پۇل دېگەن نەرسە …

ۋاقتى 2013-10-27 14:49 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 416 قېتىم

شائىرىمىز روزى سايىتنىڭ شېئىرلىرنى قاچان تۇنجى رەت ئوقۇغىنىم ئېسىمدە يوق ، لېكىن «دېھقان بولماق تەس» ناملىق شېئىرنى ئوقۇپ ئاجايىپ ھېس تۇيغۇلارغا چۆمگىنىم ئېسىمدە، قايتا-قايتا ئوقۇپ بىر نەچچە كوپلىتىنى يادقىدىمۇ ئېلۋالغانىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن شائىرىمىزنىڭ باشقا شېئىرلىرى بىلەن رەسمىي ئۇچراشتىم ، دېھقان دىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىنساننىڭ سىماسىنى ھەقىقى چىن ھېسياتى بىلەن ئىپادىلەپ خەلق تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مەرھۇم شائىرىمىز نىڭ شېئىرلىرى بىلەن بالدۇراق ئۇچراشمىغىنىمدىن ئەپسۇسلاندىم ،مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بولۇشىنى تىلىدىم. نەچچە كۈندىن بېرى شائىرىمىزنىڭ«ئانا تىلىم-زەر تىلىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇۋېتىپ ، «پۇل دېگەن نەرسە…»ناملىق مۇخەممىسىنى ئوقۇپ، شېئىردىكى پاساھەت، ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيىلەرگە ئىختىيارسىز قايىل بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن بۇ 22كوبلىت شېئىر بىلەن كەڭ قېرىنداشلىرىمىزمۇ تەڭ ئورتاقلاشسۇن دېگەن ئۈمۈدتە كومپىيوتېردا بېسىپ بلوگقا يوللىدىم.
پۇل دېگەن نەرسە …
روزى سايىت
پۇل ئەجەپ نەرسە چاتاق پۇل بولمىسا،
يوق مەئىشەت، نام-ئاتاق پۇل بولمىسا،
كەڭ جاھانمۇ تار، دوزاخ، پۇل بولمىسا،
تۇتمىقىڭ تەس ئۆي-ئوتاق، پۇل بولمىسا،
كونا تاملىقتا قوناق، پۇل بولمىسا.

بولسا پۇل ، ھاجەتلىرىڭ مەقبۇل سېنىڭ،
بولسا پۇل ، قالمايدۇ ئېگىنىڭ جۇل سېنىڭ،
گۈل سېنىڭ، بۇلبۇل سېنىڭ ، دۇلدۇل سېنىڭ ،
بەزمە، مەشرەپ ـ توي سېنىڭ، مەرغۇل سېنىڭ،
يۈرگىنىڭ شۇ ئاچ قورساق، پۇل بولمىسا.

پۇل بىلەن بىلەن كۆكلەيدۇ ئالەم سەبزە رەڭ،
پۇل بىلەن ئۇ مەيدە قاقساڭ، بۇ كۆرەڭ،
بولسا پۇل ،بار «قارىي قۇرئان»دا سۈرەڭ،
كىمنى پۇل تۇرغۇزدى جىم، كۆر، شوخ، تېرەڭ،
كۆز چاپاق، چېھرىڭ ئاۋاق، پۇل بولمىسا.

«بولسا پۇل، جاڭگالدا شورپا» بەزىدە،
«پۇلغا رۇستەم قۇلئ» شۇ پۇلنىڭ قەرزىدە،
بەزىلەرنىڭ باغرى خۇن شۇ پۇل دەزىدە،
پۇل ساقايتقاي بولسا دەرھال نە زېدە،
كولىماي گۆرـــ تاقاق، پۇل بولمىسا.

«پۇل ـ پۇچەك ـــ قەغەز» پەقەت رەڭدار نېمە،
«ئىت يېمەيدۇ بەرسە» شۇنداق خار نېمە،
ھەجىمى ئالىقانچە ، كۈچى داڭدار نېمە،
شۇڭا پۇل كىمدە، قىلۇر ھالدار نېمە،
ھەر قەدەمدە مىڭ توسۇق ، پۇل بولمىسا.

كۆرگىنە، تاڭسىڭغا پۇلسىز «نوم» قېنى؟
بەردىمۇ «نوم»، قانچە قىلدى غوم، قېنى؟
نۇشىرىۋانمۇ بولسا يانچۇق توم ، قېنى،
ۋارقىراپ باققانمۇ ئامغا بوم قېنى؟
نەدە دەپ، ھەرقانچە باق، پۇل بولمىسا؟
پۇل نە كويغا سالمىدى نۇرغۇنلىنى،
ئەقلىدىن ئازدۇردىغۇ «تۇيغۇن» لىنى،
دەل شۇ پۇل «مىزان»غا ماس ـــ ئۇيغۇنلىنى
قىلدى رەت، جىم قويمىدى «تۇرغۇن» لىنى،
بولدى يوللۇقلار مازاق، پۇل بولمىسا.

دوستنى دۈشمەن، يارنى يات ئەتتى شۇ پۇل،
بىرنى موھتاج، بىرنى شاد ئەتتى شۇ پۇل،
بىرنى قامچا، بىرنى ئات ئەتتى شۇ پۇل،
مۈشكىلاتنى قاتمۇـ قات ئەتتى شۇ پۇل،
سۆيگۈگە يەتتى سىناق، پۇل بولمىسا.

