مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى دىگەن نېمە ؟
مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى دىگەن نېمە ؟①
ئىممەنىيۇئېل كانت②
مەرىپەتچىلىك بولسا كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئۆزىگە ئارتىۋالغان پىشمىغان ھالىتىدىن قول ئۈزۈش دېمەكتۇر . پىشمىغان ھالەت دىگىنىمىز ، باشقىلارنىڭ يىتەكلەپ يول كۆرسىتىشى بولمىسا ئۆزىنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى ئىشلىتەلمەيدىغان قابىليەتسىزلىكنى كۆرسىتىدۇ . بۇنداق پىشماسلىق ئەقىلنىڭ كەمتۈكلۈكى سەۋەبلىك ئەمەس ، بەلكى باشقا بىراۋنىڭ يول باشلىشىسىز شۇ ئەقىلنى ئىشلىتىدىغان جۈرئەت ۋە قەتئىيلىكنىڭ كەمتۈكلۈكى سەۋەبىدىن بولغاندا ، مانا شۇ چاغدا كىشىلەر بۇ خىلدىكى پىشماسلىقنى ئۆزىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ . « بىلىشكە جۈرئەت قىل ! » ، « ئۆزۈڭنىڭ ئەقلىنى ئىشقا سالىدىغان جاسارەت بولسۇن ! » مانا بۇلار مەرىپەتچىلىكنىڭ شۇئارلىرىدۇر .
گەرچە ئانا تەبىئەت ناھايىتى بۇرۇنلا ئىنسانلارنى ئۆزىدىن باشقا يول باشلىغۇچىدىن ئازاد قىلىۋەتكەن بولسىمۇ ، بىراق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھۇرۇنلۇقى ۋە توخۇ يۈرەكلىكى سەۋەبىدىن ، رازىمەنلىك ئىچىدە بىر ئۆمۈر پىشمىغان ھالەتتە تۇرۇشنى خالايدۇ ، يەنە دەل شۇ سەۋەپتىن ، بەزىبىر كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى شۇ كۆپ سانلىق خام كىشىلەرنىڭ « قوغدىغۇچى ئاتامانى » دەپ جاكارلىشى تولىمۇ ئاسانغا توختايدۇ . ھەقىقەتەنمۇ ، پىشمغان خام بولۇش بەك ئوڭاي . ئەگەر مېنىڭ ئەقىل تەپەككۇرىم ئورنىدا ماڭا خىزمەت قىلىدىغان بىر مۇقەددەس كىتابىم③ بولسا ، ۋىجدانىم ئورنىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر باستېر ④ بولسا ، مېنىڭ يېمەك-ئىچمىكىمنى بەلگىلەپ بىرىدىغان بىر دوختۇرۇم بولسا ، ئۇنداقتا مېنىڭ ئۆزۈمنى ئۇپرىتىپ جىق تەپەككۇر قىلىشىمنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق ، مەن پەقەت ئۇلارغا پۇل تۆلەپ بەرسەملا بولدى : خەتەرلىك ئىشلارنى باشقىلار ماڭا « لەببەي » دەپ تۇرۇپ بەجا كەلتۈرىدۇ . « چەكسىز مېھرى-شەپقەت » بىلەن ئۇلارنى باشقۇرۇپ كىلىۋاتقان « قوغدىغۇچى ئاتامان » لار شۇنى كۆرۈپ يەتتىكى ، بارلىق ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ كۆپ سانلىق كىشىلەر پىشىپ يىتىلىشكە ئىلىنغان ھەر بىر قەدەمنى بەسىي مۈشكۈل دەپلا قارىماستىن ، بەلكى دەھشەت خەتەرلىك دەپ ھېسابلايتتى . شۇنداق قىلىپ ، ئالدى بىلەن كۆندۈرۈلگەن ئۆي ھايۋانلىرىنى گەپ قىلالماس قىلىۋېتىش ، ئاندىن بۇ ئىتائەتمەن جانىۋارلارنىڭ شۇ قوغدىغۇچى ئاتامانلار ھەيدەپ مېڭىۋاتقان قول ھارۋىسىنىڭ سىرتىغا بىرەر قەدەم ئىلىپ قىلىشىنى ناھايىتىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن توسۇش ئارقىلىق ، قوغدىغۇچىلار ئۇ جانىۋارلارغا يالغۇز مېڭىشنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى . ئەمەلىيەتتە ، بۇ خەتەر ئۇنچىۋالا چوڭمۇ ئەمەس ، بىر ئىككى قېتىم ھارۋىدىن چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن ، ئۇلار جەزمەن ئۆزى مېڭىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ . بىراق بۇنداق چۈشۈپ كەتكەنلەرنى كۆرگەن باشقا كىشىلەر تىخىمۇ قورقۇنچاقلىشىپ كىتىدۇ ، شۇنداق قىلىپ يەنىمۇ ئىچكىلەپ سىناپ بىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ .
شۇڭلاشقا ، مەلۇم شەخسنىڭ ئۆزىگە تايىنىپ تەبئىيتىگە ئايلىنىپ كەتكەن پىشمىغان ھالەتتىن قۇتۇلۇپ چىقمىقى بەسىي مۈشكۈل . ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن بەكمۇ رازى ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-ئىدراكىنى پۈتۈنلەي ئىشلىتەلمەس بولۇپ قالىدۇ ، چۈنكى ھەتتا ئەقىل-ئىدراكىنى سىناپ بىقىشقىمۇ ھېچكىم يول قويمىغان . ئۆلۈك قائىدە-نىزاملار ، ئەقلىي تەپەككۇرغا يات بولغان مېخانىكىلىق ياردەم ، قالايمىقان ئىشلىتىلگەن تۇغما تالانت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننى مەڭگۈلۈك پىشماسلىققا ئىلىپ بارىدىغان بويۇنتۇرۇق . ئەگەردە بىرەرسى بۇ بويۇنتۇرۇقلارنى پېرقىرىتىپ چۆرۈۋەتكەن تەقدىردىمۇ ، ئۇ پەقەتلا ئەڭ كىچىك بىر ئېرىقتىن ئاتلاپ ئۆتتى ، خالاس ، چۈنكى ئۇ بۇنداق ئەركىنلىككە كۆنمىگەن . نەتىجىدە ، ئىنتايىن ئاز سانلىق كىشىلەرلا ئۆز روھىنى تاۋلاش ئارقىلىق پىشمىغان ھالەتنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ ۋە تىخىمۇ ئېنىق كاپالەتلەندۈرۈلگەن ئىشلارغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ .
ھالبۇكى ، ئاۋام خەلقنىڭ ئۆزىنى مەرىپەتلەندۈرۈپ ئاقارتىش مۇمكىنچىلىكى بەكراق چوڭ . دەرھەقىقەت ، ئەركىنلىككە يول قويۇلسىلا مەرىپەتچىلىكمۇ بىللە كىلىدۇ . چۈنكى ، ۋەسۋسسىگە چۈشكەن قوغدىغۇچى ئاتامانلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمى ھامان مۇستەقىل تەپەككۇر قىلالايدۇ ، شۇ ئاز بىر قىسمى ئۆزىنىڭ پىشمىغان بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلغاندىن كىيىن ، ئۆزىنىڭ شۇنداقلا باشقا ھەربىر كىشىنىڭ قەدر-قىممىتىنى ئىدراكىي تەپەككۇرغا تايىنىپ پەرق ئىتىدىغان مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش روھىنى كەڭ تارقىتىپ تەشەببۇس قىلىدۇ . بىراق بۇ يەردە شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەككى ، ئەگەر « قوغدىغۇچى ئاتامانلار » تەرىپىدىن بويۇنتۇرۇق سىلىنغان ئاۋام خەلق ھەقىقىي مەرىپەتچىلىككە يارىمايدىغان بىرەرسىنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن قوزغىلىپ چىققان بولسا ، ئۇنداقتا ، ئاخىرىغا كىلىپ ئىلگىرىكى « قوغدىغۇچى ئاتامانلار » نىڭ ئۆزى بويۇنتۇرۇققا چۈشۈپ قالىدۇ ـــــــــــ تېرىلغان ئاداۋەت ئۇرۇقى شۇنچىلىك قەبىھكى ، بويۇنتۇرۇقتىكى « قوغدىغۇچى ئاتامانلار » شۇ ھەرىكەتنىڭ باشلىغۇچىسى ياكى ئۇنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادلىرىنى تېپىپ قىساس ئالمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ . شۇڭا ، ئاۋامنىڭ مەرىپەتلىنىپ ئاقارتىلىشى ئاستا-ئاستا بولمقى زۆرۈر . ئىنقىلاپ بەلكىم مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ، مەككار سودىگەرنىڭ ھارام پايدىسىنى شۇنداقلا مۇستەبىت ھوقۇقدارنىڭ كاللىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتەر ، بىراق بۇنداق ئىنقىلاپ ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئىنقىلاپ ئىلىپ كىلەلمەيدۇ . ئەكسىچە ، كونا بىر تەرەپلىمىلىكنىڭ ئورنىنى ئالغان يېڭى بىر تەرەپلىمىلىك ھېچنېمىنى ئويلىمايدىغان ئاۋامنى چۈشەيدىغان ئارغامچىنىڭ رولىنى داۋاملىق ئوينايدۇ .
ۋاھالەنكى ، بۇ مەرىپەتچىلىك ھەركىتىگە ئەركىنلىكتىن باشقا ھېچنېمە كېرەك ئەمەس ، شۇنداقلا بىز دەۋاتقان بۇ ئەركىنلىك ئەڭ زىيانسىز ئەركىنلىكتۇر ، ئۇ بولسىمۇ ئاممىۋى جامائەت ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ ئەقلىي-ئىدراكىي تەپەككۇرىنى ئوچۇق ئاشكارە ئىشلىتىدىغان ئەركىنلىك . بىراق مېنىڭ ھەممە ياقتىن ئاڭلىغىنىم بولسا : « مۇنازىرىلەشمەڭلار ! » ھەربىي قوماندان ئېيتتى : « مۇنازىرىلەشمەي مەشىقىڭنى قىل ! » باجگىر ئېيتتى : « مۇنازىرىلەشمەي باج تۆلەشنى بىل ! » باستېر ئېيتتى : « دە-تالاش قىلما ، ئىشەن ۋە ئېتقاد قىل ! » ( دۇنيادا پەقەت بىرلا پاسىبان بار ، ئۇ شۇنداق دەيدۇ : « قانچىلىك دە-تالاش قىلساڭ قىل ، نېمىنى تاشساڭ تالاش ، ئەمما بويسۇن ! »⑤ ) بۇ يەردە بىز ئەركىنلىكنىڭ ھەممە يەردە چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق . ئۇنداقتا ، زادى قايسى خىلدىكى چەكلىمە مەرىپەتكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ، قايسى خىلدىكى چەكلىمە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ؟ مېنڭ جاۋابىم : ئۆز ئەقىل-ئىدراكىنى ئوچۇق ئاشكارە ئىشلىتىش ھەر ۋاقىت ئەركىن بولۇشى كېرەك ، پەقەت ۋە پەقەت مۇشۇ ئەركىنلىكنىڭ ئۆزىلا ئىنسانىيەتنى مەرىپەتكە باشلايدۇ . بىراق شەخسىي ئىشلىتىلگەن ئەقىل-ئىدراك بىر قەدەر تار بولغان چەكلىمىگە ئۇچرىسا مۇۋاپىق بولىدۇ ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، قەلەمدار ئىلىم ئەھلىنىڭ ئۆزىنىڭ يازغان-پۈتكىنى ئارقىلىق پۈتكۈل زىيالىيلار ئالدىدا ئۆز ئەقىل-ئىراكىنى ئوچۇق-ئاشكارە ئىشلىتىدىغان ئەركىنلىكىنىڭ رولىنى چۈشىنىشكە ئامال بولمايدۇ . مەن دەۋاتقان شەخسىي ئىشلىتىلگەن ئەقىل-ئىدراك بولسا مەلۇم بىر كىشى ھۆكۈمەت ، جامائەت ئورگانلىرىدا ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش جەريانىدا ئىشلىتدىغان ئەقىل-ئىدراكىنى كۆرسىتىدۇ . بىر جەمئىيەتنىڭ كوللىكتىپ پايدا-مەنپەئەتىگە تاقىشىدىغان نۇرغۇن ئىشلاردا ، بەزىبىر مېخانىزملار بولمىسا بولمايدۇ ، مۇشۇ مېخانىزمغا ئاساسەن ، شۇ جەمئىيەت ئەزالىرى پاسسىپ ھالدا ئۆزلىرىنى باشقۇرۇشقا بويسۇندۇرىدۇ ، شۇنداق قىلىپ ، پۇقرالار مەقسەتلىك ھالدا شەكىللەندۈرگەن بىرلىك ئاساسىدا قۇرۇلغان ھۆكۈمەت ئاۋام-پۇقرانى يىتەكلەپ ، ئۇلارنىڭ ئورتاق مەقسەت-نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ ۋە ياكى ھېچبولمىغاندا مۇشۇ تۈردىكى ئورتاق مەقسەت-نىشاننىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . شۇڭا ، بۇنداق مېخانىزمنىڭ ئاستىدا ، مۇنازىرىلىشىپ تالاش-تارتىش قىلغاندىن كۆرە ، بويسۇنۇش ئەقىلگە مۇۋاپىقراق كىلىدۇ . ھالبۇكى ، ئەگەر ئۇ ئۆزىنى مۇشۇ پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغان مېخانىزمنىڭ ، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ ھېسابلايدىكەن ، ھەمدە شۇنىڭلىق بىلەن بىر قەلەمدار ئىلىم ئەھلىنىڭ سالاھىيىتى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە سۆز ئاچىدىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ ئەلۋەتتە ئەركىن ھالدا مۇنازىرىلىشەلەيدۇ ، ئۇ ھەم بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزى پاسسىپ ھالدا بويسۇنۇشى كېرەك بولغان مېخانىزمغا ھەرگىز زىيان سالمايدۇ . شۇنداق قىلىپ ، ئەگەر ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكى بىرەر مەسئۇل خادىم ئۆزىنىڭ باشلىقى تاپشۇرغان ۋەزىپە-خىزمەتلەرنىڭ مۇۋاپىق-نامۇۋاپىقلىقى ياكى پايدا-زىيىنى توغرىسىدا باشلىقى بىلەن دە-تالاش قىلىپ ، زوكۇنلىشىپ يۈرسە ، بۇ بىر ئاپەت بولىدۇ ، ئۇ بويسۇنۇشى كېرەك . بىراق ئۇنىڭ بىر ئىلىم ئەھلى سالاھىيىتىدە تۇرۇپ ، بۇ خىل ۋەزىپە-خىزمەت توغرىسىدىكى سەۋەنلىكلەرگە باھا بىرىش ياكى ئۇنى ئاۋامنىڭ ئالدىغا قويۇپ ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىگە تاپشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەركىنلىكى بوغۇلماسلىقى كېرەك . پۇقرالار ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىنغان باجنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلماسلىقى كېرەك ، بۇنداق رەت قىلىش باشقا پۇقرالاردىكى كەڭ كۆلەملىك بويۇنتاۋلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقتىن ، بىر خىل رەسۋاچىلىق ۋە شەرمەندىچىلىك ھېسابىدا جازاغا تارتىلىشى كېرەك . بىراق ، باجغا نارازى بولغان شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى ، بىر ئۆلىما-زىيالىي سۈپىتىدە ئوچۇق ئاشكارە ھالدا ئۆزىنىڭ بۇ تۈردىكى باج-سىلىقنىڭ نامۇۋاپىقلىقى ، ھەتتا ئادالەتسىزلىكى توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنى يىزىق ئارقىلىق مەتبۇئاتتا بايان قىلسا ، بۇ ئۆزىنىڭ پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىگە خىلاپ ئەمەس . شۇنىڭغا ئوخشاش ، بىر باستېر ئۆزىنىڭ ئېتقادچى مۇخلىسلىرىغا تەلىم بەرگەندە ، چوقۇم ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان چېركاۋنىڭ نىشانى بويىچە تەرغىبات قىلمىقى زۆرۈر ، چۈنكى ئۇ دەل ئاشۇنداق شەرتلەر ئاستىدا خىزمەتكە بەلگىلەنگەن . بىراق بىر ئۆلىما بولۇش سۈپىتى بىلەن ، شۇ چېركاۋنىڭ نىشانىدىكى خاتالاشقان تەرەپلەر شۇنداقلا دىنىي ئىشلار ۋە چېركاۋنىڭ باشقا ئىشلىرىدىكى تىخىمۇ ياخشىراق بولغان ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ئېنچىكىلىك بىلەن ئويلاشقان ياخشى نىيىتىنى ئاۋامغا بىلدۈرۈشتە ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ، ھەتتا مەجبۇرىيىتى بار . بۇ ئىشتا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغىنى ئۇنىڭ ۋىجدانى . شۇ چېركاۋنىڭ چاكىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، خىزمەت ئورنىنىڭ بىسىمى تۈپەيلىدىن ، ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۇ ئۆز ئىچىدىن چىقمىغان ، ئەركىن ھۆكۈم چىقىرالمايدىغان بىر تەرزدە ۋەز ئېيتىدۇ ، ئۇ « پالانى مۇنداق دىگەن » ، «پۇستانى مۇنداق دەپ قارايدۇ » دىگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ . شۇنداق قىلىپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولمىش ئېتقادچى مۇخلىسلارغا شۇ چېركاۋنىڭ ئۇلارغا ئۆگەتمەكچى بولغان تەبىھ-نەسىھەتلىرىنى يەتكۈزۈپ بىرەلەيدۇ . ئۇنىڭ ئۆزى بولسا بۇ تەبىھ-نەسىھەتلەرگە پۈتۈنلەي ئېتقاد قىلمىسىمۇ بولىدۇ ، بىراق ئۇ مۇشۇ تەبىھ-نەسىھەتلەرگە يەنىلا چىداشلىق بىرەلەيدۇ ، چۈنكى مۇشۇ تەبىھ-نەسىھەتلەردە ئازراقمۇ ھەقىقەت يوق دىگىلى بولمايدۇ . يەنە كىلىپ ، ئۇ نەسىھەتلەرنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي دىننىڭ ماھىيىتىگە زىت كىلىدىغان نەرسىلەر يوق ، ئەگەر ئۇنىڭ مۇشۇنداق نەرسىلەرنى بايقاپ قالىدىغانلىقغا كۆزى يەتسە ، ئۇنداق چېركاۋدا ئىشلەۋېرىشنى ۋىجدانى كۆتۈرمەيدۇ ، ئىستىپا بەرگىنى تۈزۈك . شۇنداق قىلىپ ، ۋەزىپىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇقەددەس يىغىندىكى مۇخلىسلىرىغا قارىتىلغان ئەقىل-ئىدراكى پەقەتلا شەخسىي بولىدۇ ، چۈنكى مەيلى بۇ مۇقەددەس يىغىن قانچىلىك چوڭ بولمىسۇن ، ئۇنىڭدا ئىشلىتىلگەن ئەقىل-ئىدراك ھامان كۆندۈرۈلگەن بولىدۇ . مۇشۇ نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا ، پوپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇ باشقا بىراۋلارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەركىن ئەمەس . ئەكسىچە ، ئۇ ئىلىم ئەھلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۆز قەلىمى ئارقىلىق ئاۋام ئالدىدا ئوچۇق ئاشكارە ھالدا ئۆز ئەقىل-ئىدراكىنى ئشلىتىپ ئىددىيە-پىكىرىنى ، ئىدراكىي تەپەككۇرىنىڭ ھاسىلاتلىرىنى سۆزلىيەلىگەنلىكى ئۈچۈن چەكسىز ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولىدۇ . روھىيەتنى قوغدىغۇچى ئاتامانلارنىڭ ئۆزىنىڭ پىشمىغان خام بولۇشىدەك بىمەنىلىك ئۈزلۈكسىز بولۇپ تۇرىدىغان باشقا بىمەنىلىكلەرگە مەڭگۈلۈك مەنبە بولىدۇ .
