bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 09:35 كۆرۈلۈشى:517 قېتىم
شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىگە بىۋاستە قاراشلىق،«211قۇرۇلۇشى»، « 985قۇرۇلۇشى» دىكى نۇقتىلىق، يۇقىرى سەۋىيىدىكى تەتقىقات خاراكتىرلىك ئالىي مەكتەپ ، شۇنداقلا، «111پىلانى» ۋە «چاڭجىياڭ ئۈچ بۇرجەك رايونى ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىق بىرلەشمىسى»نىڭ مۇھىم ئەزاسى. مەكتەپ مۇھىتى ئازادە، كۆركەم بۇلۇپ «شەرقتىكى ئەڭ گۈزەل مەكتەپ دەپ تەرىپى» بار.
شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى 1951-يىلى 10-ئاينىڭ 16- كۈنى ئەسلىدىكى داشىيا ئۇنىۋېرستېتى(1924-يىلى)، گۇاڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى (1925-يىلى) نى ئاساس قىلىپ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، سانت جون ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر قىسىم فاكولتىت ۋە كەسىپلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئەسلىدىكى داشىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان.
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-03-06 16:48 كۆرۈلۈشى:510 قېتىم
نۆۋەتتەتۆۋەندىكى ئۇنۋېرىستىلارنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشى ئىشلىنىپ بولدى ،
خارۋارد ئۇنۋېرىستىتى
ئوكۇسفورد ئۇنۋېرىستىتى
چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتى
بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى
شەرقى شىمال پىداگوكىكا ئۇنۋېرىستىتى
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتى
ھازىر كۇلۇبىمىز ئىشكىردىكى بىر قىسىم ئالىي بىلىم يۇرتلىرنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى قىسقىچە تۇنۇتۇرۇلۇشىنىڭ بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش شۇنداقلا خەنزۇتلى ئۇقمايدىغان ئەمما ئىشكىردىكىى ئۇنۋېرىستىتلارنىڭ ئەھۋالىغا قىزىقىدىغان ئاتا-ئانىىرىمىز ،شۇنداتولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا ئوقۇۋاتقان بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ،چەت ئەلدىكى ۋە ئىشكىردىكى ئالىي ئوقۇللارنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشىنى ئىشلەپ توپلام قىلپ تارقاتماقچى 《يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس》 دېگەندەك ،بۇ ئىشىمىزنىڭ تېرەك ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن كەڭ ستۇدېتلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزغا يېقىندىن ياردەمدە بۇلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .مۇمكىن بولسا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىنگىلىزتىلى ،خەنزۇتىلى سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى ستۇدېنتلار بولسا ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئۇنۋېرىستىتىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلشىنى تەرجىمە قىلىپ بىزگە ئەۋەتىپ بەرسە ، ئالەمچە شاتلىققا تولاتتۇق،مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇمۇ ئۇيغۇر مائارىپىمىز ئۈچۈن قوشقان ئاز تولا تۆھپىڭىز بولاتتى .
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-03-03 08:55 كۆرۈلۈشى:459 قېتىم
كۇلۇبىمىز ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم ئۇنۋېرىستىتىلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ كەڭ ستۇدېنتلىرىمىز شۇنداقلا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قىزىققۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى ئويلاشقان بولساقمۇ بۇ ئىشىمىز ھالا بۈگۈنگە كەلگۈچە تاشلىنىپ قالغان ئىدى ، مانا بىر نەچچە كۈنلۈك تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى بىر نەچچە ئۇنۋېرىستىتىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشى تەرجىمە قىلىندى ، ئەڭ ئالدى كەمىنە بىلنۇر ئوقۇۋاتقان ئۇنۋېرسىتىتنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشىنى قېرىنداشلىرىمنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم ،باشقلىرى داۋاملىق تورغا يوللىنىدۇ . تەرجىمىدەبىر قىسىم مەسلىلەر ساقلانغان بۇلۇشى مۇمكىن ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىمىي تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
شەرقى شىمال پىداگوكىكا ئۇنۋېرىستىتى مائارىپ مىنىستىرلىكىگە بىۋاستە قاراشلىق 211 قۇرۇلۇشى ،111پىلانىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ بۇلۇپ .جىلىن ئۆلكسى چاڭچۈن شەھىرىگە جايلاشقان . ئىككى مەكتەپ رايونىغان بۆلۈنگەن ،ئومومىي يەر كۆلىمى 1مىليون 670مىڭ كىۋادرات مېتىر ،بۇنىڭ ئىچىدە مەركىزى مەكتەپ رايونى 730 كۋادرات مېتىر ،جىڭيۆ مەكتەپ رايونى 940مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ .مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 60نەچچە يىل مابەينىدە 200مىڭدىن ئارتۇق دۆلىتىمىز سوتسىسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى .
مەكتەپ ئەسلى ئىسمى شەرقى شىمال ئۇنۋېرىستىتى 1946-يىلى ھازىرقى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق بېنشى دا قۇرۇلغان .ج ك پ شەرقى شىمال رايونىدا قۇرغان تۇنجى ئۇنۋېرسال خاراكتىرلىك ئالىي مەكتەپ .1949-يىلى چاڭچۈنگە يۆتكەلگەن ،1950-يىلى دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن شەرقى شىمال پىداگوكىكا ئۇنۋېرىستىتىغا ئۆزگەرتىلگەن .ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقى شىمال مەمۇرىي كومىتېت مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شۆلىياڭنىڭ بىر قۇرساق ئىنىسى جاڭ رۇشىن تۇنجى نۆۋتلىك مەكتەپ مۇدىرى بولغان .داڭلىق مائارىپچىلاردىن :جاڭرۇشىن ،چىڭ فاڭۋۇ ،دىڭ خاۋچۈەن قاتارلىقلار مەكتەپنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .ھازىر شېڭ لىيەنشى پارتىيە ياچىكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى لىيۇيى چۈن مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ .
مەكتەپتە ھازىر 22ئىنىستىتوت ،56 تولۇق كۇرۇس كەسپى بار .پۈتۈن كۈنلۇك تۈزۈمدىكى ئوقۇغۇچىدىن 24567 نەپىرى ئوقۇۋاتىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە تۇلۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى 14365نەپەر ،دوكتور ،ماگىستىر ئاسپىرانت9478نەپەر ،چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار 724نەپەر ،فىزىكا ئىلمى قاتارلىق 17 پەن تۈرىدە دوكتورلۇق ئۇنىۋانى تارقىتىش سالاھىيىتىگە ئگە ،مائارىپ ئىلمى ،جوڭگو تلى ئەدەبىياتى ،تارىخ .قوللىنىشچان ئىقتىساد ئىلمى ،ماتىماتىكا، خىمىيە،بئولوگىيە ،جۇغراپىيە ،سىياسەت،ماركىسىزىم نەزىرىيىسى، مۇھىتى ئىلمى ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشى ،نەزەرىيىۋى ئىقتىساد قاتارلىق ئىلمي تەتقىقات پونكىتى تەسسىس قىلىنغان ،مائارىپ ،ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش ،تەنتەربىيە،خەنزۇتىلى خەلقئارا مائارىپ قۇرۇلۇشى ،تەرجىمانلىق ،گۈزەل سەنئەت،سودا- سانائەت مەمورىي باشقۇرۇش ،قانون قاتارلىق 9ماگىستىرلىق كافىدىراسى تەسىس قىلىنغان .مائارىپ ئىلمىي ،دۇنيا تارىخى ،ھۇجەيرە جانلىقلار ئىلمىي ،ئكولوگىيە ئىلمى ،ئىدىيىۋى سىياسى مائارىپ قاتارلىق 5دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەن تۇرى ،165ماگىستىرلىق نۇقتىسى ،78 دوكتورلۇق نۇقتىسى تەسىسى قىلىنغان ،3 نەپەر ئاكادىمىك بار .
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2012-06-22 03:36 كۆرۈلۈشى:426 قېتىم
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى=北京大学=Beijing University
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى- جوڭگۇ يېڭى مەدىنىيەت ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى
كىشىلەر ئەنگىلىيە مائارىپى تىلغا ئېلىنسىلا كامبىرىج ۋە ئوكىسفوردنى، ئامېرىكا مائارىپى تىلغا ئېلىنسا ھارۋاردنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندەك جۇڭگۇ ئالى مائارىپى تىلغا ئېلىنسىلا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ.
بېيجىڭ ئۇۋېرسىتىتى
بېيجىڭ شەھرى خەيدىيەن رايونىدا ئاجايىپ ئاۋات بىر جاي بار، ئۇ بولسىمۇ بېيجىڭ شەھرىنىڭ ئېلىكترون مەركىزى، داڭلىق ئېلىكترۇن سودا -سارايلىرى جايلاشقان ئورۇن جوڭگۇەنسۇن(中关村)، بۇ جاي ئۆزىنىڭ ئېلىكتىر تاۋارلىرى بىلەنلا ھەممىگە تونۇش بولۇپ قالماي، يەنە ئۆزىگە جايلاشقان ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى مەدىنىيەت ھەرىكىتى ۋە 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى، ھازىرقى دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان داڭلىق ئۇنۋېرسىت بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى بىلەنمۇ نام چىقارغان.
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2012-05-23 10:27 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم
ئاساسىي قىسىم:
1.مىللەتلەر باغچىسى-مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى:
بىرىنچى بۆلەك،ئومۇمىي بايان:
بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونىغاجايلاشقان مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مىللىي مائارىپ ئورگىنى.بىردىنبىر 56 مىللەت ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر بار بولغان ئالىي مەكتەپ.دۆلەتلىك ”211قۇرۇلۇشى“،“985قۇرۇلۇشى“دىكى نۇقتىلىق ئورۇن.
ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئەڭ ئالاھىدە قۇرۇلۇشلىرىدىن مۇسۇلمانچە ئاشخانىسى، كۈتۈپخانا،يېڭى ئوقۇتۇش بېناسى،تۆت ئەتراپ قورشاپ سېلىنغان ئېگىز ياتاق بېناسى(28-بېنا)،مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانى بار.بولۇپمۇ كۈتۈپخانىسى بىلەن ئالاھىدە تەنتەربىيە مەيدانى
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2012-05-23 09:19 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم
北京交通大学
http://www.bjtu.eu.cnبېيقىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى
北京大学
http://www.pku.edu.cnبېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى
北京广播学院
http://www.bbi.edu.cnبېيجىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
北京航空航天大学
http://www.buaa.edu.cnبېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2012-04-15 01:03 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم
ئۆزۈم ئادەتتىكى بىر ستۇدېنت بولساممۇ ، بىلىمىمنىڭ يىتەرسىزلىكى ۋە ئىزدىنىشىمنىڭ كەملىكىگە قارىماي ئالىي مەكتەپ ئمتىھانىسىدا يەكۈنلىگەن تەجىرىبلىرىمگە ئاساسەن، مىللىي تىل يېزىقتا ئمتىھان بەرمەكچى بولغان ئىنى-سىڭىللىرىمغا ئىككى ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتىش قارارىغا كەلدىم. ئەلۋەتتە ، خەلقىمىزگە يارايدىغان لاياقەتلىك پەرزەنتلەردىن بولۇش ئۈچۈن ، قولىمىزدىن كىلىدىغان كۆز ئالدىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمىزدىن ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنى تارتماسلىقىمىز كېرەك. بىز يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2012-04-08 05:22 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم
چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلارغا پايدىلىق بىر ئۇچۇرنى مۇرات ئورخۇن ئەپەندىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن سىلەرگە يەتكۈزمەكچىمەن. مۇرات ئەپەندىنىڭ خېتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسى تۆۋەندىكىچە:
ھۆرمەتلىك تور بىتى باشقۇرغۇچىلىرى:
بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى، دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتلەردىن، ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئەكىلىپ ئوقۇتماقچى. ئوقۇغۇچىلارنى بىۋاستە توردىن تىزىملىماقچى.
تورنىڭ ئادرىسى بولسا:
http://www.ytb.gov.tr/index.php/ … 87-turkiye-burslari
كۆرىنگەندەك، بۇ توربىتى، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ رەسىمى (ھۆكۈمەت) تور بىتى،،،،،،،.داۋامىغا قىزىقسىڭىز،،،،،
بۇ توربىتىدە: تۈركچە، ئەرەپچە، خەنزۇچە دىگەندەك 6 خىل تىلدا ئىلان بىرىلگەن. ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش 4-ئاينىڭ
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2012-03-16 11:56 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم
.تور ئارىلاۋېتىپ خارۋاردنىڭ بىر قېتىملىق ئۇچۇق دەرسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم ،بىر قىتىملىق مۇۋپپەقىيەتلىك بۇلغان ئوچۇق دەرسنىڭ ئاڭلىغۇچىغا بولغان ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ ،بۇ ئوچۇق دەرسنىڭمۇ سىزنى ئانچە مۇنچە تەپەككۇر بوشلۇقىغا باشلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ،ئوچۇق دەرسنىڭ مەزمونىغا قىزىقۋاتامسىز قېنى ھوزۇرىڭىزدا بولسۇن!
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2012-03-02 02:32 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ئانچە ئېنىق ئەمەس، ئەمما ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇتۇش خاتىرىسى 1096-يىلىدىن باشلانغان. 1167-يىلى ئەنگىلىيە فرانسىيە ئۇرۇشى باشلانغانلىقتىن پادىشاھ ھېنرىII ئەنگىلىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ فرانسىيەگە بېرىپ ئوقۇشىنى چەكلىگەن، ئوكسفورد شۇنىڭدىن كېيىن ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان. 1209-يىلى مەكتەپتە بىر قېتىم ئاممىۋى جېدەل كۆرۈلۈپ مەكتەپ ئامانلىق تارماقلىرى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن، بۇ ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈلگەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كامبىرىج ئۇنۋېرستىنى قۇرۇشىغا سەۋەپ بولۇپ قالغان. 1214-يىلى 6-ئاينىڭ20-كۈنى بىر پوپنىڭ پادىشاھ بىلەن كېلىشىشى نەتىجىسىدە مەكتەپ ئالاھىدە ئىنتىياز بىلەن قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن. ئوكسفورد نىڭ بىر ئۇنىۋېرستلىق ئورنى 1571-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن رەسمى قانۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا ۋە باشقا داڭلىق مەكتەپلەرگە ئوخشىمايدىغىنى ئوكسفورد ئەنگىلىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە قارايدىغان، ئىقتىسادتا ئۆزىنى قامداپ يۈكسەك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان، قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ زىيادە يۇقىرى بولغان ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالى مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت دىنىغا ئىشىنىشى كېرەك