چۈشنىڭ بېشارىتى

ۋاقتى 2012-04-07 13:00 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 1 قېتىم

دۇكېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پسىخولوگلار بېشارەت ھادىسىلىرىنى تەجرىبىخانىدا تەتقىق قىلىپ كەلمەكتە. بېشارەت توغرىسىدىكى تىپىك تەجرىبىلەرنىڭ بىرىـ ھەر قېتىم بىر دانە ئوشۇقنى ئېتىشتىن ئىلگىرى، سىناق قىلىنغۇچىغا ئوشۇقنىڭ قايسى بەلگىلىك يۈزى يۇقىرىغا قاراپ چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقۇزۇش بولدى.
  دۇكېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى سىناق قىلىنغۇچىنىڭ بېشارەىتىنىڭ توغرىلىقىغا ئېھتىماللىق ستاتىستىكىسى بىلەن باھا بەرگەن. بۇ ئۇسۇل ئىلگىرىكىدەك تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىققان رەقەملىك ئاساسلارغا قاراپلا باھا بېرىدىغان ئۇسۇلغا زادىلا ئوخشىمايدۇ، بۇ سىناقلاردا “ توغرا چىقتى “ بىلەن “ توغرا چىقمىدى“ نىڭ نىسىبىتى ستاتىستىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.
  ئىتىلسون جەمەتى فوند جەمئىيىتى بىلەن سېلىشتۇرما پەلسەپە جەمئىيىتى 1962- يىلى دۇكېر ئۇنىۋېرسىتېتىغا چۈش تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ بەردى. بۇ تەجرىبىخانىنىڭ دەسلەپكى مۇدىرى ئالىم ئېلمان ئىدى.كېيىن ئۇ باشقا ئىشلار بىلەن بەند بولۇپ قالغانلىقتىن مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىستانىل كىرىپنا ئۈستىگە ئالدى. ئۇلار قوللانغان ئۇسۇللارنى، بولۇپمۇ بېشارەتكە ئائىت تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى ئېلمان كەشىپ قىلغان.داۋامىغا قىزىقسىڭىز ….

شۇ تەجرىبىلەردىكى ئەك ئاساسىي ئۇسۇل مۇنداق: سىناق قىلىنغۇچى ئادەم ئاۋاز ئۆتمەيدىغان ئالاھىدە بىر قاراڭغۇ ئۆيدە ئۇخلايدۇ ۋە ئېلېكترو ئېنكغالوگرام ـ مېڭە ھەرىكىتىنى توك بىلەن تەكشۈرۈش ماسىنىسى ـغا قويۇلىدۇ. كونترول بۆلۈمىدە تېخنىكلار بولىدۇ، 3- ئۆيدە بىر نەپەر “ ۋاكالەتچى  “ بولىدۇ، بۇ ئۆيگىمۇ ئاۋاز ئۆتمەيدۇ. ۋاكالەتچى تۇرىدىغان ئۆينىڭ سىناق قىلىنغۇچى ياتقۇزۇلىدىغان ئۆي بىلەن بولغان ئارىلىقى دەسلەپتە تەخمىنەن 30 قەدەم كېلەتتى، كېيىن دوختۇرخانا كارىدورىنىڭ يەنە بىر بېشىدىن تەخمىنەن 100 نېرىدىكى باشقا بىر بىنا ئىچىگە كۆچۈرۈلگەن.

ۋاكالەتچىدە كونترول بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولىدىغان ئىچكى خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى بار. ۋاكالەتچى ھەر بىرىنىڭ ئىچىگە بىر پارچە مەشھۇر رەسىمنىڭ رەڭلىك كۆچۈرمىسى سېلىنغان كونۋېرتلارنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. كونترول بۆلۈمىدىكىلەر سىناق قىلىنغۇچىنىڭ ئۇيقۇدىن ئويغانغانلىقىنى ئىچكى خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى ئارقىلىق ئۇقتۇرغاندا، ۋاكالەتچى ھېلىقى رەسىملەردىن بىرنى تاللاپ ئالىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئوبزورىنى يازىدۇ.

سىناقتا دەسلەپ پەقەت رەسىم ئىشلىتىلگەن، كېيىن يەنە باشقا سىناش قوراللىرى ئىشلىتىلىدىغان بولدى. مەسىلەن، ماركىس بىكماننىڭ >> داردىن چۈشۈرۈلدى << ناملىق سىزما رەسىمى سېلىنغان خالتىغا بىر دانە كرېست بەلگىسى، ئىيسانىڭ بىر پارچە رەسىمى ۋە بىر تال قىزىل قەلەم سېلىپ قويۇلىدىغان بولدى، ۋاكالەتچى قىزىل قەلەمنى ئىيسانىڭ جاراھىتىگە سۈرتىدۇ.
  سىناق قىلىنغۇچى ئۇخلاپ ياتقاندا ئېلېكترو ئىنكفالوگرام ئۇنىڭ چۈش كۆرۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنىڭدىن 10 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، كونترول بۆلۈمىدىكى تېخنىك خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى ئارقىلىق ئۇنى ئويغىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆرگەن چۈشلىرىنى سۆزلەتتۈرىدۇ، ئەتىسى ئەتىگەندە قەغەزگە يېزىۋېلىش ئۈچۈن ئۈنئالغۇغا ئالىدۇ.

 بۇ جەريان ھەركۈنى كېچىدە چۈش پەيدا بولغاندا تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ.سىناق قىلىنغۇچى پۈتۈنلەي ئويغانغاندىن كېيىن، چۈشىدە كۆرگەنلىرى سۆزلەتتۈرۈلىدۇ ۋە سۆزلىرى ئۈنئالغۇغا ئېلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن تەتقىقاتچىلار 21 پارچە رەسىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا قاراپ بېقىشقا بېرىدۇ، چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى ھەممىدىن بەكرەك كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدىغان رەسىمنى ئىلغاتتۇرىدۇ، ئاندىن كېيىن، قالغان رەسىملەرنى چۈشكە بەرگەن تەسىرلىرىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە رەتكە تىزىدۇ، چۈشتە كۆرۈنگەن ئەھۋاللارغا زادىلا ئوخشىمايدىغان رەسىملەرنى ھەممىدىن تۆۋەن قويىدۇ.
  ئەگەر سىناقتا ئىشلىتىلگەن رەسىملەرنىڭ رەتكە تىزىلغان ئالدىنقى ئالتىسى ۋاكالەتچى تاللىغان رەسىملەرگە يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشاپ قالسا “ توغرا چىقتى “ بولىدۇ، تۆۋەن دەرىجىدە ئوخشاپ قالسا “ توغرا چىقمىدى“ بولىدۇ.