پۇل تالاي پۇلپەزنى شۈك ئۇخلاتمىدى ،
پۇل چۈشەپ كۈندۈزىمۇ جۆيلۈپ ياتمىدى،
تاپتى پۇل، ئىنساپنى بىللە تاپمىدى،
بىرنى ئون قىلسا دېدى، قۇت ئاتمىدى،
كەتتى پانىيىدا ساياق، پۇل بولمىسا.
پۇل تۈپەيلى قان چېچىشتى نەچچىلەر،
پۇلنى دەپ جان بەردى كۆپ بايۋەتچىلەر،
ساتتى پۇل كۆزلەپ ئىمان بۇ بەچچىلەر،
«ئېسىت!» دېيىشتى مويسىپىت ھېكمەتچىلەر:
«ھەي بۇ پۇل… ھېچكىم ئاڭا قۇل بولمىسا!

پۇل تېپىپ، پۇل تاپمىغانلىغانلار، ‹ تۈف› ساڭا!
پۇل تېپىپ، پەر قاقمىغانلار،‹ تۈف› ساڭا!
پۇل يېقىپ، ئەل ياقمىغانلار،‹ تۈف› ساڭا!
پۇل بېقىپ ،ئەل باقمىغانلار، ‹ تۈف› ساڭا!
كۆرىمىز ئالەم ئۇزاق، پۇل بولمىسا…

پۇلنى تاپ، خەجلە كېرەمدەك كەڭرى سەن،
يول ياسا، مەكتەپ ياسا، تۈر يەڭنى سەن!
گەر تاسادىپ پۇل تۈگەپ، بىبەھرى سەن،
ئەل پاناھىغا ئالار، بىجەبرى سەن،
ئەستە تۇرسۇن بۇ ساۋاق، پۇل بولمىسا،

پۇل بار ئۆكتەمنى گالدار ئاقلىغان،
پۇلى بار بەتنامنى ھەم ياقلىغان،
كىمكى پۇلدار مەيلىچە نايناقلىغان،
بولما زىنھار پۇل بىلەن ئويناقلىغان،
تاپ كامال، چاچ خۇش پۇراق، پۇل بولمىسا!

پۇل مۇھىم، پۇلدىن مۇھىم دىل ئاقلىقى،
ئاقمىغاي پۇلنىڭ بىشەم، ھايتاقلىقى،
كىم دۇرۇس يولدا بېيىپتۇ پاكلىقى،
رىزقى پاكقا بار ئاۋام ئامراقلىقى،
ساتما ۋىجدان، سات قىياق، پۇل بولمىسا!

‹ئشىكىنى ئاچماق› تىن غەرەزـــ ئالماشتۇرۇش،
(ئالغۇ ـ بەرگۈ) … سودىنى قالماشتۇرۇش ،
يول تېپىش ھەم پۇل تېپىشتا شاش تۇرۇش،
يۇرتنى دۇنيا ۋەزنىگە يانداشتۇرۇش،
ياندىشىش تەس، ھەممە ۋاق پۇل بولمىسا!..»

بىر ھېسابتا پۇل دېگەن شۇنداق نېمە،
ئەمما پۇلنى تەكتى ھەل قىلغۇچ دېمە،
كىم زېرەك، ئاقىل، شۇنىڭ پۇل، غەم يېمە،
قويغۇسى پۇلسىز سېنى تەرسىز تەمە،
تاپقۇسى كىم ئەقلى ساق، پۇل بولمىسا.

نائۈمىد قويماس ھالال قىلغان كىرىم،
يول راۋان بولسا، نېنىڭ قالماس يېرىم،
ئەتىنى كۆزلەپ بۈگۈن تىكتىڭ جىرىم،
پۇل ئاشۇ! كۆپ قالمىدى ــ قىلدىڭ كىرىم،
ئۆز كۈچۈڭدە ئىشىكنى قاق، پۇل بولمىسا،

گەپمۇ بار«پۇل تاپقۇچە يۈز تاپ» دېگەن،
«يۈز» دېمەك ـ ئابرۇي، ئىناۋەت، بىل، ئۆگەن،
نەپسى شەيتان تۆكمىسۇن يۈز، سال يۈگەن،
ھەق ـ ھالاللىق بىرلە توشسۇن زەر لېگەن،
باشقىنى قىل «ئۈچ تالاق!» پۇل بولمىسا.

پۇل نىجىس، پۇل كىر ــ ھارام، ياق، پۇل ــ ئىمان،
پۇل مۇھەببەت، پۇل ئوزۇق، ياق، پۇل سامان،
پۇل دېگەن غەم، پۇل توزاق ياق، پۇل خانىمان…
قانچە قىلغىن پۇل نەزەردە بار ھامان،
«قاغىمۇ قىلمايدۇ‹ قاق…›، پۇل بولمىسا».

بولسا يول داغداملىقى، ئادىل تۈزۈم ،
تۇرسا قاشتاش ھەم گېلەم، مەشۇت، ئۈزۈم…
پۇل تېپىشچۈن يول تاپار، بۇ ھەق سۆزۈم،
راستىنى يازدىم ئىلىچىلىك بولغاچ ئۆزۈم،
ئىشقا ئاشقاي بۇداق، پۇل بولمىسا،

پۇل قېنى ئېيتقىنچۇ، كارـ بارىڭ نېمە؟
شادلىقىڭ قانداق ، يەنە زارىڭ نېمە؟
بىرلا گەپ قىل: بىزگە ئىزھارىڭ نېمە؟
ھەمدىمىڭ، يارىڭ ۋە ئىنكارىڭ نېمە؟
تاپقۇلۇق، بىل، سەن سىياق پۇل بولمىسا!
1992-يىل ئۆكتەبىر خوتەن

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap