«مۇھەببەت»ناملىق كىتابتىن خاتىرە
يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچىمىىز روىمۇھەممەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ «ياشلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر »، «ياشلىقتا باھانە ئارتۇقچە »ناملىق كىتابلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇۋەپپەقىيەتكە ، پاراسەتكە ئائىت پەلسەپىۋى كىتابلارغا قىزىققانلىقىمدىن بولسا كېرەك ، يازغۇچىمىزنىڭ كىتابلىرىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇشقا كىرىشتىم، بىر كۈنى كۇتۇپخانىدا كىتاب كۆرىۋېتىپ ئۇيغۇرچە كىتابلار ئازلا قالغان كىتاب جازىسىدا «مۇھەببەت» ناملىق كىتاب كۆزۈمگە چىلقىپ قالدى ۋاراقلاپ قارىسام روزىمۇھەممەت ئاكىمىزنىڭ كىتابى ئىكەن ، شۇئان ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇشقا كىرىشتىم ،ئوقۇش جەريانىدا بۇ كىتابتىكى ئۆزۈم ياقتۇرغان سۆز جۈملىلەرنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە غېرىب كۆلبەمگە يېزىپ قالدۇردۇم . ئاپتور مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن جۈملىلەرنى مەنمۇ ئاپتورىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم .
يوق بىزگە ئانىدەك مېھرىبان ، كۆكرەككە قالقان ، باشقا ھايىبان(ھەكىمزادە نىيازى)
ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە ، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن .(ئۇيغۇر خەلق ماقالى)
ئېگىلىپ ئەرنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇش ، ئېگىلىپ سالام بېرىش ، ئۇنى تۆرگە ئۆتكۈزۈپ ھۆرمەتلەش بىچارىلىك ئەمەس!ئەردىن بىر قەدەم ئارقىدا يۈرۈش ، ئۆزىنى شاگىرىت ، ئېرىنى ئۇستاز ساناش قورقۇش، ئىرادىسىزلىك ئەمەس! بۇ ئېلىم شەرققە خاس ئاياللىق ئىلمى! بۇ -ئەدەپ بىلەن ئائىلىنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرۈش «گېپىڭىز توغرا »دەپ تۇرۇپ ئۆز پىكىرىنى ماقۇللىتىش ، خىزمىتىڭگە تەييار دەپ تۇرۇپ ئاينىغان بىپەرۋا ئەرلەرنى ئائىلىپەرۋەرگە ئايلاندۇرۇپ ئېلىش ئىلمىدۇر.(تۇرسۇنجان سادىقوۋا)
مېھرىنى ھەممىگە ، سۆيگۈ مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بېغىشلىيالايدىغان ئاياللار مۇھەببەتلىك ئايالدۇر.(ئاپتوردىن )
ھەم جىسمانى جەھەتتىكى ئاجىزلىقنى تەن ئالالايدىغان ھەم روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلۈكنى جارىي قىلدۇرالايدىغان ئاياللار ھەقىقىي قۇدرەتلىك ئايالدۇر.(ئاپتوردىن)