتىم يازدىم: ئەتىگەنلىك دەرستىن بۇرۇن، چۈشتىن كېينكى دەرستىن بۇرۇن ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىن.
3) مېنىڭ ئۆگەنگىنىم تەبئىي پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابى بولۇپ، ھەر بىر دەرسنىڭ بىردىن رەسمىي تېكست ۋە بىردىن بار ئىدى . مەن ھەر ھەپتىدە بىردىن يېڭى دەرس ئۆگەنگەن بولۇپ، ھەپتنىڭ ئاخرىغىچە ھەر كۈنى ئەتىگەندە تېكستنى ئوقۇپ، ئاخىرىدا تېكستنى پۈتۈنلەي يادلىۋالدىم. بۇنىڭ پايدىسى ، سىز خام سۆزنى پۇختا ئېسڭىزگە ئېلۋېلىپلا قالماي، گىرامماتىكا قائىدىسنىمۇ پۈتۈنلەي يادلىۋالىدىغان بولغاچقا، كېيىنچە گىرامماتىكىنى جانلىق ئىشلىتشىڭىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىسى بولىدىكەن. مەن رىدىڭ تەكسىتنىمۇ ھەر كۈنى ئوقۇپ، ئاساسەن ئېسمگە ئېلۋالدىم.
4) تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلەش ھەر قانداق پەندە يېڭى ئۇقۇمنى پىششق ئىگىلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە. شۇڭا بۇ يەردە تەپسلىي توختالمايمەن.
بىر داڭلىق ئادەم مۇنداق دېگەن: بۇ سۆز تىل ئۆگنشتە ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، تاماققا ئۆچرەت تۇرغان ۋاقتىمدا، ئاپتوبۇستا ماڭغان ۋاقتىمدا، يىغىنلارنىڭ ئالدى-كەينىدە دېگەنلەرنىڭ ھەممسدە ئىنگلىزچە سۆزلۈك يادلايتتىم.
—–ئەركىن سىدىق
مەنبە: مەرىپەت تورى
ياخشى تىىمىكەن