بىراق ، باستېرلار ، دىنىي ھەيئەت ياكى ئاتالمىش ھۆرمەتكە سازۋەر مويسىپىت ئاقساقاللاردىن تەركىب تاپقان بىر جەمئىيەت ياكى تەشكىلات ، ئورۇنلۇق سەۋەپ يوق ئەھۋالدا قەسەم-ئەھدە ئارقىلىق بىرلىشىۋېلىپ ، جەمئىيەت ئەزالىرىغا ۋە باشقا كىشىلەرگە بولغان « ئاتىدارچىلىق » قىلىش ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئېنىق قىلىپ بەزىبىر ئۆزگەرمەس ۋە مۇتلەق بولغان نىشان ، قائىدە-نىزاملارنى بىكىتىۋىلىپ ، كىشىلەرنى مەڭگۈ كونترول قىلىش ئويىدا بولىدىكەن ، مىنىڭ ئۇلارغا دەيدىغان گىپىم : بۇ پۈتۈنلەي مۇمكىن ئەمەس . ئىنسانىيەتنىڭ مەرىپەت ئىشلىرىنى مەڭگۈلۈك چۈشەپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان بۇنداق توختام-ئەھدنى تەستىقلىغىنى مەيلى دۇنيادىكى تەڭداشسىز ھوقۇقدار بولسۇن ، مەيلى پارلامېنت بولسۇن ۋە ياكى ئەڭ سۈرلۈك ۋە داغدۇغىلىق تىنچلىق شەرتنامىسى بولسۇن ، بۇنداق توختام-ئەھد مەڭگۈ مۇتلەق ئىناۋەتسىزدۇر . بىر دەۋر ئۆزىنى باغلاپ قويالمايدۇ ، شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ سۈيقەستى ۋە ھىيلە-مىكىرىگە تايىنىپ ، ئەۋلادلارنىڭ ئۆز بىلىمىنى كىڭەيتىشىنى ، خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ ، مەرىپەت ۋە ئاقارتىشقا قاراپ داغدام يول ئىلىشىنى توسۇپمۇ قالالمايدۇ . ئۇنداق قىلىش ، پىشانىسىگە پۈتۈلگەن قىسمىتىنىڭ ئۆزى مۇشۇنداق مەرىپەت ، يۈكسىلىشتە بولىدىغان ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان بىر تۈرلۈك جىنايەت . شۇڭلاشقا ، كىيىنكى ئەۋلادلار مۇشۇ تۈردىكى توختام ، ئەھدىنامىلەرنى جىنايەت سۈپىتىدە يىرتىپ تاشلاشقا تامامەن ھەقلىق . قانۇن دەپ قاراشقا بولىدىغان قارارنىڭ ئۆلچىمى مۇنداق بولۇشى كېرەك : قانۇن تۈزگۈچى شۇ قانۇننى ئۆزىگىمۇ تەدبىقلىيالامدۇ ؟ شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى ، ياخشىراق بولغان دۆلەتلەردە ، مەلۇم بىر مەزگىل ، شۇ دۆلەتتىكى بارلىق پۇقرالارغا ، بولۇپمۇ دىنىي ساھەدىكى روھانىيلەرگە ئىلىم ئەھلى سالاھىيىتىدە تۇرۇپ نۆۋەتتىكى ئاساسىي قانۇننىڭ بولمىغۇر تەرەپلىرى توغرىسىدا قەلەم ئارقىلىق بايانات ئىلان قىلىش ئەركىنلىكى بىرىدىغان قىسقا مەزگىللىك تەرتىپنى ئورنىتىش مۇمكىن . بۇنداق قىسقا مەزگىللىك تەرتىپ كىشىلەر بۇ تۈردىكى ئەركىنلىك توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچە ھاسىل قىلغانغا قەدەر داۋاملاشسا بولىدۇ . بۇ خىل چۈشەنچە ئومومىيلىق ۋە چوڭقۇرلۇقتا شۇنداق ۋايىغا يەتكەنكى ، ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى چۈشەنچىسىگە ئاساسەن مۇقەددەس دىنىي يىغىننى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئىلىپ ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئەقىدە-ئېتقاد بىلەن ئۇلارنى قايتا تەشكىللەپ چىقىدۇ ، بىراق ھەرگىزمۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئىشلارنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش تۇرۇپ ئۆزگەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىشىغا پۇتلېكاشاڭ بولمايدۇ . ھالبۇكى ، ئۇلار ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ گۇمان قىلىپ سوئال سورىشىغا مۇمكىن بولمايدىغان ئۆزگەرمەس ئۇيۇشما بولۇپ شەكىللىنىۋالماسلىقى كېرەك ، چۈنكى ئۇنداق قىلىش كىيىنكىلەرنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرلىشى ئۈچۈن تولىمۇ زىيانلىق . مەلۇم بىر كىشى ئۆزىگە تىگىشلىك ساھەدە ئۆزىگە قارىتىلغان مەرىپەتچىلىكنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشى مۇمكىن ، بىراق ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنى تۈپتىن ، ۋاقىتسىز بىكار قىلىمەن دىيىش ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس ھوقوقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن باراۋەر . خەلق ئۆزى ئۈچۈن راۋا كۆرمىگەن ئىشنى ئۇلارنىڭ خاقانى بولمىش ھۆكۈمرانمۇ راۋا كۆرمەيدۇ ، چۈنكى قانۇن ھۆكۈمرانغا بەرگەن ھوقۇق-مەجبۇرىيەت بولسا ئاشۇ ئاۋام-خەلق ئورتاق بىرلىك ئاساسىدا ھۆكۈمدارغا بەرگەن ھوقوقتۇر. ئەگەر ئۇ ھەقىقىي يۈكسىلىش بىلەن جامائەت تەرتىپىنىڭ بىرلىشىشى زۆرۈر دەپ قارىسا ، ئۇ ھالدا ، گەرچە ئۇنىڭ ھەر قانداق كىشىنىڭ زورلۇق زومبۇرلۇق بىلەن باشقا بىراۋنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشىگە دەخلى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى زۆرۈر بولسىمۇ ، بىراق ئۇ ھۆكۈمران ئۆز پۇقرالىرىنىڭ خالىغاننى يىزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىنى ياخشىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ ، ئۇنىڭ كارى بولمايدۇ . ئەگەر ئۇ مۇنداق ئىشلارغا ئارىلىشىپ يۈرسە ، ئۆزىنىڭ سۈر-ھەيۋە ، ئىززەت-ئىناۋىتى كىمىيىپ كىتىدۇ . چۈنكى مەيلى ئۇ يازغۇچى ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز چوڭقۇر چۈشەنچىسى سەۋەبلىك ئۆز-ئۆزىدىن خورلۇق ھېس قىلمىسۇن ، ۋە ياكى ئۇ ئۆزىنىڭ زالىم روھىي ھالىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنىڭ نوپۇزىنى يەرگە ئۇرمىسۇن ، پۇقرالارنىڭ ئۆز چۈشەنچىلىرى توغرىسىدا قەلەم ئارقىلىق يازغان-پۈتكەنلىرىدە ھۆكۈمراننىڭ ھاكىمىيەت تۇتۇشىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ھەر ۋاقىت ئەكىس ئىتىپ تۇرىدۇ .
