خىيالچان تىلەك
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
تېڭىرقىمايمەن ، دوستلار ، تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى ،
چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.
مەرد باغۋەن غازاڭ قىلمايدۇ ۋاقىتسىز باغنى،
تەربىيىسىز سۇلدۇرۇپ گۈل-چىچەكلەرنى.
خىيالىم تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر سەبىي بالا،
ئېمىش ئۈچۈن قەدىردان ئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى.
لەززەتلىك خىيال ئارىسىدا بېقىپ ئاسمانلارغا،
تەپەككۇر كۆزى بىلەن كۆرىمەن روشەن بۇرجەكلەرنى.
جانان ناز ئۇيقۇدا يېتىپ نېچۈك تولغانماس؟!
ئاشىقى كۈتۈپ تۇرسا ئېچىپ يورۇق رۇجەكلەرنى.
نېمىشقا يازماي تىلەك ئارىلاش مۇڭلۇق لىرىكىلارنى،
سۆيگۈ ئىشقى ئۆرتەپ كۆيدۈرسە يۈرەكلەرنى.
ئەزەلدىنلا خىيالچان مۇڭلۇق بىر يىگىت ئىدىم،
تېڭشىغاچ مومام ئاغزىدىن ساماۋى چۆچەكلەرنى.
ئىختىيارى يازمىلار
- تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
- بىر كىتاب بىر ئالەم(3-سان)
- ئوغۇل بالا شۇنداق ياشىسۇن
- تىترەتتىغۇ يۈرەك تارىمنى
- ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن
- چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى
- پۇتبول ساداسى چاڭچۈندە
- مودا پەن نانوتېخنولوگىيەسى
- تەكلىماكاندىكى «جەننەت»نىڭ ۋەيران بولۇشى(ئەسئەت سۇلايمان)
- مەن سېغىندىم بلوگۇم سەنمۇ مېنى سېغىندىڭمۇ؟