ياپونىيىنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە مەكتەپ تۇرمۇشى

ۋاقتى 2014-01-10 12:01 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 612 قېتىم

 

ياپونىيىنىڭ يولغا قويىۋاتقان مائارىپ تۈزۈمى 6،3،3،4لىك تۈزۈم بولۇپ توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويغان. مەجبۇرىي مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى %100گە يېتىدۇ. ساۋاتسىزلىق نىسبىتى نۆل. بۇ سانلاردىن ياپونىيە مائارىپىنىڭ دۇنيانى ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

گەرچە تولۇق ئوتتۇرا مەجبۇرىي مائارىپ دائىرىسى ئىچىدە بولمىسىمۇ، لېكىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %98كە يېتىدۇ. 2006-يىلى ياپونىيىدىكى ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي سانى 744بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 87سى دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى، 568ى شەخىسلەر ئىگىدارلىقىدىكى مەكتەپ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە نۇرغۇنلىغان قىسقا مەزگىللىك ئۇنىۋېرسىتېتلار بار.

   ياپونىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۆلچەرلىشىچە «ئاز پەرزەنتلىشىش»نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، 2007-يىلى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %100كە يېتىشتەك «ئالتۇن دەۋر»نى كۈتىۋالغان. (ئەمەلىيەتتە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى داڭلىق مەكتەپلەرگە تىزىملىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەممە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ داڭلىق مەكتەپلەرگە ئۆتەلىشى مۇمكىن ئەمەس.)

   ياپونىيىنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى 4-ئايدىن باشلىنىپ، كېيىنكى يېرىم يىلى 3-ئايدا ئاخىرلىشىدۇ. كىينىشتە پاكىزە ، رەتلىك بولۇش مەكتەپ بەلگىلىمىسنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى. شۇ سەۋەبتىن ياپونىيىنىڭ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىر تۇتاش مەكتەپ فورمىسى كىيىدۇ. لېكىن يېقىندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەر بۇ تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە بىر ھەپتىدە بەش كۈن ياكى ئالتە كۈن دەرس ئوقۇيدۇ. ئەگەر شەنبە كۈنىمۇ دەرس ئوقۇسا، چۈشكىچىلا ئوقۇتۇلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار دەرستىن كېيىن، يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش تەكرار مەكتىپىگە بارىدۇ، ھەرخىل تەنتەربىيە پائاليەتلىرى ۋە باشقا پائاليەتلەر بىلەن مەشخۇل بولىدۇ.

   ئەگەر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە شەخسلەر ئىگىدارلىقدىكى  بىر قىسىم ئۇنىۋېرستىتلارغا كىرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن چوقۇم دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەك. شۇنداقلا، تىزىملاتقان  ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىمتىھانىدىنمۇ ئۆتىشى كېرەك. داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىش ئۈچۈن ئىككىلا ئىمتىھاندىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىششى كېرەك. ئاساسەن كۆپلىگەن شەخىسلەر ئىگىدارلىقىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىش ئۈچۈن دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن شەخىسلەر ئىگىدارلىقىدىكى بىر قىسىم داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھان تۈزۈمى ناھايىتى قاتتىق. شۇڭا ياپونىيىدىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە مۇنتىزىم ئوقۇشتىن سىرت، ھەپتە ئاخىرى ۋە ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئاخشىمى تەكرار سىنىپى ياكى تەييارلىق مەكتەپلىرىگە بېرىپ ئوقۇيدۇ. مەلۇم بىر ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ ئوقۇش كېرەك. داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا كرىپ ئوقۇش ئۈچۈن، داڭلىق تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشى كېرەك. داڭلىق تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش ئۈچۈن، داڭلىق تولۇقسىز ئوتتۇرادا ئوقۇش كېرەك.  بۇنداق ھالەتنى ياپون تىلىدا«ئىمتىھان ئۇرۇشى»دەپ ئاتايدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش ئۈچۈن، ياپونىيىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا، تەكرار مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئۆگۈنۈشكە باشلايدۇ.

   ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا تۇرمۇشىغا نىسبەتەن ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى خېلىلا ئەركىن. «ئىمتىھان ئۇرۇشى» دىن ئازاد بولۇپ چىققان ياپونلۇق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ ھاياتى،ھاياتىدىكى ئەڭ ئەركىن مەزگىللەر دەپ قارىلىدۇ. جوڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ياپونىيىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىلى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ ، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ ئۆزى ياقتۇردىغان ھەر خىل ئىش، پائاليەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ.

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap