شەھەرلىكلەر ، سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار
شەھەرلىكلەر ، سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار ،
ئېتىزلارنى كۆرمىگەنلەر كۆرۈپ كېلىڭلار .
سىلەرنىڭمۇ ئەجدادىڭلار دېھقاندۇر بەلكىم ،
سەھرالاردىن تەكتىڭلارنى بىلىپ كېلىڭلار.
شەھەر – ھايات چىنارىنىڭ ئەڭ ئېگىز شېخى ،
شاختىن چۈشۈپ ، پەستىن ئۇچۇر ئېلىپ كېلىڭلار .
بىللە بارسۇن نان ئىلغىغان بالىلىرىڭلار ،
ئېڭىزلاردىن كۈزدە باشاق تېرىپ كېلىڭلار .
چىشىڭلارغا دورا بەلكىم دېھقاننىڭ نېنى ،
ئۆيلىرىدە قورۇنماستىن قونۇپ كېلىڭلار .
سەھرا كۆرمەي شەھەرلىكلەر شۈكۈرلۈك بولماس ،
ھەر يىللىقى ھەپتە – ئون كۈن تۇرۇپ كېلىڭلار .
يېڭىۋاشتىن ئەسكە چۈشكەي ئۇنتۇلغان دىيار ،
سەھرالارنى دىلغا دەستۇر قىلىپ كېلىڭلار .
ئاختاملار يادىڭلاردىن چىققاندۇر بەلكى ،
بىنەملەردە تۆت – بەش زامان يۈرۈپ كېلىڭلار.
ئەپسۇس ، ئۇندا ئېگىز بىنا ، رېستۇرانلار يوق ،
پاكار – پاكار كەپىلەرگە كۆنۈپ كېلىڭلار .
سىلەر يېگەن ئاق نان ئەسلىي تونۇردا پىشقان ،
سىلەرمۇ شۇ تۇمۇزلاردا كۆيۈپ كېلىڭلار .
ئاندا-ساندا روناق تاپقان بايلىرىمۇ بار ،
ئۇلارغىمۇ ئەزىز مېھمان بولۇپ كېلىڭلار .
كۆرۈپ كېلىڭ : نامىرات دېگەن بولىدۇ قانداق ؟
بۇمۇ بىلىم ! شۇ بىلىمگە بېيىپ كېلىڭلار .
قولۇڭلاردا تەلمۈرىدۇ قولۇم – قوشناڭلار ،
خالتاڭلارغا بىرەر زاغرا سېلىپ كېلىڭلار .
ھەشەمەتلىك شەھەرلەردە شەيتاندىن يۇققان ،
قەلبىڭلار نىڭ كىرلىرىنى يۇيۇپ كېلىڭلار .
ئېگىز شاختا پەيدا بولغان كىبىرنى – كىرنى ،
پايانى يوق دالىلارغا قويۇپ كېلىڭلار .
شەھەرلەردە ئۇنتۇلمىسۇن ئەسلىي زاتىڭلار ،
دېھقان دېگەن كىم بولىدۇ ؟ تۇنۇپ كېلىڭلار .
2001 – يىل 26 – يانۋار ، غۇلجا
مۇھەممەتجان راشىدىن شئېرى
Related Posts
Related Posts
ئىختىيارى يازمىلار
- خام خىيال، رىۋايەت ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر
- چىن سۆيگۈمگە قىلدىڭ خىيانەت
- مەن سېغىندىم بلوگۇم سەنمۇ مېنى سېغىندىڭمۇ؟
- ئاۋۋال يۈزۈڭنى ئەمەس قەلبىڭنى ئورا
- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
- ئىز
- پىنھاندىكى سۆيگۈ
- خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى
- ئانا يۇرت ئوغلى مەرھۇم زوردۇن سابىرنى ئەسلەش خاتىرىسى
- ئىنگىلىزتىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىنگىلىزتلى گىراماتىكىسى(ئېلكىتاب)