پۇتبول ساداسى چاڭچۈندە

ۋاقتى 2013-11-18 03:26 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 787 قېتىم
 
 
     
012.jpg

2013-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى چاڭچۈن شەھىرىدىكى پۇتبولخۇمار ستۇدېنتلىرىمىز ئۈچۈن تولىمۇ خۇشاللىنارلىق كۈن بولدى، كونىلاردا:« ئەلنىڭ دۇئاسى بىلەن ئەر كۆكلەيدۇ» دەيدىغان  ھېكمەت بار ، چاڭچۈن شەھىرى ئەلى با با ئاشخانىسىنى ئاچقۇچى ساخاۋاتچى ياش ئادىلجان ئەپەندىمنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى ، چاڭچۈن شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئوت يۈرەك ستۇدېنتلىرىمىزنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن  «تۇنجى قېتىملىق ئەلى با با لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى » مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلاندى.
99999.jpg
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ مۇنبىرىمىزنى قوللاپ بەرگىنىڭلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، شۇنداقلا شىنجاڭدىن 5مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى شەھەردە تۇرۇپ ، ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرىمىز توغرىسىدىكى ئۇچۇردىن تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش شەرىپىگە مۇۋەپپەق بولغىنىمىزدىن تولىمۇ خۇشاللمىز. 
مانا تاڭنىڭ سۈزۈلۈشى بىلەن تەڭ شەرقى شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جىڭۆ مەكتەپ رايۇنى پۇتبول مەيدانى چاڭچۈن شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان پۇتبۇل ھەۋاسكارلىرى ۋە  مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ماھىرلار بىلەن تولۇشقا باشلىدى، نۆلدىن تۆۋەن بەش سېلسىيە گرادۇسلۇق تۆۋەن تىمپىراتۇرا ،لەپىلدەپ چۈشىۋاتقان قار ، مەيلى  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ بولسۇن  ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ماھىرلارنىڭ بولسۇن  جەڭگىۋارلىقىغا قىلچىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىدى .مانا بۇ بىزدىكى جاسارەت، بىزدىكى جۇشقۇنلۇق، بىزدىكى  پۇتبول روھى!!!
mmexport1384597093486.jpg
چاڭچۈندىكى ھەرقايسى ئۇنۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن تاماشىبىنلار

getimgdata (3).jpg
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى‹ كارۋان كوماندىسى›، شەرقى شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ‹سەلتەنەت كوماندىسى›، ‹چاڭچۈن مائارىپ ئىنىستىتۇتى كوماندىسى› شەرقى شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ‹تۇلپار كوماندىسى› ، ‹چاڭچۈن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى› قاتارلىق بەش كوماندا قاتناشتى. مۇسابىقە بېيجىڭ ۋاقتى 10:30 دا رەسمىي باشلاندى، ئەڭ ئالدى بىلەن «چاڭچۈن مائارىپ ئىنىستىتۇتى كوماندىسى» بىلەن «شەرقى شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى» مەيدانغا چۈشتى. 
555.jpg
مۇسابىقە باشلىنىپ 10مىنۇت بولۇشىغا شەرقىي شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ‹تۇلپار كوماندىسى› ، دىكى ماھىرلار، ھەقىقي ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ، ئۆز-ئارا ماسلىشىش نەتىجىسىدەناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قارشى تەرەپ ۋاتارسىغا ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، قارشى تەرەپنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇردى. 
getimgdata (5).jpg
چاڭچۈن مائارىپ ئىنستىتۇتىدىكى ماھىرلارمۇ خېلى كۈچىگەن بولسىمۇ، سۈرئەت ۋە ماسلىشىش جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن شەرقىي شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىسىتېتى ‹تۇلپار كوماندىسى›8:0 نەتىجە بىلەن ، مۇسابىقىنىڭ تۇنجى مەيدان غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
نەتىجە پەرقىنىڭ كۆرىنەرلىك چوڭ بولۇشى مۇسابىقە كۆرىۋاتقانلارنىڭ كەيپىياتىغا ئانچە-مۇنچە تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى ‹كارۋان كوماندىسى› بىلەن شەرقى شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ‹سەلتەنەت كوماندىسى› نىڭ مەيدانغا چۈشۈشى بىلەن مۇسابقە كەيپىياتى بىردىنلا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەيداندىكى ھۇررا سادالىرى مۇسابىقە ئاخىلاشقۇچە بېسىقمىدى. جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى‹كارۋان كوماندىسى› بىر قانچە يىلدىن بۇيان چاڭچۈن شەھىرى  بۇيىچە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «پامىر لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى» شەرقى شىمالدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارا ئۆتكۈزۈلدىغان«مەشرەپ لوڭقىسىنى تالىشىش» قاتارلىق مۇسابىقىلەردە ئۇدا بىر قانچە يىل بىرىنچى ،ئىككىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي  ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان كوماندا ئىدى،‹سەلتەنەت› كوماندىسى بولسا  قۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان كوماندا بولغاچقا، بۇنداق ھالەت ‹سەلتەنەت› كوماندىسىغا نىسبەتەن خېلى زور بېسىم بولدى، ئويلىمىغان يەردىن  مۇسابىقە باشلىنىپلا ئاجايىپ كەسكىن ئېلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى، يۇقىرى سەۋيىدىكى پاسلىشىش ، ماھىرلاردىكى ئالاھىدە جۇشقۇنلۇق مۇسابىقە كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 

‹كاراۋان كوماندىسى ›بىلەن ‹سەلتەنەت كوماندىسى›دىكى ماھىرلار مەيدانغا كىرمەكتە
000000.jpg
مۇسابىقە كەسكىن داۋاملىشىپ جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى ‹كارۋان كوماندىسى›ئالدىنقى يېرىم مەيدان  مۇسابىقە باشلىنىپ 20مىنۇت بولغاندا‹كارۋان كوماندىسى›   ‹سەلتەنەت كومامدىسى›ۋارىتارسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. 28 مىنۇت بولغاندا يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقە ۋەزىيىتىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ ، ‹سەلتەنەت› كوماندىسىدىكىلەرنىڭ روھىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەندەك قىلاتتى. يېرىم سائەتتىن ئاشقاندا ‹سەلتەنەت› كوماندىسىمۇ بىر توپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 2:1 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.
مۇسابقە كەسكىن داۋاملاشماقتا
85.jpg
كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلا تەرەپ قاتتىق تىركىشكەن بولسىمۇ يەنىلا بىر  توپمۇ كىرمىدى. شۇنداق قىلىپ ‹كارۋان كوماندىسى› بىلەن‹ سەلتەنەت كوماندىسى› ئوتتۇرىسىدىكى  مۇسابىقە 2:1 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.
چۈشتىن بۇرۇنقى مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ، ماھىرلار نىڭ چۈشلۈك تامىقى  مەكتەپ يېنىدىكى پامىر ئاشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

سەلتەنەت كوماندىسىدىكى ماھىرلار 
4444.jpg
چۈشتىن كېيىنكى ھاۋارايى ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلىشىپ قار بارغانسېرى كۈچىيىپ يېغىشقا باشلىدى. مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرۇشمۇ تەسكە چۈشتى لېكىن چۈشتىن كېيىنكى مۇسابىقە يەنىلا پىلان بۇيىچە نورمال داۋاملاشتى. مۇسابىقە  ‹چاڭچۈن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى› بىلەن ‹تۇلپار كوماندسى›
ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى.
مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا
333.jpg
تورداشلارئارىسىدا قاردا ئوينالغان پۇتبول مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن كۆرگەنلەر  ساناقلىقلا بولۇشى مۇمكىن، قاردا سەللا ئېھتىيات قىلىپ يۈگۈرمىسە يېقىلىپ چۈشەتتى،سۈرئەتنى تېزلىتىپ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ يۈگۈرۈشمۇ بىر مەسلە ئىدى.   ماھىرلىرىمىزغا ئاپىرىن! يېقىلىپ چۈشسىمۇ شۇئان ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە   ئۆز ئورنىنى تىپىپ مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇردى.مەن ياندا مۇسابىقە ئەھۋالىنى كۆرۈپ ماھىرلىرىمىز ئۈچۈن ئاپىرىن ئوقۇدۇم. ئۇيغۇر پۇتبول روھىنىڭ ھەقىقىي شولىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. 
ئوت يۈرەك ماھىرلىرىمىز مەيداندا
8555.jpg
چۈشتىن كېيىنكى ‹تۇلپار كوماندىسى› بىلەن  ‹چاڭچۈن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى› ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە 6:2 نەتىجە ، ‹ تۇلپار كوماندىسى›نىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.
چاڭچۈندىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا  ئېلىپ بېرىلغان «تۇنجى قېتىملىق ئەلى با با لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى»نىڭ تۇنجى باسقۇچى ماھىرلىرىمىزنىڭ شىجائىتى ، پۇتبولغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقنىڭ تۈرتكىسىدە ناھايىتىمۇ غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.چاڭچۈن شەھىرىدىمۇ ئۇيغۇر پۇتبول روھى جەۋلان قىلدى. ئوغلانلىرىمىزنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسىگە غەلبە،  بۇنىڭدىن كېينكى ئوقۇشىغا ئۇتۇق ، تېنىگە سالامەتلىك ، تۇرمۇشىغا خۇشاللىق تىلەيمىز. ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى پائاليەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان . يېقىندىن ياردەمدە بولغان ئادىلجان ئاكىمىزغىمۇ بارلىق ستۇدېنتلىرىمىز نامىدىن يەنە بىر قېتىم رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. 

ستۇدېنتلار مۇنبىرىمىز بۇ قېتىمقى پائاليەتنىڭ ئۇچۇرىنى تېخىمۇ تولۇق تارقىتىشنى ئويلاشقان بولساقمۇ ياخشىراق سۈرەت تارتىش ئاپراتىنىڭ بولماسلىقى ،ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك  ۋە ئالاھىدە ھاۋارايى شارائىتى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىن تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشكە ئامالسىز قالدۇق. بەزى سۈرەتلەر تېلفوندا تارتىلغان سۈرەتلەر بولغاچقا ئېنىقلىقى تازا ياخشى بولماي قالدى. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىدى قىلىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن  قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە  ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىزدا ئېلىپ بېرىلۋاتقان پائاليەتلەردىن تورداشلارنى داۋاملىق خەۋەردار قىلىپ ماڭىمىز، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ستۇدېنتلىرىمىزنىڭ بىزنى تېخىمۇ قوللاپ بېرىشىنى، يېڭى ئەھمىيەتلىك پائاليەت ئۇچۇرلىرى بىلەن خەۋەردار قىلىشىنى ،  ھەمكارلىشىشىنى چىن كۆڭلۈمىدىن ئۈمىد قىلىمىز.
كامالى ئېھتىرام بىلەن:

ئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرى
2013-يىل 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
يازما ئاپتورى:

بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap