搜索到符合 يازغۇچىلار، 标签的相关文章
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2012-03-18 03:44 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم
تالانتلىق يازغۇچى پەرھات جىلان 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 8- كۈنى غۇلجا شەھرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1954-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدىكى روس مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. 1961-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.
ئۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە «سول» چىللىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تاشچىلىق ۋە ھەرىكەشلىككە ئوخشاش ياللانما ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان.
«تۆت كىشىلىك گۇرۇھ » ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى، شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتىدا ۋاقىتلىق تەرجىمە تەھرىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1979-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتوتىدا دەسلەپتە روسچە تەرجىمان، كېيىنچە تەرجىمە – ماتېرىيال بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 1991-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى، 1994-يىلى 1- ئايدىن باشلاپ تىل تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە. پەرھات جىلان 1966-يىلىدىن بۇيان «پۇل»، «ئالتۇن قاندىكى
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2012-03-02 02:47 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم
فرانسىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق كىلاسسىك ئەدەبىيات يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان بالزاكنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك. 1799-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى پارىژغا يېقىن تۇر شەھرىدە تۇغۇلغان بۇ فرانسىيەلىك يازغۇچى 1850-يىلى، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى پارىژدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان.ھاياتىدا يازغۇچىلىق، دىرامماتورگلۇق، مۇخبىرلىق، باسمىچىلىق ۋە ئوبزورچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بالزاك فرانسىيە ئەدەبىياتىدا ئەڭ كۆپ رومان يازغان، ئەڭ مول-ھوسۇللۇق بىر يازغۇچى ھېساپلىنىدۇ. بارلىق رومانلىرى جەمئى 91 پارچە بولۇپ، ”ئىنسان كومىدىيىسى“ نامىدا تونۇلغان.
سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي، تىنماي ئىشلەيدىغان بالزاك، سالغان مەبلەغلىرىدىن گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ، قەرز ئالغان ئادەملىرىدىن شەھەرمۇ-شەھەر ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن قېچىپ، نۇرغۇن ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ، ئاخىرى 1850-يىلى گراف ھانىسكا بىلەن توي قىلغان.
پارىژدا بالزاكنىڭ ھۆرمىتىگە قۇرۇلغان ”بالزاك ئۆيى“ مۇزىيخانىسىمۇ بار.
ھالقىلىق سۆز:
يازغۇچىلار، | تۈرى:
مەشھور شەخىسلىرىمىز | ئىنكاس سانى:
1 |
تولۇق ئوقۇش