بىلنۇرى مېھرىبان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولامسىز ؟
دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت ئىللىقلىق بىلەن گۈزەلدۇر. سەمىمىي ياردەم قەلىبلەرنى ئىللىتىدۇ .مېھرىبان ،شەپقەتلىك ساخاۋەتچىلىرىمىز ،ئەنە شۇ ياردەمگە موھتاج ئاز ساندىكى ئاجىزلار توپىغا يېڭىدىن كۈچ ،ئۈمىد بەخىش ئەتكۈچىلىرىمىزدۇر. مېھرىبان ئانىلار ۋەكىلى رەيھان ئاپپاي ،مېھرىبان ئاتىلار ۋەكىلى ھەسەنجان ئاكىلار باشچىلقىدا مېھرىبان ئاتىلار ئانىلار گۇرۇپپىلىرىمىز ھەرقايسى شەھەر ،ناھىيە ھەتتا يېزىلىرىمىزدىمۇ قۇرۇلۇپ جەمىيىتىمىزدىكى ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتا قالغان نۇرغۇن كىشىگە مېھىرلىك قەلبىنى سۇنۇپ جەمىيەتنىڭ ئىلىقلىقىنى يەتكۈزدى . ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشقا ئامالسىز قالغان ،ئوقۇشتىن چېكىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغان نەچچە يۈزلىگەن ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ ،ئىلىمگە تەشنا قەلبىنى ، ئوقۇشقا بولغان ئوتتەك ئىستىكىنى قاندۇردى . ھەممىمىز بۇ شەپقەتلىك ئانىلىرىمىز ،ئاتىلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن سۆيۈندۇق ،ئۇلارنىڭ مېنەتسىز ياردىمى بىلەن سان -ساناقسىز قەلىبلەر ئىللىدى. ئۇلار ئۆز ھەركىتى ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق ئۆز-ئارا ياردەمنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلدى .
مېھرىبان ئانىلىرىمىز،مېھرىبان ئاتىلىرىمىزنى قانداق تەرىپلىسەك ،ئىش ئىزلىرىنى قانچىلىك يازساق تۈگىمەيدۇ.بىزمۇ بىر بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن جەمىيىتىمىزنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاز -تولا بولسىمۇ تۆھپە قۇشۇشنى ئويلىدۇق ،قارايدىغان بولساق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز دىكى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئىسراپچىلىقلارغا ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ ،ئورۇنسىز پۇل ئىشلىتىش ، ھەرەڭ- سەرەڭ قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىش ،ئۇنۋېرىستىتدا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ھېچقانداق غەيرى تۇيۇلمايدىغان ئادەتتىكى بىر ھادىسىگە ئايلاندى .بۇ توپمۇ بارغانسىرى كۆپىيىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. تۇترۇقسىز ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى ۋە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا خەجلىنىۋاتقان ئاشۇ پۇللارغا قاراپ چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ ، ،ئۆزىنىڭ ۋاقتى ،پۇلى ،زېھنىنى خورىتۋاتقان تور مەستانىلىرىمىز مۇ بارغانسىرى كۆپىيۋاتىدۇ .مەكتەپ ھويلىسىغا قارايدىغان بولساق باھاسى بەش يۇەن ھەتتا باھاسى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئىچىملىكلەرنى ئۇسسىمىسىمۇ بىر بىرى بىلەن بەسلىشىپ دېگۈدەك كۆتۈرۋالغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ، تاماكىسىنىڭ ماركىسىنى داڭلاپ چىكىۋاتقان ئوغۇللىرىمىزنى، كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن يېرىم يالىڭاچ ،تار كىيىملەرگە پۇلنى سۇدەك خەجلەۋاتقان قىزلىرىمىزنى ماڭدامدا بىر ئۇچرىتىمىز ، بۇنداق ئىسراپچىلىقنى سۆزلىسەك يەنە نۇرغۇن . ئەمدى ھەقىقى گەپكە كەلسەك يۇقارقىدەك قىلمىشلارنى قىلۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئىسراپچىلىقنى تاشلايلى ،ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتىن ئوقۇشسىز قالغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ئويلاپ باقايلى ،ئەنە شۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئوقۇشقا شۇنداق ئىنتىلەتتى ، ئىلىمگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى ئۇلارنى ئوقۇشقا ئۈندەيتتى ئەمما رەھىمسىز تەقدىر ،ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ئۇلارنىڭ بۇ قىزغىنلىقىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۋاتىدۇ،شۇڭا دېمەككىم ئەنە شۇ ئىلىمگە تەشنا قەلىبلەرنىڭ مەكتەپ قوينىغا قايتىشى،ئالىي مەكتەپتە نورمال ئوقۇيالىشى ئۈچۈن بىز ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئاۋاز قوشايلى !قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ھەركەتكە كېلەيلى !بىر ياشنىڭ ئوقۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلالىساق مىللىتىمىز ،جەمىيىتىمىز ئۈچۈن بىر ئقتىساد ئىگىسىنى يېتىشتۈرۈشكە تۆھپە قوشقان بولىمىز .
بىز چەكمەكتىمىز ، ئېسىل ئىچىملىكەرنى ئىچمەكتىمىز ، مودا كىيىملەرنى كىيمەكتىمىز ،تور خانىلاردا سائەتلەپ ئولتۇرماقتىمىز ، ھەرخىل سورۇنلاردا يەپ ئېچىپ ئوينىماقتىمىز ،لېكىن قايسى بىر قېرىندىشىمىز كېسەل ئازابىدا ئېڭىراپ ياتماقتا ،قايسى بىر قېرىندىشىمىز ئوقۇشسىز قېلىپ ھەر يەرلەردە سەرسان بولماقتا ،قايسى بىر قېرىندىشىمىز ئامالسىزلىقتىن بەزى ناتوغرا يوللارغا ماڭماقتا .نېمىشقا بىز ئاشۇ ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئورنىغا ئازغىنە پۇلىمىزنى تېجەپ ،شۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلمايمىز ؟ نېمىشقا ئۆزلۈكىمىزدىن تەشكىللىنىپ ئۆز قۇرداشلىرىمىزنىڭ مەكتەپتە كىرىشى، نورمال ئوقۇيالىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرالمايمىز ؟ نېمىشقا …….ئۆيدىن ئايرىلىپ پۇلنى بۇلۇشىچە خەجلەپ ئاق سۆڭەكلەرچە ياشايدىغان تۇرمۇشىمىزنى ئەمدى تاشلايلى،بۇنداق تۇرمۇش بىزگە ياراشمايدۇ. ئەمىليەتتە،ھەر ئايدا بىر قۇتا ئىچىملىكنى ئاز ئىچسەكلا ،بىر قۇر كىيىمنى ئاز كىيسەكلا ،كۇندە نەچچە مو پۇلنى ئاز خەجلىسەكلا ،بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قانچىلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى قاندۇرالايمىز .ئاتا -ئانىمىز بىزدىن پەخىرلىنىدۇ،جەمىيىتىمىز بىزدىن سۈيۈنىدۇ، شۇندىلا بىزدىكى ئىتتىپاقلىق ،ئىلىقلىق مارشى مەڭگۈ ياڭرايدۇ!
ئەگەر ئەزا بولماقچى بولسىڭىز چ چ توپىغا كىرىڭ.196686707 ياكى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ! تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بولسا ئالاقلاشسىڭىز بولىدۇ.باشقا تەپسىلى مەزمونلىرى داۋاملىق دا داۋاملىق ئېلان قىلندۇ . ئالاقلاشقۇچى : شەرقى شىمال پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتىدىن ئابلىز ئەخمەت تېلغون نۇمۇرى:18946510837ئېخەت ئادرېسى :bilnur@126.com
ئىختىيارى يازمىلار
- دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق تىللار ۋە ئۆگىنىش توربەتلىرى - [تىل ئۆگىنىش]
- بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ
- ‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
- ئوغۇل بالا شۇنداق ياشىسۇن
- ئانا يۇرت رومانى
- مېنىڭ ئارزۇيۇم(مارتىن لوتىركىڭ)
- شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى
- ستۇدېنتلىرىمىزىن ياردەم سورايمەن
- مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىك( زۇلپىقار بارات ئۆزباش)
- پۇتبول ساداسى چاڭچۈندە
بۇ نىڭغا نىسبەتەن تەكلىپ پىكىربولسا ياكى بۇ ئىشىمىزنى يېقىندىن قوللىغۇچىلار بولسا بىۋاستە مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىڭ ياكى مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسڭىز بولىدۇ، بىز پەقەت بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئىتتىقپاقلىشىدىكەنمىز ئوقۇشقا ئامالسىز قالغان تەڭتۇشلىرىمىز ،ئىنى سىڭىللىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنالايمىز !
مۇشۇ توغرىسىدا ئىككىمىز بىر مەسلەھەتلىشەيلى….. بلوگىمغا ياكى مۇشۇ يەرەە جاۋاپ قايتۇرۇڭ
بولىدۇ، بۇ ئۇيۇشمىمىز توغرىسىدا تەكلىپ پىكىر بولسا مەسلىھەتلىشەيلى،بولسا چ چ 1054406403مۇشۇ ئارقىلىقلا پاراڭلاشساق قانداق …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەمەللەر ئاۋۋال نىيەت قىلىش بىلەن بۇلىدۇ ، قىلغان نىيتىمىز روياپقا چىقارغان ئەمەللىرمىز بىلەن ھەقىقى قىممىتىنى تاپىدۇ ، ئەھمىيەتلىك ياخشى ئىشكەن ئىنشائاللاھ قۇلىمىزدىن كىلىشچە قوللايمىز.