ياپونىيىنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە مەكتەپ تۇرمۇشى

      ياپونىيىنىڭ يولغا قويىۋاتقان مائارىپ تۈزۈمى 6،3،3،4لىك تۈزۈم بولۇپ توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويغان. مەجبۇرىي مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى %100گە يېتىدۇ. ساۋاتسىزلىق نىسبىتى نۆل. بۇ سانلاردىن ياپونىيە مائارىپىنىڭ دۇنيانى ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە تولۇق ئوتتۇرا مەجبۇرىي مائارىپ دائىرىسى ئىچىدە بولمىسىمۇ، لېكىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %98كە يېتىدۇ. 2006-يىلى ياپونىيىدىكى ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي سانى […]

    leftad

    يازما كۆزنىكى

    قەدىرلىگىن قەدىرلىگەننى

    ئاپتۇر: ۋاقتى2014-01-10 23:42 ئوقۇلۇشى:115 قېتىم

    مانا كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلغا قدەم قويغىلىمۇ 10كۈن بوپتۇ. مۇنبەرنى دەپ بلوگ يېزىپ باقمىغىلىمۇ خېلى ئۇزاق ۋاقىتلار بوپتۇ، بىر ۋاقىتلار ئۆتكەن بىر كۈن بلوگ يازمىسام ، يېڭى تېما يوللىمىسام كۈنۈم ئۆتمىگەندەك ھېس تۇيغۇلاردا بولدىغان. قاچانلاردا مۇنبەر ماڭغۇزۇشقا ئاتلاندىم بلوگ تاشلنىپ قالدى. بالىلىقنى ئەسلەپ دېگەننى ئاڭلاۋېتىپ شۇنىڭغا يانداشقان بىر كوپلېت يېزىپ قويدۇم….

    تۈنۈگۈنلا بلوگ يېزىپ يۈرۈشمىگەنمۇ ،

    يازمىلارنى بارچە تورداش ئوقۇشمىغانمۇ،

    دوست يارەنلەر ھەۋەس بىلەن قاراشمىغانمۇ ،

    بلوگ يازغان شۇ چاغلارنى سېغىندىم بۈگۈن .

    ئۇنى دەيمىز، بۇنى دەيمىز ئايىغى ئۈزۈلمەس ئالدىراشچىلىق، ئىلىم سەپىرىمدىكى تۈگىمەس ئىمتىھانلار ئۈچۈن يېتىشەلمەي ، قەلەم تەۋرىتىش يا خۇشياقماي دېگەندەك بىر يىلنى ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئاللاھ خالىسا 2014-يىلىدا ئۆز ئىجادىي يازمىلىرىم بىلەن كۆپچىلىكنى ئۇچراشتۇرۇشقا تىرىشىمەن. تۆۋەندە يېڭى يىل ھارپىسىدا يازغان ئۈچ كوپلىت شېئىرىمنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇندۇم.

    قەدىرلىگەن قەدىرلىگەننى

    بىلنۇر

    سېنى مەڭگۈ سۆيەلمەي ئۆتۈپ،

    ۋىسالىڭغا يېتەلمىسەممۇ .

    كېچەلمەستىن سېنىڭدىن ئەبەد،

    يۈرەكلىرىم دەرتكە تولسىمۇ.

     

    قەدىرلىگىن قەدىرلىگەنىنى،

    بىرگە ئوتتا كۆيەلىگەننى.

    باشقىلارنى ھەۋەستە قويۇپ،

    مەڭگۈ بىرنى سۆيەلىگەننى.

     

    شەرمى ھايا ئەخلاقى بىلەن،

    گۈل ھۆسنىگە ھۆسن قوشقاننى.

    بارچە سۆيگۈ مۇھەببىتىنى،

    مەڭگۈ بىرگە ئاتا قىلغاننى.

    2013-12-ئاينىڭ 31-كۈنى

    شەھىرى چاڭچۈن 

    تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

    ياپونىيىنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە مەكتەپ تۇرمۇشى

    ئاپتۇر: ۋاقتى2014-01-10 12:01 ئوقۇلۇشى:122 قېتىم

     

    ياپونىيىنىڭ يولغا قويىۋاتقان مائارىپ تۈزۈمى 6،3،3،4لىك تۈزۈم بولۇپ توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويغان. مەجبۇرىي مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى %100گە يېتىدۇ. ساۋاتسىزلىق نىسبىتى نۆل. بۇ سانلاردىن ياپونىيە مائارىپىنىڭ دۇنيانى ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

    گەرچە تولۇق ئوتتۇرا مەجبۇرىي مائارىپ دائىرىسى ئىچىدە بولمىسىمۇ، لېكىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %98كە يېتىدۇ. 2006-يىلى ياپونىيىدىكى ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي سانى 744بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 87سى دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى، 568ى شەخىسلەر ئىگىدارلىقىدىكى مەكتەپ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە نۇرغۇنلىغان قىسقا مەزگىللىك ئۇنىۋېرسىتېتلار بار.

       ياپونىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۆلچەرلىشىچە «ئاز پەرزەنتلىشىش»نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، 2007-يىلى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %100كە يېتىشتەك «ئالتۇن دەۋر»نى كۈتىۋالغان. (ئەمەلىيەتتە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى داڭلىق مەكتەپلەرگە تىزىملىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەممە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ داڭلىق مەكتەپلەرگە ئۆتەلىشى مۇمكىن ئەمەس.)

    تۈرى: ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

    گۈزەل دۇنيا قەلبىڭىزدە

    ئاپتۇر: ۋاقتى2013-12-04 11:43 ئوقۇلۇشى:112 قېتىم

    گۈزەل دۇنيا قەلبىڭىزدە

    1 (2)

    بىر ياش ئۆزى تۇرىۋاتقان جايدىن باشقا جايغا كۆچۈپ بېرىپتۇ. ئۇ شۇ جايدىكى بىرىدىن:

    -بۇ شەھەر قانداقراق؟ كىشىلەر ئۆز ئارا دوستانە مۇئامىلە قىلىشامدۇ؟-دەپ سوراپتۇ. بۇ ياشنىڭ سوئالىغا جاۋاب

    بېرىشتىن ئاۋۋال، ئۇ كىشى ئۇنىڭدىن قايتىلاپ سوئال سوراپتۇ.

    -قېنى دەپ بېقىڭە؟ سىز بۇرۇن تۇرغان جاي قانداقراق ئىدى؟ كىشىلەر كىشىلەر ئۆز ئارا دوستانە مۇئامىلە قىلىشامتى؟

    تۈرى: ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

    «مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك »

    ئاپتۇر: ۋاقتى2013-11-15 09:50 ئوقۇلۇشى:201 قېتىم

    «مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك »

    مايۈننىڭ ئگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە بەرگەن 24سائەتلىك دەرسى
    نېمە ئۈچۈن مېنىڭ يېنىمدىن ئايرىمايدىغان سۆزۈم «مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك »؟چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ زور مەغلۇبىيەت ۋاز كېچىش، ئىگىلىك تىكلەش جەريانى ئوڭۇشىسىزلىقلارغا تولغان بولىدۇ ،پەقەت مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىكلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇل تېشى.

    كىرىش سۆز
    بۈگۈنكى مايۈن ئاللىقاچان ھەممە بىلىدىغان كارخانىچى ۋە ئىسىمى جىسمىغا لايىق «ئىگىلىك تىكلەش پىشۋاسى». شۇنداقلا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ قوغلىشىش نىشانى ھەم ئۈلگىسى.

    تۈرى: ئۇنىۋېرسال | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

    خىيالچان تىلەك

    ئاپتۇر: ۋاقتى2013-11-08 11:26 ئوقۇلۇشى:105 قېتىم

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ
    تېڭىرقىمايمەن ، دوستلار ، تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى ،
    چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.

    مەرد باغۋەن غازاڭ قىلمايدۇ ۋاقىتسىز باغنى،
    تەربىيىسىز سۇلدۇرۇپ گۈل-چىچەكلەرنى.

    خىيالىم تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر سەبىي بالا،
    ئېمىش ئۈچۈن قەدىردان ئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى.

    لەززەتلىك خىيال ئارىسىدا بېقىپ ئاسمانلارغا،
    تەپەككۇر كۆزى بىلەن كۆرىمەن روشەن بۇرجەكلەرنى.

    جانان ناز ئۇيقۇدا يېتىپ نېچۈك تولغانماس؟!
    ئاشىقى كۈتۈپ تۇرسا ئېچىپ يورۇق رۇجەكلەرنى.

    نېمىشقا يازماي تىلەك ئارىلاش مۇڭلۇق لىرىكىلارنى،
    سۆيگۈ ئىشقى ئۆرتەپ كۆيدۈرسە يۈرەكلەرنى.

