bilnur يوللانغان ۋاقتى 2014-01-27 04:30 كۆرۈلۈشى:414 قېتىم
ئارزۇلار قالدىغۇ ئازرۇلار پېتى،
ئارقىدىن قوغلاپمۇ يېتەلمەي ئەسلا.
بىلمىسەڭ بەزىدە ۋاز كېچىشنى گەر،
خەق سېنى دېمەمدۇ جايىل بىر بەزلا.
ئارزۇلار بولغاچقا پارلاق بۇ ھايات،
تولار ھەم تۇرمۇشمۇ يېڭى مەنىگە.
مۇرادقا يېتىشچۈن تۈگۈلگەن مۇشتلار،
يول ئالار ئات سېلىپ پارلاق ئەتىگە،
داۋانلار ساناقسىز، يوللار بەك ئۇزۇن،
ئىز بېسىپ ماڭىمىز ئارزۇلار ئۈچۈن.
قەلبتە ئويغىنار شاتلىق جىلۋىسى،
يەتكەندە ئارزۇغا ئاخىرى بىر كۈن.
2014-يىل 12-يانۋار
ھالقىلىق سۆز:
شئېرىيەت | تۈرى:
شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2014-01-10 23:42 كۆرۈلۈشى:557 قېتىم
مانا كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلغا قدەم قويغىلىمۇ 10كۈن بوپتۇ. مۇنبەرنى دەپ بلوگ يېزىپ باقمىغىلىمۇ خېلى ئۇزاق ۋاقىتلار بوپتۇ، بىر ۋاقىتلار ئۆتكەن بىر كۈن بلوگ يازمىسام ، يېڭى تېما يوللىمىسام كۈنۈم ئۆتمىگەندەك ھېس تۇيغۇلاردا بولدىغان. قاچانلاردا مۇنبەر ماڭغۇزۇشقا ئاتلاندىم بلوگ تاشلنىپ قالدى. بالىلىقنى ئەسلەپ دېگەننى ئاڭلاۋېتىپ شۇنىڭغا يانداشقان بىر كوپلېت يېزىپ قويدۇم….
تۈنۈگۈنلا بلوگ يېزىپ يۈرۈشمىگەنمۇ ،
يازمىلارنى بارچە تورداش ئوقۇشمىغانمۇ،
دوست يارەنلەر ھەۋەس بىلەن قاراشمىغانمۇ ،
بلوگ يازغان شۇ چاغلارنى سېغىندىم بۈگۈن .
ئۇنى دەيمىز، بۇنى دەيمىز ئايىغى ئۈزۈلمەس ئالدىراشچىلىق، ئىلىم سەپىرىمدىكى تۈگىمەس ئىمتىھانلار ئۈچۈن يېتىشەلمەي ، قەلەم تەۋرىتىش يا خۇشياقماي دېگەندەك بىر يىلنى ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئاللاھ خالىسا 2014-يىلىدا ئۆز ئىجادىي يازمىلىرىم بىلەن كۆپچىلىكنى ئۇچراشتۇرۇشقا تىرىشىمەن. تۆۋەندە يېڭى يىل ھارپىسىدا يازغان ئۈچ كوپلىت شېئىرىمنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇندۇم.
قەدىرلىگەن قەدىرلىگەننى
بىلنۇر
سېنى مەڭگۈ سۆيەلمەي ئۆتۈپ،
ۋىسالىڭغا يېتەلمىسىمۇ .
كېچەلمەستىن سېنىڭدىن ئەبەد،
يۈرەكلىرى دەرتكە تولسىمۇ.
قەدىرلىگىن قەدىرلىگەنىنى،
بىرگە ئوتتا كۆيەلىگەننى.
باشقىلارنى ھەۋەستە قويۇپ،
مەڭگۈ بىرنى سۆيەلىگەننى.
شەرمى ھايا ئەخلاقى بىلەن،
گۈل ھۆسنىگە ھۆسن قوشقاننى.
