قەدىرلىگىن قەدىرلىگەننى
مانا كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلغا قدەم قويغىلىمۇ 10كۈن بوپتۇ. مۇنبەرنى دەپ بلوگ يېزىپ باقمىغىلىمۇ خېلى ئۇزاق ۋاقىتلار بوپتۇ، بىر ۋاقىتلار ئۆتكەن بىر كۈن بلوگ يازمىسام ، يېڭى تېما يوللىمىسام كۈنۈم ئۆتمىگەندەك ھېس تۇيغۇلاردا بولدىغان. قاچانلاردا مۇنبەر ماڭغۇزۇشقا ئاتلاندىم بلوگ تاشلنىپ قالدى. بالىلىقنى ئەسلەپ دېگەننى ئاڭلاۋېتىپ شۇنىڭغا يانداشقان بىر كوپلېت يېزىپ قويدۇم….
تۈنۈگۈنلا بلوگ يېزىپ يۈرۈشمىگەنمۇ ،
يازمىلارنى بارچە تورداش ئوقۇشمىغانمۇ،
دوست يارەنلەر ھەۋەس بىلەن قاراشمىغانمۇ ،
بلوگ يازغان شۇ چاغلارنى سېغىندىم بۈگۈن .
ئۇنى دەيمىز، بۇنى دەيمىز ئايىغى ئۈزۈلمەس ئالدىراشچىلىق، ئىلىم سەپىرىمدىكى تۈگىمەس ئىمتىھانلار ئۈچۈن يېتىشەلمەي ، قەلەم تەۋرىتىش يا خۇشياقماي دېگەندەك بىر يىلنى ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئاللاھ خالىسا 2014-يىلىدا ئۆز ئىجادىي يازمىلىرىم بىلەن كۆپچىلىكنى ئۇچراشتۇرۇشقا تىرىشىمەن. تۆۋەندە يېڭى يىل ھارپىسىدا يازغان ئۈچ كوپلىت شېئىرىمنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇندۇم.
قەدىرلىگەن قەدىرلىگەننى
بىلنۇر
سېنى مەڭگۈ سۆيەلمەي ئۆتۈپ،
ۋىسالىڭغا يېتەلمىسىمۇ .
كېچەلمەستىن سېنىڭدىن ئەبەد،
يۈرەكلىرى دەرتكە تولسىمۇ.
قەدىرلىگىن قەدىرلىگەنىنى،
بىرگە ئوتتا كۆيەلىگەننى.
باشقىلارنى ھەۋەستە قويۇپ،
مەڭگۈ بىرنى سۆيەلىگەننى.
شەرمى ھايا ئەخلاقى بىلەن،
گۈل ھۆسنىگە ھۆسن قوشقاننى.
بارچە سۆيگۈ مۇھەببىتىنى،
مەڭگۈ بىرگە ئاتا قىلغاننى.
2013-12-ئاينىڭ 31-كۈنى
شەھىرى چاڭچۈن
ئىختىيارى يازمىلار
- جاللات خېنىم
- پۇل دېگەن نەرسە ...
- «مۇھەببەت»ناملىق كىتابتىن خاتىرە
- بىر كىتاب بىر ئالەم(باھادىرنامە توغرىسىدا ئىشلەنگەن فىلىم)
- بىر كىتاب بىر ئالەم(3-سان)
- جوڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور بېكىتى
- دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق تىللار ۋە ئۆگىنىش توربەتلىرى - [تىل ئۆگىنىش]
- يەكەن سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بەربات بولۇش تارىخى
- ئەخلاق نەدىن كېلىدۇ ؟
- ئەتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