بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2012-04-27 10:39 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم
ھايا نۇرى پارلىسا ،ھەر بېقىشتا يۈزىدىن ،
ساداقەتتىن باشقىسى ،كۈرۈنمىسە كۈزىدىن ،
سايىم بولسام مەيلىتى،چىقماس ئىدىم سۈزىدىن ،
شۇنداق قىزنى سۈيەتتىم ،بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ ؟
ئىللىق گەپ سۆز ھەركىتى ،ياقسا كىشنىڭ قەلبىگە ،
ئالدامچىنىڭ قەلبىمۇ ،كەلسە ئۇندىن لەرزىگە ،
شۇنداق قىزلار تەڭ ئەمەس ،مەن ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ،
ئۆل دىسىمۇ ئۆلەتتىم ،لېكىن شۇنداق قىز بارمۇ ؟