بارچە سۆيگۈ مۇھەببىتىنى،
مەڭگۈ بىرگە ئاتا قىلغاننى.
2013-12-ئاينىڭ 31-كۈنى
شەھىرى چاڭچۈن
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-11-08 11:26 كۆرۈلۈشى:661 قېتىم
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
تېڭىرقىمايمەن ، دوستلار ، تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى ،
چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.
مەرد باغۋەن غازاڭ قىلمايدۇ ۋاقىتسىز باغنى،
تەربىيىسىز سۇلدۇرۇپ گۈل-چىچەكلەرنى.
خىيالىم تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر سەبىي بالا،
ئېمىش ئۈچۈن قەدىردان ئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى.
لەززەتلىك خىيال ئارىسىدا بېقىپ ئاسمانلارغا،
تەپەككۇر كۆزى بىلەن كۆرىمەن روشەن بۇرجەكلەرنى.
جانان ناز ئۇيقۇدا يېتىپ نېچۈك تولغانماس؟!
ئاشىقى كۈتۈپ تۇرسا ئېچىپ يورۇق رۇجەكلەرنى.
نېمىشقا يازماي تىلەك ئارىلاش مۇڭلۇق لىرىكىلارنى،
سۆيگۈ ئىشقى ئۆرتەپ كۆيدۈرسە يۈرەكلەرنى.
ئەزەلدىنلا خىيالچان مۇڭلۇق بىر يىگىت ئىدىم،
تېڭشىغاچ مومام ئاغزىدىن ساماۋى چۆچەكلەرنى.
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 14:49 كۆرۈلۈشى:751 قېتىم
شائىرىمىز روزى سايىتنىڭ شېئىرلىرنى قاچان تۇنجى رەت ئوقۇغىنىم ئېسىمدە يوق ، لېكىن «دېھقان بولماق تەس» ناملىق شېئىرنى ئوقۇپ ئاجايىپ ھېس تۇيغۇلارغا چۆمگىنىم ئېسىمدە، قايتا-قايتا ئوقۇپ بىر نەچچە كوپلىتىنى يادقىدىمۇ ئېلۋالغانىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن شائىرىمىزنىڭ باشقا شېئىرلىرى بىلەن رەسمىي ئۇچراشتىم ، دېھقان دىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىنساننىڭ سىماسىنى ھەقىقى چىن ھېسياتى بىلەن ئىپادىلەپ خەلق تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مەرھۇم شائىرىمىز نىڭ شېئىرلىرى بىلەن بالدۇراق ئۇچراشمىغىنىمدىن ئەپسۇسلاندىم ،مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بولۇشىنى تىلىدىم. نەچچە كۈندىن بېرى شائىرىمىزنىڭ«ئانا تىلىم-زەر تىلىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇۋېتىپ ، «پۇل دېگەن نەرسە…»ناملىق مۇخەممىسىنى ئوقۇپ، شېئىردىكى پاساھەت، ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيىلەرگە ئىختىيارسىز قايىل بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن بۇ 22كوبلىت شېئىر بىلەن كەڭ قېرىنداشلىرىمىزمۇ تەڭ ئورتاقلاشسۇن دېگەن ئۈمۈدتە كومپىيوتېردا بېسىپ بلوگقا يوللىدىم.
پۇل دېگەن نەرسە …
روزى سايىت
پۇل ئەجەپ نەرسە چاتاق پۇل بولمىسا،
يوق مەئىشەت، نام-ئاتاق پۇل بولمىسا،
كەڭ جاھانمۇ تار، دوزاخ، پۇل بولمىسا،
تۇتمىقىڭ تەس ئۆي-ئوتاق، پۇل بولمىسا،
كونا تاملىقتا قوناق، پۇل بولمىسا.
ھالقىلىق سۆز:
شئېرىيەت | تۈرى:
شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-09-02 14:12 كۆرۈلۈشى:931 قېتىم
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىم
كۆيۈش كېرەك ئوتقا ئوت بولۇپ،
بۇ ھىجراندا يەنە كۆيمەيمىز.
جىنچىراقتەك كۆيگەن ئوتلارنى ،
ھەۋەس دەيمىز ئىشقى دىمەيمىز.
قەدىرلىگىن قەدىرلىكىڭنى،
باھاسىغا ياتلار يەتمىسۇن.
ئوغۇل بالا جۈرئەتسىزلىكتىن،
بىر كۈنلىرى ئازاپ چەكمىسۇن.
كۈلۈش كېرەك زورىغا كۈلمەي،
تىلەكلەرگە تەتكەن چېغىدا.
جانغا زۇلۇم پۇشايمان ھەسرەت،
ئامەت قولدىن كەتكەن چېغىدا.
تەشنالىقلار سۇدا قانمىسا،
زۆرۈر ھەتتا ئىسسق قان بېرىش.
مۈشكۈللەرنىڭ قىيىن مۈشكۈلى،
پاكىز ياشاپ پاكىز جان بېرىش.
ھالقىلىق سۆز:
شئېرىيەت | تۈرى:
شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-05-07 17:52 كۆرۈلۈشى:1,289 قېتىم
كېچە ھەممە شېرىن ئۇيقۇدا،
پەقەت مەنلا يالغۇز كوچىدا.
كوچا چىرىغى ئۆچتى تۇيۇقسىز ،
پۇچىلانغان ۋىسال ئىشقىدا.
قاراڭغۇغا جۆر بولدى ھىجران،
ئەسلىمەڭنى قالدۇرۇپ چەتتە.
ئەمەسمىدى سۆيگۈم گۇناھسىز،
سېنى سۆيگەن پاك شۇ قەلبتە.
ئۇنتۇش ئۈچۈن بارچە ئازاپنى،
جىمجىتلىقنى كۆزلەپ ماڭىمەن.
تىترەتتىغۇ يۈرەك تارىمنى،
شاماللارنىڭ ئاچچىق كۈلگىنى.
بىلنۇر قەلىمى
شەھىرى چاڭچۈن
ھالقىلىق سۆز:
مۇھەببەت | تۈرى:
شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى:
2 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-03-25 04:59 كۆرۈلۈشى:855 قېتىم
ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن،
ياندىمۇ ئۆچۈرۈش بەكمۇ تەس ئىكەن.
يۈرەكۇ باغرىڭنى ئەيلەپ جاراھەت،
ھىجران چۆللىرىنى كەزدۈرەر ئىكەن،
ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دىگەن،
تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن .
ئىەگەر ئۇ تارتمىسا ھىجران ئازابى ،
يەتمەك ۋىسالغا بەس مۈشكۇل ئىكەن .
ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن ،
يۈرەكنى زەرداپقا تولدۇرار ئىكەن .
بولمىسا گەر سۆيگۈگە چاڭقىغان قەلب،
تەقدىرنىڭ قىسمەتنىڭ قۇربانى ئكەن .
ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن،
ئۆزگىلەر ئۆزگىچە نام قويار ئىكەن.
بولمىسا گەر پاك قەلب ۋىجدان ئگسى ،
پاتقاققا مىنەلگەن سېسىق چۆپ ئىكەن .
بىلنۇر شەھىرى چاڭچۈن
ھالقىلىق سۆز:
مۇھەببەت | تۈرى:
شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-03-21 12:48 كۆرۈلۈشى:850 قېتىم
ئاۋۋال يۈزۈڭنى ئەمەس قەلبىڭنى ئورا
(ئىلھام ئەنۋەر نۇر ئوغلى)
ئورۇۋاپسەن يۈزۈڭنى بەكمۇ گۈزەل ھىجاپتا،
سىرغا تولغان رۇخسارىڭ پەرىشتىدەك كۆرۈنىدى.
نامەھرەملىك كۆزۈڭدىن خالىي ئەمدى خىيالىم،
شۇئان ئەركەك خىسلىتىم يۈرۈكىمدە تۇغۇلدى.
قوغداي دېدىم يۈرەكتىن ئوراپ سېنى ھىجابتەك،
تەڭرى بىزنى سىلەرنى قوغداش ئۈچۈن ياراتقان.
ئىپپەت سىنىڭ ۋەتىنىڭ،ۋەتەن ئەرنىڭ ئىپپىتى،
بۇ مۇقەددەس بۇرۇچنى تەڭرى بىزگە تاراتقان.
شۇ نىيەتتە ئاجىزەم يەڭنى تۈردۈم بىلەككە،
جاكارلىماق بولدۇم ھەم ئىخلاسىڭنى دۇنياغا.
لىكىن بۈگۈن ئايلاندى بارچە ئارمان كۆپۈككە،
چۈشۈپ كەتتىم نالىدە يەتكەن چاغدا قىياغا.
ھالقىلىق سۆز:
شئېرىيەت | تۈرى:
شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى:
2 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-03-06 15:21 كۆرۈلۈشى:780 قېتىم
سېنى كۈتتۈم ئەسلا كەلمىدىڭ ،
بارچە ئازاپ ھىجرانغا قۇيۇپ .
ئۇنتۇپ ئاشۇ گۈزەل چاغلارنى ،
سالماقچىمۇ سۆيگۈمگە قۇلۇپ.
چۈشلىرىمدىن ھېچ كېتەلمەيدۇ ،
ئوماق كۈلكەڭ قاپقارا كۆزۈڭ.
توسۇشقا چۈشنى مەندە نەچارە،
كۆيدۈگەن سۆيدۈرگەن يەنىلا ئۆزۈڭ.
قىلىشقان شۇ ۋەدىلىرىمىزگە،
ئاسماندىكى يۇلتۇزلار گۇۋا .
قالدۇرۇپ سۆيگۈنىڭ مەنزىلىرىگە،
سايە تاشلاپ ئاچىق ئەسلىمە.
ئۈنسىز ئاقىدۇ كۆزلرىمدىن ياش ،
چىدالمغاچ ھىجران دەردىگە،
تاشلاپ كەتسەڭ كېتىۋەر مەيلى،
يېتىسەن ھامىنى سۆيگۈم قەدرىگە.
مەيلى كەتكىىن يىراقلارغا كەت ،
ئەسلىمىلەرنى بىللە ئېلىپ كەت.
مۇھەببەتنى توزغاق گۈل قىلىپ ،
چېكەڭگىلا مەھكەم قىسىپ كەت.
ئۆز قەلىمىم
ھالقىلىق سۆز:
شئېرىيەت,
مۇھەببەت | تۈرى:
شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى:
2 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-02-02 11:24 كۆرۈلۈشى:640 قېتىم
ياشلىق تولىمۇ گۈزەل تولىمۇ قىممەتلىك ئەنە شۇ گۈزەل قىممەتلەرنى جۇلالاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر نەرسە بار ئۇ بولسىمۇ چىن -ئىخلاس ،ئەقىدە شەرمىي ھاياغا تويۇنغان مۇھەببەتتۇر .ئۆز قەلىمىم .
ئاڭلاش ئۈچۈن سېنىڭ سۆزۈڭنى ؟
يۈرەكلىىم سوقار سەن ئۈچۈن .
ۋە لېكىن پەقەتلا ئاڭلىيالمىدىم ،
جااۋاب بولدى كۈتۈش مەن ئۈچۈن .
ئېيتاي مەن دەپ يۈرەك سۆزۈمنى ،
كېلىمەن ئاجايىپ سۇنماس غەيرەتكە،
توسۇق بولدى مېنىڭ سۆيگۈمگە ،
سېنىڭ ماڭا پەرۋاسىزلىقىڭ .
قاچانغىچە سۆيگۈمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ،
ئۆتەمدىم مۇشۇنداق ھىجران ئچىدە .
ۋىسالغا يېتىش شۇنچە تەسمىدۇ ،
بىزگە تالىق بەش كۈن ئالەمدە .
ھالقىلىق سۆز:
مۇھەببەت | تۈرى:
شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش