ئەخلاق نەدىن كېلىدۇ ؟
مېنىڭ بۇ ماقالىدا دىمەكچى بولغانلىرىم ھەرگىزمۇ ئەخلاقىي پەند-نەسىھەتلەر ئەمەس ، بەلكى ئاشۇ پەند-نەسىھەتلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ــــــــــ مېنىڭ دەۋاتقىنىم ئەخلاق پەلسەپىسى ، يەنى ئېتىكا .
ئېتىكا بولسا زادى نېمىنىڭ ئەخلاق ئىكەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىشقا ئالاقىدار بىر ئىلىم . ئەخلاقىي ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلگەندە ، بىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ يىتەرلىك ئۆلچىمى باردەك ھېس قىلىمىز : كېچىكىمىزدىن تارتىپ بىز ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا پەند-نەسىھەت ئاڭلاپ چوڭ بولغان . ئاق كۆڭۈللۈك ، ۋاپادارلىق ، باتۇرلۇق ، راستچىللىق ، ياخشىلىق ، كەمتەرلىك ، ساداقەتمەنلىك ، كەڭ قورساقلىق ، مەردانىلىك… دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىز بىلىدىغان ئەخلاق پرىنسىپلىرىنىڭ ھەممىسى بولمىغان تەقدىردىمۇ ، زور كۆپ ساندىكىسى . كىيىنچە ، بەزىلىرىمىز ( ئېھتىمال ھەممىمىز ) مۇقەددەس كىتابلاردىكى دىنىي ئەھكاملارنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ مەلۇم بىر ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئەخلاقىي قىممىتىگە ھۆكۈم قىلىدىغان بولدۇق .
دەرۋەقە ، بۇلار ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ، بىراق يېتەرلىك ئەمەس . ئەگەر بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ئۆلچەم-پرىنسىپلارنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ، « مېنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىم يېتەرلىك » دەپ قاراپ ، شۇنىڭلىق بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان ئىزدىنىشتىن ۋاز كەچسەك ، خاتالاشقان بولىمىز .چۈنكى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنىڭ دائىرسى ھەددىدىن زىيادە كەڭرى ، مەنىسى غۇۋا بولۇپ ، كونكرېت ئەھۋالدا بىزنىڭ ئىش ھەرىكىتىمىزنى يىتەكلىيەلىشى بىر قەدەر قىيىن . مەسىلەن ، بىز يامانلىقنى بولۇشىچە قىلغان كىشىلەرگىمۇ ئاق كۆڭۈل بولىشىمىز كىرەكمۇ ؟ زالىم ھۆكۈمدارغىمۇ ۋاپادارلىق كۆرسەتسەك ئەخلاقلىق بولغان بولىمىزمۇ ؟ بىر توپ لۈكچەكلەر سىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىڭىزنى قوغلاپ يۈرۈپ ، ئۇنى ئىزدەپ سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ ئىشىك ئالدىغا كىلىپ قالدى ھەم دوستىڭىزنى سورىدى . سىز دەرۋەقە ئۇنى ئۆيىڭىزگە يوشۇرۇپ قويغان ئېدىڭىز . ئەمدى سىز ئۇ لۈكچەكلەرگە نېمە دەيسىز ؟ راستچىل بولامسىز ؟ ئەگەر سىز راستچىل بولۇپ ، دوستىڭىزنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ راستچىللىقىڭىز سەۋەبلىك ئەخلاقلىق ھېسابلىنامسىز ؟ يەنە مەسىلەن ، بىر دوستىڭىز ئۆزىنىڭ يىڭى سىتىۋالغان قىممەت باھالىق يىڭى كۆينىكىنى كىيىپ ، خۇشال ھالدا سىزدىن « قانداقراقكەن ؟ » دەپ سوراپ قالدى . ئەلۋەتتە ، دوستىڭىز سىزنىڭ « ۋاي بەك يارىشىپتۇ ئاداش » دەپ ماختاپ كېتىشىڭىزنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتىدۇ ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۆينىكى قەتئىيلا ياراشمىغان ئىدى ، ياراشمىغاننىڭ ئۈستىگە ئالامەت كۆرۈمسىز ئىدى . سىز بۇلارنى كۆرۈپ يەتتىڭىز . ئەمدى سىز دوستىڭىزغا نېمە دەيسىز ؟ ياخشى كۆڭلىڭىز بىلەن « ۋاي بەك يارىشىپتۇ ئاداش » دەمسىز ياكى ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى دەپ ، ئۇنىڭ شۇ سەت كۆينىكىنى يەنە داۋاملىق كىشىلەرگە كۆز-كۆز قىلىپ كۈلكىگە قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالامسىز ؟ مەسىلە شۇكى ، ئاق كۆڭۈل بولۇش ۋە راستچىل بولۇش ــــــــ ئىككىلىسى ئەخلاق ئۆلچىمىدۇر ( بىز كېچىكىمىزدىنلا مۇشۇنداق تەربىيەلەنگەن ) . لىكىن يۇقىرقى ئەھۋالدا ، ئەگەر سىز ئاق كۆڭۈل بولىمەن دىسىڭىز يالغانچى بولمىسىڭىز بولمايدۇ ؛ راستچىل بولىمەن دىسىڭىز دوستىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرېتىپ قويىسىز ، ئاق كۆڭۈل بولالمايسىز . يەنە مەسىلەن ، كەڭ قورساقلىقنى ئېيتايلى . ئەگەر دۈشمەن ئارمىيىسىدىكى بىر قانچە ئەسكەر ، مىلتىق-پىلتىقلىرى بىلەن ئۆيىڭىزگە باستۇرۇپ كىرىپ ، كۆز ئالدىڭىزدا سىزنى قارىتىپ تۇرۇپ نۆۋەت بويىچە ئايالىڭىز ، قىزىڭىز ، ئاچېڭىز ۋە ۋە سىڭلىڭىزغا باسقۇنچىلىق قىلىپ بولغاندىن ، ئۇلارنى قېيناپ ئۆلتۈرېۋەتسە ، بۇ چاغدا سىز كەڭ قورساقلىق بىلەن « بولدىلا » دىيەلەمسىز ؟ مۇشۇنداق چاغدىكى كەڭ قورساقلىقمۇ گۈزەل ئەخلاق ھېسابلىنامدۇ ؟
يەنە بىر مىسالغا قاراپ باقايلى . سىزنى پويىز شوپۇرى دەپ تۇرايلى .ھازىر سىز پويىز ھەيدەپ كېتىۋاتىسىز ، پويىز ئۇچقاندەك ئالغا قاراپ كېتىۋاتماقتا، تۇيۇقسىز پويىزنىڭ تورمۇزى ئىشلىمەس بولۇپ قالىدۇ . دەل شۇ چاغدا پويىز بىر ئاچالغا دۇچ كەلدى ، ئۇدۇلدىكى رېلىستا بەش نەپەر تۆمۈر يول ئىشچىسى ئىشلەۋاتاتتى ، ئوڭ يانغا قايرىلىدىغان يەنە بىر رېلىستا بولسا پەقەت بىرلا تۆمۈر يول ئىشچىسى ئىشلەۋاتاتتى . پويىزنىڭ سۈرئېتى شۇ قەدەر تىز ئېدىكى ، پويىز مەيلى قايسى يولغا ماڭمىسۇن ، شۇ يولدىكى ئىشچى قېچىشقا ئۈلگۈرمەيتتى ، ھامېنى ئادەم ئۆلەتتى ، مەسىلە پەقەت قانچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ئىدى ، خالاس . پويىزنى بۇرايدىغان رولنى ساق دەپ تۇرايلى . ھازىر سىز تاللاشقا دۇچ كەلدىڭىز : ئۆز قولىڭىز بىلەن رولنى بۇراپ پويىزنى ئوڭ ياندىكى ئاچا يولغا باشلاپ ، بىر ئىشچىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇدۇلدىكى يولدىكى بەش ئىشچىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالامسىز ياكى پويىز رولىنى بۇرىماي ، ھېچ ئىش قىلماي ، قولمۇ تىقماي پويىزنى ئۇدۇلدىكى بەش ئىشچىنى ئۆلتۈرۈشكە قويۇپ بىرەمسىز ؟ بۇ يەردىكى ئەخلاقىي قىيىن ئەھۋال شۇكى ، ئەگەر سىز « بەش ئادەم ئۆلگۈچە بىر ئادەم ئۆلسۈن » دەپ پويىز رولىنى ئوڭغا بۇرېسىڭىز ، دەرۋەقە بەش ئىشچىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز ، لىكىن سىز پويىزنىڭ رولىنى ئۆز قولىڭىز بىلەن ئوڭغا بۇرىغانلىقتىن ، ئوڭ ياندىكى رېلىستىكى ئىشچى ئۆلۈپ قالدى ، شۇنداق قىلىپ ، بۇ ئىشچىنىڭ ئۆلۈشىدە سىزنىڭمۇ بىر نېسىۋېڭىز بار بولدى: سىز ئاكتىپ ھالدا ئۆز ئىرادىڭىز بويىچە قارار چىقىرىپ ، قولىڭىزنى ئىشلىتىپ پويىزنى ئوڭغا بۇرىغان ؛ ۋاھالەنكى ، ئەگەر سىز « بەش ئادەم ئۆلسە ئۆلسۇن ، ئەمما مەن قولۇمنى بۇلغىماي » دەپ ، قولىڭىزنى ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا چىڭ تىقىۋىلىپ ، پويىزنى ئۆزىنىڭ مېڭىشىغا قويۇپ بەرسىڭىز ، ئۇدۇلدىكى بەش ئادەم ئۆلۈپ قالىدۇ .بۇ چاغدا سىز « بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى بەش ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئەۋزەل كۆرگەن » ھېسابلىنىسىز .
قانداق قىلىسىز ؟
يۇقىرىدىكى مىساللاردىن ، شۇنداقلا باشقا نۇرغۇن مىساللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئەخلاقىي پەند-نەسىھەتلەرنى توختىماستىن يادىلاش بىزنى ئەخلاقلىق قىلمايدۇ ، بىز ئەخلاقىي پرىنسىپلارنىڭ كىلىش مەنبەسى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيەتلىك مەنىسىنى چوڭقۇرلاپ چۈشەنمىسەك بولمايدۇ . دەل مۇشۇ چاغدا ، بىز ئەخلاق پەلسەپىسى ( ئېتىكا ) گە مۇراجىئەت قىلىمىز .
ئەخلاق پەلسەپىسى بىزگە ياخشىلىق بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشىمىزغا ، نېمىنىڭ قەدىرلىك ، نېمىنىڭ قەدىرسىز ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ . دەرھەقىقەت ، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى جاۋاب بىلەن تەمىنلىمەيدۇ ، بەلكى بىزنى جاۋابلار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئۈندەيدۇ .
ئوخشىمىغان قاتلامدىكى شەيئىلەرنىڭ قىممىتى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشتا ، ئېتىكىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ . بۇ « ئوخشىمىغان قاتلام » ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، شەخسنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى ، سىياسىيدىكى قىممەت ئۆلچىمى ۋە سەنئەتتىكى قىممەت ئۆلچىمى قاتارلىق بۇ ئۈچ ساھەدىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئېنىقكى ، بىزنىڭ ھازىر سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز ، بىرىنچى قاتلامنى ، يەنى شەخسنىڭ ئەخلاقىي قىممەت ئۆلچىمىگە قارىتىلغان . بۇ يەردە شەخسنىڭ ئەخلاقىي قىممەت ئۆلچىمى دىگېنىمىز ، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ نېمىنىڭ ئەخلاقلىق ،نېمىنىڭ ئەخلاقسىزلىق توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش جەريانىدا قوللانغان ئۆلچەم ، پرىنسىپلارنى كۆرسىتىدۇ .
ئەخلاقىي ئۆلچەم ۋە پرىنسىپتىن سۆز ئېچىشتىن ئاۋال ، بىز بۇ ئۆلچەم ۋە پرىنسىپلارنىڭ ئوبىيكتىنى ئايدىڭلاشتۇرېۋىلىشىمىز كىرەك ، يەنى بۇ ئۆلچەم ۋە پرىنسىپلار زادى نىمېگە ، قايسى ئىش ھەرىكەتلەرگە ئىشلەيدۇ ؟ ئەگەر بىر ئېشەك نۇرغۇن ئادەم بار يەردە ئوسۇرېۋەتسە ، بىز ئۇنى « ئەخلاقسىز » دېمەيمىز ، ئەخلاقىي ئۆلچەم ۋە پرىنسىپلار بۇ يەردە قوللىنىلمايدۇ . ھالبۇكى ، ئەگەر بىر كىشى نۇرغۇن ئادەم بار يەردە ئوسۇرېۋەتسە ، بىزنىڭ ئۇنى « ئەخلاقسىز » دېيىشىمىز تۇرغانلا گەپ ،ئەخلاقىي ئۆلچەم ۋە پرىنسىپلار بۇ يەردە قوللىنىلىدۇ . نېمىشقا بۇنداق پەرق بار ؟ پەرق شۇكى ، ئېشەك دىگەن ھايۋان ، ئۇ ئۆز تېنىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەر خىل فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە ۋە ھەۋەس-نەپسىنى كونتروك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس ، ئۇ ھەرگىزمۇ « ئۆزى خالاپ قەستەن ئوسۇرغان » ئەمەس ؛ بىراق ئادەم ئوخشىمايدۇ ، ئۇ بىرەر ئىش قىلغاندا ئۆزى خالاپ ، ئەركىن ھالدا قارار چىقىرىدۇ ، دەل مۇشۇ ئەركىن ھالدا چىقارغان قارار شۇ كىشىنى ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتكە تارتىدۇ . بىرەر قارار چىقىرىلغاندا ، ئەگەردە ئۇ قارار شۇ كىشىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى تەرىپىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۆز كونتروللىقىدا بولمىغان مەلۇم بېسىم ياكى تەبىئىي قانۇنىيەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ ، ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا چىقىرىلغان بولسا ، ئۇنداقتا بۇ خىل قارارنىڭ ئاقىۋېتى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇ كىشىنىڭ ئەخلاقىي ئەيىبلەشكە ئۇچرىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس ، چۈنكى گۇناھ ئۇنىڭدا ئەمەس ، ئۇ شۇ قارارنى چىقارغاندا ئەركىن ئەمەس . نېرۋىسىدىن ئاداشقان بىر كىشى ئۆزىچىلا بىراۋنى تىللاپ تاشلىسا ، ھېچكىم ئۇنى ئەخلاقسىز دىمەيدۇ ، چۈنكى ئۇ « ئۆزى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن تىللىغان » ئەمەس .
شۇنىڭ ئۈچۈن ، پەقەت ۋە پەقەت ئەركىن ھالدا كاللېنى ئىشلىتىپ چىقىرىلغان قارار بار يەردىلا ، « ئەخلاقلىق» ياكى «ئەخلاقسىز» دىگەنلەرنىڭ ئاندىن ئەھمېيىتى بار بولىدۇ .
ئۇنداقتا ، ھازىرقى مەسىلە شۇكى ، « ئەركىن ھالدا ئۆزىمىز بىلىپ تۇرۇپ » مەلۇم قارار چىقارغاندا ، بىز نېمە سەۋەپتىن شۇ قارارنى چىقىرىمىز ؟
زور كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ جاۋابى : « شەخسىيەتچىلىك » . ئۇلار شۇنداق دەپ قارايدۇكى ، ئىنسان تۇغما شەخسىيەتچى كېلىدۇ ، ھەر قانداق قارارنى ئۆزىنىڭ بەخىت-سائادىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ چىقىرىدۇ . بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان شەخسىيەتچىلىك ، ھەرگىزمۇ بىز بىراۋنى « سەن بەك شەخسىيەتچىكەنسەن » دەپ ئەيىپلىگەن چاغدىكى سەلبى مەنىنى ئىپادىلىمەيدۇ ، بەلكى ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، شەخسىيەتچىلىك بولسا بارلىق جانلىقلارنىڭ تەبىئىيىتى ، ھەممىسى ئۆزىنىڭ ھايات-ماماتى ، پايدا-زىيېنىنى كۆزلەيدۇ ، ئىنسانلارمۇ شۇنداق ، ئۇنىڭغا ئامال يوق ، كۆنۈپ قالساڭلا بولغىنى . « پەقەت بىز ‹ شەخسىيەتچىلىك › قېلىۋاتقان چاغدا ، باشقىلارنىڭمۇ ‹ شەخسىيەتچىلىك › قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلمىساقلا بولدى . » ئۇلار شۇنداق دەيدۇ .
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، بۇ خىل شەخسىيەتچىلىك بەخت ۋە خۇشاللىققا بولغان ئارزۇ-ھەۋەس شۇنداقلا ئازاپ-ئوقۇبەتتىن يىراق تۇرۇپ جاھاندا جان ساقلاشقا بولغان ئېنتىلىش قاتارلىق بۇ ئىككى تەرەپتىن تەركىپ تاپىدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ، شەخسىيەتچىلىك ھېچقانداق نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس . ھەقىقەت شۇنداق تۇرسا ، نېمىدەپ نومۇس قىلىدۇ ؟ ئۇلار شۇنداق دەيدۇ . ھەممەيلەن چوڭ تەرەت قىلمىساق ياشىيالمايمىز ، بۇ بىر ھەقىقەت ، شۇڭلاشقا چوڭ تەرەت قىلىش نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس ، پەقەت ئۇنى قىلىدىغان يەرگە قىلماسلىقلا ئاندىن نومۇسلۇق ئىش .
بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان قەدىمكى گېرك پەيلاسوپى ئېپىكيۇرېس « خۇشاللق پرىنسىپى » ( گېدونىزم ) دا چىڭ تۇردى . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ، ھەققانىيەت ۋە رەزىللىكنىڭ ئۆلچىمى پەقەت ۋە پەقەت شۇ شەخسنىڭ خۇشاللىقىدىن ئىبارەت ئىدى . ئەگەر بىرەر ئىش سىزنىڭ ئارزى-ھەۋەس ، نەپسىڭىزنى قاندۇرۇپ سىزنى خۇش قىلسا ، سىزگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئىش گەپ يوق ئەخلاق پرىنسىپىغا ئۇيغۇن ئىش ھېسابلىندۇ . بىراق ئېپىكيۇرېس بۇنىڭلىق بىلەن ئىشنى تۈگەتمىدى ، ئۇ ھەر خىل ئارزۇ ھەۋەسلەرنى دەرىجىگە ئايرىدى ، ئۇنىڭ قارىشىچە ھەممە ئارزۇ -ھەۋەسلەر باپ-باراۋەر ئەمەس ئىدى ، بىز بەزى ئارزۇ -ھەۋەس ، نەپستىن ۋاز كەچكېنىمىزدىلا ئاندىن ھەقىقىي بەختكە مۇيەسسەر بولىشىمىز مۇمكىن ئىدى . ئەگەر بىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز بىزنى بىرەر قارار چىقىرىپ ھەرىكەتلىنىشكە ئۈندىسە ، ئۇنداقتا ، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز قانچىكى ئاز بولسا ، ئارزۇ-ھەۋەسنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىلىپ بارىدىغان ھەرىكەتمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ ، شۇنداق قىلىپ ، ئارزۇ-ھەۋەسنى قاندۇرالماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان بەختسىزلىك ۋە خاپېچىلىقمۇ ئازراق بولىدۇ . شۇڭلاشقا ، بەختسىزلىكتىن يىراق تۇرىمەن ، دەيدىكەنمىز ، بىز چوقۇم بەزىبىر ئارزۇ-ھەۋەستىن ، نەپس-خاھىشتىن ۋاز كېچىشىمىز كىرەك ئىدى . شۇنداق قىلىپ ، ئېپىكيۇرېس زادى قايسى خىلدىكى ئارزۇ-ھەۋەستىن ، نەپس-خاھىشتىن ۋاز كېچىش توغرىسىدا بىزگە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى .
ئۇنىڭ قارىشىچە ، بەزى ئارزۇ-ھەۋەس ، نەپس-خاھىش تەبئىي ۋە زۆرۈر بولۇپ ، ئۇلاردىن ۋاز كەچكىلى بولمايتتى ، ئۇلار بىزنىڭ ھايات تۇرۇشىمىزنىڭ كاپالىتى ئىدى ، مەسىلەن يېمەك-ئىچمەك ۋە ھاۋا قاتارلىقلار . يەنە بەزى ئارزۇ-ھەۋەس ، نەپس-خاھىش گەرچە تەبئىي بولسىمۇ ، بىراق ئۇلار زۆرۈر ئەمەس ئىدى ، مەسىلەن ، قاتناش قورالى بولغان پىكاپ ياكى جىنسىي ھەۋەس . قاتناش قورالى بىزنىڭ تەبئىي ئېھتىياجىمىز ، ئەگەر ئۇ بولمىسا بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز نورمال داۋاملىشىشقا ئامالسىز قالىدۇ ، بىراق ، پىكاپ زۆرۈر ئەمەس ، پىكاپ بولمىغانغا بىز ئۆلۈپ قالمايمىز ، پىكاپ بولمىسا ۋېلىسپىت بولسىمۇ بولىدۇ ، ئۇمۇ بولمىسا ئىككى پۇتىمىز بار . جىنسىي ھەۋەس دەرۋەقە ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى ، بىراق جىنسىي ھەۋەس قانمىغانغا ئادەم ئۆلۈپ قالمايدۇ ، دىمەك ، بۇخىلدىكى ئارزۇ-ھەۋەس ، نەپس-خاھىش گەرچە تەبىئىي بولسىمۇ ، بىراق ئۇلار زۆرۈر ئەمەس . ئېپىكيۇرېس دەيدۇكى ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەت ، بەختسىزلىكىنى يەڭگىللىتىمەن ، دەيدىكەن ، مۇشۇ تۈردىكى ، يەنى تەبىئىي بىراق زۆرۈر بولمىغان ئارزۇ-ھەۋەس ، نەپس-خاھىشتىن ۋاز كېچىشى كىرەك ئىدى . چۈنكى ، سىزدە بار بولغان ، سىز ئىگىدارلىق قىلىدىغان نەرسە قانچە كۆپ بولسا ، ئۇ ھالدا سىزنىڭ يوقىتىش ئېھتىماللىقىڭىزمۇ شۇنچە چوڭ ، بەختسىزلىككىمۇ شۇنچە يىقىن بولىسىز . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، سىزنىڭ ھېچنېمىڭىز بولمىسا ، ئۇ ھالدا سىزنىڭ يوقىتىدىغانغىمۇ ھېچنېمىڭىز بولمايدۇ ، شۇنداق قىلىپ ھېچنېمە سىزنى خاپا قىلالمايدۇ . ئەلۋەتتە ، ئېپىكيۇرېس يەنە تەبئىيمۇ ئەمەس ، زۆرۈرمۇ ئەمەس ئارزۇ-ھەۋەس ، نەپس-خاھىشلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى . مەسىلەن ، قىممەت باھالىق ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ئۇنچە-مەرۋايىت ، ئون مىڭ يۈەنلىك يانفۇن ، ئەللك مىڭ يۈەنلىك كاستيۇم-بۇرۇلكا دىگەندەك . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ھەر قانداق كىشى مەيلى قانچىلىك پۇلدار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئەگەر ئۇ كۆڭۈلنىڭ ئارامخۇدا ئاسايىشلىقى ۋە خۇشاللىقىغا ئېرىشىمەن ،دەيدىكەن ، بۇ تۈردىكى ، يەنى تەبئىيمۇ ئەمەس، زۆرۈرمۇ ئەمەس ئارزۇ-ھەۋەس ، نەپس-خاھىشلاردىن جەزمەن ۋاز كېچىشى كىرەك ئىدى .
مەن ئويلايمەن ، ئېپىكيۇرېسنىڭ نەزىرىدە ، ئېھتىمال ئىپتىدائىي ئىنسانلارلا ھەقىقىي بەختلىك ۋە خۇشال بولۇشى مۇمكىن ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىپتىدائىي ئىنسانلارلا ھەقىقىي ئەخلاقلىق بولۇشى مۇمكىن .
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكېنىمىز پەقەت ئەڭ ئاساسلىق بولغان ، كىشىلەر ئەڭ ئاسان ئويلاپ يېتەلەيدىغان ئەخلاق ئۆلچىمى ، يەنى « خۇشاللىق پرىنسىپى » دىن ئىبارەت .
ئەمەلىيەتتە ، پەيلاسوپلار بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلىنىپ توختاپ قالمىدى . تۆۋەندە ئېتىكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قانچە خىل ئەخلاق پرىنسىپىنى مىسالغا ئىلىش مۇمكىن .
بۇنىڭ بىرىنچىسى بولسا « مۇقەددەس پەرمان » غا ئاساسلانغان ئەخلاق پرىنسىپىدىن ئىبارەت . بۇ يەردە ئاساسلىقى دىنىي جەھەتتىكى ئەخلاق ئۆلچىمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ . سىزنىڭ مەلۇم بىر قارارنى چىقېرىشىڭىز ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرېشىڭىز تەڭرىنىڭ ئىرادىسى ، ئۇ سىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭىزنى خالىغاچقىلا سىز مۇشۇنداق قېلىۋاتىسىز ، بىز « ئاللاھ خالىسا » دىگەننى تولا ئاڭلايمىز . بىزدىكى مەلۇم بىر ئىشقا قارىتا « يامان بولىدۇ » ، « نامەھرەم بولىدۇ » ، « ھارام بولىدۇ » دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىمىزنىڭ ھەممىسى مۇتلەق مەۋجۇتلۇقنىڭ « مۇقەددەس پەرمان » ىغا ئاساسلانغان ئەخلاق ئۆلچىمىدىن ئىبارەت ، بىز بۇ خىلدىكى « مۇقەددەس پەرمان » لارنى كۆپىنچە «قۇرئان كەرىم » ، « ئىنجىل » قاتارلىق مۇقەددەس كىتابلاردا ئۇچرېتىمىز . دىنىي ئەھكاملاردىن باشقا ، بۇ خىلدىكى « مۇقەددەس پەرمان »غا بويسۇنۇش ئارقىلىق ئۆز ئىش-ھەرىكىتىگە ئەخلاق ئاساسى بىلەن تەمىنلاش بولسا مەلۇم بىر ئەڭ يۇقىرى ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمدارغا بويسۇنۇش سەۋەبلىك كىلىپ چىققان ئەخلاق قىممەت ئۆلچىمىگىمۇ ماس كېلىدۇ ، ھۆكۈمدار «توغرا » دىسە توغرا بولىدۇ ، ھۆكۈمدار «خاتا » دىسە خاتا بولىدۇ .
دىمەك ، سىزنىڭ ھەر قانداق ئىش-ھەرىكىتىڭىز مەلۇم بىر نوپۇز تەرىپىدىن بەلگىلەنسە ، سىز شۇ بويىچە ئىش كۆرسىڭىز ، ئۇنداقتا بۇ خىل ئەخلاق پرىنسىپى « مۇقەددەس پەرمان » ئەخلاق پرىنسىپىدىن ئىبارەت . بىراق بۇ يەردە بىر مەسىلە بار . ئەگەر سىزنىڭ ھەر قانداق مۇددىئايىڭىز ۋە ئىش-ھەرىكىتىڭىزنىڭ ھەممىسى تەڭرىنىڭ ئىردىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولسا ، ئۇ چاغدا مەيلى سىز نېمە ئىش قىلماڭ ، ھېچكىم سىزنى « ئەخلاقسىز » دەپ ئەيىپلىيەلمەيدۇ ، چۈنكى سىز تەڭرىنىڭ ئىردىسى ۋە بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆرگەن ، گۇناھ سىزدە ئەمەس ، ئەيىپلەشكە توغرا كەلسە تەڭرىنى ئەيىپلىگۈلۈك . بۇ چاغدا ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى بارلىق ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنى تەڭرى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ، ئىنسانلار بولسا ھەر نېمىلەرنى قىلىپ يۈرىۋىرىدۇ ، « تەڭرىنىڭ ئىرادىسى » دەيدۇ ئۇلار ، « قىلماي دىسەم ئامال يوق » .
ئىككىنچى خىلدىكى ئەخلاق پرىنسىپى بولسا ، « مەنپەئەتچىلىك » ئەخلاق پرىنسىپىدىن ئىبارەت . بۇ خىل ئەخلاق پرىنسىپىغا ئاساسەن ، مەلۇم بىر ئىش ھەرىكەتنىڭ ئەخلاقلىق ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا ، شۇ ئىش-ھەرىكەت پەيدا قىلغان نەتىجە ۋە ئاقىۋەتكە قاراش كىرەك . مەيلى ئۇ ئىش ھەرىكەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مۇددىئاسى ياكى شۇ مۇددىئانى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قوللانغان ۋاستە ، قورالى قانچىلىك رەزىل بولسۇن ، پەقەت شۇ ئىش – ھەرىكەت ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئەڭ زور بەخت-سائادەت ۋە خۇشاللىقىنى ئىشقا ئاشۇرسىلا ، بۇ ئىش ھەرىكەت ئەخلاقلىق ھېسابلىنىدۇ . بىر مىسال ئالايلى . بىر كىچىك قولۋاق بىپايان دېڭىزدا نىشاندىن ئادىشىپ قالدى ، ئۇلار دېڭىزدا نەچچە كۈنلەپ لەيلەپ يۈردى ، يېمەكلىكى تۈگەي دىگەن بولسىمۇ ، قۇرۇقلۇقنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى . قولۋاقتا جەمئىي تۆت كىشى بار ئىدى ، يېمەكلىكىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ، ئۈمندسىزلىك ئۇلارنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالدى ، كۆزلىرىگە بولسا ئۆلۈم شولېسى كۆرۈنۈشكە باشلىدى .شۇنداق قىلىپ ، ئۇلار ھايات قىلىش ئۈچۈن ، تۆتەيلەننىڭ ئېچىدىكى مەلۇم بىرەيلەننى قۇربان قىلىپ ، ئۇنىڭ گۆشېنى يەپ قېنىنى ئىچىش ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشى كىرەك ئىدى . ئۇلار دەرۋەقە شۇنداق قىلدى ، ئۈچى مەسلېھەتلىشىپ ، ئارىسىدىكى ئەڭ يۇۋاش بىرەيلەننى «قۇربان قىلىپ» ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قالدى . ئەگەر مەنپەئەتچىلىك پرىنسىپى بويىچە بۇ ئىشقا ئەخلاقىي جەھەتتىن باھا بەرگېنىمىزدە ، ھېلىقى ئۈچىنىڭ قىلغىنى توغرا ھېسابلىنىدۇ . بەلكىم بىز غەزەپ بىلەن « ھەر قانداق ئەھۋالدا ئادەم ئادەمنى يېسە خاتا بولىدۇ » دەپ سەكرەپ چىقىشىمىز مۇمكىن ، بىراق ئۇلارنىڭ ناھايىتىمۇ كۈچلۈك پۇت تېرەپ تۇرىدىغان جاۋابى بار ، ئۇلار سالماقلىق بىلەن شۇنداق دەيدۇ: « ئەگەر ھىلىقى بىر بەختسىز بىچارىنى قۇربان قىلمىغاندا ، تۆتىلىسى ھاياتىنى ساقلاپ قالالمايتتى ، بىراق ھازىر ھېچبولمىغاندا ئۈچىنىڭ ھاياتى ساقلاپ قىلىندى ، مانا بۇنىڭ ئۆزى نەتىجە .» مەنپەئەتپەرەسلىك ئەخلاق پرىنسىپى ! ئۇ پەقەت نېمىنىڭ پايدىسى بارلىقىغىلا قارايدۇ ، پايدىسى بار ئىشنىڭ ھەممىسى ئەخلاقلىق دەپ قارىلىدۇ . قارىغاندا «مەنپەئەتپەرەسلىك » ئەخلاق پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغان كىشىلەر « ئاپىسىنىڭ تور رومىلىنى پايدىسىغا سېتىۋىتىدىغان قاراڭغۇ بازارچى » بولسا تازا ماس كەلگۈدەك ، بىراق ئۇلار ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى ئىسىدە تۇتالارمۇ ؟
ئۈچىنچى خىل ئەخلاق پرىنسىپى بولسا « پەزىلەت » ئەخلاق پرىنسىپىدىن ئىبارەت .بۇ خىل ئەخلاق پرىنسىپىنى قەدىمكى گرېتسىيە بۈيۈك پەيلاسوپى ئارىستوتېل ئوتتۇرىغا قويغان . ئارىستوتېلنىڭ پۈتكۈل پەلسەپە سىستىمىسى مەقسەتچىلىك ئىددىيىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ قارىشىچە ، جاھاندىكى بارلىق مەۋجۇداتلار مەۋجۇت بولغانىكەن ، ئۇنداقتا بارلىق مەۋجۇدات بىكاردىن-بىكارغىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا چوقۇم مەلۇم بىر مەقسەت بولىدۇ ، شۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا ئاندىن شۇ نەرسىنىڭ مۇكەممەل بولغان مەۋجۇتلۇق شەكلىگە ئىگە بولىدۇ . مەسىلەن ، قەلەمنىڭ مەقسىتى خەت يىزىشتىن ئىبارەت ، يەنى قەلەم خەت يىزىش ئۈچۈن يارىتلىغان ؛ ئۇنداق بولسا قانداق قەلەم ئەڭ ياخشى قەلەم ھېسابلىنىدۇ ؟ ئەلۋەتتە خەت يازغاندا ئەڭ ئوبدان چىقىدىغان قەلەم ، بۇنداق قەلەمنى بىز « ياخشى قەلەم » دەيمىز . ئىنسانمۇ ئوخشاش ، ئىنسان بۇ دۇنياغا يارىتىلغانىكەن ، چوقۇم بىر مەقسىتى بولىدۇ ، ئۇنىڭ مەقسىتى بولسا توختىماي تىرىشىش ئارقىلىق ، ئىنسانىيەتنىڭ مۇمكىنلىكى دائىرسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇكەممەللىككە يېتىشتىن ئىبارەت . ئۇنداقتا بۇ مۇكەممەللىك زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ ؟ بۇنى تېخى تەتقىق قىلغۇدەك بولمىدىم .
تۆتىنچى خىلدىكى ئەخلاق پرىنسىپى بولسا « مەسئۇلىيەتچىلىك » ئەخلاق پرىنسىپىدىن ئىبارەت . بۇ خىلدىكى ئەخلاق پرىنسىپىغا ئاساسەن ، مەيلى « مۇقەددەس پەرمان » تەمىنلىگەن ئەخلاق پرىنسىپى بولسۇن ، مەيلى « مەنپەئەتپەرەسلىك » ئەخلاق پرىنسىپى بولسۇن ، ياكى بولمىسا « پەزىلەت » ئەخلاق پرىنسىپى بولسۇن ، ئۆزىمىز ھېس قىلغان ، ئادىمىيلىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ تونۇپ يەتكەن مەسئۇلىيەت ياكى مەجبۇرىيەتكە قارشىلا بولىدىكەن ، بىز ئۇ ئىشنى ئەخلاقلىق دەپ قارىماسلىقىمىز كىرەك. « مەسئۇلىيەتچىلىك » ئەخلاق پرىنسىپىغا ئاساسەن ، بىز ئاچلىقتىن ئۆلۈشكە رازىمىزكى ، ھەرگىزمۇ ئادەم يېمەيمىز . ئۇنداقتا ، « مەسئۇلىيەتچىلىك » ئەخلاق پرىنسىپىدىكى « مەسئۇلىيەت » زادى قايسى مەنىدىكى مەسئۇلىيەتنى كۆرسىتىدۇ ؟
« مەسئۇلىيەتچىلىك » ئەخلاق پرىنسىپىنى گېرمانىيە بۈيۈك پەيلاسوپى ئىممەنىيۇئېل كانت ئوتتۇرىغا قويغان . كانتنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردىكى « مەسئۇلىيەت » ھەرگىزمۇ بىزنىڭ مەلۇم بىر مىللەت تۈركۈمىگە ئورتاق تەۋە بولۇشىمىزدىن كىلىپ چىققان مەسئۇلىيەت ئەمەس ؛ بىرەر دىنغا ئورتاق ئېتقاد قىلغانلىق سەۋەپتىن كىلىپ چىققان مەسئۇلىيەتمۇ ئەمەس ؛ بىرەر دۆلەت پۇقراسى بولۇشتىن ھاسىل بولغان مەسئۇلىيەتمۇ ئەمەس : كانت ئېيتقان مەسئۇلىيەت بولسا بىزنىڭ ئورتاق ھالدا ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كىرەك بولغان ، بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق ھەم باراۋەر بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتتىن ئىبارەت . ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ، بىز باشقا ھايۋانلاردىن پەرقلىنىمىز ،بىراق پەرق قەيەردە ؟ كانتنىڭ قارىشىچە ، ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئەركىن ئىرادىگە ئىگە . بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە تايىنىپ قارار چىقارغاندا ، ئۆزىمىزنىڭ شەخسىيەتچىلىك تەبئىيتىمىزنى يىڭىپ ، باشقىلارنىمۇ ئويلىيالايمىز . ئەگەر بىرەرسىمىز بىراۋنىڭ يانچۇقىدىن بىر تالاي پۇلنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالساق ، ھەمدە بۇنى بىزدىن باشقا ھېچكىم كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ ، بىز بۇ پۇلنڭ ئېگىسىگە قايتۇرۇپ بىرەلەيمىز ، بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز ھەرگىزمۇ « بايقىلىپ قالغاندىن كىيىن جازالىنارمەنمۇ » دەپ قورقۇپ ئەمەس ، پۇل چۈشۈرۈپ قويغۇچىنىڭ ئۆز يۇرتداشلىقىمىز بولغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ ئەمەس ، بەلكى پەقەت ۋە پەقەت بىزنىڭ ئىنسانلىق سالاھىيىتىمىز تۈپەيلىدىنلا، خالاس . دەل مۇشۇ نۇقتا بىزنى ھايۋانلاردىن ئايرىپ تۇرىدۇ . بەلكىم ، ھېلىقى كېمىدىكى ئۈچ كىشى ئۆزىنىڭ شەخسىيەتچى ھايۋانىي تەبئىيىتىنىڭ تەسىرىدىن ، ھايات قىلىش ئۈچۈن تۆتىنچى بىرەيلەننى يەۋەتتى . بىراق ، بىز ئىنسانلار نېمىلا دىمىگەن بىلەن ھايۋان ئەمەس ، بىز ئۆلسەك ئۆلىمىزكى ، ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىيلقىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ھاياتىمىزنى ساقلاشنى راۋا كۆرمەيمىز . ئەلۋەتتە ، بەزەنلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىيلقىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ھاياتىمىزنى ساقلاشنى راۋا كۆرىدىغاندىمىز ، بۇ پەقەتلا شۇبەزەنلىرىمىزنىڭ تولۇق ئىنسانىيلىققا ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ ، خالاس .
ئۇنداق بولسا ، « مەسئۇلىيەتچىلىك » ئەخلاق پرىنسىپىدىكى بۇ مەسئۇلىيەت نەدىن كىلىدۇ ؟ ئۇ سىرتقى دۇنيادىكى ئاللىقانداق تەڭرى-ئىلاھلارنىڭ شاپائېتىدىن كەلمەيدۇ ؛ ھۆكۈمدارلارنىڭ بۇيرۇقىدىنغۇ ئەسلا كەلمەيدۇ . كانت ئېيتىدۇكى ، بۇ خىل مەسئۇلىيەت بولسا بىز ئىنسانلارغىلا خاس بولغان ، ھېچقانداق تەجرىبە ماتىريالى ئارىلاشمىغان ، سىرتقى دۇنيادىن مۇستەسنا بولغان ساپ ئىدراكىمىزدىن كەلگەن . بۇ خىل ساپ ئىدراك بىزنى ئىنسانىيلىق سالاھىيەتكە ئىگە قىلىدىغان ئالاھىدە خۇسۇسىيەت بولۇپ ، بۇ خىل ساپ ئىدراكسىز بىر مەۋجۇداتنى ئىنسان دىيىشكىمۇ بولمايدۇ . گەرچە ئادەتتىكى بىلىش پائالىيىتىدە ، بىز بۇ خىل ساپ ئىدراكنى ھەقىقىي تۈردە بىشىمىزدىن ئۆتكۈزەلمىسەكمۇ ، ئۇ توغرىسىدا تەجرىبە بىلىمىگە ئېرىشەلمىسەكمۇ ، بىراق بىز ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلەلەيمىز ، چۈنكى ، « ئىنسانىيەتتە ئەخلاقىي ئىشلار مەۋجۇت » دىگەن بۇ ئەمەلىيەتتىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ، ئىنسانلاردا ئەركىن ئىرادە مەۋجۇت . ھالبۇكى ، بۇ ئەركىن ئىرادىنى پەقەت ۋە پەقەت ساپ ئىدراك ئارقىلىقلا ئىزدەپ تىپىش مۇمكىن . ئەگەر ئىدراك ساپ بولماي ، ئۇنىڭغا تاشقى سزگۈ دۇنيادىكى تەجرىبە ماتىريالى ئارىلىشىپ قالسا ، ئۇ ھالدا بىز پەقەت پايدا-زىيان ، خۇشاللىق-خاپىلىق توغرىسىدىلا پىكىر يۈرگۈزىمىز ، بىزنى ئىنسان قىلغان ساپ ئىدراكتىن كەلگەن ئىنسانىي ئەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت دىگەنلەرنى ئۇنتۇيمىز . ئۇ چاغدا بىز قىلغان ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەتتە ئەخلاق دىگەندىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ .
شۇڭا ، كانت كىشىلەرنى ئۆز ئادىمىيلىك مەجبۇرىيتىدىن كەلگەن ، ساپ ئىدراك ئارقىلىق بۇ ئەخلاق پرىنسىپىغا شەرتسىز بويسۇنۇشقا چاقىردى . بۇ خىل پرىنسىپ مۇتلەق ، ئۆزگەرمەس بولۇپ ، كانتنىڭ قارىشىچە ، بۇ پرىنسىپ ھەر قانداق زامان ، ھەرقانداق ماكان ، ھەر قانداق ئادەمگە ئوخشاشلا ماس كېلەتتى .
يەنە بىر خىل ئەخلاق پرىنسىپى بولسا « ھېسداشلىق » ئەخلاق پرىنسىپىدىن ئىبارەت . ئەنگىلىيە پەيلاسوپى ھېيۇم ۋە گېرمانىيە پەيلاسوپى شوپېنخائۇر قاتارلىق كىشىلەر بۇ خىل ئەخلاق قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئۇلارنىڭ قارىشىچە ،ئەقىل -ئىدراك ھەر قانچە قىلغان بىلەنمۇ ئېنىق بىر ئەخلاقىي ئۆلچەم بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمەيدۇ، ئەخلاق يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئىختىيارى ئىرادىسى ۋە تەبئىي ھېى-تۇيغۇسىغا تايىنىدۇ . ئۇلار ئېيتىدۇكى ، بارلىق ئەخلاقنىڭ ئاساسى ھېسداشلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىشتىن كېلىدۇ . بىز ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ ، باشقىلارنىڭ بەخىت-سائادىتى ۋە ئازاپ ئوقۇبېتنى ئۆزىمىزنىڭكى دەپ ھېسابلىغاندىلا ، ئاندىن ئەخلاقلىق ھەرىكەت شەكىللىنىدۇ ، بۇ پۈتۈنلەي بىزنىڭ ھېسياتمىزغا باغلىق ئىش .
ئەڭ ئاخىرقى ئەخلاق پرىنسىپى بولسا « نىسپىيچىلىك » ئەخلاق پرىنسىپىدىن ئىبارەت . « نىسپىيچىلىك » ئەخلاق پرىنسىپىنى بىرلا ۋاقىتتا ئەخلاقسىزلىق پرىنسىپى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ ، چۈنكى بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ دىيىشىچە ، ئەخلاقىي ھۆكۈم ئوخشاشمىغان ۋاقىت ، ئوخشاشمىغان ئورۇن ، ئوخشاشمىغان ئوبىيكت قاتارلىقلارغا قاراپ ئوخشىمايدۇ ، كونكرېت ئەھۋالنى كونكرېت تەھلىل قىلماق كىرەك . ئۇلار ئېيتىدۇكى ، بۇ جاھاندا مۇتلەق ۋە ئۆزگەرمەس بولغان ئەخلاق پرىنسىپى مەۋجۇت ئەمەس . ئەمەلىيەتتە ،بۇ خىل قاراشتىكىلەر ھەر قانداق مۇتلەق ، ئۆزگەرمەس بولغان ھەقىقەتنىڭ بارلىقنىمۇ ئېنكار قىلىدۇ . بۇ خىل كۆز قاراش قاراش قۇلاققا ياقمىغاندەك كۆرۈنىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭمۇ كۈچلۈك ئااساسى بار ، ئۇ بولسىمۇ ، ۋاقىت ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، ھازىرقى دەقىقىدىكى نەرسە ئېھتىمال مۇشۇ دەقىقىنىڭ ئالدىدىكى دەقىقىدىكى نەرسىنىڭ ئۆزى شۇ بولماسلىقى مۇمكىن . قەدىمكى گرېتسىيە پەيلاسوپى ھېراكېلت « ھەر قانداق كىشى ئوخشاش بىر دەريادىن ئىككى قېتىم كېچىپ ئۆتەلمەيدۇ » دىگەنىدى ، چۈنكى دەريادا ئېقىۋاتقان سۇ ھەر دەقىقىدە ئالمىشىپ تۇراتتى ، ھازىرقى دەريا باياتىنقى دەريانىڭ ئۆزى ئەمەس ئىدى .
يۇقىرىدا ئېيتىلغىنى ئېتىكېدىكى ئاساسلىق ئەخلاق پرىنسىپلىرىدىن ئىبارەت ، تەكىتلەش ھاجەتكى ، بۇ تەلىماتلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك غەربنىڭ ، شەرقنىڭ ئېتىكا ئىلىمىنى تېخى تەتقىق قىلغۇچە بولمىدىم . قانداقلا بولمىسۇن ، شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، بۇ پرىنسىپلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەڭ ئاخىرقى ، مۇتلەق بولغان ، كىشىنى ھەقىقىي قايىل قىلغۇدەك جاۋب بىلەن تەمىنلىگىنى يوق ، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىزنىڭ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىغا پاكىت ئەمەس . بۇ خىل ئىزدىنىش ئارقىلىق ، بىز ھېچبولمىغاندا ئەخلاق مەسىلىلىرىنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ھەل بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالدۇق . شۇڭلاشقا ، ئەخلاق توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغاندا ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇش ، بەك مۇتلەقلەشتۈرېۋەتمەسلىكنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر . چۈنكى پرىنسىپنىڭ مۇتلەقلەشتۈرېۋىتىلىشى جاھېللىققا ئېلىپ بارىدۇ ، جاھېللىق ئەسەبىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئەسەبىيلىك ئاخىرىدا نادانلىققا يول بىرىدۇ . ھالبۇكى ، نادانلىق بىلەن قۇللۇق بىر تۇغقاندۇر .
بىزنى ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىم قۇل قىلالمايدۇ .
ئاپتورى : مەمتىمىن
2014-يىل 1-ئاي كۈنمىڭ