توۋا!
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2012-02-14 09:22 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم
كۆيىمەن دىسەڭ ساڭا ئىشىنىپتىمەن توۋا،
سېنى ئۆزۈمدەك ساددا چۈشىنىپتىمەن توۋا.
ئالداپ قويساڭ شادلىنىپ مەن يۈرۈپتىمەن توۋا،
ئەمدى بىلسەم ئەسلىدە خاتا قىپتىمەن توۋا.
يۈرىكىڭدىن چىقماسمۇ ماڭا لايىق جاي توۋا؟،
قوش قوللاپ ئالارسەنمۇ تۇتسامساڭا چاي توۋا؟.
ئەس قاتارمۇ ئېيتقىنا ساڭا تۇلۇنئاي توۋا؟،
ئاشۇ ئايلار يۈزۈڭگە ئاتمىسىدى لاي توۋا.