    ئەزەلدىنلا خىيالچان مۇڭلۇق بىر يىگىت ئىدىم،
    تېڭشىغاچ مومام ئاغزىدىن ساماۋى چۆچەكلەرنى.

    تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

    شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

    ئاپتۇر: ۋاقتى2013-10-29 09:35 ئوقۇلۇشى:131 قېتىم


    شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىگە بىۋاستە قاراشلىق،«211قۇرۇلۇشى»، « 985قۇرۇلۇشى» دىكى نۇقتىلىق، يۇقىرى سەۋىيىدىكى تەتقىقات خاراكتىرلىك ئالىي مەكتەپ ، شۇنداقلا، «111پىلانى» ۋە «چاڭجىياڭ ئۈچ بۇرجەك رايونى ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىق بىرلەشمىسى»نىڭ مۇھىم ئەزاسى. مەكتەپ مۇھىتى ئازادە، كۆركەم بۇلۇپ «شەرقتىكى ئەڭ گۈزەل مەكتەپ دەپ تەرىپى» بار.
    شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى 1951-يىلى 10-ئاينىڭ 16- كۈنى ئەسلىدىكى داشىيا ئۇنىۋېرستېتى(1924-يىلى)، گۇاڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى (1925-يىلى) نى ئاساس قىلىپ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، سانت جون ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر قىسىم فاكولتىت ۋە كەسىپلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئەسلىدىكى داشىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  ئورنىغا قۇرۇلغان.

    پۇل دېگەن نەرسە …

    ئاپتۇر: ۋاقتى2013-10-27 14:49 ئوقۇلۇشى:116 قېتىم

    شائىرىمىز روزى سايىتنىڭ شېئىرلىرنى قاچان تۇنجى رەت ئوقۇغىنىم ئېسىمدە يوق ، لېكىن «دېھقان بولماق تەس» ناملىق شېئىرنى ئوقۇپ ئاجايىپ ھېس تۇيغۇلارغا چۆمگىنىم ئېسىمدە، قايتا-قايتا ئوقۇپ بىر نەچچە كوپلىتىنى يادقىدىمۇ ئېلۋالغانىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن شائىرىمىزنىڭ باشقا شېئىرلىرى بىلەن رەسمىي ئۇچراشتىم ، دېھقان دىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىنساننىڭ سىماسىنى ھەقىقى چىن ھېسياتى بىلەن ئىپادىلەپ خەلق تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مەرھۇم شائىرىمىز نىڭ شېئىرلىرى بىلەن بالدۇراق ئۇچراشمىغىنىمدىن ئەپسۇسلاندىم ،مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بولۇشىنى تىلىدىم. نەچچە كۈندىن بېرى شائىرىمىزنىڭ«ئانا تىلىم-زەر تىلىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇۋېتىپ ، «پۇل دېگەن نەرسە…»ناملىق مۇخەممىسىنى ئوقۇپ، شېئىردىكى پاساھەت، ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيىلەرگە ئىختىيارسىز قايىل بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن بۇ 22كوبلىت شېئىر بىلەن كەڭ قېرىنداشلىرىمىزمۇ تەڭ ئورتاقلاشسۇن دېگەن ئۈمۈدتە كومپىيوتېردا بېسىپ بلوگقا يوللىدىم.
    پۇل دېگەن نەرسە …
    روزى سايىت
    پۇل ئەجەپ نەرسە چاتاق پۇل بولمىسا،
    يوق مەئىشەت، نام-ئاتاق پۇل بولمىسا،
    كەڭ جاھانمۇ تار، دوزاخ، پۇل بولمىسا،
    تۇتمىقىڭ تەس ئۆي-ئوتاق، پۇل بولمىسا،
    كونا تاملىقتا قوناق، پۇل بولمىسا.

    تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

    «مۇھەببەت»ناملىق كىتابتىن خاتىرە

    ئاپتۇر: ۋاقتى2013-10-06 11:46 ئوقۇلۇشى:135 قېتىم

    يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچىمىىز روىمۇھەممەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ «ياشلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر »، «ياشلىقتا باھانە ئارتۇقچە »ناملىق كىتابلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇۋەپپەقىيەتكە ، پاراسەتكە ئائىت پەلسەپىۋى كىتابلارغا قىزىققانلىقىمدىن بولسا كېرەك ، يازغۇچىمىزنىڭ كىتابلىرىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇشقا كىرىشتىم، بىر كۈنى كۇتۇپخانىدا كىتاب كۆرىۋېتىپ ئۇيغۇرچە كىتابلار ئازلا قالغان كىتاب جازىسىدا «مۇھەببەت» ناملىق كىتاب كۆزۈمگە چىلقىپ قالدى ۋاراقلاپ قارىسام روزىمۇھەممەت ئاكىمىزنىڭ كىتابى ئىكەن ، شۇئان ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇشقا كىرىشتىم ،ئوقۇش جەريانىدا بۇ كىتابتىكى ئۆزۈم ياقتۇرغان سۆز جۈملىلەرنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە غېرىب كۆلبەمگە يېزىپ قالدۇردۇم . ئاپتور مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن جۈملىلەرنى مەنمۇ ئاپتورىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم .
    يوق بىزگە ئانىدەك مېھرىبان ، كۆكرەككە قالقان ، باشقا ھايىبان(ھەكىمزادە نىيازى)
    ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە ، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن .(ئۇيغۇر خەلق ماقالى)
    ئېگىلىپ ئەرنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇش ، ئېگىلىپ سالام بېرىش ، ئۇنى تۆرگە ئۆتكۈزۈپ ھۆرمەتلەش بىچارىلىك ئەمەس!ئەردىن بىر قەدەم ئارقىدا يۈرۈش ، ئۆزىنى شاگىرىت ، ئېرىنى ئۇستاز ساناش قورقۇش، ئىرادىسىزلىك ئەمەس! بۇ ئېلىم شەرققە خاس ئاياللىق ئىلمى! بۇ -ئەدەپ بىلەن ئائىلىنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرۈش «گېپىڭىز توغرا »دەپ تۇرۇپ ئۆز پىكىرىنى ماقۇللىتىش ، خىزمىتىڭگە تەييار دەپ تۇرۇپ ئاينىغان بىپەرۋا ئەرلەرنى ئائىلىپەرۋەرگە ئايلاندۇرۇپ ئېلىش ئىلمىدۇر.(تۇرسۇنجان سادىقوۋا)
    مېھرىنى ھەممىگە ، سۆيگۈ مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بېغىشلىيالايدىغان ئاياللار مۇھەببەتلىك ئايالدۇر.(ئاپتوردىن )
    ھەم جىسمانى جەھەتتىكى ئاجىزلىقنى تەن ئالالايدىغان ھەم روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلۈكنى جارىي قىلدۇرالايدىغان ئاياللار ھەقىقىي قۇدرەتلىك ئايالدۇر.(ئاپتوردىن)

    ئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرىدىن تورداشلارغا سالام!!!

    ئاپتۇر: ۋاقتى2013-10-01 02:30 ئوقۇلۇشى:93 قېتىم

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار !ھەر بىر خەيىرلىك ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى نۇرغۇن توسالغۇلارغا ، سىناقلارغا يۈز تۇتقىنىغا ئوخشاش ستۇدېنتلىرىمىز ئۈچۈن ئەركىن مۇنازىرە سورۇنى ھازىرلاشنى نىشان ، ئىلىم -بىلىم تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان ستۇدېنتلار مۇنبىرىمىز 2013-يىلى يىل بېشىدا قۇرۇلۇپ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا نەچچە قېتىم تاقالدى، مۇنبەرنىڭ تېخنىكىلق مەسلىلىرىنى ئەمدى ھەل قىلىپ بولۇپ قايتا ئېچىشىمىزغا بېكەتنىڭ icp سى ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم تاقالدى،« يېقىلغان چېلىشقا تويماس» دېگەندەك مۇنبىرىمىزنى نورماللاشتۇرۇش ئىشىدىن ھەر ۋاقىت ۋاز كەچمىدۇق. ئااللاھ نىڭ ئىرادىسى بىلەن مۇنبىرىمىز نورمالىشىشقا يۈز تۇتتى.
    بىكەت نورماللاشتىيۇ تېمىلار يېڭىلانمىدى، بېكەتنىڭ تەشۋىقاتىغىمۇ كۈچىمىدىم، نىشانسىز كارۋان ئاسانلا يولدىن ئازغاندەك ،نىشان ئېنىق بولغاندىن كېيىن ھەركەتكە ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم .توغرا يول ئۈستىدە ، قايسى تەرەققىيات يۆنىلىشى بۇيىچە مۇنبەرنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ئاز تولا تۆھپىسىنى قوشالايدىغان ، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرەلەيدىغان تو بىكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدىم. يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ بېشىدىكى ئالدىراشچىلىقلار ، دەرسىمنىڭ كۆپلۈكى مېنى خېلى ھالسىراتتى، مۇنبەر توغرىسىدا ئىزدىنىشلىرىمدىمۇ كۆرىنەرلىك ئىلگىرلەشلەر بولمىدى . مانا بۈگۈن بۇرۇنقى ئويلىرىمدىن، ئىزدىنىشلىرىمدىن يەكۈن چىقىرىپ بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن .
    تور بېكەتنىڭ خاراكتىرى: مائارىپ ، ئەدەبىياتنى ئاساس قىلغان بىر قەدەر كەسپىيلەشكەن تور بېكەت . (ئەسلىي پەقەتلا مائارىپ خاراكتىردىكى پۈتۈنلەي كەسپىيلىشىش يولىنى تاللىغان لېكىن ئۆزۈمنىڭ شۇنداقلا ستۇدېنتلىرىمىزنىڭ ئەدەبىيات قىزغىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مائارىپ ۋە ئەدەبىيات تېمىلىرىنى ئاساس قىلغان بىر قەدەركەسپىيلىشىش يولىنى تاللىدىم).
    تور بېكەت مەقسىتى: قېرىنداشلىرىمىزگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزەلەيدىغان ، مائارىپ ماتىريال ئامبىرى ، ستۇدېنتلىرىمىز ئۈچۈن ھەقىقىي ، ئىلمىي مۇنازىرە سورۇنى ھازىرلاش.
    تېما يوللاش ۋە تەستىقلاش : يوللانغان تېمىلار دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانونى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىملىرىگە ئۇيغۇنلاشقان بولۇشى ، ئۆتكۈر سۆز ئىنكاسلار قەتئىي يوللانماسلىقى كېرەك. مائارىپ ۋە ئەدەبىيات تېمىسىدن باشقا بارلىق تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ.
    تەرجىمە گۇرۇپپىسى : تەرجىمە گۇرۇپپىمىز سۈبھى تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت كۈن تەرتىپى بۇيىچە داۋاملىق توردىن ئەزا قۇبۇل قىلىدۇ. تەرجىمە ئەسەرلىرىمىز مۇنبەر يۈزىدە تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشتىن سىرت ياخشى چىققان تەرجىمە ئەسەرلەرنى مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىدۇ، پەسىلدە يىلدا بىر قېتىم تەرجىمە گۇرۇپپىمىز ئۈچۈن تىرىشقان ، تەرجىمە مېۋىلىرى تورداشلارنىڭ ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشكەن گۇرۇپپا ئەزالىرى مۇكاپاتلىنىدۇ.
    مۇخپىرلار گۇرۇپپىسى: سۈبھى تور ژۇرنىلىمىز تەھرىراتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مۇخپىرلار گۇرۇپپىمىز تېخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈلۈپ ،ستۇدېنتلىرىمىز ئىچىدىكى ياخشى ئىش ياخشى پائاليەت ، ستۇدېنتلار ئىچىدىن چىققان ئۆگۈنۈش ئۈلگىلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن شارائىتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە سىنلىق ، يازمىچە ، ئاۋازلىق تورداشلىرىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىمىز.
    تېخنىكا گۇرۇپپىسى: تېخنىكا گۇرۇپپىمىز ھازىرچە سىناق تەرەققىسىدە قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ چاڭچۈن شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان ستۇدېنتلىرىمىزدىن ئالدىن ئەزا قوبۇل قىلىندۇ. مەقسەت ۋە تەلەپ باشقا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىنى مۇنبىرىمىزدە داۋاملىق ئاڭلىتىش بېرىمىز.
    باشقۇرغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىغا قويۇلدىغان تەلەپلەر: مۇنبىرىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان كەمىنە مۇنبەرمەسئولىدىن باشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلمىدى. ئىلگىركى باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. يېڭىدىن تور دۇنياسىدىكى ئېلىم سۆيەر ستۇدېنتلىرىمىز ئىچىدىن باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. باشقۇرغۇچىلارغا قويۇلدىغان تەلەپ باشقا مۇنبەرلەردىن ئانچە مۇنچە پەرقلىندۇ، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى باشقا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا ئوخشاش توردا مۇئەييەن ۋاقىت تۇرالىشى ، ئەڭ ئالدى بىلەن خالىس تۆھپە قۇشىدىغان ،ئەدەبىيات جەھەتتىن مۇئەييەن بىلىم ۋە مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى سەگەك كاللا، ئويغاق پىكىرگە ئىگە بولۇشى كېرەك . مۇنبەر باشقۇرۇش تەجرىبىسى بولسا ياخشى ئەگەر ئۇنداق بولمىغان ئەھۋالدا تەربىيلەش يېتەكلەش ئېلىپ بېرىلدۇ. باشقا مۇنبەرلەردىن پەرقلىنىدىغان قىسمى شۇكى مۇنبەر تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا باشقۇرغۇچىلار ئايدا تېما سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا مۇئەييەن ساندا تېما يوللىشى كېرەك . (ئالاھىدە ئەھۋاللار نەزەردىن ساقىت قىلىندۇ)بۇ توغرىسىدا مۇنبەرگە ئايرىم تېما يوللىنىدۇ.
    ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق: مۇنبىرىمىز ئالدى بىلەن ھەرقايسى مائارىپ تور بىكەتلىرى بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرىدۇ ۋە ھەر خىل تۈر ، تەرەققىيات يوللىرى ئۈستىدە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ. بېكەتكە كىرىدىغان ipنىڭ سانىنىڭ ئازلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشقا قۇشۇلمىسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق …
    بىر قەترە سۇمۇ ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى بولغاندەك ،مۇنبىرىمىىز ھازرىرقى بىخ ھالىتىدىن تەرەققى قىلىشقا ئېرىشىش ئۈچۈن كەڭ تورداشلارنىڭ قوللىشى قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىگە موھتاج، شۇ نەرسە ئېنىقكى مەقسىتىمىز پۇل تېپىش ئەمەس نوپۇزلۇق تور بېكەتكە ئايلىنىش تېخىمۇ ئەمەس پەقەتلا ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدىغان خەلق كۆڭلىگە ياقىدىغان ئىلمىي تور سورۇنى ھازىرلاش. شۇئارغا ئىشەنمەڭ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىشىنىڭ ! تېمىلار قەرەللىك ھالدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ،مۇنبىرىمىز بۈگۈندىن باشلاپ بارلىق تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن رەسمىي ئېچىۋېتىلدى!!!
    تور ئادرېسىمىز: http://uystudent.com
    كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
    ستۇدېنتلار مۇنبىرى قۇرغۇچىسى ئابلىز ئەخمەت (بىلنۇر)
    2013-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

    تۈرى: ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

    ئوغۇل بالا شۇنداق ياشىسۇن

    ئاپتۇر: ۋاقتى2013-09-02 14:12 ئوقۇلۇشى:127 قېتىم

    ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىم

    كۆيۈش كېرەك ئوتقا ئوت بولۇپ،
    بۇ ھىجراندا يەنە كۆيمەيمىز.
    جىنچىراقتەك كۆيگەن ئوتلارنى ،
    ھەۋەس دەيمىز ئىشقى دىمەيمىز.

    قەدىرلىگىن قەدىرلىكىڭنى،
    باھاسىغا ياتلار يەتمىسۇن.
    ئوغۇل بالا جۈرئەتسىزلىكتىن،
    بىر كۈنلىرى ئازاپ چەكمىسۇن.

    كۈلۈش كېرەك زورىغا كۈلمەي،
    تىلەكلەرگە تەتكەن چېغىدا.
    جانغا زۇلۇم پۇشايمان ھەسرەت،
    ئامەت قولدىن كەتكەن چېغىدا.

    تەشنالىقلار سۇدا قانمىسا،
    زۆرۈر ھەتتا ئىسسق قان بېرىش.
    مۈشكۈللەرنىڭ قىيىن مۈشكۈلى،
    پاكىز ياشاپ پاكىز جان بېرىش.

    تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش
    مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ
    ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
    ئۈستىگە قايتىش
    база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти человека по номеру мобильного телефона телефонная база билайна москвы тут поиск адреса по номеру телефона в спб на сайте поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске телефонная база казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов ссылка поиск программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных мобильных телефонов мегафона телефонная база частных абонентов справочник домашних телефонов ташкента справочник поиск телефонного абонента ссылка телефонная база г самары тамбов справочник телефонов как найти человека по номеру телефона в городе ярославле как найти человека по фамилии и городу проживания найти по городскому номеру телефона ссылка здесь поиск людей камышин на сайте найти человека по фамилии в подмосковье на сайте база данных номеров московского мегафона воронеж билайн база данных таганрог справочник телефонов телефонная база данных ростов справочник игра шаг О фифе sitemap