ئاۋۋال يۈزۈڭنى ئەمەس قەلبىڭنى ئورا
ئاۋۋال يۈزۈڭنى ئەمەس قەلبىڭنى ئورا
(ئىلھام ئەنۋەر نۇر ئوغلى)
ئورۇۋاپسەن يۈزۈڭنى بەكمۇ گۈزەل ھىجاپتا،
سىرغا تولغان رۇخسارىڭ پەرىشتىدەك كۆرۈنىدى.
نامەھرەملىك كۆزۈڭدىن خالىي ئەمدى خىيالىم،
شۇئان ئەركەك خىسلىتىم يۈرۈكىمدە تۇغۇلدى.
قوغداي دېدىم يۈرەكتىن ئوراپ سېنى ھىجابتەك،
تەڭرى بىزنى سىلەرنى قوغداش ئۈچۈن ياراتقان.
ئىپپەت سىنىڭ ۋەتىنىڭ،ۋەتەن ئەرنىڭ ئىپپىتى،
بۇ مۇقەددەس بۇرۇچنى تەڭرى بىزگە تاراتقان.
شۇ نىيەتتە ئاجىزەم يەڭنى تۈردۈم بىلەككە،
جاكارلىماق بولدۇم ھەم ئىخلاسىڭنى دۇنياغا.
لىكىن بۈگۈن ئايلاندى بارچە ئارمان كۆپۈككە،
چۈشۈپ كەتتىم نالىدە يەتكەن چاغدا قىياغا.
ئايرىمخانا ئىچىدە كۆردۈم ئەسلى زاتىڭنى،
ھىجابىڭدىن ئەسەر يوق ئولتۇرۇپسەن شەيتاندەك.
ئىمان ھايا قۇيۇلغان قۇلۇڭدىكى رۇمكىغا،
تۈتەك ئارا چىرايىڭ خۇددىي گۆردىن چىققاندەك.
قىيقاس كۈلكەڭ بىھايا، قەلبىمنى كۆپ تىلغىدى،
ساڭا قىلغان قۇربانەم، ئەقىدەمگە مىڭ لەنەت!
شۇ ئورنىغا ئاجىزەم پىچاق ئېلىپ قۇلۇڭغا،
يېرىۋەتسەڭ يۈرەكنى رازى ئىدىم مەن ئەبەد!
ئانا ئىدىڭ ۋەتەنگە پايخان بولدى تۇپرىقىم،
ئانىسىدىن ئايرىلغان تۇپراق تۇزار بىئەجەل.
ئۆكسۈپ ئۆسۈپ يىغلىدى ئەركەك يۈرەك ئاھ ئۇرۇپ،
شۇ ئاتىسىز كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەچكە بىر مەھەل.
ئانا دېگەن ئۇلۇق نام راۋا ئەمەس بەس ساڭا،
ئېتىقادىنى يەر قىلدىڭ، ئىمانىڭنى خار قىلدىڭ!
ئالدىنىپتۇق رىياكار ئەتمىشىڭگە ئاھ ئەجەپ،
ساڭا بولغان ئەقىدە تىلەكلەرنى داغ قىلدىڭ.
ئويلىدىڭمۇ سەن سەۋەب، قارلىنىدۇ قانچىلاپ،
ئىمان ئۈچۈن پىغان يەپ دىل سەكپارە بولغانلار.
ئويلىدۇڭمۇ قىلمىشڭ جازاسىنى ئەي مەلئۇن؟!
نىمە قىلار ئاھ، ساڭا ئۈمۈد بىلەن باققانلار!
سۈزۈك ئىدى يۇلتۇزدەك مۇسلىمەنىڭ نۇر يۈزى،
بۇلغاپ تامام ئىتىپسەن شۇنچە سۈزۈك نامىنى.
چالما – كېسەك بولسىدى، يانچىۋەتسەم تىنىڭنى،
ئىبرەت قىلىپ شەيتانغا سەن مەلئۇننىڭ ھالىنى.
ئىمان ئەمەس يۈزۈڭنى ئورىۋالساڭ ھىجاپتا،
دىلدىن تەھقىق ئەتمىسەڭ ئاللاھ راۋا ئەتمەيدۇ.
ئالداش ئۆزى،ئۆزگىنى مۇسلىيمەگە يات ئەسلى،
دىلىڭ تازا بولمىسا گۇناھ باشتىن كەتمەيدۇ.
شۇڭا دەيمەن ئاجىزەم، ئاۋۋال ئورا دىلىڭنى،
ھەقنى تۇنۇ قەلبىڭدىن ئاللاھ بېرەر ھىدايەت.
شەيتانلارنىڭ دېپىغا ئەمدى ئۇسسۇل ئوينىما،
ھەممىمىزنىڭ بېشىدا باردۇر بىر كۈن قىيامەت!
2013-يىلى 19-20-يانۋار (مارالبېشى)
ئىختىيارى يازمىلار
- مەن سېغىندىم بلوگۇم سەنمۇ مېنى سېغىندىڭمۇ؟
- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
- ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- سۈبھى تور ژۇرنىلى 1-سان، كۆرۈشكە ئالدىراڭ!
- بىر لىدېردا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك 21 سۈپەت
- ئورخۇندﯨن جەۋھەرلەر(2قىسىم)
- ھېيتگاھ جامەسى
- سۈبھى تور ژۇرنىلى 4-ساننى كۆرۈشكە ئالدىراڭ!!!
- تىترەتتىغۇ يۈرەك تارىمنى
- مېنىڭ ئارزۇيۇم(مارتىن لوتىركىڭ)
مەزمۇنلۇق ئىسىل شىئىركەن
ھەئە ،ئوقۇسام خېلى يۇقىرى سەۋىيدە يېزىلغان شئېركەن ، شۇنىڭ بىلەن بلوگىمغا چاپلاپ قويدۇم .