ئەگەر بېشارەتنى بىلىش ـ سېزىش ئامىللىرى زادىلا مەۋجۇت بولمىسا، ئۇ ھالدا توغرا بىلەن ناتوغرىنىڭ سانى تەڭ ـ باراۋەر بولۇپ چىقىشى شەرت. لېكىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بار خىل ستاتىستىكا ) ھېسابلاش ( قېلىپى باشتىن تارتىپلا مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ئەڭ دەسلەپتە سىناق قىلىنغان 12 ئادەمنىڭ ئونىنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرى توغرا بولۇپ چىققان، پەقەت ئىككىسىنىڭلا خاتا بولۇپ چىققان. توغرىلىق نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %3.83 بولۇپ چىققان. 10 يىللىق ئۇزاق تەجرىبە جەريانىدا توغرىلىق نىسبىتى پەقەت ئەنە شۇ ساندىن تۆۋەنلەپ تۇرغان ۋە شۇ يۇقىرىلىقتىن ئاشمىغان، دېمەك تاسادىپىيلىققا قاراپ تەبىر بېرىش مۇمكىن بولمىغان.بېشارەتكە ياتمايدىغان بەزى ئامىللارنىڭ نەتىجىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەجرىبىكارلار بىر قانچە يىلدىن بۇيان چەكلەش ۋە قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللاندى. مەسىلەن، سىناق قىلىنغۇچىغا رەسىمنى كۆرسىتىدىغان ئادەم ھېلىقى ۋاكالەتچى ئەمەس، بەلكى ۋاكالەتچىنىڭ قايسى رەسىملەرنى تاللىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان باشقا بىر تەجرىبىكار بولدى. يەنە بىر خىل چەكلەش تەدبىرى بولسا قالدۇرۇلغان خاتىرىنى مۇستەقىل بىر ھۆكۈم قىلغۇچىغا باھالاتتۇرۇش بولدى.
  بېشارەتنى سېزىپ بىلىدىغان ئەھۋال چۈش توغرىسىدىكى ستاتىستىكىلىق ئىسپاتلارغا تەسىر قىلالايدۇ؛ بۇنى ھېسابقا ئالمىغاندا نەتىجىسى ناھايىتى توغرا بولۇپ چىققان تەجرىبىلەرمۇ بار، بۇلارنى دەل جايىدىن چىقتى دېيىش مۇمكىن. مەسىلەن، سىناق قىلىنغان بىر شوپۇرنىڭ ۋاكالەتچىسى رەسسام گىئورگى بىروس سىزغان >> دىنپوش ۋە فىپ << نى تالىغان. بۇ رەسىمدە قايسىبىر قېتىمقى ئېغىر دەرىجىلىك بوكس مۇسابىقىسىدە جىك دىنپوشنىڭ لوئىس فىپنى يەڭگەنلىكى تەسۋىرلىنىدىكەن. رەسىمدە بىر بوكسىرنىڭ يېنىدا بىر رېپىر تۇرۇپتۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى تاماشىچىلار سۇپىسىدا بولسا نۇرغۇن بوكس مەستانىلىرىنىڭ بېشى كۆرۈنۇپ تۇرۇپتۇ.

ھېلىقى شوپۇرنىڭ شۇ كۈنى كېچىدە كۆرگەن چۈشىنىڭ ئۈنئالغۇدىكى خاتىرىسىدىن ئۈزۈندە:
  بىرىنچى چۈشىدە: ئوخشايدىغان بىر نەرسە… مىدىرلىغاندەك قىلىۋاتىدۇ… مادرسون مەيدانىدا بوكس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىۋاتقاندەك قىلىدۇ…“
  ئىككىنچى چۈشىدە:
  “ ئىككى ئادەممۇ ياكى ئۈچ ئادەممۇ ئېنىق بىلەلمىدىم، يەنە باشقا ئادەممۇ باردەك… ئۇلار بىر سورۇنغا يىغىلغاندەك تۇرۇپتۇ، بىراق ئۇلار بۇ يەرگە باشقا مەقسەت بىلەن كەلگەن…. ئۇلار يىغىلدى… ئەمدى ئېنىق كۆردۈم، بىرى چوڭ ئادەمنىڭ كۆلەڭگىسى، ئىككىسى ياش…“ 
  سىناق قىلىنغان يەنە بىر ئادەممۇ ناھايىتى توغرا سۆزلەپ  بەرگەن. ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى رەسسام ۋانگوك سىزغان رەسىم >> سايدىكى كېمە << نى تاللىۋالغان. سىناق قىلىنغۇچى چۈشىدە ئۆزىنىڭ “ دېڭىز بويىدىكى يولدا ياكى سايدا ماڭغان… دېڭىز بويى… بۇ يەر سەل ـ پەل ئېگىزرەك، ۋانگوك خىيالىمغا كەلگەن…“ لىرىنى كۆرگەن 
  مۇشۇلارغا ئوخشايدىغان يەنە بىرمۇنچە ئىشلار بار، بۇلارنى پۈتۈنلەي بىر تاسادىپىلىق دەپ قاراش مۇمكىن ئەمەس. بىر ئوغۇل بالا قايتاـ قايتا بىر چۈش كۆرگەن.چۈشىدە قارىسا كۈل رەك بىر ئىبادەتخانا، دەرۋازىنىڭ ئالدىدىكى جۇغى كىچىك بىر ئايال… مانا بۇلار دەك ۋانگوكنىڭ >> ئوۋىس چېركاۋى << دېگەن سىزما رەسىمدىكى تەسۋىر. بۇ رەسىمنى دەل شۇ بالىنىڭ ۋاكالەتچىسى شۇ كۈنى ئاخشامدا تاللاپ بەرگەن. يەنە بىر ئادەم چۈشىدە بىر مۇنچە ئادەم قۇمدىن قورغان بىنا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ھالبۇكى، تاللىغان رەسىمىدىكى ئادەملەر دەل شۇنداق قىلماقتا ئىكەن.
  بېشارەتكە ئائىت تەجرىبىخانا تەتقىقاتلىرى چوڭقۇرلاپ بارماقتا. بۇنداق تەتقىقاتلاردا چۈش مەركەز بولۇپ نىشانلانماقتا.
  چۈش تەتقىقاتىنىڭ يېڭى دەۋرى 

  شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ناسانىل كلىتمان ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئوقۇغۇچى يۇدىن ئاسىرىنىسكى 1953- يىلى ئادەم ئۇخلىغاندا كۆزنىڭ تېز ھەرىكەتلىنىدىغانلىقىنى بىلگەن چاغدىلا ھازىرقى زامان چۈش تەتقىقاتىنىڭ يېڭى ئەسىرى باشلانغان.
  ئاسىرىنىسكى سىناق قىلىنغۇچىنى ئۇخلاپ ياتقان چېغىدا كۆزەتكەندە، ئادەمنىڭ كۆزى يۇمۇلۇپ تۇرغان قاپىقىنىڭ ئاستىدا رەتلىك ھالدا تېز ھەرىكەتلىنىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋە سىناق قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىدە شۇنداق ئەھۋال كۆرۈنگەن.
  كلىتان بىلەن ئاسىرىنىسكى كۆزنىڭ شۇنداق تېز ھەرىكەت قىلىشى سىناق قىلىنىۋاتقانلارنىڭ چۈش كۆرۈۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ ھۆكۈم قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار تەجرىبىخانىغا ئېلېكترو ئىنكىفالوگرام ئورنىتىپ، مېڭىنىڭ ئۇخلاپ تۇرغان چاغدىكى پائالىيىتىنى كۆزەتكەن. ئۇلار شۇنداق قىزىق ئەھۋالنى بايقىغان؛
  پۈتۈن ئۇخلاش جەريانىدا بىرـ بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۆت باسقۇچ قايتاـ قايتا پەيدا بولۇپ تۇرىدىكەن.
  بىرىنچى باسقۇچتا ئۇخلىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن. ئېھتىمال ئۇ ئۆز ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى سېزىپ تۇرسا كېرەك؛ ئەگەر ئويغاق ياتقانمۇ؟ دەپ سورىسا، ھەئە، شۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشى، شۇنىڭغا ئۆزىمۇ شەكسىز ئىشىنىشى مۇمكىن.
  لېكىن ئېلېكترو ئىنكىفالوگرامدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئۇيقۇغا چۆككەنلىكى ئېنىق. ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشى تومۇرلىرىنىڭ سوقۇشى، قان بېسىمى ۋە تېنىنىڭ گرادۇسى تۆۋەنلەپ، ئاستىلاپ كەتكەن، مېڭە دولقۇنىدا ئىلگىرىكىدەك تەكشى ئالفا رىتىمى يوقىلىپ، بىردىنلا داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان رەتسىز ھالەتكە ئايلىنىپ قالغان….
  تەتقىق قىلغۇچىلار ئىشەنگەنكى، شۇنداق ھالەتتە كۆز يەنىلا كۆرۈپ تۇرىدىكەن، لېكىن نېرۋا سىستېمىسى مۇناسىپ ئۇچۇرلارنى ئەمدى مېڭىگە يەتكۈزۈپ بەرمەيدىكەن. تەتقىقاتچىلار كۆزىنى ئوچۇق قويۇپ ئۇخلىغان ئادەملەرنىمۇ تەجرىبە قىلغان: بۇنداق ئادەملەر ئۇيقۇنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ئۆتكەندە، كۆز ئالدىدا خۇددى قول چىرىغىنىڭ يورۇقىدا بىرەر ئاچقۇچ ۋاللىدە يورۇغاندەك، قانداقتۇر بىر نەرسە ۋال قىلىپ يورۇيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئويغىنىدىكەن. لېكىن كۆرگەن نەرسىنى ئەسلىيەلمەيدىكەن، ئەمما چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە بىر يورۇقلۇقنى كۆردۈم دەيدىكەن.

  ئىككىنچى باسقۇچتا ئۇخلاپ ياتقان ئادەم غۇۋا چۈش كۆرۈشى مۇمكىن، لېكىن خىيالىغا كەچكەنلىرى چۇۋالچاق بولىدىكەن. ئەگەر ئۇشتۇمتۇت ئويغىتىپ، نېمە چۈش كۆردىڭىز دەپ سورىسىڭىز جاۋاب بېرەلمەيدىكەن، چۈشىدە پەيدا بولغان نەرسىلەر لىپ ـ لىپ قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان، ھېچقانداق باغلىنىشى بولمىغان نەرسىلەر بولغاچقا، غۇۋا بولسىمۇ ھېچقانداق ئىزچىللىقى بولمايدىكەن.
  ئۇخلاپ ياتقان ئادەم مۇشۇ باسقۇچتىمۇ ناھايىتى ئاسان ئويغىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئويغانغاندىن كېيىن، بىرىنچى باسقۇچتا ئويغانغاندىكىدەك ھالەتتە بولمىسىمۇ، تېخى ئۇخلىمىغانىدىم، دەپ قارايدىكەن. لېكىن بىرەر ئادەم دەخلى يەتكۈزمىسە، ئىككىنچى باسقۇچى 20 مىنۇت ياكى يېرىم سائەت داۋام قىلىپ، ئاندىن كېيىن ئۈچىنچى باسقۇچقا ئۆتىدىكەن.
  ئۈچىنچى باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىن، ئېلېكترو ئىنكىفالوگرامدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇخلىغان ئادەمنىڭ مۇسكۇللىرى پۈتۈنلەي بوشايدىكەن، تومۇرلىرىنىڭ سوقۇشى، تېنىنىڭ گرادۇسى ۋە قان بېسىمى تېخىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن. مېڭە دولقۇنىنىڭ توك بېسىمى ئۆرلەيدىكەن، لېكىن لوقۇلداپ سوقۇشى ئاستىلاپ، ئاستىلاپ، سېكۇنتىغا ئۈچ نۆۋەت سوقىدىكەن.
  بۇ باسقۇچتا ئۇخلاپ ياتقان ئادەمنىڭ ئۆز ئارامىدا ئۇخلىشى مۇمكىن، ئارامىدا ئۇخلىيالماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئەگەر كېچىدە تولا ئۇيانـ بۇيان ئۆرۈلۈپ يېتىش ئادىتى بار بولسا، دەل مۇشۇ ۋاقىت ئۇيان ـ بۇيان ئۆرۈلۈشى تازا جىددىيلەشكەن ۋاقىت بولۇشى، بەزىدە جۆيلۈپ قېلىشى ئېھتىمال.
  بەزىلەر نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى قىلىپ كۆرگەن ئاۋۋال، سىناق قىلىنغۇچىنى چۈشىدىن ئويغىتىپ، ئۈچ ھەتتا بەش مىنۇتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئاندىن كېيىن باياتىن كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەتتۈرگەن. نەتىجىدە مەلۇم بولغانكى، سىناق قىلىنغۇچىلار ئويغىتىلغاندىن كېيىن، كۆپ ئەھۋالدا كۆرگەن چۈشلىرىنى دەرھال ناھايىتى تەپسىلىي سۆزلەپ بېرەلىگەن. لېكىن مەلۇم بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن سۆزلەتكەندە چۈشىنىڭ ھەممىسىنى پاكـ پاكىز ئۇنتۇپ بولغان. ئۇلارنىڭ يادىغا ئالالايدىغانلىرى چۆچۈپ ئويغانغان چاغدا ۋە قايتا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئاڭلىق خىيال كەلتۈرگەن چۈشلەردەك قىلىۇ، شۇنداق چۈشلەر ئۇلارنىڭ خاتىرىسىگە ئورناپ قالىدىكەن.

  چۈش خاتىرىسى ئەستىن شۇنداق تېز يوقىلىدىغان بولغاچقا ۋە قاتتىق ئۇيقۇ باسقۇچىدا كۆرگەن چۈشنى گىپنوزـ سۈنئىي ئۇخلىتىش يولى بىلەن ئەسلەتتۈرگىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ھازىر ھەرقانداق چۈش باسقۇچىدا چۈش پەيدا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بولغان.
  ئۈچىنچى باسقۇچتا، ئادەتتىكى تاراق ـ تۇرۇقلار، مەسىلەن، بىرەر ئادەمنىڭ ياتاق ئۆيگە كىرىشى ئادەتتە ئۇخلاپ قالغان ئادەمنى ئويغىتالمايدىكەن. بۇ باسقۇچ 10 ياكى 20 مىنۇت داۋام قىلغاندىن كېيىن تۆتىنچى باسقۇچقا ئۆتىدىكەن. بۇ باسقۇچ ئاڭسىز، ناھايىتى چوڭقۇر ھاڭغا ئوخشايدىكەن. بۇ چاغدا تومۇرنىڭ سوقۇشى، قان بېسىمى، تېمپېراتۇرا پۈتۈن كېچە بويىچە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشىدىكەن…
  بۇ تۆتىنچى باسقۇچتا ئېلېكترو ئىنكىفالوگرامدا بىر تال ھەرە چىشىدەك سىزىق كۆرۈنۈپ، ئاستاـ ئاستا چوققىغا چىقىپ، ئاندىن كېيىن ھاڭغا چۈشۈپ كېتىدىكەن.
  بۇ تۆتىنچى باسقۇچ ئۇزۇن داۋام قىلمايدىكەن. بۇ باسقۇچتىكى ئۇيقۇ تولا كىشىلەردە تەخمىنەن 20 مىنۇتلا داۋام قىلغاندىن كېيىن يەنە ئالدىنقى باسقۇچلارغا قايتىدىكەن…
  بىرىنچى باسقۇچتىن تۆتىنچى باسقۇچقا ئۆتۈپ، ئاندىن كېيىن يەنە كۆز ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرۈپ ئۇخلايدىغان ھالەتكە قايتىدىغان پۈتۈن جەريان ئۈچۈن ئادەتتە تەخمىنەن 70 مىنۇت كېتىدىكەن. كۆزنى تېز ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۇخلاش تەخمىنەن 20 مىنۇت داۋام قىلغاچقا، تولۇق بىر دەۋر ئۈچۈن تەخمىنەن بىر يېرىم سائەت كېتىدىكەن. بۇ ساناقلار ئومۇمەن ئوتتۇرىچە ساناق بولسىمۇ، ئاەتتە 5.7 سائەتتىن 5.8 سائەتلىك ئۇخلاش باسقۇچىدا تەخمىنەن بەش دەۋر بار دەپ قارالماقتا.
  كىلىتمان بىلەن ئاسىرىنىسكى چۈش توغرىسىدا قانات يايدۇرغان نۇرغۇن تەتقىقات، شەكسىزكى، پۈتۈن دۇنياغا يېيىلدى. لېكىن شۇنى ئەستە تۇتۇش لازىمكى، ئۇلار نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان كىشىلەر ئىزدىنىپ كەلگەن مەسىلىنى، شۇ جۇملىدىن بېشارەتنى تەتقىق قىلىشتا ئىلغار تىخنىكىلاردىن پايدىلانماي قالمىدى.

  بېشارەت ۋە قىياس 
  بېشارەت ئاڭدىن پەيدا بولىدۇ. ئادەمدە بېشارەت پەيدا بولۇپ، كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ياكى يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋەقە توغرىسىدا بىرەر ئۇچۇرنى تاپقاندا، شۇ ئۇچۇر ئاڭسىزلىق قاتلىمىدا تەسەۋۋۇر ياكى قىياس شەكلى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئادەم چۈشىدە كۆرگەن ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى مۇۋاپىق ئۇچۇرغا ئايلاندۇرۇپ، قىياس قىلىش رولىنى نامايان قىلىدۇ. ئەنە شۇنداق قىياس قىلىش رولى مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇ چۈش بېشارىتىنىڭ ئۈنۈملۈك قىسمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە پايدىلىنىش، ئارىلاشما ئامىللىرىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش جەھەتتە بىر مۇنچە قىياس قىلىش يولى بىلەن تەسۋىرلىگەندە، شۇنداق قىياستىن ئەركىن پايدىلانغاندا تەسۋىرلەپ بەرگەن ئەمەلىي پاكىتلار تۈپ نېگىزىدىن ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇشى ياكى تۈزىتىلگەن بولۇشى ۋە ياكى بىرمۇنچە جەھەتلەردە مۇجىمەللەشكەن بولۇشى مۇمكىن. چۈشتە ئايان بولغان ئادەمنىڭ سالاپىتى يەنى ئاساسلىق ئوبيېكتنىڭ سالاپىتى كۆپ چاغلاردا ئۆزگەرتىۋېتىلىدۇ، يوقىتىۋېتىلىدۇ ياكى ئالماشتۇرۇۋېتىلىدۇ. مۇبادا سالاپىتى ناھايىتى توغرا بولسا، ئوبيېكت قاتناشقان ۋەقە تۇتۇق بولۇپ قالىدۇ ياكى ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ، مۇشۇنداق قىياس كەمچىلىكىگە ئاپىرىدىغان شەخسىي مۇددىئالارنى تېپىش بەزىدە ناھايىتى ئاسان، بەزىدە ناھايىتى قىيىن.
  بىر يىگىت بىزگە مۇنداق بىر چۈشىنى سۆزلەو بەردى:
  بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرىكى بىركۈنى، مەن ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن. شۇ كۈنى كېچىدە ئۇيقۇم ناھايىتى پاراكەندە بولدى، ئەتىگەندە ئويغانغاندا كېچىدە ناھايىتى ئېنىق بىر چۈش كۆرگەنلىكىم ئېسىمگە كەلدى. كۆرگەن چۈشلىرىم دائىم ئېسىمدە قالىدۇ، لېكىن بۇ دورەم ناھايىتى بىئارام بولدۇم.
  شۇ كۈنى كېچىدە ئانام ئارا ئۆيدىكى قاتلىنىدىغان كارىۋاتتا ياتتى، مەن يان ئۆيدە ياتتىم. چۈشۈمدە مەن ئانام بىلەن بىللە ئارا ئۆيدە ئۆرە تۇرۇپتىمىز، قارىسام كارىۋاتتا بىزنىڭ ناھايىتى ياخشى تونۇشلىرىمىزدىن بولغان بىر ئايالنىڭ جەسىتى تۇرۇپتۇ. ناھايىتى ئېنىق، مەن ئانامغا ئوخشاش قىياپەتتە تۇرۇپتىمەن. ئانام يىغاـ زارە قىلىپ تۇرۇپ:“ بۇ تولىمۇ ئوبدان دوستۇم ئىدى“ دېدى.

  ئويغانغاندىن كېيىن بۇ چۈشنى كۆز ئالدىمدىن زادىلا كەتكۈزەلمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدىم، چۈنكى ئانامنىڭ بۇ دوستى ئۇدۇل كەلگەنلا يەردە يېتىپ قالماس، بولۇپمۇ بىزنىڭ ساغلام ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق ساغلام.
  لېكىن شۇ چۈشنى كۆرۈپ بىر ئاي ئۆتكەندە بۆلەكچىلا بىر ئىش يۈز بەردى: ئانام يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، ئۇخلاپ ياتقاندا جان ئۈزۈپتۇ. ئانامنىڭ خىرقىرىشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ، دەرھال دوختۇرغا ھەم ئانامنىڭ ھېلىقى دوستىغا خەۋەر قىلدىم. دوختۇر كەلگەندىن كېيىن، ئانىڭىز ئاللىقاچان جان ئۈزۈپتۇ. دېدى. ئانامنىڭ دوستى ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تۇرغان ئورنۇم خۇددى چۈشۈمدە كۆرگەندىكىدەك بولدى، قىلغان سۆزىمۇ شۇنداق بولدى.
  بۇ يىگىت كۆرگەن چۈشىدە ئانىسىغا كېلىشمەسلىك كېلىدىغانلىقىدىن ھەقىيقەتەن بېشارەت تاپقان. لېكىن بۇ شۇم خەۋەرنىڭ مەنىسى چۈشىنىلگەندىن كېيىن، قىياسنىڭ رول ئوينىغانلىقىنىڭ تەسىرى بىلەن پاكىت مۇجىمەللەشكەن. چۈش كۆرگەن ئادەم شۇم بېشارەتنى قاچۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئاسان چارەـ چۈشتە ئايان بولغان ئادەمنى ئالماشتۇرۇشكەن.
  تۈزىتىلگەن بېشارەت 
  پاكىتلارنىڭ مۇجىمەللەشتۈرۈشىنىڭ سەۋەبلىرىنى يەنى چۈش كۆرگۈچىنىڭ كۆرگەن چۈشىنى ساختىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم مۇددىئاسىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان چۈشتىن تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن شۇنداق تۈزىتىلگەن بېشارەتلەرنىڭ ھەممىسىلا شۇنداق مۇددىئانىڭ مەھسۇلى ئەمەس. تۆۋەندىكى مىسالغا قاراڭ:
  ئالاھەزەل 16 ياش ۋاقتىمدا بولسا كېرەك، بىر كۈنى نەنجىڭدىكى ساياھىتىمنى تۈگىتىپ، شاڭخەيدىكى ئۆيۈمگە قايتىپ ماڭدىم. يول ئۈستىدە سۇجۇ شەھىرىگە كەلگەندە ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى. نائىلاج شۇ يەردە قونۇپ قالدۇق. شۇ كېچىسى بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە قارىسام شاڭخەيگە قايتىپ كەپتۇق؛ قوشنام تاشقىرقى ھويلىدا تېخى ئۈستى يېپىلمىغان بىر گۆرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ. مەن يېقىن بېرىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام، قوشنام كىچىك قىزىنىڭ ماشىنا بېسىپ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى. قولىنى چىقىرىپ، ئالدىقىنى بىلەن باسقان ئىشارەتنى قىلىپ، “ بۇنىڭ بېشى خۇددى چېقىلغان تۇخۇمدەك يانجىلىپ كېتىپتۇ“ دېدى.
  بۇ چۈشۈمنى ئەتىسى ئەتىگەندە ئانامغا ) ھېلىقىدەك ھەرىكەت بىلەن ئىشارەت قىلىپ ( سۆزلەپ بەردىم. كېيىن پوچتىخانىغا باردۇق. پوچتىخانىنىڭ دېرىرىسى ئالدىدا ئادەملەر نۆۋەت كۈتۈپ قاتار تىزىلىپ تۇرۇشۇپتۇ. بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۆۋەتكە تىزىلىپ تۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم پوچتىخانىنىڭ بىر خادىمىغا بايتىن تاشقىرىدا ماشىنا ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ. ياقا يۇرتتىن كەلگەن بىر ئادەم يۈك ماشىنىسىنىڭ ئاستىدا بېسىلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. شۇ ئوتتۇرا ياشلىق شۇ ھادىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىكىدەك قىلىدۇ ياكى بولمىسا ھادىسە يۈز بەرگەندە شۇ يەرگە بېرىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. ئۇ شۇ ھادىسىنى خۇددى مەن چۈشۈمدە كۆرگەندەك قول ئىشارىتى بىلەن سۆزلەپ: “ ئۇنىو بېشى خۇددى چېقىلغان تۇخۇمدەك يانجىلىپ كېتىپتۇ“ دېدى.

  شۇ چاغدا ئانام ھاڭ ـ تاڭ بولۇپ ماڭا قاراپ قالدى، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى رەڭگى ـ روھى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ، ھەتتا شۇ ۋەقەنى ھازىرمۇ ئۇ پات ـ پات تىلغا ئالىدۇ.
  بۇ چۈشتە كۆرۈنگەن ئادەملەرنىڭ ئالمىشىپ كېتىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرىنى، مۇددىئاسىنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس. چۈش كۆرگەن ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتساق، ئېھتىمال ئەينى ئەھۋال بىلەن ئالمىشىش ئوتتۇراىسىدىكى بىردىنبىر پەرق:ئۇ چۈشىدە ياكى بۇ ئادەمنى كۆرگەن، يەنە بىر ئادەمنى كۆرمىگەن.
  قىياس بەزىدە ئەھۋالنىڭ پۈتۈن جەريانىنى يېتەرلىك ئېتىبار بىلەن ئىپادىلەپ بەرمىگەن بولۇشى ئېھتىمال. بۇ ئەھۋالنىڭ مەلۇم قىسىمى چۈش كۆرگۈچىدە خىيال پەيدا قىلىپ يەنە بىر قىسمى ئېتىباردىن قالدۇرۇلغانغا ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن چۈشنى ئۆرۈپ بېرىش ئاچقۇچىنى يوقىتىپ قويغانغا ئوخشايدۇ. بىر خانىمنىڭ بېشىدىن شۇنداق بىر ئىش ئۆتكەنىكەن. گېزى كەلگەچكە شۇنى ئېيتىپ ئۆيەي: پاجىئەنى ئەمەس، خۇشاللىقنى مەزمۇن قىلغان مۇنداق ئەھۋاللار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
  1993- يىلى بىر كۈنى كېچىدە ئاجايىپ بىر چۈش كۆردۈم. ئۇنىڭ ئاجايىپ بولۇشىنىڭ قىسمەن سەۋەبى شۇكى، ئۇ ناھايىتى ئېنىق، ئۇنتۇلغۇسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوڭۇمدا بولغان ئىشتەكلا تۇرىدۇ. شۇ چۈشۈمنى ئەتىگەنلىك تاماق ئۈستىدە ئېرىمگە ئېيتىپ بەردىم. ئىلگىرى كۆرگەن چۈشلىرىمنى ئېيتىپ بېرىش ئادىتىم يوق ئىدى. چۈنكى سۆزلەپ بەرسەم باشقىلارنىڭ قۇلىقىغا ياقمايدۇ دەپ ئويلايتتىم. شۇ چۈش ئەتىگەندىن تارتىپ مېڭەمدىن چىقمىدى، خۇددى خىيالىمدىن چىقىپ كېتىپ قالسا كۆڭلۈم ئۇنىمايدىغان بىر نەرسىدەك زوقلىنىپ قالدىم. كېيىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان، ئەمدى پەقەت بىر قېتىملا قىلىۋاتقان بىر ئىشنى قىلدىم، يەنى كۆرگەن چۈشۈمنى خاتىرىلەپ يازدىم. شۇ چاغدا يازغان نەرسىلەرنىڭ ھېچقانداق ئۆزگەرتىلمىگەن كۆچۈرمىسى مانا مۇنداق:

3-يىلى 7-مارت: تۈنۈگۈن كېچىدە بىر چۈش كۆردۈم، قارىسام كېچە، ئورمانلىقتىكى بىر ئوچۇقچىلىققا كېلىپ قاپتىمەن. ئۇ يەردە بىر ئېغىز ئۆي بار ئىكەن، ئۆيدە يوپيورۇق چىراغ يېنىپ تۇرۇپتۇ، مەن تەرەپكە قاراپ تۇرغان ئەينەكلىك ئىشك ئوچۇق تۇرۇپتۇ. شۇ ئىشىكتىن بىر سۇپىغا ئۆتكىلى بولىدىكەن. قارىسام ئۆيدە ئۇزۇن بىر شىرە بار ئىكەن، خۇددى توي زىياپىتىگە ھازىرلىغاندەك بىر ئاق داستىخان يېپىلغان. شىرە ئۈستىدە بىر قانچە شامدان تۇرۇپتۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە قىزىل شام قادالغان. شامدانلار ئارىلىقلىرىدا پۇتى ئېگىز، سۈتتەك ئاق ئەينەك ۋازىلار بار ئىكەن، ۋازىلارغا كىچىك ـ كىچىك قوقانگۈللەر قويۇلغان. شىرە ھەر خىل تائاملار بىلەن تولۇپتۇ. شاملار تېخى ياندۇرۇلمىغان. ھەممە ئادەم توي مۇراسىمىغا قاتناشقىلى چىقىپ كەتكەندەك قىلىدۇ، بۇ ئۆيدىكى ھەممە نەرسە ئۇلارنىڭ ھازىر بولۇشىغا قاراپ تۇرغاندەك تۇرۇپتۇ.
  چۈشۈمدە شۇنىسى ماڭا قاراڭغۇكى، ئۆيدە ئادەم يوق، ئۆيگە قارايدىغان بىرەر خىزمەتكار ياكى باشقا ھېچقانداق ئادەم يوق. پەقەت قانداقتۇر بىر ئىش بولىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ھەممە ئىش تەق قىلىپ قويۇلغانلىقى ئېنىق ئېسىمدە. لېكىن ئۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكى ياكى قانداق ئادەملەر قاتنىشىدىغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ.
  كېيىن ئۆز ئىشىم بىلەن بولۇپ كەتتىم، شۇ چۈش، تەبىئىيكى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ.3199- يىلى ئاپرېلنىڭ باشلىرىدا ئېرىم ئۆز ئىدارىسىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇۋالدى. ئاپرېلنىڭ ئاخىرىغا تەييارلىنىدىغان ئالاھىدە زىياپىتىگە بىزنى تەكلىپ قىلغانلىقى يېزىلغانىكەن.ئېرىم ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى ۋە قاتناشمايدىغانلىق ئۆزرىسىنى بىلدۈردى، چۈنكى مەن ئېغىر كېسەل بولۇپ بالنىستتا يېتىپ قالغانىدىم. ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدا ئىدارىنىڭ رەھبىرى ئېرىمگە تېلېفون بېرىپ، بىزنىڭ زىياپەتكە بارالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىدارە بىزنىڭ ئۆيىمىزگە يېقىن بىر رېستورانغا تەكلىپ قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. يەنىلا بارغۇمىز بولمىسىمۇ ئەمىرگە ئىتائەت قىلىپ باردۇق.
  شۇ كۈنلەردە شۇ كىچىك رېستوران خېلىلا يېڭى ئىكەن، مەن ئىلگىرى بېرىپ باقماپتىكەنمەن. بىز بارغان چاغدا، ئېرىمنىڭ كونا خىزمەتداشلىرىدىن جەمئىي 10 ئادەم كېلىپ بولغانىكەن. يالغۇز مەنلا ئايال بولغاچقا، ئۇلار ئالاھىدە قىزغىن بولدى، لېكىن بۇ ئاجايىپ غەلىتە بىر زىياپەت بولدى. مەيدەمگە گۈل تاقالغاچقا، خۇددى تويۇم بولۇۋاتقاندەك بولۇپ ئولتۇردۇم ) مېنىڭ تويۇم بولغان چاغ قىيىنچىلىق دەۋرىگە توغرا كەلگەن، زىياپەت قىلمىغانىدۇق، ئەمدى بۇ قېتىمقى زىياپەت مېنىڭ توي مۇراسىمىمدىنمۇ كاتتا بىر مۇراسىم بولدى .

  بىز ئۆيگە كىرىپ تائامغا ئېغىز تېگىۋاتقاندا، كۆڭلۈمدە ناھايىتى غەلىتە بىر ھېسسىيات پەيدا بولدى، ئىلگىرى بۇ يەرگە زادىلا كېلىپ باقمىغاندەك خىيالدا بولدۇم؛ ئۆيگە ئۇزۇن شىرە قويۇلغان، شىرەنىڭ بىر بېشى تامغا تاقىلىدۇ، شىرەنىڭ ئۈستى ئاق گۈلەر بىلەن تولغان، ئۆينىڭ يەنە بىر تەرەپتىكى دېرىزىسىنىڭ ئالدى ياپيېشىل چىمەنلىك. ئاغرىق تەگكەندىن كېيىن، شۇ كۈن مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىمدا ھەممىدىن بەك ھەشەمەتلىك كۈن بولدى. شۇ كۈن كۆڭلۈمدە ھەمىشە مېنىڭ توي مۇراسىمىم ئۆتكۈزۈلگەندەك بىركۈن بولۇپ قالدى. ئەرلەر ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشتى، گەرچە ئۇلار ئەتىسى ۋاقىتنى قاتلاپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدىغان بولغاچقا، ئېھتىمال بۇ ئولتۇرۇشتا تارتىنماي كۈلكە، چاقچاق قىلىنغاچقا، ئادەتتە بۇنداق ئولتۇرۇشنى ياراتمىسىمۇ شۇ كۈنى ھەقىيقەتەن خۇمادىن چىققۇدەك ئېچىلىپ ئولتۇرۇشتى.
  شۇ كۈنى كەچقۇرۇندا ئۆيىمىزگە قايتىپ كەلگەن چاغدىلا بىردىنلا ئېسىم يىغىلدى: ھېلىقى رېستوران چۈشۈمدە كۆرگەن ئۆينىڭ دەل ئۆزى. ئۇنى چۈشۈمدە سىرتىدىن كۆرۈپتىكەنمەن.
  شۇ ئەھۋالنى چۈشىنەلمەي كەلدىم، پات ـ پات خىيالىمغا كىرىپ تۇردى. ئىدارىنىڭ خاتىرە كۈنىنى بىلمەيتتىم، زىياپەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم، ھېلىقى رېستورانغىمۇ زادىلا بېرىپ باقماپتىكەنمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە زىياپەتكە بارالمايدىغانلىقىمىزنىڭمۇ ئۆزرىسىنى ئېيتقان. ئاخىر نائىلاج باردۇق. بۇ ئەھۋاللارنى قانداقمۇ ئالدىن بىلەي؟ بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى چەكسىز ھەيران قالدۇرىدىغان ھەم خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش.
  بۇ ئايال بۇ چۈشىدە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئەھۋالنىڭ ماھىيىتىنى مۇجىمەللەشتۈرۈۋەتكەن. لېكىن ئۇ ماھىيەتنى نېمە ئۈچۈن مۇجىمەللەشتۈرىدۇ؟ مانا بۇ ئەھۋال كۆرگەن چۈشىدىكى ئەڭ كەسكىن ) ئەگەر كېلىشمەسلىك بولمىسا ( سەۋەبلەرنى تاپماقچى بولغان ھەر قانداق ئادەمنى قايمۇقتۇرىدۇ. ئېھتىمال بۇنىڭغا شۇ ئايالنىڭ تۆۋەنكى ئېڭىدا ئۆزىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى توي مۇراسىمى توغرىسىدا چالا ـ پۇچۇق ساقلىنىپ قالغان ھەسرىتى ھەممىدىن ئوبدان سەۋەبچى بولۇپ چىقىشى مۇمكىن.
  بېشارەتنىڭ ماھىيىتى

  چۈشنىڭ تەپسىلاتى بەزىدە رېئاللىقتىن ناھايىتى چوڭ پەرق قىلىدۇ،ھەتتا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ، ئادەمنى چۈشكە توغرا تەبىر بېرىشكە ئىلاجىسىز قالدۇرىدۇ، تولا چاغلاردا ئەھۋالنىڭ نەتىجىسى پەيدا بولغاندا، ئاندىن شۇ چۈشتە نامايان بولغان بېشارەتنى “ ھە مۇنداق ئەھۋال ئىكەن ـ دە!“ دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ. بېيجىڭلىق بىر ئەپەندىدىن كەلگەن مىسال مۇنداق:
  1992- يىلى نويابىرنىڭ باشلىرىدا بىر چۈش كۆردۈم قارىسام يۇرتىمىز خۇبېيدىكى ئۆيىمىزنىڭ ئۆگزىسىدىن سۇ ئۆتۈپ، تاملىرىدىن شۇ تەپچىپ قاپتۇ. بۇ چۈشنى ئۇدا تۆت كېچە كۆردۈم. سۇ تەپچىپ ـ كۆپجۈپ چىقىپتۇ، ئۆي سەرەمجانلىرىمۇ سۇغا چىلىشىپ تۇرۇپتۇ. كەچرەك ياتاي، ھارغىنلىق يەتسە ئۇخلىغاندا چۈش كۆرمەسلىكىم مۇمكىن دەپ ئويلىدىم، ھەتتا ئاخىرقى ئاخشىمى بىر قەدەھ ھاراقمۇ ئىچىۋالدىم. ئىلگىرى ھاراق دېگەن نەرسىگە يىقىن يولاپ باقمىغانىدىم. ھاراق بىلەن مەست بولۇۋالغۇم كەلدى. ئىچكەندىن كېيىن بېشىم ئېسىلىپ قايغان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە يەنىلا شۇ چۈشنى كۆردۈم.
  كۆرگەن چۈشۈمنى قىزىمغا ئېيتىپ بەردىم ئاكامغا ) ھازىر پېنسىيىگە چىقىپ كەتتى ( سۆزلەپ بەردىم، بىر يۇرتلۇق بىر بۇرادىرىمگىمۇ ئېيتىپ بەردىم. ھەتتا يۇرتۇمدىكى بىر تۇغقىنىمىزغا تېلېفون بېرىپ ئۇنىڭىمۇ سۆزلەپ بەردىم، كېيىن ئۆيۈم جايىدا بىر خىل تۇرۇپتۇمۇ قانداق دەپ يوقلاتتۇردۇم ئۇ ھېچقانداق چاتاق يوق ئىكەن دەپ خەۋەر قىلدى. لېكىن ئۇ مېنى خۇراپات ئىكەن دەپ ئەجەبلىنىپ بىر نەچچە ئېغىز چاقچاقمۇ قىلىۋالدى.
  يەنىلا كۆڭلۈم تىنماي، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ سۇغۇرتا تېلېفونچىسىغا تېلېفون بېرىپ، چۈشۈمنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۆزۈمنىڭ سۇغۇرتىلاتقان ئادەم ئىكەنلىكىمنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قويدۇم. سۇغۇرتىلىغۇچى تېلېفوندا كۈلۈپ، بىر چۈشكە ئىشىنىپ ئەخمەقلىقتە شۇ دەرىجىگە يېتىپ قالىدىغانلىقىڭىزغا زادىلا ئىشەنگۈم كەلمىدى، دېدى.
  1992- يىلى 31- دېكابىر، دۈشەنبە. سائەت بەشتە ئىشخانىدىن چىقتىم، سائەت ئالتىدە بېيجىڭدىكى ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم. قارىسام مېھمانخانغا ناھايىتى بىزەپ بولۇپ كېتىپتۇ: تورۇستىن، تامدىن سىرقىغان سۇ گىلەمنى،پەگانى، ئۆي جاندۇقلىرىنى ۋەيران قىپتۇ. سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىدە مەلۇم بولدىكى، يۇقىرى قەۋەتتە ئولتۇرغانلارنىڭ بىرىسى كىرئالغۇنى ئورنىتىدىغان چاغدا ئۇستا تەكلىپ قىلماي ئۆزى ئورناتقانىكەن، نەتىجىدە تۇرۇبا توغرا ئۇلانماپتۇ.
  1993- يىلى 4- يانۋار، جۈمە. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن قارىسام، ئۆيۈم يەنە ھاممامغا ئايلىنىپ قاپتۇ. يەنە شۇ مېھمانخانغا ئۆينىڭ دېرىزىسى يېنىدىكى پار تۇرۇبىسى تېشىلىپ كەتكەنىكەن، ئىسسىق سۇ پار بىلەن پۇرقۇپ چىقىپ ئۆينى بىر ئاپتۇ، ئۆي ئۆيگە ئوخشىمايلا قاپتۇ. شۇ سەۋەبتىن پار تۇرۇبىسى ئېتىپ قويۇپ، جىددىي ياسايدىغان رېمونتچىلارغا خەۋەر قىلدىم.

ئۇلار كاردىن چىققان تۇرۇبىنى كېسىپ تاشلاپ، يېڭى تۇرۇبا يەڭگۈشلىدى.
  شۇنداق قىلىشتىن ئىلگىرى، كېسىلگەن تۇرۇبىنىڭ ئىككى بېشىدىن بۇرما چىقىرىشقا توغرا كەلدى. بۇرما چىقىرىش ماشىنىسىغا بۇرما چىقىرىۋاتقاندا ئوتتۇرلۇق ياغ قويۇپ ياغلاپ تۇرۇش توغرا كەلدى، شۇڭا ماشىنا ئايلانغاندا چاپراپ چىققان ياغ تاملارنى بىر ئالدى، دېرىزىمۇ، دېرىزىنىڭ خەشەكلىرىمۇ ياغ بىلەن داغلاندى. بۇ تېخى يەتمىگەندەك ئىككى كۈندىن كېيىن مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە بىر تال كونىراپ كەتكەن توك سىمىغا ئوت كېتىپتۇ. ئوت ئۆچۈرۈشكە ئىشلەتكەن نۇرغۇن سۇ تۆۋەنگە قاراپ ئېقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالغاندەك بولدۇم، ھازىرغىچە مىجەزىم ياخشى ئەمەس.
  بۇ چۈشتە ئايان بولغان ئادەم ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئورنى، كۆرۈنۈشلىرى ۋە باشقا تەپسىلاتلىرى ئۆزگەرگەن، ئەمما ئايان بولغان سۇملۇق ئۆزگەرمىگەن. پەرىشان رېئاللىقتىن ئېلىنغان بۇ مىسالدىن مەلۇم بولىدۇكى، چۈش كۆرگەن ئادەم ئۆزىنىڭ قىياسىدا رېئاللىق بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. پەقەت شۇ كونكرېت پەرىشانلىقتا مال ـ دۇنياسىدىن ئەنسىرىگەنلىكىلا مەلۇم بولۇپ قالغان.
    بالاـ قازانىڭ مۇبالىغىسى 
  ئۇچۇرى غۇۋا بولغان چۈشلەرنىڭ تولىسىدا مۇنداق بىر ئېنىق خۇسۇسىيە بولىدۇ: بەزى چۈشلەردە ئايان بولغان ئورۇن، كۆرۈنۈش ياكى قىياس غۇۋاـ چالاـ چۈشتى بولغاچقا، ئۇنىڭ تولۇق ماھىيىتىنى بىلگىلى بولمايدۇ ياكى مەلۇم جەھەتتە بەزىدە تەبىر ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ، بەزىدە كەم قالغان بولىدۇ. تېكساس شتاتىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇنداق تەبىر ئاشۇرۇۋەتكەنلىكتىن يۈز بەرگەن:
  مەن مىنسوتا شتاتىدا بىر دېھقانچىلىق فېرمىسىدا تۇغۇلدۇم، 20 ياشقا كىرگەندە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدىم. 1922- يىلى ئوكلاھوما شتاتىدا لوتون بىلەن توي قىلدىم. تويىمىز بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمىگەن كۈنلەرنىڭ بىرى چۈشۈمدىن جۆيلۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئەلۋەتتە، خوتۇنۇمنىڭ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلگۈسى كەلدى.
  قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆرگەنلىكىمنى، چۈشۈمدە دادامنىڭ تىزگىن سىرىپ قاچقان ئۇلاغدىن ئۆزىنى قاچۇرغاندا كېلىشمەسلىك بىلەن قازا تاپقانلىقىنى كۆرگەنلىكىمنى سۆزلەپ بەردىم. خوتۇنۇم چۈشىڭىز ئىكەنغۇ، ئەگەر چوڭ ئۆيدە بىرەر ئىش چىققان بولسا، ئۇلار بىزگە خەۋەر قىلىشى مۇمكىن دەپ تەسەللىي بەردى. لېكىن بىر نەچچە كۈنگىچە كەيپىم تۆۋەن بولۇپ يۈردۈم. كېيىن چوڭ ئۆيدىن بىرەر شۇم خەۋەر كەلمىگەچكە، بۇ ئىشمۇ كۆڭلۈمدىن كۆتۈرلۈپ كەتتى.
  ئەينى ۋاقىتتا چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىمنى خوتۇنۇمغا مۇنداق تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەنىدىم: دادام فېرمىنىڭ شىمال تەرىپىدە ئىككى ئۇلاغنى بىلەنلا ئۇلاغ پاتىراقلاپ چاپتى. شۇ چاغدا دادام تىزگىننى چىڭ تارتقانىدى، ئۇغلار تاكى ھېرىپ ھالى قالمىغانغا قەدەر بىر جايدا تۇرۇپ پىرقىرىدى. چۈشۈمدە دەل شۇنداق بولدى. لېكىن كېيىن دادام بىردىنلا ئوغۇت چېچىش ماشىنىسىغا پۇتلىشىپ يىقىلدى، ماشىنا دادامنى ئۈستىدىن يانچىپ ئۆتتىـ دە، دادام جان ئۈزدى…

ئىككىنچى يىلى مىنسوتادىكى دېھقانچىلىق فېرمىمىزغا قايتىپ كەلدۇق. ئەمدىلا داستىخانغا ئولتۇرغانىدۇق، ئانام ماڭا دادامنىڭ بۇلتۇر ئۆلۈپ كەتكىلى تاسلا قالغانلىقىنى سۆزلەپ: “ ئۇ شۇ چاغدا شىمال تەرەپتە ئوغۇت چېچىۋاتقاندا، ئۇلاغلارنىڭ تىزگىنىنى بوشاتمىغانىكەن. ئۇلار پاتىراقلاپ يۈگۈرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىزگىنىنى تاكى ئۇلاغلار بىر جايىدا پىرقىراپ، ھېرىپ توختىغانغا قەدەر چىڭ تارتىپ تۇرۇۋاپتۇ“ دېدى. دادام زىيان ـ رەخمەتكە ئۇچرىماپتۇ. لېكىن خەۋپلىك ئىش بوپتۇ، تىزگىن سىرىپ قاچقان ئۇلاغ ناھايىتى خەۋپلىك بولىدۇ.
  ئانامنىڭ يۈز بەرگەن ئەھۋال توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەنلىرى مەيلى ئورنى جەھەتتىن بولسۇن ياكى باشقا تەپسىلاتلىرى بولسۇن، مېنىڭ چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىم بىلەن ئوخشاش. لېكىن مەن شۇ چۈشنى ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى كۆردۈممۇ ياكى كېيىنمۇ؟ بۇنى ئاڭقىرالمىدۇق، ئېنىق كۈنى ئېسىمدە قالماپتۇ، پەقەت شۇ بىر ئايدا بولغانلىقىنىلا بىلدۇق. شۇ چاغدا بىزنىڭ ئىككى ئائىلىمىزنىڭ ئارىلىقى 1000 مىل كېلەتتى.
  چۈش كۆرگەن ئادەم بەزىدە ئەندىشىگە چۈشۈپ قالغان، چۈشىدە ئايان بولغان پېشكەللىكلەردىن ھەزەر قىلىش بۇياقتا قېلىپ، ئۇنى ھەددىدىن ئارتۇق مۇبالىغە قىلىپ، رېئالدىكىسىدىنمۇ يامان قىلىپ قارارمۇ؟ شۇنداقتەك قىلىدۇ. دەردـ ئەلەم، بالاـ قازاغا بەزى ئادەملەر مۇنداق قارىسا، يەنە بەزىلەر ئۇنداق قارىسا كېرەك، كۆرگەن چۈشلىرىنى قىياس قىلغاندا تۇغما خۇسۇسىيەتلىرى ئىنسانىي خۇلقلىرىنىڭ ھەممىسىگە تەسىر قىلغاندەك، قىياسلىرىنىڭ نەتىجىسىگىمۇ تەسىر قىلىپ، بېشارەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىندەك تۇرىدۇ.http://bilqut.com/Web//?dp-bbsthread-1243.html

 

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap