شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى
شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىگە بىۋاستە قاراشلىق،«211قۇرۇلۇشى»، « 985قۇرۇلۇشى» دىكى نۇقتىلىق، يۇقىرى سەۋىيىدىكى تەتقىقات خاراكتىرلىك ئالىي مەكتەپ ، شۇنداقلا، «111پىلانى» ۋە «چاڭجىياڭ ئۈچ بۇرجەك رايونى ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىق بىرلەشمىسى»نىڭ مۇھىم ئەزاسى. مەكتەپ مۇھىتى ئازادە، كۆركەم بۇلۇپ «شەرقتىكى ئەڭ گۈزەل مەكتەپ دەپ تەرىپى» بار.
شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى 1951-يىلى 10-ئاينىڭ 16- كۈنى ئەسلىدىكى داشىيا ئۇنىۋېرستېتى(1924-يىلى)، گۇاڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى (1925-يىلى) نى ئاساس قىلىپ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، سانت جون ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر قىسىم فاكولتىت ۋە كەسىپلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئەسلىدىكى داشىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان.
1951-يىلى ج ك پ تەرىپىدىن 16نۇقتىلىق مەكتەپنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. 1972-يىلى شاڭخەي پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، شاڭخەي تەنتەربىيە ئىنىستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، مەكتەپ نامىنى شاڭخەي پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىستېتىغا ئۆزگەرتكەن. 1978-يىلى بۇ مەكتەپ يەنە بىر قېتىم ئېلىمىزدىكى نۇقتىلىق ئۇنىۋېرىستېت قىلىپ بېكىتىلگەن. 1980-يىلى مەكتەپ نامىنى «شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىستېتىغا» قايتۇرغان. 1986-يىلى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئېلىمىزدىكى 33 ئاسپىرانتورىيىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 1996-يىلى دۆلەت «211قۇرۇلۇشى» دىكى ئۇنىۋېرىستېتلار قاتارىغا كىرگەن. 1997~ 1998-يىللىرى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شاڭخەي بالىلار پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى، شاڭخەي مائارىپ ئىنىستىتۇتى، شاڭخەي 2-مائارىپ ئىنىستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. 2002-يىلى شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى تەرتىپكە سېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش چاقىرىقىغا ئاساسەن، مىنخاڭ مەكتەپ رايونى قۇرلۇش پىلانى يولغا قۇيۇلغان. 2006-يىلى مەكتەپ ئاساسى قىسىمىنى شاڭخەي مىنخاڭ رايونىغا كۆچۈرۈپ، «بىر مەكتەپ ئىككى مەكتەپ رايونىغا ئىگە، بىرلەشمە تەرەققىيات ئوقۇتۇش ئەندىزىسى»نى شەكىللەندۈرگەن. 2006-يىلى دۆلەت «985 قۇرۇلۇشى» دىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر قاتارىغا كىرگەن.
مەكتەپتە ھازىر فىلولوگىيە، جەمئىيەت تەرەققىياتى، چەت ئەل تىلى، چەت ئەلگە قارىتا خەنزۇ تىلى، مائارىپ ئىلمى، يەسلى مائارىپى ۋە ئالاھىدە مائارىپ، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش، سودا، پۇل مۇئامىلە ۋە ئىستاستىكا، تارقىتىش ئىلمى، سەنئەت، لايىھەلەش، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت، تەبىئي بايلىق ۋە مۇھىت ئىلمى، ھاياتلىق ئىلمى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، يۇمشاق دېتال ئىنىستىتۇتى قاتارلىق 19 پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىنىستىتۇت، سىمىيەن فىلولوگىيە ئالىي تەتقىقات يۇرتى، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە رايون تەتقىقات يۇرتى، دەريا دېلتىسى ۋە دېڭىز بۇيى ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى، سەنئەت تەتقىقات يۇرتى، خەلقئارا تىرانسىپورت ئەشيا ئوبوروتى تەتقىقات يۇرتى تەسىس قىلىنغان. داۋاملىق مائارىپ ئىنىستىتۇتى ۋە تور مائارىپى ئىنىستىتۇتى بولسا باشقۇرۇش خاراكتىرىدىكى ئىنىستىتۇتتۇر. 58 فاكۇلتىت ۋە 70 تۇلۇق كۇرس كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ئەدەبىياتى، تارىخ، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، پىسخىكا، فىزىكا قاتارلىق ئالتە كەسىپ مەملىكەتنىڭ ئاساسى پەن ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەش ۋە تەتقىقات بازىسى ھېساپلىنىدۇ.
مەكتەپتە ھازىر بىرىنچى دەرىجىلىك دوكتورتەربىيىلەش نۇقتىسىدىن 26سى، بىرىنچى دەرىجىلىك ماگىستىر تەربىيىلەش نۇقتىسىدىن 38ى، كەسپى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى تارقىتىش ھۇقۇقىغا ئىگە نۇقتىدىن بىرى، كەسپى ماگىستىرلىق ئۇنۋانى تارقىتىش ھۇقۇقىغا ئىگە نۇقتىدىن 17سى، دوكتۇر ئاشتى سەييارە تەتقىقات پونكىتىدىن 18ى بۇلۇپ ، جۇغراپىيە ۋە مائارىپ ئىلمى ئىككى كەسىپ دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەن تۈرى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ .
بۇ مەكتەپتە ھازىر 4000 غا يېقىن ئىشچى خىزمەتچى بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپى ئوقۇتقۇچىدىن 2000نەپەر، پىرافىسسور ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئالىي ئۇنۋاندىكى كەسپى ئۇقۇتقۇچىدىن 1200نەپەر، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسىدىن 14نەپەر، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى قولۇق كۇرۇس ئۇقۇغۇچىسىدىن 14000نەپەر، ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار 14000نەپەر، چەت ئەللىك ئۇقۇغۇچىدىن 1400 نەپەردىن دىن ئارتۇق.
مەكتەپ ھازىر جۇڭشەن شىمالى يولى مەكتەپ رايۇنى ۋە مىنخاڭ مەكتەپ رايونىغا بۈلۈنگەن، مەكتەپ كۆلىمى 3100مودىن ئارتۇق.