ئەگەر بىرسى « بىز ھازىر مەرىپەتلەندۈرۈلگەن زاماندا ياشاۋاتىمىزمۇ ؟ » دەپ سوراپ قالسا ، ئۇنىڭ جاۋابى : « ياق ، ئەمما بىز ھازىر مەرىپەتلەندۈرۈش زامانىسىدا ياشاۋاتىمىز . » ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت تاشقىي يىتەكلەشتىن خالىي ھالدا ئىشەنچ بىلەن ئۆزىنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىغا تايىنىپ دىنىي ئىشلىرىنى ھەل قىلالايدىغان بۇنداق ھالەتكە كىلىشى ئۈچۈن يەنە خىلى بار . بىراق بىشارەتلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، مۇشۇ نىشانغا قاراپ ئەركىن ھالدا ئىلگىرلەشكە بولىدىغان يول ئاللىقاچان ئېچىۋىتىلدى ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە سالغان بويۇنتۇرۇقلاردىن قۇتۇلۇش يولىدىكى توسۇقلارمۇ بارا-بارا يوقىلىشقا باشلىدى . مۇشۇ نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا ، بىز ياشاۋاتقان دەۋر بولسا مەرىپەتلەندۈرۈش ئاقارتىش دەۋرى بولغان فرېدرىكنىڭ زامانىسى .
دىنىي ئىشلاردا پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن بولۇشىغا يول قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىگە بىرىلگەن « كەڭ قورساق » دىگەن تەكەببۇر نامنى يوققا چىقىرىشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ ھېسابلىغان بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆزى مەرىپەتلىك ھۆكۈمداردۇر ، شۇنداقلا پۇقرالىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ۋىجدانىي ئىشلىرىدا ئەقلىي-ئىدراكىي تەپەككۇرىنى ئەركىن ئىشلىتىشىگە قويۇۋەتكەن بىرىنچى ھۆكۈمدار بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇ ھازىرقى زاماندىكى مىننەتدار كىشىلەر ۋە كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلار تەرىپىدىن مەدىھيىلىنىشكە لايىق . ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ، ئاللىقىچان بىكىتىلگەن نىشانغا ئانچە-مۇنچە ئوخشماي قالغان تەقدىردىمۇ ، باستېرلار ئۆزىنىڭ سىرتقى دۇنياغا بولغان كۆز قاراش ۋە ھۆكۈمىنى ئەركىن ئازادە ئوتتۇرىغا قويالايدۇ . ھۆكۈمەتكە ئىشلىمەيدىغانلار بولسا تىخىمۇ كەڭرى بولغان ئەركىنلىككە ئېرىشتى . ئۆزىنىڭ رولىنى تازا بىلەلمەي قىلىشقان بەزى ھاماقەت ئەمەلدارلارنىڭ بىمەھەل توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن تىركىشىشىگە توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ ، بۇ خىل ئەركىنلىك روھى تارقلىشتىن توختاپ قالمىدى . بۇنداق ئەركىنلىكنىڭ جەمئىيەت تەرتىپى ۋە دۆلەتنىڭ ئىناق-ئاسايىشلىقىنى ئۇنتۇپ قىلىشقا سەۋەپ ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتكەندىن كىيىن ، ئۇ ئەمەلدارلارنىڭمۇ دىلى يورىدى .ئۆزىگە ئۆزى بويۇنتۇرۇق سالىدىغان ھۈنىرىگە ھاي بىرەلىسىلا ، ئىنسانلار ھامان ياۋايىلقىنى تاشلىيالايتتى .
ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ئارتىۋالغان پىشمىغان ھالىتىدىن قۇتۇلۇش يولىدىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى توغرىسىدا پىكىرىمنى بايان قىلغىنىمدا ، دىققىتىم ئاساسلىقى دىنىي ئىشلارغا مەركەزلەشتى ، بۇنىڭ سەۋەبى ، بىرىنچىدىن ، بىزنىڭ ئەمەلدارلىرىمىز ئۆز پۇقرالىرىنىڭ سەنئەت ۋە ئىلىم-پەننى ئۆزىدە ساقلاپ قوغدىيالايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ قىزىقىشى يوق ، ئىككىنچىدىن ، شۇ خىلدىكى پىشىپ يىتىلمىگەن ھالەت ھەم رەزىل ھەم شەرمەندىچىلىك . بىراق ، بىر دۆلەتنىڭ دىنىي مەرىپەتچىلىكنى ياخشىلاش ئويىدا بولغان ھۆكۈمرانىڭ ئولايدىغىنى تىخىمۇ يىراق بولىدۇ . چۈنكى ئۇ شۇنى كۆرۈپ يەتتىكى ، پۇقرالىرىنىڭ ھەتتا ئۆز زامانىسىدىكى بەزى قانۇن-نىزاملارنى ئوچۇق-ئاشكارە تەنقىد قىلىدىغان مۇمكىنچىلىكى بولغان تەقدىردىمۇ ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆز ئەقلىي تەپەككۇرىنى ئاۋام ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارە ئىشلىتىشىگە يول قويۇش ھەرگىزمۇ ئۇ ھۆكۈمراننىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىگە خەتەر كەلتۈرمەيدۇ . بىز ئۆز زامانىمىزدا مۇشۇنداق بىر ھۆكۈمراننىڭ ھايات ئۆرنىكنى كۆرۈپ تۇرماقتىمىز . مەرىپەتچىلىك جەھەتتە ، بىز ئۇلۇغلىغان بۇ پاسىبانغا يېتىدىغان ھېچكىم يوق .
ۋاھالەنكى ، پەقەت ۋە پەقەت ئۆزى ئاللىقاچان مەرىپەتلەنگەن ، قاراڭغۇ كۆلەڭگىدىن قورقۇپ قالمايدىغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياخشى مەشىقلەندۈرۈلگەن ، دۆلەتىڭ تىنچلىقىنى كاپالەتلەندۈرەلەيدىغان كۈچلۈك بىر ئارمىيىگە ئىگە بولغان پاسىبانلا باشقا ھېچقايسى پاسىبان ئېيتالمىغاننى ئېيتالايدۇ : « قانچىلىك دە-تالاش قىلساڭ قىل ، نېمىنى تاشساڭ تالاش ، ئەمما بويسۇن ! » باشقا يەردىكىگە ئوخشاشلا ، ئىشلار ئومومىيلىقتا تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىنغاندا دائىملا زىددىيەت كىلىپ چىقىدۇ : يۇقىرى سەۋىيىدىكى پۇقرالىق ئەركىنلىكى كىشىلەرنىڭ روھىي ئەركىنلىكىگە پايدىلىقتەك كۆرۈنىدۇ ، بىراق پۇقرالىق ئەركىنلىكى روھىي ئەركىنلىككە ئۆتكىلى بولمايدىغان توسۇق ھاسىل قىلىپ قويىدۇ ؛ بۇنىڭغا قارشىي ، تۆۋەنرەك سەۋىيەدىكى پۇقرالىق ئەركىنلىكى بولسا كشىلەرنىڭ روھىي ئەركىنلىكىنىڭ كىڭىيىپ جارى قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن بوشلۇق ھازىرلايدۇ . شۇنداق قىلىپ ، ئانا تەبىئەت ئۆزى ئەڭ ئەتىۋارلايدىغان بۇ يادرولۇق مېغىزنىڭ قاتتىق شاكېلىنى ئېلىۋەتكەن ھامان ، كىشىلەرنى ئەركىن ھەرىكەتلەندۈرىدىغان بۇ يادرولۇق مېغىزكىشىلەرنىڭ روھىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ ، ھەمدە شۇنىڭلق بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئاخىرىغا كىلىپ ، بۇ ھۆكۈمەت ئادەملەرگە ماشىنىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشتىن ئەمەس ، بەلكى ئۇلارغا ئادىمىيلىك ئىززەت-غورۇرى بويىچە مۇئەمىلە قىلىشتىن پايدا چىقىدىغانلىقىنى بايقايدۇ .
ئىممەنىيۇئېل كانت
1784-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى
پرۇسسيە ، كونگىسبېرگ
مەمتىمىن تەرجىمىسى
2014-يىل 1-ئاي ، كۈنمىڭ
ئىزاھات :
①بۇ ماقالە گېرمانىيە بۈيۈك پەيلاسوپى ئىممەنىيۇئېل كانتنىڭ 1784-يىلدا يازغان سىياسىي پەلسەپىۋى ئەسىرى . ئەينى چاغدا ، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدىكى پرۇسسيە دۆلىتى يەنىلا فىئودال پرۇسسيەنىڭ مۇستەبىت پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمدارلىقىدا تۇراتتى . تىخىمۇ يامان بولغىنى ، چېركارلار ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدىكى دىنىي ئەقىدە ئەھكاملارغا تايىنىپ كىشىلەرنىڭ روھىيىتىنى قۇل قىلماقتا ئىدى . كانتنىڭ بۇ ئەسىرى كىشىلەرنى بۇ خىل قۇللۇقتىن ئازاد بولۇشقا چاقرىق قىلىشنى ئاساسلق مەقسەت قىلغان .
②گېرمانىيە بۈيۈك پەيلاسوپى ئىممەنىيۇئېل كانت 1724-يىلى شەرقىي پرۇسسيەنىڭ كونگىسبېرگ دىگەن يىرىدە تۇغۇلۇپ ، 1804-يىلى يەنە شۇ يەردە قازا قىلغان . كانت ئۆمۈر بويى يۇرتىدىن ئايرىلىپ باقمىغان ، بىر ئۆمۈر ئۆيلەنمىگەن ، ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى توغرىسىدا ئويلىنىشقا سەرپ قىلغان . ئۇ سوقرات ، ئەپلاتون ، ئارىستوتېل ، دىكارت ، گىگىل ، نىچشې ، ماركىس قاتارلىق بۈيۈك پەيلاسوپلار بىلەن بىر قاتاردىكى ئۇلۇغ پەيلاسوپتۇر . دەسلەپكى چاغلاردا كانت تەبئىي پەن تەتقىقاتچىسى ئىدى ، بولۇپمۇ ئاسترونومىيەدىكى مۇۋاپپىقىيىتى ئالاھىدە بولۇپ ، كائىناتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى «تۇمانلىق قىياسى » نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان .كىيىن ئۇ ھيۇمنىڭ گۇمانىزملىق پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىدە ، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-ئىدراكىنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يىتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسانلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كىتىدۇ .كانتنىڭ « تەنقىد پەلسەپىسى » ئەنە شۇنداق باشلانغانىدى . ئۇنىڭ تۇنجى ھەم ئەڭ مۇھىم ئەسىرى بولغان « ساپ ئىدراك تەنقىدى » نەشىر قىلىنغاندا ، ئۇ ئاللىقاچان 57 ياشقا كىرىپ بولغانىدى ، بىراق بۇ پەقەتلا باشلىنىش ئىدى ،خالاس .شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ « ھەر قانداق مېتافىزىكىغا مۇقەددىمە » ، « ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىدراك تەنقىدى » ، « ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تەنقىدى » ، « ئەخلاق مېتافىزىكىسىغا ئاساس » ، « ساپ ئىدراك دائىرسىدىكى دىن » ، «قوللىنىشچان ئىنسانشۇناسلىق » ، « مەڭگۈلۈك تىنچلىق » ، « ئەخلاق مېتافىزىكىسى » قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇ ماركىسىزمنىڭ مۇھىم مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان گېرمانىيە كلاسسىك پەلسەپىسىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ ، يېقىنقى زاماندىكى ئەڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپ دەپ تەرىپلىنىدۇ . كانت يەنە بىر نەرسە بىلەنمۇ مەشھۇر ، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ يىزىقچىلىقتا ئىشلەتكەن تىلىنىڭ چۈشىنىكسىزلىكى . كانتنىڭ ئەسەرلىرنىڭ تىلى ئاجايىپ مۇرەككەپ بولۇپ ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئەسەرلىرنىڭ گېرمانچە ئەسلى نۇسخىسىنى ئوقۇپ چۈشىنىشمۇ ناھايىتى تەسكە توختايدىكەن ،باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىشمۇ بەك تەسكەن ، بەلكىم بۇمۇ بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۇنى ئاساسەن دىگۈدەك بىلمەسلىكىمىزنىڭ سەۋەبى بولسا كىرەك .شۇڭا ، مەن بۇ تەرجىمەمدە تىلنى ئىمكانقەدەر توغرا ، چۈشىنىشلىك قىلىشقا تىرىشقان بولساممۇ ، ئەمما تەرجىمىدە پايدىلانغان ئېىگلىزچە نۇسخىسىنىڭمۇ تىلى ئەسلىدىنلا مۇرەككەپ بولغاچقا ، بەزى ئۇزۇن جۈمىلىلەردىن ساقلانغىلى بولمىدى ، بەزىدە ھەتتا گرامماتىكىلىق خاتالىقلارمۇ كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن ، دوستلارنىڭ ئەيىبكە بۇيرۇماسلىقىنى ھەمدە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
③بۇ يەردە كىنايە قوللىنىلغان بولۇپ ، ئېيتلغان مۇقەددەس كىتاب « ئىنجىل » نى كۆرسەتسە كېرەك .
④باستېر بولسا خرستىئان چېركاۋىنىڭ مەسئۇلچىسى ياكى تەرغىباتچىسىنى كۆرسىتىدۇ .
⑤بۇ يەردە ئەينى چاغدىكى پرۇسسىيە پادىشاھى فرېدرىك كۆزدە تۇتۇلىدۇ .
تۆۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ سەرخل
ئىختىيارى يازمىلار
- ئاھ ، مىنىڭ مىللىتىم(روزى سايىت)
- چىن سۆيگۈمگە قىلدىڭ خىيانەت
- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
- گۈزەل دۇنيا قەلبىڭىزدە
- چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى
- ئەخلاق نەدىن كېلىدۇ ؟
- ھېيتگاھ جامەسى
- ئانا يۇرت ئوغلى مەرھۇم زوردۇن سابىرنى ئەسلەش خاتىرىسى
- سۈبھى تور ژۇرنىلى 4-ساننى كۆرۈشكە ئالدىراڭ!!!
- ئورخۇندﯨن جەۋھەرلەر(2قىسىم)